logo

trugen jacn

خىتاينىڭ ھاراق تاماكىنى زورلاپ ساتقۇزۇش تەدبىرى كۈتۈلگەن نەتىجىنى بەرمىگەن

199f3541-963f-44f6-bb62-6c62652507f1

شۆھرەت ھوشۇر

2015-u0605-pmx.mp3ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

ئۇيغۇر رايونىدا ئارقا – ئارقىدىن يۈز بېرىۋاتقان قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى تىنچىتىشتا ئامالسىز قالغان خىتاي دائىرىلىرى، ئۇيغۇر ياشلىرىنى ھاراق – تاماكىغا بېرىلدۈرۈشنى رايوننىڭ بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىدىن بىرى سۈپىتىدە تاللىغان ۋە بۇ سەۋەبلىك پۈتۈن يېمەك – ئىچمەك دۇكانلىرىدا مەجبۇرى ھالدا ھاراق تاماكىنى بازارغا سالدۇرغان ئىدى.

مەلۇم بولۇشىچە بۇ تۈزۈم يولغا قويۇلغان 2 ئايدىن بۇيان جەمئىيەتتە ھاراق ئىستېمال قىلغۇچىلارنىڭ سانىدا ھېچقانداق ئىلگىرىلەش بولمىغان. مەجبۇرى ھاراق قويدۇرۇلغان 3 دۇكان ساھىبىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلارنىڭ دۇكانلىرىدا 2 ئايدىن بېرى بىر بوتۇلكىمۇ ھاراق سېتىلمىغان. بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلغان بىر كەنت سېكرېتارى ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە ھاراق – تاماكىنى زورلاش تەدبىرىنىڭ كۈتكەن نەتىجىنى بەرمىگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى.

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى يېقىنقى يىللاردىن بېرى يۈز بەرگەن قارشىلىق ھەرىكەتلىرى نەتىجىسىدە ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ پاك ئىمان ۋە مۇستەھكەم ئېتىقادىدىن چۆچۈگەن. دائىرىلەر ئۇيغۇر ياشلىرىدىكى ئىمان – ئېتىقادتىن ئىبارەت بۇ مۇستەھكەم قورال – قورغاننى ئاجىزلاشتۇرۇش ئۈچۈن، بىر تەرەپتىن ئۇلارغا «ئەسەبىي» دەپ نام قويۇپ تەنقىد ۋە قارىلاش پائالىيىتى ئېلىپ بارسا، يەنە بىر تەرەپتىن رايوندا قىمارخانىلارنى ئەركىن قويۇۋېتىش، ھاراق – تاماكىنى مەجبۇرى ساتقۇزۇش يولىنى تۇتقان. يۇقىرىقى ئۇچۇرلاردىن مەلۇمكى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ئىرادىلىك ۋە مەسئۇلىيەتچان ياشلارنى ئەمەس، تەرتىپسىز ۋە ئويۇنپەز ياشلارنى كۆپرەك كۆرۈش ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشمىغان

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/haraq-siyasiti-06052015235644.html

Share
1381 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.