logo

trugen jacn

خىتاينىڭ 500 مىليارد دوللارلىق قوزغاتقۇچ پۇل سىياسىتى نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟

ئوسمان قازى
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

خىتاي زۇۋانى ھىساپلىنىدىغان شىنخۇا ئاگىنتلىقى ئالدىنقى ھەپتە مەملىكەت مىقياسىدا 5.3 مىليوندىن ئارتۇق يىڭى ئۆي قۇرۇلىشى ئىلىپ بىرىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. بۇ غايەت زورقۇرۇلۇش تۈرىنى خىتاي خەلق بانكىسى بىسىپ چىقىرىدىغان 3.2تىرلىيۇن يۈەن (500مىليارد دوللار)ئارقىلىق ئىلىپ بارىدىكەن. ئۇنداقتا خىتاينىڭ بۇنچە زور كۆلەمدىكى بوشىتىلغان پۇل سىياسىتى نىمىدىن دىرەك بىرىدۇ؟

ئەنگىلىيەنىڭ سابىق ئايال باش ۋەزىرى ساچىر خانىمنىڭ مۇنداق مەشھۇر بايانى بار.“ھۆكۈمەتنىڭ پۇل مەنبەسى بولمايدۇ، ئۇ خىراجەتنى ئاشۇرماقچى بولسا يا بانكىغا زاپاس قويغانلارنىڭ پۇلىغا ھەمتاۋاق بولىدۇ، يا باجنى ئاشۇرۇش ئارقىلىق باشقىلارنىڭ يەنچۇقىدىن كولايدۇ. ئۇ باشقىلار دەل سىلەر. ئومۇمنىڭ پۇلى دەيدىغان پۇل يوق، پەقەت باج تاپشۇرغۇچىلارنىڭ پۇلى بار”. خىتاي بۇ قېتىم دەل خىتاي خەلقىنىڭ بانكىدا ساقلىغان پۇللىرىغا ھەمتاۋاق بولماقچى.
ئادەتتە ھۆكۈمەت خىراجەت ئۈچۈن ئۈچ خىل ئۇسۇلدا مەبلەغ توپلايدۇ. بىرىنجىسى سىرىتتىن قەرز ئالىدۇ. ئىككىنجىسى باجنى كۆپەيتىدۇ. ئۈچىنجىسى مەركىزى بانكا پۇل باسىدۇ. بىرىنجى ۋە ئىككىنجى خىل ئۇسۇل نۆۋەتتە خىتاي ئەھۋالىغا ماس كەلمەيدۇ. چۈنكى سىرىتتىن قەرز ئالسا، ئادەتتە دوللار ئارقىلىق قەرز ئالغاچقا، دوللار بىلەن قايتۇرىدۇ. بۇنداق بولغاندا خىتاينىڭ تاشقى قەرزى كۆپىيىپ، قەرز كىرزىسىغا تىخىمۇ پىتىپ قالىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە خەلق پۇلىغا بىسىم چۈشۈپ قالىدۇ . ئەگەر باجنى كۆپەيىتسە،ئاستىلاۋاتقان ئىقتىسادىغا سوغۇق سۇ سەپكەنلىك بولىدۇ. شۇڭا، خىتاي كومىنىست ھۆكىمىتى دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرگەندىن بىرى قوللىنىۋاتقان پۇل بىسىپ، خىراجەت قىلىش تاكتىكىسىنى بۇ قېتىم يەنە قوللانماقچى، شۇ ئارقىلىق ئاستىلاۋاتقان ئىقتىسادىنى جانلاندۇرماقچى . نۆۋەتتە پۇل سىياسىتىنى بوشىتىۋاتقان چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدىلەردىن پەقەت خىتاي بار. ئۇنداقتا خىتاينى پۇل سىياسىتىنى بوشىتىشقا نىمە سەۋەپ قىلدى؟

بىرىنچىدىن، ئەسلىدىنلا ئاستىلاۋاتقان ئىقتىسادىيغا ئامېرىكا بىلەن بولىۋاتقان سودا ئۇرىشىنىڭ سەلبى تەسىرىنىڭ ئالدىنى ئىلىش. ئىقتىسادتا ئۇچماقنىڭ چۈشمىكى بار دەپ بىر ھىكىمەت بار. خىتاي دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرگەندىن بىرى ئىقتىسادىي ئىككى رەقەم بويىچە ئىشىپ كەلگەن. ئەمما يىقىنقى يىللار مابەينىدە، بولۇپمۇ شى جىنپىڭ ۋەزىپىگە چىقىشنىڭ ئالدى -كەينىدە خىتايدىكى ئىقتىسادى ئىشىش ئاستىلاشقا باشلىدى. تۆۋەندىكى دۇنيا بانكىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدىن مەلۇم بولىشىچە، خىتاي ئىقتىسادىي 2010-يىلىدىن باشلاپ ئىككى رەقەملىك ئىشىشتىن ئاستىلاپ، تاكى بۇيىلگە كەلگۈچە6.9%قا چۈشۈپ قالغان. خىتاي نۇقۇل ئىقتىسادىي ئىشىشنى كۆزلەپ، سانلىق مەلۇماتلارنى كۆپتۈرۈپ يوللايدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلگەچكە، بەزى ئىقتىسادشۇناسلار نۆۋەتتىكى خىتاينىڭ ئىقتىسادىي ئىشىش نىسبىتى 3.5%~4.5% ئەتراپىدا دەپ قارايدۇ.ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەرقايسى ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتلەرگە GDPنى ئاشۇرۇش سىلىقى چۈشكەچكە، ۋەزىپىسىنى ئورۇنداش ئۈچۈن توختىماي قەرز ئىلىپ، خىراجەت قىلىشقا مەجبۇر بولغان.ئۇلار ئاساسلىقى ئۆي-مۈلۈك ساھەسىگە مەبلەغ سالغان. نەتىجىدە نۇرغۇن شەھەرلەردە ئەرۋاھ بىنالار، ھەتتا ئەرۋاھ ناھىيە-بازارلار شەكىللەنگەن. بۇلارغا سىلىنغان مەبلەغ قايتۇرۇلمىغاچقا يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ قەرزى يىلدىن- يىلغا ئىشىپ، خىتاي دۆلىتىنى ئىقتىسادىي كىرىزىسقا سۆرەپ كىرىش دەرىجىسىگە كەلدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە P2Pقەرزى ۋە كارخانا قەرزى بۇ كىرىزىسنى ئىغىرلاشتۇرۇپ ، خىتاي ئىقتىسادىنى تىك ھاڭغا قىستاپ ئەكەلدى. بۇنىڭ ئالدىنى ئىلىش ھەمدە ئىقتىسادنى جانلاندۇرۇش مەقسىتىدە ،شى جىنپىڭ تەخىتكە چىقىپ “بىر يىل، بىرل بەلۋاغ ”قۇرۇلىشىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئەمما تىرامپنىڭ سابىق ئامېرىكا پىرىزدىنتلىرىغا ئوخشىمايدىغان يول تۇتىشىنى خىتاي ئىقتىسادشۇناسلىرى ۋە ئاقىللىرى مۆلچەرلىيەلمىگەچكە، نۇقۇل ئوڭۇشسىزلىقا ئۇچراۋاتقان“بىر يول، بىر بەلۋاغ” قۇرۇلىشى بىلەنلا ئىقتىسادنى قوزغىتالمايدىغانلىقىنى تونۇپ يەتتى. نەتىجىدە سودا ئۇرىشىنىڭ سەلبىي تەسىرىنى چەتنەشتۈرۈش قەستىدە، خىتاي خەلق بانكىسى 500مىليارد دوللار قېممىتىدە پۇل باسماقچى بولاۋاتىدۇ . خەلق پۇلى ئالتۇنغا تىرەلمىگەچكە، بۇ ئەمىلىيەتتە خىتاي خەلقىنىڭ بانكىدا ساقلىغان پۇلىنىڭ قېممىتىنى خورىتىدۇ خالاس. مىسالەن، ئىش-خىزمەتچىلەرنىڭ مۇئاشى ئۆسكىنى يالغان كۆپۈك بولۇپ، پەقەت ئەسلى مائاشىغا قەغەزدىن پۇل بىسىپ تارقىتىپ بەردى. مائاشنىڭ قوشۇلىشى سودىگەر-تىجارەتچىلەرگە سىگىنال بولۇپ، ئۇلارمۇ دەرھال مال-باھاسىنى ئۆستۈرۈپ ئالمىغان -بەرمىگەن بولىدۇ. ئەمما خىتاينىڭ GDPسى ئاشىدۇ. زىياننى پۇقرالار تارتىدۇ.

ئىككىنچىدىن ئىجدىمائىي مۇقۇملۇقنى ساقلاش . خىتاي كومىنىست ھاكىمىيتىنىڭ ھازىرغىچە ھوقۇقنى تۇتۇپ تۇرىشىدىكى بىردىنبىر ئامىل ئىقتىسادىي ئامىل، بولۇپمۇ ئۆي-مۈلۈك ساھەسى. خىتاي ئۆي-مۈلۈك ساھەسى ئارقىلىق ئىقتىسادنىڭ ئىشىشنى ساقلاپ قالمايدىكەن، پۇقرالارغا ئىقتىسادنىڭ ئاجىزلاشقانلىقىنى ھىس قىلدۇرىدىكەن، خىتاينىڭ مىسلىسىز ور مەبلەغ بىلەن ساقلاۋاتقان ئىجدىمائىي مۇقۇملىقىغا تەسىر يىتىدۇ. نۆۋەتتە خىتاي كومىنىست ھۆكىمىتى ساياھەتچىلىكنى گۈللەندۈرۈش سىياسىتى ئارقىلىق ئىقتىسادىنىڭ“ياخشى” كىتىپ بارغانلىقىنى تەشۋىق قىلىۋاتىدۇ. بۇ سىياسەت يەنە شەرقىي تۈركىستاندىمۇ قوللىنىۋاتقان بولۇپ، قورچاق“شىنجاڭ” ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى توختىماي ساياھەتچىلىكنىڭ راۋاجلاندۇرۇلغانلىقىنى پەش قىلماقتا، بۇ ئارقىلىق ئىقتىسادنىڭمۇ جايىدا كىتىپ بارغانلىقىنى تەشۋىق قىلماقتا. شىنخۇا تورىغا ئاساسلانغاندا، بۇ يىل ئۆكتەبىر ئالتۇن ھەپتىلىكىدە726 مىليون ساياھەتچى دۆلەت ئىچى ساياھىتى قىلغان بولۇپ، ئۆتكەن يىلدىكىدىن 9%ئاشقان بولسىمۇ، ئەمما ئۆتكەن ئون يىلدا تۇنجى قېتىم دۆلەت ئىچى ساياھەتچىلىكىنىڭ ئالدىنقى يىلىغا قارىغاندا ئىككى خانىدىن تۆۋەن ئىشىشى ھىساپلىنىدۇ.بۇمۇ ئىستىمالچىلار ئىشەنچىنىڭ تۆۋەنلەۋاتقاننىڭ ئىپادىسى.

يىغىنچاقلىغاندا، خىتاي ئىقتىسادشۇناسلىرى تىرامپ ھۆكىمىتىنىڭ خىتاي ئىكىسپورتىغا قويغان تاموژنا بىجىنىڭ كىلەر يىلىنىڭ ئالدىنقى يىرىمىدىن باشلاپ خىتاي ئىقتىسادىغا رەسمىي تەسىر كۆرسىتىشى مۆلچەرلىدى. خىتاي كومىنىست ھۆكىمىتىنىڭ تۇيۇقسىز يىرىم تىرلىيون دوللار قېممىتىدە پۇل بىسىشى، ئۇلارنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە ئىجىدىمائىي مۇقۇملىقتىن ئەندىشە قىلىشتىن ئالاقىزادە بولۇشقا ئۆزگەرگەنلىكنى، دۆلەتلىك تاراتقۇلىرىدا قۇرۇق تەشۋىقات قىلىشتىن، ئەمەلىي سىياسەت يۈرگۈزۈشكە ئۆتۈپ، سۇ كەلگۈچە توغان سىلىۋاتقانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ.

پايدىلانغان مەنبەلەر:

https://www.bloomberg.com/news/articles/2018-10-12/china-s-neighborhood-cash-drop-pumps-500-billion-into-economy

http://www.xinhuanet.com/english/2018-10/14/c_137531837.htm

خىتاينىڭ 500 مىليارد دوللارلىق قوزغاتقۇچ پۇل سىياسىتى نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟

Share
1563 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.