logo

trugen jacn

خىتاي ئۈرۈمچىدىكى چوڭ تۈرمىلەرنى بىر رايونغا مەركەزلەشتۈرۈپ سىستېمىلىق باشقۇرماقتا

0b6b2502-20a9-4e0a-b55c-b5c87aa2424f

ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

تەيۋەندىكى بىر قىسىم ئىجتىمائىي ئالاقە تورلىرى تورداش لى چېڭلىن ئىسمى بىلەن ئۇچۇر تارقاتقۇچىنىڭ سۆزىنى نەقىل ئېلىپ، «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 8 يىل تەييارلىق قىلىپ ئاخىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرىگە 5-تۈرمە نامىدا زور ساندا ئادەم سىغدۇرالايدىغان زور كۆلەملىك تۈرمە ياساپ چىققانلىقى ۋە بۇنىڭ يېقىندا ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەنلىكى» گە ئائىت ئۇچۇر تارقاتتى.

بۇ ئۇچۇردا يەنە مەزكۇر تۈرمىنىڭ «شەرقىي تۈركىستان ۋە تىبەت بۆلگۈنچىلىرىدىن باشقا تەيۋەن ۋە خوڭكوڭ مۇستەقىللىقىنى تەرغىب قىلغان ئاتالمىش، دۆلەتنى پارچىلاشقا ئۇرۇنۇش، دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت ئېلىپ كېلىشكە ئوخشاش جىنايەتلەر بىلەن قولغا ئېلىنغان، خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى سىياسىيغا چېتىشلىق مەھبۇسلارنى بىر يەرگە توپلاپ، ئۇلارغا مۇنتىزىم ۋە سىستېمىلىق سىياسىي ئىدىيىۋى ئۆزگەرتىش تەربىيىسى ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن قۇرۇلغانلىقى» قەيت قىلىنغان. بۇ خەۋەر كەڭ دائىرىدە قوللىنىلىۋاتقان فەيسبوكتا تارقالغاندىن كېيىن، ئۇيغۇر تور قوللانغۇچىلىرى ئارىسىدىمۇ تېز تارقالدى ۋە بەلگىلىك تەسىر پەيدا قىلدى.

5-تۈرمە ھەققىدىكى خىتاي تارقاتقان خەۋەر ئارخىپلىرىدىن ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 5-تۈرمىنىڭ يېڭى بىر تۈرمە بولماستىن، بەلكى 1997-يىلى ئۆكتەبىردىن باشلاپلا ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن، قۇرۇلغىنىغا 20 يىل بولاي دېگەن تۈرمە ئىكەنلىكى مەلۇم.

بىز شۇنداقتىمۇ غۇلغۇلا قوزغىغان بۇ ئۇچۇرنى دەلىللەش يۈزىسىدىن ئۇيغۇر ئېلىدىكى تۈرمە باشقۇرۇش باش ئىدارىسىگە تېلېفون ئۇلىدۇق، باش ئاپپاراتتىكى تېلېفونىست، 5-تۈرمە نامىنىڭ ئادرېسى ۋە تېلېفون نومۇرىنى ئېيتىپ بەردى. ئۇنىڭ بەرگەن ئۇچۇرىغا قارىغاندا ئاپتونوم رايونلۇق 5-تۈرمىنىڭ ئورگان ئاپپاراتىنىڭ ئورنى ئۈرۈمچى شەھەر شەرقىي ۋوگزال يولى 1066-نومۇر. ئەمما، بۇ تېلېفونىستنىڭ 5-تۈرمىگە ئۇلىغان تېلېفونىنى ئالغان خادىم، سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلدى ۋە تېلېفون ئىككىنچى ئۇلانمىدى.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي جىنايەتچىلەر تۈرمىسى دەپ ئاتالغان تۈرمىگە قىلغان تېلېفونىمىزغا بىرى جاۋاب بەردى. بۇ خىتاي تۈرمە باشقۇرغۇچى خادىمنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، بۇ تۈرمىنىڭ ئورنى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يېڭى شەھەر رايونى، شەرقىي قەشقەر يولىدا بولۇپ، بۇ تۈرمىگە يانداش يەنە ئاپتونوم رايونلۇق 1-، 2-، 3-، 4-، 5- ۋە 6-تۈرمىلەر ئۆز ئارا قوشنا بولۇپ، بىر تۈرمىلەر رايونىنى ھاسىل قىلغان.

دائىرىلەرنىڭ ئۈرۈمچىدىكى تۈرمىلەرنى بىر يەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ باشقۇرۇشنى 2010-يىلدىن كېيىن باشلىغان بولۇپ، ھازىر بۇ يەتتە چوڭ تۈرمە بىر رايونغا جايلاشتۇرۇلغاندىن باشقا ئوخشاش تۈزۈلمىدە، ئوخشاش سىستېمىلىق بىر تۇتاش باشقۇرۇلىدىكەن.

بىز ئۇنىڭدىن قايسى تۈرمىدە سىياسىي جىنايەتچىلەر مەركەزلىك قامالغانلىقىنى سورىغىنىمىزدا ئۇ ھەممىسىدە بار دەپ جاۋاب بەردى. ئەمما كونكرېت ئەھۋاللار ھەققىدە ئۇچۇر بېرەلمەيدىغانلىقىنى، ئەگەر زىيارەت قىلماقچى بولساق،26-سېنتەبىردىن كېيىن مۇمكىن بولىدىغانلىقىنى، چۈنكى ھازىر ئۈرۈمچى ياۋرو-ئاسىيا يەرمەنكىسى مۇناسىۋىتى بىلەن بارلىق تۈرمىلەر ئىككى ھەپتە جىددىي تەدبىر ئالغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

دېمەك خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۈرۈمچىدە 5-تۈرمە نامىدا بىر يېڭى تۈرمە قۇرغانلىقىدەك ئۇچۇرنىڭ ئۆزى دەلىللەنمىگەن بولسىمۇ، ئەمما دائىرىلەرنىڭ بارلىق تۈرمىلەرنى بىر ئورۇنغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئۈرۈمچىدە بىر تۈرمىلەر رايونىنى بەرپا قىلغانلىقى مەلۇم. خىتاي ھۆكۈمىتى باشقۇرۇشىدىكى ئۇچۇر مەنبەلىرىدە تۈرمە قۇرۇلۇشىغا ئائىت يېقىنقى ئۇچۇرلاردىن دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى تۈرمىلەرنى باشقۇرۇشنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم.

«خەلق تورى» نىڭ 2015-يىلى 25-دېكابىر خەۋىرىدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى تۈرمە ئىسلاھاتىنىڭ 13-بەش يىللىق پىلانغا كىرگۈزۈلگەنلىكى ۋە ئۈچ يىلدىن بەش يىلغىچە ئارىلىقتا مەملىكەت بويىچە ئەڭ ئىلغار ۋە بىر تۇتاش باشقۇرۇشى سىستېمىلاشقان، ھەر جەھەتتىن مۇكەممەللەشكەن، مەملىكەت بويىچە ئىلغار تۈرمە قۇرۇپ چىقىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

بۇ يىل «خەلق تورى» نىڭ 26-فېۋرال خەۋىرىدە «شىنجاڭ تۈرمە سىستېمىسى» غا 100 نەپەردىن ئارتۇق مەخسۇس سىياسىي ئىدىيە تەربىيە ئېلىپ بارىدىغان خادىملار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى ئېلىپ بارىدۇ، دېيىلگەن.
«شىنجاڭ تۈرمە ژۇرنىلى» 19-ئىيۇل تارقاتقان سانىدا، بۇ يىل دۆلەت مەمۇرلىقىغا ئىمتىھان بەرگۈچىلەردىن تۈرمە باشقۇرۇش كەسپىگە جەمئىيەتتىن 700 دىن كۆپرەك خادىم تاللىنىدىغانلىقى ھەققىدە ئۇقتۇرۇش چىقارغان.

«خەلق تورى» نىڭ 1-سېنتەبىر خەۋىرىدە، 24-ئاۋغۇست يېڭىدىن كېڭەيتىپ ياسالغان 5-تۈرمىدە تۈرمە ساقچىلىرىنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنى تۈرمىنى زىيارەت قىلدۇرۇش پائالىيىتى ئېلىپ بارغانلىقى، بۇ ئارقىلىق تۈرمە خادىملىرىنىڭ خىزمەت بېسىمى ۋەزىپىسىنى ئۇلارنىڭ ئائىلىدىكىلىرىگە توغرا چۈشەندۈرۈپ، تۈرمە ساقچىلىرىغا روھىي جەھەتتىن رىغبەتلەندۈرۈشنى، ئازادە مۇھىت يارىتىشنى قولغا كەلتۈرۈشنى مەقسەت قىلغانلىقى خەۋەر قىلىنغان.

گەرچە، بۇ خەۋەرلەردە 5-تۈرمىنىڭ كۆلىمى ۋە مەقسىتى ھەققىدە ئېنىق ئۇچۇر بېرىلمىگەن بولسىمۇ، دائىرىلەرنىڭ ئۈرۈمچىدە تۈرمىلەرنى كېڭەيتىش، كۈچەيتىش ۋە تۈرمە خىزمەتچىلىرىنى كۆپەيتىش توغرىسىدا جىددىي تەدبىرلەر ئېلىۋاتقانلىقىنى ئىپادىلەنگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىنقى يىللاردا ئۈرۈمچىدىكى تۈرمىلەرنى بىر رايونغا مەركەزلەشتۈرگەنلىكى يەنە بىر شاھىت تەرىپىدىنمۇ دەلىللەنگەن ئىدى. يەنى ھاياتىنىڭ 18 يىلىنى ئۇيغۇر دىيارىدىكى تۈرمىدە ئۆتكۈزۈپ ئاخىرى چەتئەلگە چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان ئادىل ئابدۇغۇپۇر، يېقىندا ئىستانسىمىزغا خىتاي قاراڭغۇ تۈرمىلىرىدىكى سىياسىي جىنايەتچىلەر ئۇچراۋاتقان قىيىن-قىستاقلار ھەققىدە شاھىتلىق بەرگەن ئىدى. ئۇ، ئۈرۈمچى يېڭى شەھەر تەرەققىيات رايونىدا 7 تۈرمىدىن تەركىب تاپقان تۈرمىلەر شەھىرى بارلىقىنى، ئۆزىنىڭ شۇ تۈرمىلەر ئىچىدىكى بىرىنچى تۈرمىدە جازا مۇددىتىنى ئۆتىگەنلىكىنى ئېيتقان ئىدى:

ئەگەر، خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدە مەخسۇس سىياسىي جىنايەتچىلەرنى قامايدىغان تۈرمىنى قۇرغان تەقدىردە كۆزەتكۈچىلەردە بۇنىڭ ئەندىشە قوزغاۋاتقان تەرەپلىرى قايسىلار؟ بۇ ھەقتە خىتاينىڭ ئاساسىي قانۇنى ئۈستىدە مۇستەقىل تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان نيۇ-يورك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئاسپىرانتى تېڭ بياۋنى زىيارەت قىلدۇق.

تىڭ بياۋ، ئۆزىنىڭمۇ ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىدىكى بۇ ئۇچۇرغا كۆزى چۈشكەنلىكىنى بايان قىلىپ، گەرچە ئېنىق ئىسپاتلانمىسىمۇ ئەمما خىتاينىڭ بۇنداق بىر تەييارلىقى بار دەپ قارايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى، ئۇنىڭ قارىشىچە، «خىتاينىڭ ئىچكى ۋەزىيىتى ئىنتايىن داۋالغۇش ھالەتتە، ئىجتىمائىي سىياسىي جەھەتلەردىن خەلق قارشىلىق ھەرىكەتلىرى ئۈزۈلمەي يۈز بەرمەكتە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئەلۋەتتە بۇ خىلدىكى ھەرىكەتلەرنىڭ زور كۆلەمدىكى بىر قارشىلىق ھەرىكىتىگە ئايلىنىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تەدبىر ئالىدۇ ۋە ئەگەر شۇنداق بىر ۋەقە يۈز بەرگەندە ئوخشاش باستۇرىدۇ، تۇتىدۇ سولايدۇ. شۇڭا خىتاينىڭ بۇنداق بىر زور كۆلەملىك تۈرمىگە ئېھتىياجى بار ۋە چوقۇم تەييارلىقى بار.»

تىڭ بياۋ ئەپەندى يەنە مۇنداق دېدى: «خىتاينىڭ ئاساسىي قانۇنىدا، ‹سىياسىي جىنايەتچى› دېگەن ئۇقۇم بولمىسىمۇ، ھاكىمىيەتكە قارشى چىققۇچىلار ئوخشىمىغان پىكىردىكىلەرگە ‹دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاش، دۆلەتكە تەھدىت يارىتىش› دېگەندەك جىنايەتلەرنى بېكىتىپ ئېغىر جازالاپ كەلمەكتە ئىدى. نۆۋەتتە ئەمدى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشنى باھانە قىلىپ تېخىمۇ قاتتىق باستۇرۇش ئېلىپ بارماقتا، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ۋە تىبەت رايونلىرىدا قورالسىز كىشىلەرگە ئەڭ قاتتىق زوراۋان ۋاسىتىلەر بىلەن قانلىق باستۇرۇش ئېلىپ بارماقتا. بۇ خىل باستۇرۇش داۋاملاشقانسېرى شىنجاڭنىڭ ۋەزىيىتىنى تېخىمۇ كەسكىنلەشتۈرمەكتە، بۇنىڭ كەلگۈسى تېخىمۇ زور قارشىلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقى ئېنىق، خىتاينىڭ بۇ خىل تۈرمىنى ئۇيغۇر ئېلىدە قۇرۇشىمۇ ئەڭ زور قارشىلىقنىڭ شۇ جايدا بولىدىغانلىقىدىن ئەندىشە تۇيىدىغانلىقىدىن دەپ قارايمەن.»

تېڭ بياۋ ئەندىشىسىنى ئىپادىلەپ: «خىتاينىڭ ئەدلىيە سىستېمىسى، تۈرمە سىستېمىسىنىڭ ئادالەتسىز ئىكەنلىكى دۇنياغىمۇ ئاشكارا، ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ ھاكىمىيىتىنىڭ دۈشمەنلىرى بولغان ئاتالمىش سىياسىيغا چېتىشلىق جىنايەتچىلەرنى بىر يەرگە يىغىپ باشقۇرىدىغان بولسا بۇ تۈرمىنىڭ ئىچىدە يەنە قانداق قانۇنسىزلىق ئىنسانلىققا قارشى جىنايەتلەرنىڭ خىتاي ھاكىمىيىتى قولى بىلەن يۈرگۈزىدىغانلىقىنى قىياس قىلىشمۇ تەس» دېدى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/siyaset/siyasiy-turme-09192016152956.html

Share
1244 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.