logo

trugen jacn

خىتاي ئىقتىسادىنىڭ ۋەيران بولىدىغانلىقىغا ئائىت ئەندىشىلەر كۈچەيگەن

 

خىتاي ئىقتىسادىنىڭ ۋەيران بولىدىغانلىقىغا ئائىت ئەندىشىلەرنىڭ كۈچىيىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. 7- ئۆكتەبىر ئاۋسترالىيەدىن چىقىدىغان «پۇل-مۇئامىلە ئوبزورلىرى» ژۇرنىلىدا كۆرسىتىشىچە، گەرچە خەلقئارا مالىيە فوندى-IMF خىتاينىڭ كېلەر يىللىق ئومۇمىي ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى تۆۋەنلەيدۇ، دەپ قاراشنى رەت قىلغان بولسىمۇ، ئەمما مۇلاھىزىچىلەر خىتاي ئىقتىسادىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە چۆكۈش خەۋپىگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى پەرەز قىلىشقان.

بۇ ھەقتىكى خەۋەردە نەقىل قىلىشىچە، ئامېرىكا CITI بانكا گۇرۇھىدىكى ئىقتىسادشۇناس ۋىللەم بۇئىتېر خىتاينىڭ پۈتۈن دۇنيا ئىقتىسادىنى كرىزىسقا پاتۇرۇش خەۋپى بارلىقىنى كۆرسەتكەن.

ئۇ مۇنداق دېگەن: بىز خىتاي بارغانچە ئۆرلەۋاتقان ئەجەللىك چۆكۈش خەۋپىگە قاراپ كېتىۋاتىدۇ، دەپ قارايمىز. خىتاينىڭ چۆكۈشى ۋە ئىقتىسادىي كرىزىسقا دۇچ كېلىشىدىكى سەۋەبلەر بولسا ھەممەيلەنگە مەلۇملۇق. ئۇ بولسىمۇ، خۇسۇسىي ساھەدىكى دەرىجىدىن تاشقىرى تەسىر كۈچ ۋە پۇل-مۇئامىلە بازىرىدىكى ئەقىلگە مۇۋاپىق كەلمەيدىغان نورمىسىزلىقتۇر.

ئۇنىڭ بۇ قاراشلىرىنى گېرمانىيە خەلقئارا بانكا گۇرۇھىدىكى ئالىي ئىقتىسادشۇناس پېتىر ھۇپېرمۇ قوللىغان.

ئۇمۇ بازار ئانالىزىنىڭ خىتاي ئىقتىسادىدىكى مۇقىمسىزلىقلارنى كۆرسىتىپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى، خىتاي ئىقتىسادىنىڭ كرىزىسقا دۇچ كېلىدىغانلىقىغا ئائىت سەلبىي پىكىرلەرنىڭ كۆپىيىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/xitay-iqtisad-10072015170054.html

Share
1190 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.