logo

trugen jacn

خىتاي ئۇيغۇر رايونىدا سىياسىي خاتالىقنىڭ چېرىكلىكتىن ئېغىر جازالىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

990f4dbd-f1da-4fb6-a005-baf5bacd72c2

خىتاي تەڭرىتاغ تورىدا بۈگۈن ئېلان قىلىنغان «سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدە ھالقىپ ئۆتۈشكە بولمايدىغان قىزىل سىزىق» ناملىق ئوبزورىدا، رەھبىرى كادىرلىرىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئۇيغۇر رايونىدا سىياسىي جەھەتتىن خاتالىشىشنىڭ جەمئىيەتكە نىسبەتەن ئېيتقاندا چىرىكلىكتىنمۇ خەتەرلىك ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

ئۇيغۇر رايونىنىڭ نۆۋەتتە «زوراۋانلار ۋە تېررورچىلار قۇترىغان كەسكىن بىر ۋەزىيەت» تە تۇرۇۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلگەن ئوبزوردا سىياسىي ئىنتىزام يۇقىرى بېسىملىق توكقا ئوخشىتىلىپ، سىياسىي جەھەتتىن خاتالاشقانلارنىڭ ئەپۇ قىلىنمايدىغانلىقى، ھەتتا ئامان قالمايدىغانلىقى ئىشارەت قىلىندى. ئوبزوردا يەنە، ئەنىۋەر تۇردى ئىسىملىك پارتىيە ئەزاسىنىڭ ھەج قىلغۇچىلارنى تەكشۈرۈش ئىشىغا قائىدىگە خىلاپ ھالدا قول تىققانلىقى ئۈچۈن جازالانغانلىقى ئىبرەت مىسالى سۈپىتىدە تىلغا ئېلىنغان.

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، نۆۋەتتە ئۇيغۇر رايونىدا چىرىكلىك مەسىلىسى قولىدا ئەمەلىي ھوقۇق بولغان خىتاي ئەمەلدارلاردا كۆرۈلمەكتە؛ ئۇيغۇر ئەمەل تۇتقۇچىلار بولسا مىللىي تەۋەلىكى سەۋەبلىك سىياسىي جەھەتتىن خاتالىشىپ قېلىش ئەندىشىسى ئىچىدە ياشىماقتا. بۇ نۇقتىنى نەزەردە تۇتقان سىياسىي كۆزەتكۈچى ئىلشات ھەسەن، ئوبزوردىكى ئاگاھلاندۇرۇشنىڭ قورچاق ئورۇندىكى ئۇيغۇر ئەمەلدارلارنى تېخىمۇ ۋەھىمىگە سېلىش ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/uyghur-weziyiti-02042015163259.html

Share
1557 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.