logo

trugen jacn

خىتاينىڭ گۇاڭدۇڭ، يۈننەن ئۆلكىلىرىدە زور كۆلەملىك نامايىش يۈز بەردى

image (2)

مېھرىبان

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ ھەپتە گۇاڭدۇڭنىڭ پۇنىڭ شەھىرى ۋە يۈننەننىڭ خاۋتۇڭ شەھەرلىرىدە يۈز بەرگەن نامايىشلاردا ساقچىلار بىلەن نامايىشچىلار ئورىسىدا توقۇنۇش كېلىپ چىققان، بىر تۈركۈم نامايىشچىلار يارىلانغان، نەچچە ئون نامايىشچى تۇتقۇن قىلىنغان.

ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، گۇاڭدۇڭنىڭ پۇنىڭ شەھىرىدە ئۆتكەن ھەپتىنىڭ ئاخىرى باشلانغان ئەخلەت زاۋۇتىغا نارازىلىق بىلدۈرۈش نامايىشى 24-دېكابىرغا كەلگەندە 30 مىڭ كىشىلىك زور نامايىشقا ئايلانغان.

رادىئومىزغا نامايىشنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە ئىنكاس قىلغۇچىلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نامايىش 10 كۈندىن بۇيان داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما پەيشەنبە كۈنى ساقچىلار بىلەن نامايىشچىلار ئارىسىدا ئەڭ كەسكىن توقۇنۇش ۋەزىيىتى شەكىللەنگەن. 5 سائەتكە يېقىن داۋاملاشقان توقۇنۇشتا ساقچىلار نامايىشچىلار توپىغا 10 نەچچە دانە كۆزدىن ياش ئاققۇزۇش بومبىسى ئاتقان ۋە ئوق چىقىرىپ ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن. توقۇنۇشتا نامايىشچىلاردىن 100 نەچچە كىشى يارىلانغان، نەچچە ئونلىغان نامايىشچى تۇتقۇن قىلىنغان.

نامايىش قاتناشچىلىرىدىن پۇنىڭ شەھىرى يۈنلو بازىرىدىن يۈ ئەپەندى نامايىشتىكى توقۇنۇشنىڭ يۈز بېرىش سەۋەبى ھەققىدە توختىلىپ: «24-دېكابىر ئەتىگەن بازاردىكى پۇقرالار ۋە ئىككى ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى يەنە بىر قېتىملىق نامايىشقا ھازىرلانغان ئىدى. بازارلىق ساقچى ئىدارىسىنىڭ بىر نەپەر ساقچى باشلىقى مەكتەپكە كېلىپ ئوقۇغۇچىلارنى نامايىش قىلماسلىققا ئاگاھلاندۇرغان، مەكتەپ دەرۋازىسىنى تاقاپ ئوقۇغۇچىلارنى ئەخلەت زاۋۇتى قۇرۇلۇشىغا ئىمزا قويۇشقا مەجبۇرلىغان ۋە  ئىمزا قويۇشنى رەت قىلغان ئوقۇغۇچىلارنى ئۇرغان. بۇ ساقچى باشلىقىنى قوغداش ئۈچۈن مەكتەپكە نۇرغۇنلىغان ساقچىلار يېتىپ كەلگەن، نەتىجىدە مەكتەپ دەرۋازىسى ئالدىغا توپلانغان نامايىشچىلار بىلەن ساقچىلار ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بەردى» دېدى.

شۈ ئەپەندى يەنە توقۇنۇش ۋەزىيىتىنى بايان قىلىپ: «قىز ئوقۇغۇچى ساقچى باشلىقى تەرىپىدىن تاياق يېدى. مەلۇم بولۇشىچە، ئۇنىڭ سۆڭىكىمۇ سۇندۇرۇلۇپتۇ. بۇ ئەھۋال كۆپچىلىكنىڭ غەزىپىنى كۈچەيتىۋەتتى. غەزەپلەنگەن ئوقۇغۇچىلار ۋە مەكتەپ دەرۋازىسى ئالدىدىكى كىشىلەر توپى ساقچى باشلىقى جېڭنى ئۇرۇشقا باشلىدى. نەچچە سائەت ئىچىدىلا ئادەملەر كۆپىيىپ 30 مىڭدىن ئېشىپ كەتتى. ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشمۇ شىددەتلىك بولدى. ساقچىلار ئاممىغا قارىتىپ كۆزدىن ياش ئاققۇزۇش بومبىسى ئاتتى. ساقچىلار يەنە مىلتىقلىرىدىن ئوق چىقاردى. ياش ئاققۇزۇش بومبىسىنىڭ تەسىرىدىن بىز چېكىنىشكە مەجبۇر بولدۇق. بىردەمدىن كېيىن نەق مەيدانغا يەنە قايتىپ كېلىپ قارىساق، مەيداندا قالغان نامايىشچىلار بىلەن ساقچىلار ئارىسىدىكى توقۇنۇش داۋاملىشىۋېتىپتۇ. مەيداندا يارىلانغان ئادەملەر يۈزدىن ئاشىدۇ. بەزىلەر يەردە يېتىپتۇ. ئاڭلىشىمچە، 10 نەچچە ئادەم تۇتقۇن قىلىنىپتۇ» دېدى.

نامايىش مەيدانىدىن رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان لۈ ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇنىڭدىكى نامايىشقا يۈنلو بازىدىكى پۇقرالارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك قاتناشقان، ئەمما يەرلىك ھۆكۈمەت ۋەقە ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى قامال قىلىشقا ئۇرۇنغان.

لۈ ئەپەندى مۇنداق دېدى:«نامايىش مەيدانىدىكى پۇقرالار يۈز بەرگەن توقۇنۇش ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى توردا ئاشكارىلاپ، باشقا ئۆلكىدىكىلەرگىمۇ بىلدۈرۈشكە تىرىشىۋاتىدۇ. ھازىر بازاردا مۇشۇنداق چوڭ ۋەقە چىقتى. ھۆكۈمەت ئالاھىدە ساقچىلارنى ئەۋەتىپ، نۇرغۇن ئوقۇغۇچىنى ئۇرۇپ يارىلاندۇردى. بىلىشىمىزچە، يەرلىك ھۆكۈمەت پۈتكۈل پۇنىڭ شەھىرىدىكى ساقچىلارنىڭ ھەممىسىنى نامايىش مەيدانىغا يوللاپتۇ. ھازىر نامايىش مەيدانى بەكلا قالايمىقان، ساقچىلار كۆرگەنلا ئادەمنى ئۇرۇۋاتىدۇ. يەرلىك ھۆكۈمەت راستلا قانۇنسىزلاشتى. مۇخبىرلار بولسا ۋەقەگە چېتىلىپ قېلىشتىن قورقۇپ بۇ يەرگە كېلىپ خەۋەر ئىشلەشكە جۈرئەت قىلالمايۋاتىدۇ.»

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ ھەپتە يەنە يۈننەننىڭ خاۋتۇڭ شەھىرىدە تېرىلغۇ يەرلىرى پويىز ئىستانسىسى قۇرۇش نامىدا ھۆكۈمەت تەرىپىدىن ئەرزان باھادا ئىگىلىۋېلىنغان دېھقانلارنىڭ نارازىلىق نامايىشى يۈز بەرگەن.

خاۋتۇڭ شەھىرى جېنشيۇڭ ناھىيىسى مياۋگېڭ كەنتىدىكى يېرى ھۆكۈمەت تەرىپىدىن ئەرزان باھادا مەجبۇرىي ئىگىلىۋېلىنغان دېھقانلار 12-ئاينىڭ 20-كۈنى ناھىيىلىك ھۆكۈمەت ئالدىدا جىم ئولتۇرۇۋېلىپ نارازىلىق بىلدۈرگەندە، ھۆكۈمەت 100 نەچچە ساقچى ئەۋەتىپ نارازىلىق بىلدۈرگەن دېھقانلارنى باستۇرغان. تاياق يېگۈچىلەر ئارىسىدا نۇرغۇنلىغان ياشانغان كىشىلەر، ئاياللار ۋە بالىلار بار بولۇپ، نارازىلىق بىلدۈرگەن دېھقانلاردىن بىر قىسمى تۇتقۇن قىلىنغان.

چارشەنبە كۈنى خاۋتۇڭ شەھىرىدىن رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان جۇ ئەپەندى ئەھۋالنى بايان قىلىپ: «ناھىيە ۋە يېزىلىق ھۆكۈمەت كادىرلىرى، ناھىيىلىك بازار باشقۇرۇش ئىدارىسى ۋە ساقچىلاردىن تەركىب تاپقان يۈز نەچچە كىشىلىك ئادەملەر توپى، ئېتىز بېشىدا جىم ئولتۇرۇۋېلىپ نارازىلىق بىلدۈرۈۋاتقان دېھقانلار ئۈستىگە توپا ئىتتىرىش ماشىنىلىرىنى ھەيدىگىنىچە باستۇرۇپ كەلدى. ئۇلار ئۇچرىغانلا ئادەمنى ئۇردى. يارىلانغانلار ئىچىدە ئاياللار ھەتتا بالىلارمۇ بار. ھازىر يارىلانغانلار دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋاتىدۇ.»

گۇاڭدۇڭنىڭ پۇنىڭ شەھىرى ۋە يۈننەننىڭ خاۋتۇڭ شەھىرىدە يۈز بەرگەن نارازىلىق نامايىشى ھەققىدىكى رەسىم ۋە سىنئالغۇ ئۇچۇرلىرى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقالغان بولسىمۇ، ئەمما ھەر ئىككى جايدىكى ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ۋەقە ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى قامال قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى مەلۇم.

رادىئومىز پۇنىڭ شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئىشخانىسىغا تېلېفون قىلىپ ئەھۋال ئىگىلەشكە تىرىشقان بولساقمۇ، ئەمما ھۆكۈمەت خادىمى پەيشەنبە كۈنى يۈز بەرگەن نامايىش ۋە توقۇنۇشنى ئىنكار قىلىپ: «قالايمىقان سۆزلىمەڭ! بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆسەك سۆزلەر. ھازىر ئەھۋال تېخى ئېنىق ئەمەس. بىز سىزگە پەقەت مۇشۇنداقلا جاۋاب بېرەلەيمىز» دېدى.

يۈننەننىڭ خاۋتۇڭ شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئىشخانىسىنىڭ خادىمى بولسا، ئەھۋالدىن خەۋىرى يوقلۇقىنى بىلدۈرۈپ، تېلېفون زىيارىتىگە جاۋاب بېرىشنى رەت قىلدى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/xitayda-namayish-12242015173707.html

Share
1608 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.