logo

trugen jacn

خىتاينىڭ ھىندىستان بىلەن پاكىستاننىڭ جېدىلىگە ئارىلىشىشى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئەندىشىسىنى قوزغىماقتا

خىتاينىڭ «بىر يول بىر بەلۋاغ» يىغىنىغا قاتنىشىشنى كەسكىن رەت قىلغان ھىندىستان ھۆكۈمىتى يېقىندا خىتايغا يەنە نارازىلىق بىلدۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ھىندى دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىمىدا، يەنى پاكىستان كونتروللۇقىدىكى كەشمىردە ئىككى چوڭ سۇ ئېلېكتر ئىستانسىسى قۇرماقچى بولغانلىقىنى ئەيىبلىگەن.

ھىندىستان تاراتقۇلىرىدىن «بىرىنچى پوچتا گېزىتى» تۈنۈگۈن باش ماقالە ئېلان قىلىپ، خىتاي بىلەن پاكىستاننىڭ بېيجىڭدىكى «بىر يول بىر بەلۋاغ» يىغىنىدا سۇ بايلىقى بويىچە ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن.

كېلىشىمدە خىتاي، پاكىستان كونتروللۇقىدىكى كەشمىردە ھىندى دەرياسىنىڭ باش ئېقىمىنى توسۇپ، ئىككى چوڭ سۇ ئېلېكتر ئىستانسىسى قۇرىدىغانلىقى، ئۇنىڭدىن ئىشلەپچىقىرىلىدىغان توك مىقدارىنىڭ 11600 مېگاۋاتقا يېتىدىغانلىقى، بۇنىڭ ئۈچۈن خىتاينىڭ جەمئىي 27 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغ سالىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ھىندى دەرياسى خىتاي تېرىتورىيەسىدىكى قاراقۇرۇم تاغلىرىنىڭ قارلىق چوققىلىرىدىن باشلىنىپ، ھىندىستان كونتروللۇقىدىكى كەشمىر رايونى ئارقىلىق پاكىستان تېرىتورىيەسىگە ئۆتۈپ، ئۇ يەردىن ئەرەب دېڭىزىغا قۇيۇلىدىغان چوڭ دەريادۇر.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، ھىندى دەرياسىنىڭ 47% لىك بۆلىكى پاكىستان تەۋەسىدە، 39% لىك بۆلىكى ھىندىستان تەۋەسىدە بولۇپ، خىتاي تېرىتورىيەسىدىكى باشلىنىش بۆلىكى پەقەتلا 8 پىرسەنتنى ئىگىلەيدىكەن.

ھىندىستان بىلەن پاكىستان ئوتتۇرىسىدىكى سۇ بايلىقىنى تالىشىش جېدىلى 1947-يىلىدىن تارتىپ تاكى ھازىرغىچە ھەل بولماي كەلگەن. يېقىنقى يىللاردا خىتاينىڭ پاكىستان كونتروللۇقىدىكى كەشمىرگە كۆز تىكىپ، بۇ يەردە ئارقا-ئارقىدىن سۇ ئېلېكتر ئىستانسىسى قۇرماقچى بولغانلىقى ھىندىستاننىڭ كەشمىر رايونىدىكى بىخەتەرلىك، سۇ بايلىقى ۋە تەبىئىي مۇھىتىغا بىۋاسىتە تەھدىت پەيدا قىلغان.

ئامېرىكىدىكى ھېنرى ستىمسون مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىسى مۇھەممەد دائىم فازىل «دىپلومات» ژۇرنىلىدا مەخسۇس ماقالە ئېلان قىلىپ: «خىتاينىڭ ھىندىستان بىلەن پاكىستان ئوتتۇرىسىدا داۋام قىلىپ كەلگەن سۇ تالىشىش جېدىلىگە سۇقۇنۇپ كىرىشى ئۈچ تەرەپ ئوتتۇرىسىدا تېخىمۇ زور كۆلەملىك ئۇرۇش كرىزىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن،» دەيدۇ

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/pakistan-hindistan-xitay-05222017153535.html

Share
789 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.