logo

trugen jacn

خىتاي ئەمەلدار جۇخەيلۇن ئۇچۇر-تېخنىكىدىن پايدىلىنىپ ئالدىن زەربە بېرىشنى تەلەپ قىلدى

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى جۇ خەيلۈن 6-ئاينىڭ 7-كۈنى ئاقسۇدا قىلغان سۆزىدە، يەرلىكتىكى ساقچى ئورگانلىرىدىن تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداشتا ئۇچۇر پەن-تېخنىكا ۋاسىتىلىرىنى قوللىنىپ تۇرۇپ، ۋەقە يۈز بەرمەي تۇرۇپلا ئالدىن بايقاش ۋە قاتتىق زەربە بېرىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشنى تەكىتلىگەن. «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ خەۋىرىدىن قارىغاندا، ھازىر ئاقسۇدا مۇقىملىق خىزمەتلىرىنى كۆزدىن كەچۈرۈۋاتقان جۇخەيلۇن 7-ئىيۇن كۈنى «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداشنى ئۇچۇرلاشتۇرۇش خىزمەت يىغىنى» غا قاتنىشىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىگەن:

ھەر دەرىجىلىك پارتكوم-ھۆكۈمەتلەر چوڭ تىپتىكى سانلىق مەلۇماتلار قاتارلىق پەن-تېخنىكا ۋاسىتىلىرىنى تولۇق قوللىنىپ، پەن-تېخنىكا تەپەككۇرى ۋە ۋاسىتىلىرىدىن پايدىلىنىپ، مەسىلىلەرنى بايقاش، تەھلىل قىلىشقا ماھىر بولۇپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكىتىنى ئالدىن مۆلچەرلەش، دەل جايىدا زەربە بېرىشى كېرەك. ۋاقتىدا مۇداپىئەلىنىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ھەرىكەتنىڭ يۈزلىنىشىنى، دۈشمەننىڭ ھەرىكىتىنى بىلىشى، دۈشمەن ھەرىكەت قىلىشتىن ئاۋۋال بىلىۋېلىش كېرەك.

خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدا ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ د ن ئا ئۇچۇرلىرىنى يىغىش ۋە ئۇنى ئامبارلاشتۇرۇش خىزمىتىنى جىددىي قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە، بۇ يىل 1-ئىيۇن كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلغان «تور بىخەتەرلىكى قانۇنى» مۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنتېرنېت تورى ۋە ئۇنىڭدىكى مەزمۇنلارنى باشقۇرۇش، تور قوللانغۇچىلىرىغا ئائىت ئۇچۇرلارغا ئېرىشىشىنى قولايلاشتۇرىدىغان بولغاچقا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى بۇنىڭ، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش نىشان قىلىنىۋاتقان گۇرۇپپىلارغا بىۋاسىتە زىيىنى بارلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. ئەركىنلىك سارىيى ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى بۇ ھەقتىكى باياناتىدا يۇقىرىدىكىدەك تەدبىرلەرنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى قاتتىق قامال ئاستىغا ئېلىش تىرىشچانلىقلىرىنىڭ بىر پارچىسى، دەپ كۆرسەتكەن.

دەرۋەقە جۇ خەيلۈنمۇ، ئاقسۇدا قىلغان سۆزىدە ئوچۇق قىلىپ «ئۇچۇرلاشقان پەن-تېخنىكا ۋاسىتىسى ئارقىلىق ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، ئائىلە زىيارىتى، مەسىلىلەرنى بايقاپ ھەل قىلىش ئىقتىدارى، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئاساسىي ئۇچۇرلىرىنى باشقۇرغىلى، ھەر ۋاقىت كۆزىتىپ تۇرغىلى، ئىلمىي باھالىغىلى بولىدۇ، ئائىلە زىيارىتى، تەربىيە بېرىپ باشقۇرۇش-كونترول قىلىش، كۆچمە ئاھالىلەرنى باشقۇرۇش سەۋىيىسىنى ئۆستۈرگىلى بولىدۇ» دېگەن.

Share
1360 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.