logo

trugen jacn

خىتاي ئۇيغۇر ئېلىنىڭ چېگرالىرىغا سىم توسۇق ۋە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ئورۇنلاشتۇرماقچى

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى مۇئاۋىن رەئىسى جارۇللا ھېسامىدىننىڭ خىتاي كۈندىلىك خەۋەرلەر گېزىتىگە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ چېگرا بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىدىغانلىقى ھەققىدە بەرگەن بايانى، چەتئەل ئاخباراتلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتقان.

ھىندىستاندا چىقىدىغان ئىقتىساد ۋاقىت گېزىتىنىڭ سەيشەنبە بەرگەن «شىنجاڭ چېگرادىن سىڭىپ كىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ئورۇنلاشتۇرىدۇ» دېگەن خەۋىرىدە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى مۇئاۋىن رەئىسى جارۇللا ھىسامىدىننىڭ «شىنجاڭ چېگرالارغا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان يۆتكەش، سىم توسۇق ۋە كۆزىتىش ئاپپاراتلىرىنى ئورنىتىش ئارقىلىق، چېگرادىن قانۇنسىز ئۆتۈشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ» دېگەن سۆزىنى نەقىل ئالغان بولۇپ، خىتاينىڭ بۇ يېڭى چېگرا بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى ئۇيغۇر رايونىنىڭ 560 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى چېگرالىرىغا ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى رايوندا يۈز بەرگەن نۇرغۇن قارشىلىق ۋە ھۇجۇملارنى ئېلىپ بارغۇچىلارنىڭ، قانۇنسىز چېگرا ئاتلاپ، چېگرا سىرتىدا تەربىيىلىنىپ كەلگەنلىكىگە ئىشىنىدۇ. ئۇيغۇر رايونى 8 دۆلەت بىلەن چېگرىلىنىدۇ، دائىرىلەر ئافغانىستان، پاكىستان، رۇسىيە قاتارلىق 8 دۆلەت بىلەن تېررورلۇققا قارشى ھەمكارلىشىپ كەلگەن.

خەۋەردە جارۇللانىڭ يەنە، رايوننىڭ كەلگۈسىدە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قوشنا ئەللەر بىلەن تېررورلۇققا قارشى ئىستىخبارات ئۇچۇرلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىدىغانلىقى ھەققىدە ئېيتقان سۆزلىرىمۇ نەقىل ئېلىنغان.
خىتاي پاكىستان ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشىغا 466 مىليارد دوللار مەبلەغ سالغان بولۇپ، بۇنىڭغا ماس ھالدا چېگرا مۇداپىئەسى يەنىمۇ كۈچەيتىلگەن.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى رەئىسى شۆھرەت زاكىرمۇ ئۇيغۇر رايونىنىڭ مۇقىملىقى ھەققىدە يانۋاردا قىلغان سۆزىدە 2017-يىلىدا ئۇيغۇر رايونى چېگراسىدىن كىرىپ ‏-چىقىشقا دائىر تەكشۈرۈشلەرنىڭ كۈچەيتىلىدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/uyghur-chegra-05022017135727.html

Share
2004 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.