logo

trugen jacn

خىتاي ئۇيغۇر ئىلىدىكى ساقچى، بىڭتۇەن ۋە يەرلىك ئورگانلارغا 10 مىڭ خىزمەتچى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

image

 ئەركىن 

خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئىلىدىكى ساقچى، بىڭتۇەن ۋە ناھىيە، يېزا دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئوگانلىرىغا 10 مىڭ مەمۇرى خادىم قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان

خىتاي ئاخباراتىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، قوبۇل قىلىنىدىغان مەمۇرى خادىملارنىڭ 50 % ئاز سانلىق مىللەتلەردىن قوبۇل قىلىنىدىكەن

بەزى ئانالىزچىلار، بۇنى خىتاينىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىدىكى ئۆزگىرىشنىڭ سىگنالى، دەپ قارىغان

ئۇلارنىڭ كۆرسىتىشىچە، بۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى خەنزۇلار ئارقىلىق باشقۇرۇش سىياسىتىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، ئۇيغۇرلارنى ئۇيغۇرلار ئارقىلىق باشقۇرۇش سالمىقىنى كۈچەيتىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ

بىراق د ئۇ ق، بۇ خىل ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئۇسۇلىنى تەنقىد قىلدى

د ئۇ ق باياناتچىسى دىلشات رىشىتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇر خەلقى ئۆزىنىڭ تۇپرىقىدا خوجايىنلىق رول ئويناپ، سىياسىي، ئىقتىسادىي قارارلارنى چىقىرىش ھوقۇقىغا ئىگە بولۇشى كېرەك

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئىمتىھانغا قاتنىشىدىغانلارنى تىزىملاش 25 – ئاۋغۇست باشلىنىدىكەن

خەۋەردە، ناھىيە، يېزا دەرىجىلىك يەرلىك ئورگانلارغا 5700 نەپەر، ئامانلىق ئورگانلىرىغا 3000 نەپەر، بىڭتۈەنگە 1500 دىن ئارتۇق خادىم قوبۇل قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن

ئانالىزچىلارنىڭ كۆرسىتىشىچە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە بازار ئارقىلىق ئىشسىزلىقنى ھەل قىلىش سىياسىتى ئاقمىغان. چۈنكى، بارلىق سىياسىي، ئىقتىسادىي ساھەلەرنى خىتاي كۆچمەنلىرى كونترول قىلىۋالغان ئۇيغۇر ئېلىدە، بازار ئارقىلىق ئىشسىزلىقنى ھەل قىلىش ئۇيغۇرلارنىڭ كەڭ كۆلەملىك ئىشسىز قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/bingtuan-08222014182520.html

Share
1631 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.