logo

trugen jacn

خىتاي ئامانلىق كۈچلىرى خىتاي-ۋېيتنام چېگراسىدا بىر ئۇيغۇرنى ئېتىپ ئۆلتۈردى

 

 

خىتاي ئامانلىق كۈچلىرى ئۆتكەن يەكشەنبە كۈنى گۇاڭشىنىڭ ۋىيېتنام چېگراسىدىكى پىڭشياڭ بازىرىدا 22 ئۇيغۇر يولۇچىنى توسۇپ، ئۇلاردىن بىر كىشىنى ئېتىۋەتكەن،
قالغانلىرىنى قولغا ئالغان. خىتاي ئاخباراتى ئۇلارنىڭ مىللىتىنى تىلغا ئالمىغان بولسىمۇ، بىراق چەتئەل ئاخباراتى ئۇلارنىڭ ۋىيېتنامغا ئۆتمەكچى بولغان ئۇيغۇر مۇساپىرلار بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى بۇ كىشىلەرنى «دىنىي ئاشقۇنلار گۇرۇھى» دەپ كۆرسىتىپ، ئۇلارنىڭ چېگرا ئاتلاپ ۋىيېتنامغا ئۆتمەكچى بولغانلىقىنى، بىراق خىتاي ئامانلىق كۈچلىرىنىڭ ئالغان ئۇچۇرغا ئاساسەن مەخسۇس گۇرۇپپا تەشكىللەپ، ئۇلارغا پىستىرما قۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، پىستىرمىدا ئامانلىق كۈچلىرىگە پىچاقلىق ھۇجۇم قىلىپ، بىر ساقچىنى يارىلاندۇرغان بىر كىشى ئېتىپ تاشلانغان. بىراق خىتاي ئاخباراتى بۇ 22 ئۇيغۇرنىڭ سالاھىيىتى، يېشى، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئاياللار-بالىلارنىڭ بار-يوقلۇقى قاتارلىق كونكرېت ئەھۋاللار ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر بەرمىگەن.

كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىشلىتىۋاتقان سىياسىي، دىنىي بېسىمى نۇرغۇن ئۇيغۇرلارنى چەتئەلگە قېچىشقا مەجبۇرلىغان.

Share
1568 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.