logo

trugen jacn

خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتى – قوش تىل مائارىپى

image

ئىرادە

2015-u0522-pma.mp3ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى قارمىقىدىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسى «خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتى – قوش تىل مائارىپى» ماۋزۇلۇق يېڭى دوكلاتىنى ئېلان قىلدى. دوكلاتتا قوش تىل مائارىپى – ئۇيغۇر مىللىي كىملىكى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسى، ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ۋە ئوقۇتقۇچىلىرى ئۇچراۋاتقان مىللىي كەمسىتىش قاتارلىق تېمىلار بويىچە تەتقىق قىلىنغان. ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى رەئىسى ئالىم سېيىتوف ئەپەندى رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە، كۆپ تىللىق بولۇش ياخشى ئىش بولسىمۇ، بىراق خىتاي دەۋاتقان «قوش تىل» مائارىپىنىڭ ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ تۈگىتىشتىن ئىبارەت بىرلا مەقسىتى بارلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان «خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئاسىملىياتسىيە سىياسىتى – قوش تىل مائارىپى» ناملىق دوكلاتىنىڭ 2015 – يىللىق سانى 4 باپتىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئۇ ئارقا كۆرۈنۈش، قوش تىل مائارىپىنىڭ تەسىرلىرى ۋە پىكىر – تەكلىپلەر قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. 34 بەتلىك بۇ دوكلاتتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قوش تىل مائارىپىنى ئومۇملاشتۇرۇشىغا ئائىــت سانلىق مەلۇماتلار، ئىگىلەنگەن ئۇچۇرلار، قوش تىل مائارىپىنىڭ ئۇيغۇرلار ھاياتىغا كۆرسىتىۋاتقان تەسىرلىرى ۋە بۇ ھەقتە خەلقئارادىكى چەتئەللىك تەتقىقاتچىلارنىڭ تەتقىقاتلىرى ۋە ھەرقايسى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ باھالىرى يەر ئالغان. دوكلاتتىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەمەلىيەتتە خىتاي تىلىدىن ئىبارەت يەككە تىلنى ئاساس قىلغان قوش تىل مائارىپىنى ئومۇملاشتۇرۇش نىيىتى ئىنتايىن جىددىي بولۇپ، بۇنىڭغا مەركىزى ھۆكۈمەت بىۋاستە ھالدا مەبلەغ سالماقتا ۋە 2020 – يىلىغىچە قوش تىل مائارىپىنى 100 پىرسەنت ئومۇملاشتۇرۇپ بولۇش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن شىددەت بىلەن ھەرىكەت قىلماقتا. دوكلاتتا يەر ئالغان سانلىق مەلۇماتتىن قارىغاندا، قوش تىل مائارىپىنىڭ ئومۇملىشىش سۈرئىتى ئىنتايىن تېز بولۇپ، دەسلەپكى يولغا قويۇلغان 1995 – يىلى 5533 نەپەر ئوقۇغۇچى قوش تىل سىنىپلىرىغا قوبۇل قىلىنغان بولسا، 2010 – يىلىغا كەلگەندە بۇ رەقەم 994300 نەپەرگە، 2012 – يىلىغا كەلگەندە بولسا 1 مىليون 410 مىڭ نەپەرگە يەتكۈزۈپ بولۇنغان. ئالىم سېيىتوف ئەپەندى بۈگۈن بۇ دوكلاتنىڭ ئېلان قىلىنىش مۇناسىۋىتى بىلەن رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە، قوش تىل مائارىپىنىڭ 2009 – يىلىدىكى ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنى سۇسلاشتۇرۇش ئۈچۈن پىلانلىق ۋە مەقسەتلىك ھالدا يولغا قويۇلغان بىر دۆلەت ئىسراتېگىيىسى ئىكەنلىكىنى، خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭمۇ مۇھىم يوليورۇقى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

خىتاي ھۆكۈمىتى قوش تىل مائارىپىنى يولغا قويغاندا خىتاي تىلى ئىگىلىگەندە خەلقئارالىق ئىلىم سەۋىيىسىگە يېتىشكىلى بولىدىغانلىقىنى، خىزمەتكە ئورۇنلىشىشقا ئاسانلىق تۇغدۇرۇپ بېرىدىغانلىقىنى تەشۋىق قىلغان. بىراق دوكلاتتا كۆرسىتىلگەن تەتقىقات نەتىجىلىرى بولسا بۇنىڭ ئەكسىنى ئىسپاتلىماقتا. دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە، بېن خوپپېر قاتارلىق تەتقىقاتچىلار ئۇيغۇر ئېلىدا قىلغان راي سىناش نەتىجىسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ 76 پىرسەنتىدىن ئارتۇقى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىششىنىڭ ئاسانلىشىش ئەمەس، ئەكسىچە تېخىمۇ قېيىنلىشىپ كەتكەنلىكىنى، خىتايچىنى سۇدەك سۆزلەيدىغان ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەن ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ھېلىھەم ئىشسىزلىقنىڭ دەردىنى تارتىۋاتقانلىقىنى، بىراق ئىچكىرىدىن كەلگەن خىتايلارنىڭ بولسا چاقماق تېزلىكىدە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغانلىقىنى ئىنكاس قىلغان. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزى ئېلان قىلغان ستاتېستىكىلاردىن قارىغاندا، مەكتەپ پۈتتۈرگەن ئۇيغۇر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى ئاران 17 پىرسەنت ئىكەن. بىراق ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر بولسا بۇ رەقەمنىڭ ئۇنىڭدىنمۇ تۆۋەنلىكىگە ئىشىنىدۇ. ئالىم سېيىتوف ئەپەندى قوش تىل مائارىپىنىڭ ھەتتا ئۇيغۇر ئېلىدىكى نۇرغۇنلىغان بىلىملىك ئوقۇتقۇچىلارنىڭمۇ ئىشسز قېلىشىغا سەۋەب بولغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسىنىڭ دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي تىلىنى ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئورنىغا دەسسىتىش ھەرىكىتى پەقەت مەكتەپلەردىلا، دەرسلىك ئوقۇتۇشلىرىدا ئۇيغۇر تىلىنى چەكلەش بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ. 2009 يىلىدىكى ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن ئىلگىرى ئۇيغۇر ئېلىدا ئۇيغۇر تور بەتچىلىكى ئىنتايىن تەرەققىي قىلغان بولۇپ، پەقەتلا دىيارىم، شەبنەم ۋە سەلكىنگە ئوخشاش بىر قانچە داڭلىق تور بەتلەرنىڭلا قوللانغۇچىلىرى 200 مىڭدىن ئاشقان ۋە ئۇنىڭدا ئۇيغۇر ئانا تىلىدىكى يوللانمىلارنىڭ سانى 2 مىليوندىن ئېشىپ كەتكەن. بىراق ۋەقەدىن كېيىن 10 ئاي بويىچە ئىنتېرنېت تاقاش ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەندىن كېيىن بۇ تور بەتلەرنىڭ ھېچقايسىسى ئەسلىگە كەلتۈرۈلمىگەن. يەنى، جۈملىدىن ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىشلىتىلىش دائىرىلىرى يەنە بىر بالداق قىسقارتىلغان. 2010 – يىلىدىن كېيىن يېڭى تور بەتلەر ئېچىلغان بولسىمۇ، بىراق ئۇلار ئاساسەن ھۆكۈمەتنىڭ قاتتىق تەقىبى ۋە كونترولى ئاسىتدىكى تور بەتلەر بولۇپ، ئۇلار ئىچىدىكى مەزمۇنلارمۇ كۆپىنچە ھاللاردا خىتايچىدىن تەرجىمە قىلىنغان ئەسەرلەردۇر.

دوكلاتتا ئۇيغۇر ئېلىدا ئانا تىلنى تەشەببۇس قىلغان ئۇيغۇر زىيالىيسى ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ «قانۇنسىز پۇل يىغىش» دېگەن جىنايەت بىلەن قولغا ئېلىنىشىمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قوش تىللىق مائارىپىنىڭ ئەسلى مەقسىتىگە مىسال سۈپىتىدە كۆرسىتىلگەن ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى بايانلىرى بېرىلگەن. ئالىم سېيىتوف ئەپەندى بۇ يەردە بىر نۇقتىنى ئەسكەرتىپ، قوش تىللىق ياكى كۆپ خىل تىللىق بولۇش ئىنتايىن ياخشى ئەھۋال بولسىمۇ، بىراق خىتاي ھۆكۈمىتى قوش تىل مائارىپى نامى ئاستىدا ئۇيغۇر ئانا تىلىنى يوق قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى ئۈچۈن بۇنىڭغا چوقۇم قارشى تۇرۇشىمىز كېرەك، دېدى.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسى دوكلاتىنىڭ ئاخىرىدىكى پىكىر – تەكلىپ قىسمىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۆزى قول قويغان خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق قانۇنلىرىغا ۋە ئۇنىڭ ئالاقىدار ماددىلىرىغا ھۆرمەت قىلىشقا چاقىرغان ۋە ئۇلارنى ئۇيغۇر تىلىنىڭ مائارىپ ۋە باشقا ھەر ساھەلەردە ئىشلىنىشىگە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدا، ئاخبارات – مەتبۇئات ۋە رادىيو – تېلىۋىزىيەلەردە ئىشلىتىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىش، ئۇيغۇر ئانا تىلى مەكتەپلىرىنىڭ ئېچىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلماسلىق ۋە ئۇيغۇر تىلى قوللانغۇچىلىرىغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان كەمسىتىش سىياسىتىنى ئاياقلاشتۇرۇش قاتارلىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/maarip/xitay-sherqiy-turkistan-qosh-til-05222015225734.html

Share
2371 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.