logo

trugen jacn

خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتلىرىنى تۇتقۇن قىلىشى جىددىي ئىنكاس قوزغىدى

image

مېھرىبان

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

ئۆتكەن ھەپتە ئاخىرى خىتايدا كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتلىرىنى تۇتقۇن قىلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، بۇ ۋەقە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ جىددىي ئىنكاسىنى قوزغىدى. 13-ئىيۇل ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقىمۇ بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ قىلمىشىنى ئەيىبلىدى.

باياناتتا خىتاي تۇتقۇن قىلىنغان كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتلىرىنى دەرھال قويۇپ بېرىشكە چاقىرىلدى. بۇ قېتىمقى ھەرىكەت خىتاي مەركىزى ھۆكۈمەت ئىشخانىسى، خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقى ۋە خىتاي تەشۋىقات مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان. ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى تىزىملىكتىن مەلۇم بولۇشىچە، 10-ئىيۇل باشلانغان زور كۆلەملىك تۇتقۇن ھەرىكىتىدە خىتايدىكى داڭلىق كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتلىرىدىن 107 كىشى تۇتقۇن قىلىش، نەزەربەند قىلىنىش، ساقچىخانىغا چاقىرتىلىپ سوراق قىلىنىش، غايىب بولۇش قىسمىتىگە ئۇچرىغان. بۇلتۇر خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان مەشھۇر ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىنىڭ ئادۋوكاتلىقىنى ئۈستىگە ئالغان لى فاڭپىڭ ۋە ليۇ شياۋيۈەن قاتارلىق كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتلىرىمۇ 10-ئىيۇل كۈنى خىتاي ساقچى دائىرىلىرى تەرىپىدىن ئېلىپ كېتىلىپ سوراق قىلىنغان.

10-ئىيۇل جۈمە كۈنى خىتايدا كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتلىرىنى كەڭ-كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلدى. خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قېتىم تۇتقۇن قىلىنغان، سوراق قىلىنغان ئادۋوكاتلارغا «جەمئىيەتتە جامائەت پىكرى توپلاپ قۇتراتقۇلۇق قىلىش، ئەرزدارلارنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش نامىدا ھۆكۈمەتكە نارازىلىق كەيپىياتىنى كۈچەيتىش، چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىش، ئاممىۋى تور بېكەتلىرىدە ئۆزلىرى قوبۇل قىلغان دېلولاردىكى دۆلەت مەخپىيەتلىكىگە ئالاقىدار دېتاللارنى ئاشكارىلاش» دېگەندەك جىنايەتلەر ئارتىلغان. خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدىن خەلق گېزىتى قاتارلىقلاردا مەخسۇس باش ماقالە ۋە مەخسۇس خەۋەرلەر ئېلان قىلىنىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 10-ئىيۇلدىكى «ئادۋوكاتلارنى كەڭ-كۆلەمدە تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتى» ئاقلاندى. خەلق گېزىتى ئېلان قىلغان باش ماقالىدە «كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتلىرى دېگەن تونغا يۆگىنىۋالغان بۇ كىشىلەر ئەرزدارلارنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش نامىدا، جەمئىيەتتە قۇتراتقۇلۇق قىلىپ، ئاممىنىڭ ھۆكۈمەتكە بولغان نارازىلىق كەيپىياتىنى كۈچەيتتى، دېلولاردىكى دۆلەت مەخپىيەتلىكىگە ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلاپ، دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت تۇغدۇردى» دېگەندەك ئىبارىلەرنى ئىشلىتىلىپ، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى ئېلىپ بارغان تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتى «جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىقى، دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن قوللىنىلغان ئاقىلانە تەدبىر، دۆلەت ھاكىمىيىتىگە بولغان تەھدىتنى دەل ۋاقتىدا قۇتقۇزۇش ھەرىكىتى» دەپ تەرىپلەندى.

چەتئەللەردىكى خىتاي دېموكراتلىرى تور بېكەتلىرىدە ۋە خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا بۇ ۋەقە «قاباھەتلىك جۈمە كۈنى ۋەقەسى»، «قارا جۈمە كۈنىدىكى تۇتقۇن» دېگەندەك ناملار بىلەن ئاتىلىپ خەلقئارادا زور ئىنكاس قوزغىدى. جۈمە كۈنىدىن باشلاپ چەتئەللەردىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرى ئارقا-ئارقىدىن بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتلىرىنى تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتىنى ئەيىبلەش بىلەن بىللە، خىتاي دائىرىلىرىدىن ھەر خىل باھانە، سەۋەبلەر بىلەن تۇتقۇن قىلىنغان كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتلىرىنى دەرھال قويۇپ بېرىش تەلەپ قىلىندى.

13-ئىيۇل دۈشەنبە كۈنى ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقىمۇ بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زور تۈركۈمدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتلىرىنى تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتىنى خىتاي ئۆزى قول قويغان «خەلقئارا پۇقرالار كىشىلىك ھوقۇق ئەھدىنامىسىگە خىلاپ قىلمىش» دەپ ئەيىبلەپ، خىتايدا يامانلىشىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. باياناتتا يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنى تۇتقۇن قىلىنغان كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتلىرىنى قويۇپ بېرىشكە چاقىردى.

چەتئەللەردىكى خىتاي دېموكراتلىرىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇلارغا يوللىغان تىزىملىكىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 10-ئىيۇل يەنى ئۆتكەن ھەپتىنىڭ جۈمە كۈنىدىن 13-ئىيۇل دۈشەنبە كۈنىگە قەدەر 7 نەپەر ئادۋوكات ئۈستىدىن رەسمىي دېلو تۇرغۇزۇلۇپ قولغا ئېلىنغان، 15 ئادۋوكات تۇتقۇن قىلىنغان، 24 سائەتتىن 72 سائەتكە قەدەر قىسقا مۇددەتلىك تۇتقۇن قىلىنىپ، سوراق قىلىنغاندىن كېيىن، ئاگاھلاندۇرۇلۇپ ئۆيىگە قايتۇرۇلغان ئادۋوكاتلار 83 نەپەر بولغان.

تىزىملىكتىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قېتىم تۇتقۇن قىلىنىپ سوراق قىلىنغانلار ئىچىدە ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنىي ھەق-ھوقۇقلىرىنى تەلەپ قىلغانلىقى ئۈچۈن 2014-يىلى 15-يانۋار كۈنى تۇتقۇن قىلىنىپ، بۇلتۇر 22-سېنتەبىر «دۆلەتنى پارچىلاش، قۇتراتقۇلۇق قىلىش» جىنايىتى ئارتىلىپ مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان مەشھۇر ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختى ئەپەندىنىڭ ئادۋوكاتلىقىنى ئۈستىگە ئالغان ئادۋوكات لى فاڭپىڭ ۋە ياردەمچى ئادۋوكات ليۇ شاۋيۈەنلەرمۇ بار بولۇپ، تىۋىتېر ترورىدىكى ئۇچۇرلاردا ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، ئۇلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنىپ سوراق قىلىنىشىغا «خەلقئارا مەتبۇئاتلارغا ئىلھام توختىنىڭ تۈرمىدىكى ۋە سوت جەريانىدىكى ئەھۋالىنى ئاشكارىلاپ، دۆلەت مەخپىيەتلىكىگە زىيان يەتكۈزگەنلىك» قىلمىشلىرى ۋە «قوبۇل قىلغان ئەرزدارلارنىڭ دېلولىرىنىڭ تەپسىلاتلىرىنى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئاشكارىلاپ، جەمئىيەتتە نارازىلىق كەيپىياتىنىڭ كۈچىيىشىدە قۇتراتقۇلۇق قىلىش رولىنى ئوينىغانلىقى سەۋەب بولغان.»

خىتاي ۋەزىيىتىنى كۆزەتكۈچىلەر 10-ئىيۇل يۈز بەرگەن «كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتلىرىنى زور كۆلەمدە تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتى خىتايدا كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنىڭ ئەڭ يامان ھالەتكە كەلگەنلىكىنىڭ بېشارىتى» دەپ قارايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، خەلقئارا جەمئىيەتنى خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىگە جىددىي دىققەت قىلىشقا چاقىردى.

گېرمانىيە ئاۋازى رادىئوسىنىڭ سابىق مۇخبىرى سۇ يۈتۇڭ خانىم رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، نۆۋەتتە چەتئەللەردىكى خىتاي دېموكراتلىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق جەمئىيەتلىرىنىڭ 10-ئىيۇلدىن باشلاپ خىتايدا تۇتقۇن قىلىنىش، سوراق قىلىنىشقا ئۇچرىغان كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتلىرى ئۈچۈن ئاۋاز توپلاپ خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئۇلارغا ئەركىنلىك تەلەپ قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

سۇ يۈتۇڭ خانىم بۇ ئادۋوكاتلارنىڭ خىتايدا بارغانچە يامانلىشىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى ياخشىلاش ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ كېلىۋاتقان كىشىلەر ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى تەرىپىدىن زەربە بېرىلىۋاتقان بۇ ئادۋوكاتلار ئۈچۈن ئادالەت تەلەپ قىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى:
«بۇ قېتىم تۇتقۇن قىلىنغان ئادۋوكاتلارنىڭ زور كۆپ قىسمىنى ئىلگىرى مەن خىتايدا چېغىمدىلا تونۇيتتىم. ئۇلارنى خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ھەرىكىتىنىڭ ئالدىنقى سېپىدىكى جەڭچىلەر دېيىشكە بولاتتى. ئۇلار خىتاي جەمئىيىتىدىكى ھەقسىزلىقلار ھەققىدە پىكىر بايان قىلىش، ھەق-ھوقۇقلىرى دەپسەندە قىلىنغان ئەرزدارلارغا ياردەم بېرىش ئىشلىرىنى قىلىپ كەلگەن. مانا مۇشۇنداق بولغىنى ئۈچۈن، ئۇلار خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنى نارازى قىلىپ، بۇ قېتىم تۇتقۇن قىلىش، زەربە بېرىش ئوبيېكتىغا ئايلاندى. شۇڭا بىز ئەلۋەتتە ئۇلار ئۈچۈن ئاۋاز قوشۇشىمىز، ئۇلار ئۈچۈن ئادالەت تەلەپ قىلىشىمىز كېرەك.»

سۇ يۈتۇڭ خانىم يەنە، بۇ قېتىم ئېلىپ بېرىلغان كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتلىرىنى تۇتقۇن قىلىش، سوراق قىلىش ھەرىكىتىنىڭ خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ بىۋاسىتە بۇيرۇقى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان بىر چوڭ سىياسىي ھەرىكەت ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، بۇ ۋەقە خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنىڭ تېخىمۇ يامانلاشقانلىقىنىڭ بېشارىتى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ ئاخىرىدا:
«مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قېتىم خىتايدا ئېلىپ بېرىلغان كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتلىرىنى كەڭ-كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش، سوراق قىلىش ھەرىكىتى خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ بىۋاسىتە بۇيرۇقى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان. بۇ ھەرىكەتكە خىتاي مەركىزى ھۆكۈمەت ئىشخانىسى بىۋاسىتە يېتەكچىلىك قىلغان، خىتاي تەشۋىقات مىنىستىرلىقى ۋە خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقى ھەرىكەتنى ئەمەلىيلەشتۈرگەن. بۇ قېتىمقى تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتى تولىمۇ تۇيۇقسىز ۋە شىددەتلىك بولدى. بىرنەچچە كۈن ئىچىدىلا 100 نەچچە ئادۋوكات ۋەقەگە چېتىلىپ تۇتقۇن قىلىنىپ سوراق قىلىندى. بۇنداق زور كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتىنى نۇرغۇن كىشىلەر ئىلگىرى تەسەۋۋۇر قىلمىغان ئىدى، خەلقئارا جەمئىيەت خىتايدا كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى يامانلاشقان بۇ ۋەزىيەتكە جىددىي دىققەت قىلىپ، خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتلىرىنىڭ زەربە بېرىش ئوبيېكتى قىلىنىپ، داۋاملىق زىيانكەشلىككە ئۇچرىشىنى توسۇشى كېرەك» دېدى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/xitay-adwokat-07132015151945.html

Share
1490 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.