logo

trugen jacn

خىتاي ئىسلامنى 5 يىل ئىچىدە «خىتايلاشتۇرۇپ بولۇش» نى ئوتتۇرىغا قويدى

خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندا قانۇن ماقۇللاپ، ئىسلامنى يېقىنقى 5 يىل ئىچىدە پۈتۈنلەي «خىتايلاشتۇرۇپ بولۇش» نى ئوتتۇرىغا قويغان.

مەزكۇر لايىھە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر رايونىدا «دىنىي ئاشقۇنلۇق» نى تۈگىتىش نامىدا 3 مىليوندەك ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان خەلقلەرنى يىغىۋېلىش لاگېرىغا قاماپ، دۇنيادا قاتتىق نارازىلىققا ئۇچرىغان بىر مەزگىلدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان. قاتاردىكى ئەل-جەزىرە تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى ئۆتكەن شەنبە كۈنى خىتايدىكى 8 ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ ۋەكىللىرىگە يىغىن ئېچىپ، مەزكۇر قانۇن لايىھىسىنى مۇزاكىرە قىلغان. خەۋەردە «يەر شارى ۋاقتى گېزىتى» نىڭ خەۋىرى نەقىل كەلتۈرۈلۈپ، مۇزاكىرىدە 8 ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ ۋەكىللىرى خىتاي ئەمەلدارلىرى بىلەن «ئىسلامنى سوتسىيالىزىمغا ئۇيغۇنلاشتۇرۇش ۋە دىننىڭ خىتايلاشتۇرۇلۇشىدا ئېلىنىدىغان تەدبىرلەر» ھەققىدە پىكىر بىرلىكىگە كەلگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن. لېكىن خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدە، بۇ لايىھىنىڭ تەپسىلىي مەزمۇنى ۋە يىغىنغا قاتناشقان ئىسلام جەمئىيەتلىرىنىڭ ئىسمى تىلغا ئېلىنمىغان. خىتاي «يەر شارى ۋاقتى گېزىتى» نىڭ 6‏-يانۋار خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، خىتاينىڭ ئىسلامنى «خىتايلاشتۇرۇش» ھەققىدىكى 5 يىللىق پىلانىنىڭ مەقسىتى ئىسلامنىڭ ئىبادەت شەكلىنى خىتاي بىلەن ماسلاشتۇرۇشكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى 2017‏-يىلى 4‏-ئايدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ «دىنىي ئاشقۇنلۇقنى تۈگىتىش نىزامى» نى ماقۇللاپ، ئىسلامدىكى نۇرغۇن ئىبادەت ۋە دىنىي ئىپادىلەرنى ئەسەبىيلىك، دەپ چەكلىگەن. بۇنىڭدىكى بەزى چەكلىمىلەر يېقىندىن بېرى گەنسۇ، چىڭخەي، نىڭشيا، يۈننەن قاتارلىق تۇڭگانلار ئولتۇرۇشلۇق رايونلارغا كېڭىيىشكە باشلىغان ئىدى.

ئەل-جەزىرە تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، خىتاينىڭ يېڭى قانۇن ماقۇللاپ كەلگۈسى 5 يىل ئىچىدە ئىسلامنى «خىتايلاشتۇرۇپ بولۇش» پىلانى ئۇنىڭ دىنغا قانداق ئېتىقاد قىلىش توغرىسىدا بەرگەن يەنە بىر كۆرسەتمىسى ئىكەن. ئەل-جەزىرەنىڭ خەۋىرىدە، ئىسلامنىڭ خىتايدىكى بەزى رايونلاردا چەكلەنگەنلىكى، ناماز ئوقۇغان، روزا تۇتقان، ساقال قويغان شەخسلەرنىڭ، ھىجاپلانغان نۇرغۇن مۇسۇلمان ئاياللىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىش خەۋپىگە ئۇچرىغانلىقى، بىر مىليوندەك مۇسۇلمان ئۇيغۇرنىڭ يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قامىلىپ، ئۆز دىنىي ئېتىقادىنى ئەيىبلەشكە مەجبۇرلانغانلىقى، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ خىتاينى «ئېتنىك تازىلاش ئېلىپ بارماقتا، دەپ ئەيىبلەۋاتقانلىقى تەكىتلەنگەن

https://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/islamni-xitaylashturush-01072019175110.html

Share
1725 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.