logo

trugen jacn

خىتاي ئامانلىق كۈچلىرى خوتەندە يەنە 9 ئۇيغۇرنى قەتلى قىلغان

635425290887616289

 ئەركىن

جۈمە كۈنى، خىتاي ئامانلىق كۈچلىرى خوتەننىڭ قاراقاش ناھىيىسىگە قاراشلىق پۇچاقچى يېزىسىدا بىر ئۆيگە ھۇجۇم قىلىپ، ئۇيغۇرلاردىن 9 كىشىنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن، بىر كىشىنى ئەسىر ئالغان.

خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقى ۋەقەنىڭ جۈمە كۈنى سائەت 12‏ دىن سەل ئۆتكەندە يۈز بەرگەنلىكىنى، خىتاي ئامانلىق كۈچلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار توپلانغان بىر ئۆينى قورشىۋېلىپ، قارشىلىق قىلغان ئۇيغۇرلارنى ئوققا تۇتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. خەۋەردە، ئوققا تۇتۇپ ئۆلتۈرۈلگەن ئۇيغۇرلارنى «تېررورلۇق» گۇماندارلىرى، دەپ كۆرسەتكەن.

7‏-ئىيۇل، مەزكۇر يېزىنىڭ پارتىيە سېكرېتارى ھۇجۇمغا ئۇچراپ ئېغىر يارىلانغان، ئايالى ئۆلتۈرۈلگەن.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ساقچىلار 27‏-ئىيۇل باشقا بىر «تېررورلۇق» دېلوسىنى تەكشۈرۈۋېتىپ، بۇ ئۆيدىكى ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار ئۇچۇر تاپشۇرۇۋالغان ۋە ئۆيدىكىلەرگە ھۇجۇم قىلغان.

جۈمە كۈنكى بۇ ۋەقە قەشقەردە ۋەزىيەت ئىنتايىن كەسكىنلىشىپ كەتكەن بىر مەزگىلدە يۈز بەرگەن. خىتاي بۇ ۋەقەدىن بىر قانچە كۈن ئاۋۋال ھەربىي قىسىملىرىنى ئىشقا سېلىپ، يەركەنت ناھىيىسىنىڭ ئېلىشقۇ يېزىسىغا قاراشلىق بىر قانچە كەنتتە قىرغىنچىلىق ئېلىپ بارغان. يەرلىك خادىملار ۋەقەدە ئاز دېگەندە 120 كىشى ئۆلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي ئاخباراتى جۈمە كۈنى قاراقاشنىڭ پۇچاقچى يېزىسىدا يۈز بەرگەن قەتلىئامدا ئۆلگەنلەرنى «تېررورلۇق گۇماندارى» دەپ كۆرسەتكەن بولسىمۇ، بىراق ئۇلارنىڭ قانداق «تېررورلۇق» ۋەقەسىگە چېتىلغان «گۇماندارلار» ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالمىغان

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/xoten-weziyiti-08012014173255.html

Share
1766 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.