logo

trugen jacn

خىتاي ئىغۋاگەر دەپ ئەيىبلىگەن ئابابەكرى رەھىمنى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر قەھرىمان دەپ مەدھىيىلىدى

de11d2d0-18db-408a-ae9e-0d6364a80183

شۆھرەت ھوشۇر

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

28-ئىيۇل يەكەن ۋەقەسى ھەققىدە تاشقى دۇنياغا ئۇچۇر يوللىغان 22 ياشلىق ئابابەكرى رەھىم خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن يالغان ئۇچۇر تارقىتىش ۋە ئىغۋاگەرچىلىك قىلىش بىلەن ئەيىبلەنگەندىن كېيىن فەيسبوك قاتارلىق ئۇيغۇر ئىجتىمائىي ئالاقە سورۇنلىرىدا، ئابابەكرىنىڭ ئەمگىكى ۋە ئەمگىكىنىڭ قىممىتىگە باھالار بېرىلدى. بۇ ھەقتە مۇخبىرىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئاۋسترالىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئاكتىپلىرىدىن بەختىيار ئەپەندى بىلەن، ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان سىياسىي كۆزەتكۈچى مەمەت توختى ئەپەندى ئابابەكرى رەھىمنى جىددىي بىر ۋەزىيەتتە ئۆزىنىڭ مىللىي ۋە ئىنسانىي مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشقا تىرىشقان پىداكار ۋە قەھرىمان بىر ئوغلان دەپ مەدھىيىلىدى. مەمەت توختى ئەپەندى يەنە، خىتاي تەرەپسىز خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ يەكەندە مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىغا يول قويغانغا قەدەر ئابابەكرى رەھىم يوللىغان يەكەندە قەتلىئام يۈز بەردى دېگەن ئۇچۇرنىڭ توغرا دەپ قارىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/qanun/ababekri-rehim-08132014151004.html

Share
1589 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.