logo

trugen jacn

خىتاي ئامانلىق دائىرىلىرى تەييۈەن شەھىرىدە «ھىجرەت» ناملىق بىر تەشكىلاتنىڭ ئەزالىرىنى قولغا ئالغان

ffc9cace-fdce-4717-b0b5-5b512e5f4bd4

ئەركىن

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

سەنشى ج خ نازارىتى دۈشەنبە كۈنى بىر «تېررورلۇق» تەشكىلاتىنىڭ ئابدۇكېرىم ئابدۇغوپۇر، ئابلىكىم، تۇرەخمەت قاتارلىق 4 نەپەر ئەزاسىنى قولغا ئالغانلىقىنى ئېلان قىلدى. سەنشى ج خ نازارىتىنىڭ خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىگە بىلدۈرۈشىچە، بۇ تۆتەيلەن «ھىجرەت» ناملىق بىر تېررورلۇق تەشكىلاتنىڭ ئەزالىرىكەن. ئۇلار تەييۈەنگە سەنشى ئۆلكىسىدە تېررورلۇق ھۇجۇمى ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن كەلگەن.

ئابدۇكېرىم ئابدۇغوپۇر قاتارلىق 4 كىشى دۈشەنبە كۈنى قولغا ئېلىنىشتىن ئاۋۋال سەنشى ئۆلكىسى ئۇلارغا تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغان. تەييۈەن تۆمۈريول ج خ باشقارمىسى ئېلان قىلغان تۇتۇش بۇيرۇقىدا كۆرسىتىلىشىچە، سەنشى ئۆلكىلىك ج خ نازارىتىنىڭ نازىرى ليۇ جيې ئامانلىق دائىرىلىرىگە ئۇ تۆتەيلەننى «كۆرگەن يەردە قولغا ئېلىش» نى بۇيرۇغان.

تۇتۇش بۇيرۇقىدا، ئۇلارنىڭ كىملىك كىنىشكىسى ئېلان قىلىنغان. تۇتقۇنلارنىڭ كىملىكىدىن قارىغاندا، ئۇلارنىڭ 3 نەپىرىنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكى، ئۇلارنىڭ بىرىنىڭ يۇرتى ئاۋات، يەنە بىرىنىڭ قاغىلىق ئىكەنلىكى مەلۇم. ئەمما خىتاي ئاخباراتى 4‏-كىشىنىڭ كىملىكى ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇمات بەرمىگەن.

بىز شۇ مۇناسىۋەت بىلەن سەنشى ج خ نازارىتى، تەييۈەن شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسى ۋە تۆمۈريول ساقچى باشقارمىسىغا تېلېفون قىلدۇق. ئەمما بۇ ئورۇنلار تېلېفونىمىزنى ئالمىدى. تەييۈەن چېجەن بېكىتى تۆمۈر يول ساقچى پونكىتىنىڭ بىر خادىمى بولسا ئۆزىنىڭ ئۇنداق بىر ۋەقەنى ئاڭلاپ باقمىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ساقچى: بۇ ئەھۋالنى مەن بىلمەيدىكەنمەن. سىز قايسى تۇتۇش بۇيرۇقىنى دەۋاتىسىز. بايا سىز دېگەن ئۇ ۋەقە قايسى ۋەقەكىنتاڭ. مەن ئۇنداق بىر ۋەقە بولغانلىقىنى ئاڭلاپ باقماپتىمەن.

مۇخبىر: بۇ كىشىلەر شىنجاڭلىق ئۇيغۇرلار ئوخشايدۇ. بىزنىڭ قولىمىزدا تەييۈەن تۆمۈر يول ساقچى ئىدارىسىنىڭ چىقارغان جىددىي تۇتۇش بۇيرۇقى بار. سىز بۇنىڭغا دائىر ھېچقانداق بىر تۇتۇش بۇيرۇقى بارلىقىنى ئاڭلاپ باقمىدىڭىزما؟

ساقچى: تۇتۇش بۇيرۇقى، مەن ئۇنداق تۇتۇش بۇيرۇقىنى ئاڭلاپ باقمىدىم. بىز چېجەن ساقچى پونكىتى. بىز ئۇنداق تۇتۇش بۇيرۇقى تاپشۇرۇۋالمىدۇق. بۇ ئىشتىن ھەقىقەتەن خەۋىرىم يوق ئىكەن. ئەپۇ قىلىڭ، مەن ھەقىقەتەن بۇ ئىشنى بىلمەيدىكەنمەن.

سەنشى ئۆلكىلىك ج خ نازارىتى تۇتۇش بۇيرۇقىدا يەنە، ئالاقىدار ئورۇنلارنى تېررورلۇق ھۇجۇمى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇپ، تۆمۈر يول، سودا ساراي، مېھمانخانا، قاتناش تۈگۈنلىرىدە ئامانلىقنى كۈچەيتىشكە بۇيرۇغان.

تەييۈەن شەھىرىدىكى ۋىيانا مېھمانخانىسىنىڭ كەچلىك نۆۋەتچى خادىمى «شىنجاڭلىق قۇناقلار» غا باشلىقىنىڭ رۇخسىتىسىز ياتاق بېرىلمەيدىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. ئۇنىڭ قەيت قىلىشىچە، ج خ ئورگانلىرىنىڭ «شىنجاڭلىق قوناقلار» غا ياتاق بەرمەسلىك، دېگەن ئۇقتۇرۇشى يوق، ئەمما «شىنجاڭلىقلار» كەلسە سەگەك بولۇش، دېگەن ئۇقتۇرۇشى بار.

نۆۋەتچى: شىنجاڭلىق ئۇيغۇر دېدىڭىزمۇ، بۇ… بولۇشى كېرەك. چۈنكى، مەن يېڭى ئىشقا كىرگەن. مېھمان قوبۇل قىلىش مەسىلىسىنى تازا بىلىپ كەتمەيمەن.

مۇخبىر: نۇرغۇن مېھمانخانىلارغا ج خ تارماقلىرىنىڭ ئۇقتۇرۇشى بار. شىنجاڭ كىملىكى بارلار، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلار ياتاق ئالغاندا ئالاھىدە دىققەت قىلىش توغرىلىق؟

نۆۋەتچى: توغرا، توغرا، بىزنىڭ مېھمانخانىغىمۇ شۇنداق ئۇقتۇرۇش بار. ئېھتىمال بۇ ئۇقتۇرۇش مەن خىزمەتكە كىرىشتىن بۇرۇنلا بولسا كېرەك. مېنىڭ ئىشقا كىرگىنىمگە ئۇزۇن بولمىدى. ئۇ ئۇقتۇرۇشنىڭ تەپسىلىي ئەھۋالىنى مەن ياخشى بىلمەيمەن. مەن دېمەكچى، ئەگەر سىز ياتاق زاكاز قىلماقچى بولسىڭىز، بىزنىڭ دېرىكتورنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىش كېرەك. ئۇنىڭ خەۋىرى بولۇشى لازىم. ياتاق بېرىلمەيدۇ، دەيدىغان گەپ يوق، لېكىن بىز تېررورلۇق كۈچلىرىنىڭ پايدىلىنىشىدىن ئەندىشە قىلىمىز.

بۇ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ تۇنجى قېتىم خىتايدا «ھىجرەت»ناملىق بۇنداق غازاتچى تەشكىلاتنىڭ بارلىقىنى ئاشكارا تىلغا ئېلىشىدۇر. ساقچى تەرەپ خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىگە بەرگەن مەلۇماتىدا، «ھىجرەت» ئەزالىرىنىڭ تېررورلۇق ھۇجۇمغا تەييارلىق قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن، ئەمما ئۇلارنىڭ ھۇجۇم پىلانى، نىشانى، ئۇلاردىن ئولجا ئالغان تېررورلۇققا ئائىت ماددىي دەلىللەر ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر بەرمىگەن.

ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ۋەزىيەت ئانالىزچىسى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى، «ھىجرەت» ناملىق بۇنداق بىر تەشكىلاتنىڭ بارلىقىنى ئىلگىرى پەقەت ئاڭلاپ باقمىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىلشات ھەسەن: «ھازىرغا قەدەر ھېچكىم بىلمەيدۇ بۇنداق بىر تەشكىلاتنىڭ بارلىقىنى. شەخسەن مەن مۇشۇ جەھەتتىكى خەۋەرلەرگە، ھەتتا خىتاينىڭ ھەممە تور بەتلىرىگە كىرىپ، خىتاي ئۇقتۇرۇۋاتقان ئۇ تەشكىلات، بۇ تەشكىلات دېگەنلەرنى كۆرۈپ تۇرىمەن. ئەمما ھېچقانداق بىر يەردە ئۇنداق بىر تەشكىلاتنىڭ مەۋجۈتلۇقى تىلغا ئېلىنىپ باقمىغان» دېدى.

ئۇ يەنە، خىتاينىڭ بۇ خىل «تېررورلۇق» ۋەقەلىرىگە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى قاتتىق كونترول قىلىشى، خەلقئارادا ئۇنىڭ تېررورلۇققا قارشى ئۇرۇشىغا گۇمان پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئىلشات ھەسەن: «خىتاينىڭ ھازىرغا قەدەر مەيلى دەپ كېلىۋاتقان ش ت ئى ھ بولسۇن ياكى ھازىرقى بۇ ھىجرەت، دېگەن تەشكىلات بولسۇن، ھېچقايسىنىڭ بىر تەپسىلاتى يوق. ئۇلارنىڭ رەھبىرى كىم، قاچان قۇرۇلغان، قەيەردە قۇرۇلغان، مەقسەت نېمە، ھېچقانداق ئارقا كۆرۈنۈشى يوق. شۇڭا، خەلقئارانىڭ خىتاي تېررورلۇق، دېگەن، ئۇيغۇرغا چېتىشلىق ھەرقانداق بىر نەرسىگە گۇمان بىلەن قاراشتىكى ئاساسلىق سەۋەب. ئۇ ئاخباراتنى كونترول قىلغاچقا، ھېچكىمگە ھېچقانداق نەرسىنى تەكشۈرۈشكە يول قويمىغاچقا، مۇخبىرلارنىڭ ئەركىن زىيارەت قىلىشنى چەكلىگەچكە ئۇ كۆتۈرۈپ چىققان بۇنداق تومتاق نەرسىلەرگە باشقىلار گۇمان قىلماي تۇرالمايدۇ.
چۈنكى، ئۇنىڭ ئۆزىدىن باشقا ئادەم بۇنىڭغا بىرەر ئىسپات كۆتۈرۈپ چىقالمىغان ياكى تەكشۈرەلمىگەن. ھەرقانداق بىر ئادەم بىرسىنى قارىلىسا، ئۇنىڭغا ئىسپاتنى كۆرسىتىش كېرەك. يەنە بىر 3‏-ئادەم تەكشۈرۈپ، ئۇ ئىسپاتلىسا، دەلىللىسە، ئۇ قارىلاش ھەقىقىي راستقا ئايلىنالايدۇ» دېدى.

خىتاي ئاخباراتىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، «ھىجرەت»ناملىق بۇ تەشكىلات ئۇيغۇر رايونىدا پائالىيەت قىلىدىغان رادىكال دىنىي گۇرۇھكەن. خىتاي ئاخباراتى بۇ گۇرۇھنىڭ ئاللاھ يولىدا يۇرت-ماكان، مال ‏- مۈلكىنى تاشلاپ، مۇھاجىر ئەللەردە غازات قىلىشنى تەشەببۇس قىلىدىغان رادىكال دىنىي تەشكىلات ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئەمما ئۇنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە ھېچقانداق تەپسىلىي ئۇچۇر بەرمىگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ ش ت ئى ھ نىڭ تېررورلۇق ھۇجۇمىغا ئۇچراپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلقئارا جەمئىيەتنى ئۇنىڭ تېررورلۇققا قارشى كۈرىشىنى قوللىشىنى تەلەپ قىلىپ كەلگەن ئىدى.

ئەمما كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى خىتاينىڭ تېررورلۇق بىلەن سىياسىي ئۆكتىچىلىكنى ئايرىماي، قارا-قويۇق باستۇرۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلدى

 

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/qanun/uyghur-hijret-12072015135226.html

Share
1560 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.