logo

trugen jacn

خىتاي ئامانلىق كۈچلىرى توقسۇ ناھىيەسىنىڭ تاشئېرىق قاتارلىق يېزىلىرىدا بىر تۈركۈم ئۇيغۇرنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن

b2f66a6a-161e-488e-a49b-e23e63a12069

 ئەركىن

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

يەرلىك ئۇچۇر مەنبەئەلىرىنىڭ رادىئومىزغا بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ئامانلىق كۈچلىرى روزا ھېيت ھارپىسىدا ئاقسۇنىڭ توقسۇ ناھىيىسى تاشئېرىق يېزىسىغا قاراشلىق يېڭىئاۋات كەنتى بىلەن، يۇلتۇزباغ يېزىسىغا قاراشلىق غولئېرىق كەنتلىرىدە، ئىككى ئائىلىگە قوراللىق باسقۇن ئېلىپ بارغان. 25‏-ئىيۇل ئېلىپ بېرىلغان يېڭىئاۋات كەنتىدىكى قوراللىق باسقۇندا ئاز دېگەندە 11 كىشى ئۆلتۈرۈلگەنلىكى، 28‏-ئىيۇل ئېلىپ بېرىلغان غولئېرىق كەنتىدىكى قوراللىق باسقۇندا بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ قەتلىئام قىلىنغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە

بۇ ھەقتىكى ئۇچۇردا، بۇ ئائىلىگە قارىتىلغان باسقۇندا 6 نارەسىدە بالا ۋە 80 ياشلىق بىر موماينىڭ يېتىم قالغانلىقى قەيت قىلىنغان بولسىمۇ، بىراق بۇ ئائىلىدىكى قەتلىئام قىلىنغان كىشىلەرنىڭ سانى توغرىلىق مەلۇمات بېرىلمىگەن

بىز يەرلىك دائىرىلەرگە تېلېفون قىلىپ، ۋەقەنىڭ تەپسىلاتىنى سۈرۈشتۇردۇق. ساقچى تەرەپ يېڭىئاۋات كەنتىدە ۋەقە يۈز بەرگەنلىكىنى ۋە ۋەقەدە ئادەم ئۆلگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان بولسىمۇ، بىراق يېڭىئاۋات كەنتىدە يۈز بەرگەن ۋەقەنىڭ ۋاقتى بىلەن، يەنە بىر ۋەقەنىڭ ئورنى توغرىلىق زىددىيەتلىك ئۇچۇرلارنى بەردى. تاشئېرىق يېزىسىدىكى خىتاي ساقچى پونكىتىنىڭ بىر ياردەمچى خادىمى يېڭىئاۋات كەنتىدىكى ۋەقەنىڭ 24‏- ئىيۇل يۈز بەرگەنلىكىنى، 28‏-ئىيۇلدىكى ۋەقەنىڭ بولسا ئۆگەن يېزىسىدا يۈز بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى

لېكىن، مەزكۇر ساقچى ۋەقەنىڭ تەپسىلاتى ھەققىدە تەپسىلىي ئۇچۇر بېرىشنى رەت قىلغاچقا، ئۆگەن يېزىسى بىلەن يۇلتۇزباغ يېزىسىدىكى ۋەقەنىڭ ئوخشاش بىر كۈندە يۈز بەرگەن ئىككى ئايرىم ۋەقە ياكى ئىككىسى بىر ۋەقە بولۇپ، ئورنى ئالمىشىپ قالغانلىقىنى ئېنىقلاشقا ئىمكانىيەت بولمىدى

مۇخبىر : بۇ تاشئېرىق ساقچى پونكىتىمۇ؟
ياردەمچى ساقچى: ھە ئە! شۇنداق.
مۇخبىر 25 :-ئىيۇل سىلەرنىڭ تاشېرىق يېڭىئاۋاتتا يۈز بەرگەن ۋەقەدە ھازىرغىچە ئۆلگەنلەر 11 ئادەممۇ، 12 ئادەممۇ؟ بەزىلەر 11 دەيدۇ، بەزىلەر 12 دەيدۇ ئۆلگەنلەرنى؟
ياردەمچى ساقچى: يېڭى ئاۋاتتىكىنى دەمسىز؟
مۇخبىر : ھە ئە ! شۇنداق.
ياردەمچى ساقچى: يېڭى ئاۋاتتىكى جەمئىي بولۇپ……. ئاۋۇ ئۆگەن يېزىسىنىڭكى………. توختاپ تۇرۇڭ، سوجاڭغا بېرەي‏- ھە
مۇخبىر: ئۆگەن يېزىسىدىكى بىلەن ئايرىم ۋەقەمۇ بۇ؟
ياردەمچى ساقچى: ھە ئە ! ئايرىم، بۇ يېڭىئاۋات تاش ئېرىق يېزىسىدىكى بىلەن ئۆگەن يېزىسىدىكى ئايرىم.
مۇخبىر: ئۆگەن يېزىسىدا ئۆلگەنلەردىن قانچىسى بار، ئۆلگەنلەردىن؟
ياردەمچى ساقچى: ئۇنىڭغا بىر نېمە دېگىلى بولمايدۇ، تېلېفوننى سوجاڭغا بېرەي ھە!
مۇخبىر : يېڭى ئاۋاتتىچۇ؟
ياردەمچى ساقچى: تېلېفوننى سوجاڭغا بېرەيمۇ؟
مۇخبىر: ماۋۇ يېڭى ئاۋاتتىكى ۋەقە 25‏-ئىيۇل يۈز بەردىمۇ، 26‏- ئىيۇل يۈز بەردىمۇ؟
ياردەمچى ساقچى : تېلېفوننى سوجاڭغا بېرەي، شۇنىڭ بىلەن پاراڭلاشسىلا؟

مەزكۇر ياردەمچى ساقچى خادىمى تېلېفوننى يېنىدىكى يەنە باشقا بىر ياردەمچى ساقچىغا بەردى. بۇ ياردەمچى ساقچى يېڭىئاۋاتتىكى ۋەقەنىڭ 24‏-ئىيۇل يۈز بەرگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ئۇنىڭغا دائىر كونكرېت ئۇچۇرلارنى ساقچى پونكىتىنىڭ باشلىقىغا تېلېفون قىلىپ سورىشىمىزنى تەلەپ قىلدى.

مۇخبىر: ياخشىمۇسىز؟
ياردەمچى ساقچى : 2 ياخشى
مۇخبىر: ماۋۇ سىلەرنىڭ ئۆلگەن 11-12 ئادەم ئۆگەندە ئۆلگەنلەرمۇ ياكى يېڭىئاۋاتتىكى ۋەقەدە ئۆلگەنلەرمۇ؟
ياردەمچى ساقچى : 2 ئۇنى بىز ئۇقمىدۇق. باشلىققا تېلېفون قىلسىلا بولاتتى؟ باشلىقتىن سورىسىلا؟
مۇخبىر: باشلىقتىنمۇ سوراي، بىراق 24‏-ئىيۇل يۈز بەردىمۇ ياكى 25‏-ئىيۇل يۈز بەردىمۇ، ماۋۇ يېڭىئاۋاتتىكى ۋەقە؟
ياردەمچى ساقچى 24 : 2‏-ئىيۇل
مۇخبىر: ئۇلار نېمە قىلغانتى شۇنچىلىك؟
ياردەمچى ساقچى 24 : 2‏- ئىيۇل بولغانلىقىنى ئۇقىمىز. لېكىن بىز بۇ يەردە ياردەمچى ساقچى. نەق مەيدانغا رەسمىي ساقچىلار چىققان. ئۇنى بىزگە دېمەيدىكەن شۇ. سىلى ئاشۇ باشلىققا تېلېفون قىلسىلا بولاتتى
مۇخبىر: كىم ئۇ باشلىقنىڭ ئىسمى؟
ياردەمچى ساقچى : 2 شىڭ جىڭگو

بىز شۇ كۈنى يەنە تاشئېرىق ساقچى پونكىتىنىڭ باشلىقى شىڭ جىڭگوغا تېلېفون قىلدۇق. بىراق ئۇ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ياكى ۋىلايەتلىك ساقچى ئورگانلىرىغا تېلېفون قىلىشىمىزنى تەۋسىيە قىلىپ، سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلدى

شى جىڭگو: ۋەي ياخشىمۇسىز. بۇ تاشئېرىق ساقچى پونكىتى؟
مۇخبىر: مەن پەقەت سىلەرنىڭ 24‏-ئىيۇل يۈز بەرگەن ئېتىش ۋەقەسىنى ئۇقۇپ باقاي دەپ تېلېفون قىلغان. جەمئىي قانچە ئادەم ئۆلتۈرۈلدى؟ 11 مۇ 12 مۇ؟
شىڭ جىڭگو: سەن ئاپتونوم رايون ياكى ۋىلايەتكە تېلېفون قىلىپ باقساڭ بولامدۇ؟
مۇخبىر: بۇ كىشىلەر يەرلىك ئاھالىمۇ ياكى سىرتتىن كەلگەن كىشىلەرمۇ؟
شىڭ جىڭگو: مەن يەنىلا شۇنى دەيمەن. ئاپتونوم رايون بىلەن ياكى ۋىلايەت بىلەن ئالاقىلىشىپ باق. بىزنىڭ مەخسۇس تەشۋىقات ئورگانلىرىمىز بار. بولامدۇ

بۇ ۋەقە، خىتاي ئامانلىق كۈچلىرىنىڭ روزا ھېيت مەزگىلىدە ئۇيغۇرلارنى نىشان قىلىپ ئېلىپ بارغان 3‏-قانلىق باستۇرۇش ھەرىكىتى. خىتاي ھۆكۈمىتى 28‏-ئىيۇل كۈنى يەكەننىڭ ئېلىشقۇ، خاڭدى يېزىلىرىدا يۈز بەرگەن ۋەقەدە، 98 ئادەم ئۆلگەنلىكىنى ئېلان قىلىپ، ۋەقەنى «تېررورچىلار»غا ئارتقان. بىراق يەرلىك ئاھالىلەر ۋە د ئۇ ق خىتاي ئامانلىق كۈچلىرىنىڭ قانلىق باستۇرۇش ئېلىپ بېرىپ، 2000-3000 ئۇيغۇرنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى، بەزى كەنتلەردە ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ ئازىيىپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە. بىراق بۇ ساننىڭ توغرا -خاتالىقى مۇستەقىل ئورگانلار تەرىپىدىن دەلىللەنمىدى

لېكىن، د ئۇ ق بايانارچىسى دىلشات رىشىت خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئىلىدا ئېلىپ بارغان باستۇرۇش ھەرىكىتىنى « ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ تەنقىد قىلىپ، دائىرىلەرنىڭ يەكەن ئېلىشقۇ، خاڭدى يېزىلىرىدا ئېلىپ بېرىلغان قىرغىنچىلىقنى يېپىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى

دىلشات رىشىت مۇنداق دېدى: خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا ئوچۇق-ئاشكارا ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتى يۈرگۈزۈۋاتىدۇ. خالىغان ئىنساننى ئاتالمىش گۇماندار، دەپلا ئېتىپ تاشلايدىغان ناھايىتى شىددەتلىك بىر خىل زەربە بېرىش سىياسىتى ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. بۇ، خەلقئارا قانۇنغا ۋە خىتاينىڭ ئۆزىنىڭ قانۇنىغىمۇ ئېغىر دەرىجىدە خىلاپ مەسىلە. ئوچۇق-ئاشكارا ئىرقىي قىرغىنچىلىق. ئاقسۇ، خوتەن ۋە قەشقەردە يۈز بەرگەن بۇ ۋەقەلەرگە، يۈرگۈزۈۋاتقان بۇ سىياسەتكە خىتاي بىۋاسىتە جاۋاب بېرىشى كېرەك

دىلشات رىشىت يەنە، خەلقئارا جەمئىيەتنى ئۇيغۇر ئىلىدىكى قىرغىنچىلىق ئۈستىدىن تەرەپسىز ۋە مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا چاقىردى

ئۇ مۇنداق دېدى: خىتاي ۋەتەن ئىچىدە يۈز بەرگەن توقۇنۇشلارنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالى ۋە ئۇچۇرلارنى توساۋاتىدۇ. ئەلۋەتتە، بىز قۇرۇلتاي خەلقئاراغا جىددىت مۇراجىئەت قىلدۇق. خىتاي ۋەتەن ئىچىدە يۈز بەرگەن توقۇنۇشنىڭ ھەر قاندىقىنى بۇرمىلاپ كېلىۋاتىدۇ. ئەلۋەتتە، بىزنىڭ تەلىپىمىز ناھايىتى ئوچۇق. خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تەرەپسىز ھالدا ۋەتىنىمىزگە بېرىپ، شۇ جايدا يۈز بەرگەن ۋەقەنىڭ ئالدى-كەينى، ئۆلگەن-يارىلانغان ئىنسانلارنىڭ تەپسىلىي سانىنى تەرەپسىز ھالدا تەكشۈرۈشىنى دۇنياغا مۇراجىئەت قىلىۋاتىمىز، مۇراجىتىمىزنى داۋاملاشتۇرىمىز

خىتاي ئامانلىق كۈچلىرىنىڭ 1‏-ئاۋغۇست كۈنى خوتەن قاراقاش ناھىيىسىگە قاراشلىق پۇرچاقچى يېزىسىدىكى بىر ئۆيگە قىلغان ھۇجۇمىدا يەنە، 9 نەپەر ئۇيغۇر ئۆلتۈرۈلگەن. خىتاي ئاخباراتى خىتاي ئامانلىق ئورگانلىرىنىڭ 27‏-ئىيۇل باشقا بىر دېلوسىنى تەكشۈرۈۋېتىپ، پۇرچاقچى يېزىسىدىكى بىر ئۆيگە گۇمانلىق كىشىلەرنىڭ توپلانغانلىقىغا دائىر ئۇچۇرغا ئېرىشكەنلىكىنى، قوراللىق ساقچىلارنىڭ بۇ ئۇچۇرغا ئاساسەن بۇ ئۆيگە باسقۇن ئېلىپ بارغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. بىراق باسقۇنغا ئۇچرىغانلارنىڭ كونكرېت ئەھۋالى ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر بەرمىگەن

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/toqsu-weqesi-08042014165108.html

 

Share
1918 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.