logo

trugen jacn

خىتاي ئۇيغۇر رايونىدا دىننى سۇسلاشتۇرۇش ئۈچۈن كىشىلەرنى ناخشا، ئۇسۇلغا زورلىماقتا

images

شۆھرەت ھوشۇر

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

ئۆتكەن ھەپتىلەردە پەيزىۋاتتا ئۇيغۇرلارنى كىچىك ئالما ئۇسۇلى ئويناتقان خىتاي دائىرىلىرى پىچاننىڭ لۈكچۈن يېزىسىدا كىشىلەرنى ئىزچىل ھالدا كىنو ۋە كونسېرت كۆرۈشكە تەشكىللىگەن، پەيزىۋات ناھىيىسىدە يەنە دېھقانلارنى 50 مىڭ كىشىلىك ساماغا سالغان.

خوتەندە توي-تۆكۈنلەرنى ناخشا-ئۇسۇل بىلەن قىزىتىش تەشەببۇس قىلىنغان ۋە بۇ تەشەببۇس مەخسۇس ھۆججەتلىك شەكىلدە تارقىتىلغان. ئۇيغۇر رايونىدا ئاتالمىش ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش نامىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بۇ ھەرىكەتلەر مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى ۋە كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتماقتا؛ بۇلارنىڭ قارىشىچە، خىتاي ئۇيغۇرلارنى سەنئەتكە يۈزلەندۈرۈش ئارقىلىق رايوندا دىننى سۇسلاشتۇرۇشقا، جۈملىدىن كىشىلەرنىڭ ئېتىقادىنى ئاجىزلىتىشقا ۋە بۇ ئارقىلىق خىتاي ئۆزىگە قارىتا بارغانسېرى كۈچىيىۋاتقان قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى ئاجىزلىتىشقا ئۇرۇنماقتا.

شىنجاڭ گېزىتىنىڭ تۈنۈگۈنكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، پىچان ناھىيىسىنىڭ لۈكچۈن يېزىسىدا مەدەنىيەت خىزمىتى جەھەتتىن «5 تە بىر تۈزۈمى» ناملىق يېڭى بىر تۈزۈم يولغا قويۇلماقتا. خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە بۇ تۈزۈم بويىچە، بىر كەنتتە بىر ئاي كىنو كۆرۈش، بىر كەنتتە بىر ئاي كونسېرت كۆرۈش، بىر كەنتتە بىر ئاي توپ ئويناش، بىر كەنتتە بىر ئاي نۇتۇق ئاڭلاش قاتارلىق مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى ئېلىپ بېرىلماقتا. خەۋەردىن يەنە مەلۇم بولۇشىچە، دائىرىلەر مۇشۇ خىل پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرۇش ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ ئىشتىن سىرتقى ۋاقىتلىرىنى قانداق ئۆتكۈزۈشكە قارىتا يول كۆرسەتكەن ۋە يېتەكلەش ئېلىپ بارغان؛ ئەمما پائالىيەتكە قېتىلمىغانلارغا قارىتا قانداق مۇئامىلە قىلىنىدىغانلىقى خەۋەردە بايان قىلىنمىغان. مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ قارىشىچە، خىتاي بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى جەمئىيەت مەسىلىلىرى، جۈملىدىن سىياسىي مەسىلىلەر ئۈستىدە ئويلانماسلىققا، ئۇ ھەقتە پىكىر يۈرگۈزمەسلىككە، نەتىجىدە كىشىلەرنى بىخۇدلاشتۇرۇشقا يېتەكلىمەكتە. ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان سىياسىي پائالىيەتچى مەمەت توختى ئەپەندى بۇ ھەقتە توختىلىپ ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

مەمەت ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاي ئۇيغۇرلارنى ناخشا-ئۇسۇلغا بېرىلدۈرۈش ئارقىلىق، ئۇلارنى دىنىي سورۇنلاردىن ئۇزاقلاشتۇرۇشقا، يەنە سۈنئىي خۇشال كەيپىيات پەيدا قىلىپ، ئۆزلىرى ئۇچراۋاتقان ھەقسىزلىق ۋە زۇلۇمنى ئۇنتۇلدۇرۇشقا ھەرىكەت قىلماقتا.

خىتاي تەشۋىقات ماتېرىياللىرىدا مەزكۇر «بەشتە بىر تۈزۈمى» مەدەنىيەت مەسىلىلىرىنى مەدەنىيەت ئارقىلىق، دىنىي مەسىلىلەرنى دىن ئارقىلىق، ئىدىيە مەسىلىلىرىنى ئىدېئولوگىيە ئارقىلىق داۋالاش يەنى ھەل قىلىش دەپ چۈشەندۈرۈلگەن ۋە بۇ چۈشەندۈرۈشتە يەنە، تېررور مەسىلىسىنىڭ قوراللىق كۈچ بىلەن ھەل قىلىنىدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن. ئەمما بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلغان مەمەت ئەپەندى خىتاي دەۋاتقان تېررور مەسىلىسىنىڭ قوراللىق يول بىلەن ھەل بولمايدىغانلىقى، پەقەت سىياسىي يول بىلەن يەنى قارشىلاشقۇچىلارنىڭ پىكىرلىرىگە قۇلاق سېلىش ۋە ئارزۇلىرىغا جاۋاب بېرىش بىلەن ھەل بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ يەنە تەبىئىي شەكىللەنمىگەن تىنچلىقنىڭ ئۇزۇن داۋام قىلالمايدىغانلىقىنى، جۈملىدىن ئۆزلۈكىدىن ۋە ئۆز-ئۆزى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلمىغان سەنئەت پائالىيەتلىرىنىڭ جەمئىيەت كەيپىياتىنى ئوڭشىيالمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

مەلۇم بولۇشىچە، كىشىلەرنى ناخشا-ئۇسۇلغا بېرىلدۈرۈش تەشەببۇسى خىتاينىڭ خوتەن ۋىلايەتلىك پارتكومىنىڭ 30 نېمە ئۈچۈن ناملىق دىن باشقۇرۇش قوللانمىسىدىمۇ بايان قىلىنغان.

ئۇيغۇرلارنىڭ پىكىر بايان قىلىشىنى ۋە ئۇچۇر ئالماشتۇرۇشىنى بارلىق كۈچى بىلەن توسۇۋاتقان خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ناخشا-ئۇسۇلغا كەلگەندە بۇ دەرىجىدە كەڭ قول بولۇشى، ھەتتا توي-تۆكۈنلەرنى ناخشا-ئۇسۇل ئارقىلىق قىزىتىشنى تەشەببۇس قىلىشى رايون ۋەزىيىتىنى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتماي قالمىدى.

ئۇيغۇرلارنىڭ سەنئەتخۇمار بىر مىللەت ئىكەنلىكى، ئۇزۇن يىللاردىن بېرى ھەم خىتاي ھەم ئۇيغۇرچە مەتبۇئاتلاردا مەدھىيىلىنىپ كەلگەن بولسىمۇ، يېقىنقى يىللاردىن بېرى بۇ ھەقتە ئۇيغۇر جامائەت پىكرى سورۇنلىرىدا قايتا ئويلىنىش بولۇپ ئۆتكەن. بەزى مۆتىۋەر زىيالىيلار «سەنئەت بارلىقىمىز ئەمەس، بايلىقىمىز» دېگەن پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئارقىلىق سەنئەتكە بېرىلىشىنىڭ چەكتىن ئاشماسلىقى ۋە نورمىلىق بولۇشىنى تەشەببۇس قىلغان.

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/siyaset/xitay-siyasiti-12292014150713.html

Share
1668 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.