logo

trugen jacn

خىتاي ئىشغالىيىتى ئاستىدىكى شەرقىي تۈركىستاننىڭ تۇران دۇنياسىنىڭ كالىفورنىيەسى

SONY DSC

خىتاي ئىشغالىيىتى ئاستىدىكى شەرقىي تۈركىستاننىڭ تۇران دۇنياسىنىڭ كالىفورنىيەسى

پروفېسسور دوكتور نازىف گۈردوغان

 

 

بۈيۈك تۈركىستان دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىنى شۇنداقلا ئاسىيانى كۆرىدىغان گۈمبەز بولۇپ، ئۇنى ھەممە يەردىن كۆرگىلى بولىدۇ. چۈنكى مەدەنىيەتلەر ئۆز-ئارا ئۇچرىشىپ قاينىشىدىغان تۇراننىڭ دىيارى روسىيە، خىتاي ۋە ھىندىستان جەمئىيەتلىرىنىڭ تۈگۈن نۇقتىسى.

ئافرىقا، ياۋروپا ۋە ئاسىيا ئۈچ بۇلۇڭىدا، تۈركىيەنى ھېسابقا ئالمىغاندا، شەرقىي تۈركىستانغا ئوخشاش ئىستراتېگىيىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە باشقا دۆلەت يوق. دۇنيادا بۈيۈك تۈركىستان گۈمبەز بولسا، شەرقىي تۈركىستان ئۇنىڭ مۇنارى. شۇڭلاشقا، ئوسمانىيلار تېررىتورىيىسىگە ئوخشاش، تۇران تېررىتوىيىسىمۇ ئون نەچچە دۆلەتكە پارچىلانغان.

خەرىتىلەردە بۈيۈك تۈركىستاننىڭ ئورنىغا شەرقىي تۈركىستان، قازاقىستان، ئۆزبېكىستان، تۈركمەنىستان، قىرغىزىستان، تاجىكىستان ۋە شىمالىي ئافغانىستاندىن ئىبارەت يەتتە دۆلەت كۆرۈلىدۇ. لېكىن، شەرقىي تۈركىستان 1949-يىلى قۇرۇلغان خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى تەرىپىدىن ئىشغال قىلىندى. شەرقىي تۈركىستاندىكى «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» ئىشغالىيەتتىن ئالتە يىل كېيىن قۇرۇلغان بولۇپ، زور بېسىمغا دۇچ كەلمەكتە. ئەمما يېڭى دۇنيا تەرتىپىدە دېموكراتىيەگە قارشى، زالىم، بىر پارتىيىلىك ھۆكۈمەتلەرگە ئورۇن يوق.

شەرقىي تۈركىستاندا مۇستەقىللىق ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان كۈچلەرنىڭ خىتايغا بېسىم قىلىپ، ئۇنى كونترول قىلىشقا تىرىشىۋاتقان بارلىق دۆلەتلەر تەرىپىدىن قوللاشقا ئېرىشىۋاتقانلىقى مەلۇم. شۇڭلاشقا دۇنيادىكى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئېلىپ بېرىۋاتقان خىزمىتىنى ھەممە دۆلەتلەر كۆزىتىۋاتىدۇ. شەرقىي تۈركىستانغا مۇستەقىللىق يولىنى قوراللىق قاتتىق كۈچلەر ئەمەس، بەلكى قورالسىز جانلىق ۋە ئەقىللىق كۈچلەر ئاچىدۇ. بۈگۈنكى دۇنيادا پايدىلىق قوراللىق ئۇرۇش، زىيانلىق قورالسىز تىنچلىق مەۋجۇت ئەمەس. تەيۋەنگە ئوخشاش، شياڭگاڭمۇ خىتايدىن ئايرىلىپ چىقىدۇ، شياڭگاڭنىڭ دېموكراتىيە كۈرىشى شەرقىي تۈركىستاننىڭ دېموكراتىك مۇستەقىللىق كۈرىشىگە يول ئاچىدۇ.

شەرقىي تۈركىستان ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئەڭ ئاخىرقى باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ بىرى، «ئۇنتۇلغان ۋەتەن: شەرقىي تۈركىستان» ناملىق كىتابنىڭ ئاپتورى ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن تۈركىيەدە پاناھلىنىشقا مەجبۇر بولغانىدى. تىكتاك توپ دىپلوماتىيىسى بىلەن باشلانغان تەرەققىياتلارنىڭ نەتىجىسىدە، تۈركىيە 1970-يىلى غەرب دۆلەتلىرى بىلەن بىرلىكتە خىتاينى ئېتىراپ قىلدى. گەرچە تۈركىيەنىڭ خىتاي بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋىتى ناھايىتى يېڭى بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ ئىككى مىڭ يىللىق تارىخى بار. ئالەم بوشلۇقىدىن كۆرگىلى بولىدىغان بىردىنبىر ئىنسان قۇرۇلۇشى دەپ ئاتالغان مىڭلىغان كىلومېتىرلىق «سەددىچىن سېپىلى» نىڭ تۈركلەرگە قارشى ياسالغانلىقىنى پۈتۈن دۇنيا بىلىدۇ.

 

 

ئۆتمۈشتە خىتايلارغا ئۆزىنى قوغداش ئۈچۈن ئېگىز سېپىللارنى سوقۇشقا مەجبۇر قىلغان تۈركلەر شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئەركىنلىك مەسىلىسىنى دۇنيا كۈن تەرتىپىگە ئېلىپ كېلىشكە تىرىشىۋاتىدۇ. ئاسىيانىڭ مەركىزىدىكى ئانادولۇنىڭ مەسىلىلىرىنى خەلقئارا مۇنبەرلەرگە ئېلىپ كىرگەن تۈركىيە، ياۋروپادىكى تۈركلەرنىڭ مەدەنىيەت ھوقۇقىنى قوغداش ۋە ئۇلارنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشتا مۇھىم تەدبىرلەرنى قوللانماقتا. ياۋروپادا 50 مىليون مۇسۇلمان ۋە ئون مىليون تۈرك ياشايدۇ. تۈركلەر مىڭ يىلدىن بۇيان ياۋروپا تۇپرىقىدا ياشاۋاتىدۇ.

ئاسىيا ۋە ياۋروپانى يېقىندىن بىلىدىغان مەھمەت ئۆغۈتچۈ: «بىزنىڭ ئاسىيادا ئىستىقبالىمىز بارمۇ؟» ناملىق كىتابىدا، ياۋروپا ۋە ئاسىيا تەرەپتىن تۈركىيەگە كېلىدىغان تەھدىد ۋە پۇرسەتلەر ھەققىدە توختالغان. ئۈچ قىتئەدە چاقنىغان چولپان يۇلتۇز تۈركىيە بولۇپ، تۈركىيە ئاسىيا بىلەن ياۋروپا ئوتتۇرىسىدىكى كۆۋرۈك دۆلەت ئەمەس، بەلكى مەركىزى دۆلەت. تۈركىيە ئاسىيانىڭ ئەڭ غەربىدىن، ياۋروپانىڭ شەرقىدىن ئورۇن ئالغان بولۇپ، ئۇ ھەم ياۋروپا، ھەم ئاسىيا دۆلىتى.

تۈركىيەنىڭ كۈچى ئاسىيانىڭ ئەڭ غەربى ۋە ياۋروپانىڭ ئەڭ شەرقىدە بولۇشىغا يوشۇرۇنغان. تۈركىيە تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىنى ياۋروپاغا، ياۋروپانى ئاسىياغا ئاچىدىغان ھالقىلىق دۆلەت. تۈركىيەنىڭ ياۋروپادىكى ئېغىرلىقى ئۆزىدىن بەكرەك ئۇ ۋەكىللىك قىلغان تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى ۋە ئىسلام دۇنياسىدىن كەلگەن.

شەرقىي تۈركىستاننىڭ دۇنيادا ئالاھىدە ئورنى ۋە ئەھمىيىتى بار. چۈنكى خىتاي «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» دەپ ئاتىغان شەرقىي تۈركىستان، گەرچە كەلگۈسىنىڭ چوڭ ئىشلەپچىقىرىش كۈچى بولغان خىتاينىڭ ئىچىدە بولسىمۇ، لېكىن خىتايدىن ئايرىم كۈچ مەركىزى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

شەرقىي تۈركىستان مول نېفىت ۋە تەبىئىي گاز بايلىقى بىلەن پەقەت خىتاينىڭلا ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل ئاسىيانىڭ كالىفورنىيەسى. تۈرك دۇنياسى ئۈچ قىتئە ۋە ئۈچ دېڭىزنىڭ مەركىزىدە بولۇپ، ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى ئەڭ چوڭ تەڭپۇڭ كۈچى. خىتاي بىلەن شەرقىي تۈركىستان ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇش 1757-يىلدىن باشلاپ داۋام قىلماقتا. سۇلتان ئابدۇلھەمىد 1866-يىلى قۇرۇلغان مۇستەقىل دۆلەتكە ياردەم قولىنى ئۇزاتتى ۋە يېڭى قۇرۇلغان دۆلەتنى يالغۇز تاشلاپ قويمىدى. تۇران دۇنياسىدا، شەرقىي تۈركىستان ئانادولۇ، ئانادولۇ شەرقىي تۈركىستان بولۇپ، تۈركلەر ھىلال ئايدەك دۇنيانى قورشاپ تۇرىدۇ.

شەرقتىن غەربكە ئاقىدىغان تۈرك دەرياسى شەرقىي تۈركىستاندىن كەلگەن.

ئاسىيانىڭ ياۋروپاغا يۈرۈش قىلىشى شەرقىي تۈركىستاندىن باشلىنىدۇ.

شەرقتىن غەربكە يۈرۈش قىلىشتا، دۇنيا «قىزىل ئالما» بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

Share
1975 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.