logo

trugen jacn

خىتاينىڭ خۇنەن ئۆلكىسى يەرلىك قانۇن چىقىرىپ، ئۇيغۇر ھېجرەتچىلىرىنى نىشانغا ئالغان

image

ئەركىن

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

ئۇيغۇرلار بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە كېڭىيىشى بىلەن بەزى ئۆلكىلەر قاراتمىلىققا ئىگە بەلگىلىمىلەرنى چىقىرىپ، ئۇيغۇرلارنى تەقىب قىلىشنى كۈچەيتكەن ئىدى.

ئىلگىرى شەندۇڭ، شەنشى، گۇاڭشى، خېنەن قاتارلىق ئۆلكىلەردە يەرلىك دائىرىلەر ئۇيغۇرلارنى تەقىب قىلىشنى كۈچەيتىشكە دائىر بەلگىلىمە، ئۇقتۇرۇش ۋە چارە ‏-تەدبىرلەرنى ئېلان قىلغان. يېقىندا خىتاينىڭ خۇنەن ئۆلكىسى بۇ سەپكە قېتىلدى.

خۇنەن ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت 29‏-سېنتەبىر ئاخبارات يىغىنى چاقىرىپ،«تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش چارىسى» نى ئېلان قىلغان.

مەزكۇر چارە ‏-تەدبىرنىڭ كونكرېت مەزمۇنى ئاشكارىلانمىغان بولسىمۇ، لېكىن خىتاي ئاخباراتى ئۇنىڭدا تېررورلۇقنىڭ قانداق ئالدىنى ئېلىش، تېررورلۇق ھۇجۇمغا قانداق تاقابىل تۇرۇش، تېررورلۇق ھۇجۇملىرىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش، نۇقتىلىق نىشانلارنى قانداق باشقۇرۇش ۋە كونترول قىلىشنىڭ چارە ‏-تەدبىرى ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

لېكىن بەزى ئانالىزچىلار، خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ مەزكۇر بەلگىلىمىنى چىقىرىشى تاسادىپىي ئەھۋال، دەپ قارىمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇلارنىڭ كۆرسىتىشىچە، خىتاينىڭ خۇنەن ئۆلكىسى ئىچكىرىدە تىرىكچىلىك قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلار نىسبەتەن مەركەزلەشكەن رايونلارنىڭ بىرى.

ئەنگلىيەدە ئولتۇرۇشلۇق ئۇيغۇر پائالىيەتچى ئەنىۋەر توختى ئەپەندىنىڭ كۆرسىتىشىچە، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى ياكى يەرلىك دائىرىلەر چىقارغان تېررورلۇققا قارشى ھەرقانداق قانۇن، بەلگىلىمىنىڭ قاراتمىلىقى بار، ئۇ ئۇيغۇرلارنى نىشان قىلغان.

ئەنىۋەر توختى، ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتى، سالامەتلىكى، ئائىلە-تاۋابىئاتى، ئىجتىمائىي ئورنى، مائارىپ ۋە باشقا جەھەتلەردىكى ئەھۋالى ھېچقانداق قانۇنى كاپالەتكە ئىگە ئەمەسلىكىنى كۆرسەتتى.

ئۇ، خۇنەن ئۆلكىسى چىقارغان يۇقىرىقى يەرلىك بەلگىلىمە بۇ ئۆلكىگە تىرىكچىلىك يولى ئىزدەپ كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشىغا تېخىمۇ ئېغىر قىيىنچىلىق ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەنىۋەر توختى مۇنداق دېدى، «خىتاينىڭ قانۇنى ۋە ھەممە نەرسىسى ئۇ بىچارىلەرگە قارشى تۈزۈلگەن. ئۇلار ئۈچۈن تۈزۈلگەن ھېچنەرسە يوق. چۈنكى، ئۇلار بىرى ئۇيغۇر، ئىككىنچىسى، ئۇلار يەرلىك نوپۇس ئەمەس. يەرلىك نوپۇس بولمىغاچقا، ئۇلار يەرلىك قانۇننىڭ ئىچىگە كىرەلمەيدۇ. ئۇ يەرلىك سىستېمىدىن ھېچقانداق مەنپەئەت ئالالمايدۇ.

ئۇ يەردە ئۇيغۇرغا ھەق دەيدىغان نەرسە يوق. بۇنىڭ ئاقىۋىتى نېمە بولىدۇ، دېسەك، بۇنى خىتايلار ئوبدان بىلىدۇ. بۇنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ تېخىمۇ كەڭ كۆلەملىك نارازىلىق، قارشىلىق قوزغايدىغانلىقىنى ئوبدان بىلىدۇ. دېمەك ئۇيغۇرلارغا ئۇ يەردە كۈن يوق، ئۇلار ھېچقانداق ئىش قىلالمايدۇ. چۈنكى، خىتاي ئۇ قانۇنلارنى ئۇيغۇرنىڭ ھوقۇقىنى تارتىۋېلىش ئۈچۈن چىقارغان. بۇ ئۇلارنى تېخىمۇ ناچار ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويىدۇ.»

خىتاي ھۆكۈمىتى 2014‏-يىلى 22‏-ماي ئۈرۈمچى «خەلق باغچىسى»نىڭ يېنىدىكى بىر ئەتىگەنلىك كۆكتات بازىرىدا يۈز بەرگەن ھۇجۇمنى باھانە قىلىپ، خىتاي مىقياسىدا ئۇيغۇرلارنى نىشان قىلغان تېررورلۇققا قارشى باستۇرۇش ھەرىكىتى باشلىغان.

خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئىلىدىكى باستۇرۇش ھەرىكىتى ناھايىتى تېزلا ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە كېڭەيگەن. خېنەن ئۆلكىسىنىڭ نەنياڭ شەھىرى بۇ يىل 5‏-ئايدا مەتتۇرسۇن ئىسىملىك بىر ئۇيغۇرنى 4 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان.

ئامېرىكا دىئالوگ فوندى جەمئىيىتىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، نەنياڭ شەھەرلىك ئوتتۇرا سوت مەتتۇرسۇننى دىنىي رادىكاللىق مەزمۇنىدىكى ماتېرىياللارنى ساقلىغان، ئۈندىدار قاتارلىق ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىدە تارقاتقان، دەپ ئەيىبلىگەن.

خىتاينىڭ «يەر شارى ۋاقتى گېزىتى» بۇ يىل 6‏-ئايدا ئېلان قىلغان بىر ماقالىدە، خېنەننىڭ نەنياڭ شەھىرى ئۇيغۇر ھېجرەتچىلىرىنىڭ چەتئەلگە ھېجرەت قىلىشتىكى بازىسى بولۇپ قالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ئەنگلىيەدىكى پائالىيەتچى ئەنىۋەر توختى ئەپەندى، بۇ خىل باستۇرۇش ۋە كەمسىتىش خاراكتېرلىك يەرلىك تەدبىرلەرنىڭ ئۇيغۇر-خىتاي مۇناسىۋىتىنى ئۆتكۈرلەشتۈرۈپ، ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى نەپرەتنى داۋاملىق كۈچەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئۇيغۇر-خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ كەلگۈسىدە قانداق بولۇشى شى جىنپىڭنىڭ ھازىرقى چېرىكلىككە قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ قايسى يۆلۈنىشكە قاراپ مېڭىشىغا باغلىق.

ئەنىۋەر توختى مۇنداق دېدى، «بۇ، ئۇيغۇر-خىتاي زىددىيىتىنى تېخىمۇ كۈچەيتىدۇ. بۇنىڭ ئاقىۋىتى پۈتۈن خىتاي خەلقى بىلەن ئۇيغۇر خەلقى ئارىسىدىكى ئۆچمەنلىكنى پەيدا قىلىدۇ. ئۇ چاغدا قىرغىنچىلىق كېلىپ چىقىدۇ.

بۇنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ بىردىن-بىر يولى دېموكراتىك خىتايلار بىلەن بىرلىشىپ، كوممۇنىستىك پارتىيەنى يىقىتىش. ئەمدى شى جىنپىڭنىڭ چېرىكلىككە قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى قەيەرگە بېرىپ توختايدۇ، ئۇمۇ چوڭ رول ئوينايدۇ.

چۈنكى، شىنجاڭ جياڭ زېمىن، جۇ يۇڭكاڭنىڭ بازىسى. جۇ يۇڭكاڭ 18‏-قۇرۇلتايدا ۋەكىل بولۇپ سايلانمىغان ئىدى. لېكىن جاڭ چۈنشيەن جۇ يۇڭكاڭنىڭ شىنجاڭنىڭ 18‏-قۇرۇلتاي ۋەكىلى قىلىپ سايلىدى. يېقىندا بېيجىڭدا شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى ئېچىلدى، لېكىن جاڭ چۈنشيەن يوق. دېمەك جاڭ چۈنشيەن تۈگىدى، دېگەن گەپ.

شۇڭا، شى جىنپىڭنىڭ چېرىكلىككە قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى قەيەرگىچىلىك بارىدۇ، ئۇ بىزنىڭ كەلگۈسىمىزگە ناھايىتى زور تەسىر كۆرسىتىدۇ.»

خىتاينىڭ باستۇرۇش ھەرىكىتى ئىچكىرىدىكى ئۇيغۇرلارغا كېڭىيىشى ئۇنىڭ خۇنەن، لياۋنىڭ، گۇاڭشى، گۇاڭدۇڭ، جېجياڭ قاتارلىق بەزى ئۆلكىلىرىدە قانلىق توقۇنۇشلارنى پەيدا قىلدى. بۇ يىل 8‏-ئايدا لياۋنىڭ ئۆلكىسىدە ساقچىلار بىر بىنا ئۆيگە باستۇرۇپ كىرىپ، 4 ئۇيغۇرنى ئېتىپ تاشلىغان، ئۇلارنىڭ 3 ئى ئۆلگەن. ئېتىپ تاشلانغان بىر ئايال ئېغىر يارىلانغان ئىدى.

2014‏-يىلى 3‏-ئايدا خۇنەننىڭ چاڭشا شەھىرىدە يۈز بەرگەن پىچاقلىق ھۇجۇمدا 6 ئادەم ئۆلگەن. ئۆلگەنلەرنىڭ 2 نەپىرى ئۇيغۇر، 4 نەپىرى خەنزۇ بولۇپ، ئۆلگەن 2 ئۇيغۇرنىڭ بىرىنى ساقچىلار ئېتىۋەتكەن.

چاڭشا شەھىرىدە يۈز بەرگەن بۇ ۋەقەنىڭ خۇنەن ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ تېررورلۇققا قارشى يۇقىرىقى بەلگىلىمىنى چىقىرىشىدا قانداق رول ئوينىغانلىقى مەلۇم ئەمەس.

لېكىن ئامېرىكىدىكى ۋەزىيەت ئانالىزچىسى، پرىنستون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىسى چېن كۇيدې ئەپەندى، مەلۇم بىر مىللەتكە قارىتىلغان بۇنداق يۇقىرى بېسىملىق سىياسەت مەلۇم مەزگىل ئۈنۈم بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «بىراق ئۇ، ئۇزۇن مەزگىلدە پۈتكۈل سىستېمىسىنىڭ يىمىرىلىشىغا ئېلىپ بارىدۇ» دېدى.

چېن كۇيدې مۇنداق دېدى، «دەرىجىدىن تاشقىرى بۇنداق باستۇرۇش ۋاسىتىلىرى مەلۇم مەزگىل ئۈنۈم بېرىدۇ. چۈنكى، ئۇنىڭ قۇدرەتلىك ھەربىي ماشىنىسى بار، ئادەم سانى جەھەتتىنمۇ مۇتلەق ئۈستۈنلۈككە ئىگە. لېكىن جوڭگولۇقلارنىڭ شۇنداق بىر ئەقلىيە سۆزى بار، مەڭگۈلۈك جىددىيلىك ھامان بىر كۈنى سېنىڭ بېشىڭغا چىقىدۇ. بۇنىڭ جۇڭگو تارىخىدا مىسالى ناھايىتى كۆپ. بۇنداق مەڭگۈ باستۇرۇش بىلەن ئالدىراش ئۆتۈش بىر كۈنى بولمىسا، بىر كۈنى سىزنىڭ بېشىڭىزغا چىقىدۇ.

مانجۇ خانىدانلىقىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدىكى ئەھۋال ياكى ئۇنىڭدىن بۇرۇنقى سۇلالىلەرنىڭ ئەھۋالى بۇنىڭغا ئوخشاپ قالىدۇ. سەن مەلۇم بىر رايوننى ئۇ رايوندىكى مىللەتنىڭ بۇ قەدەر نەپرىتىگە دۇچ كېلىۋاتقان ئەھۋالدا مەڭگۈ ئۇلارنى باستۇرۇپ ئۆتەلمەيسەن.»

ئەمما خۇنەن ئۆلكىلىك ج خ نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى جاۋ فۇبو 29-سېنتەبىر ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات يىغىنىدا، «تېررورلۇققا قارشى يەرلىك چارە تۈزۈش خۇنەننىڭ تىنچ قۇرۇلۇشىنى ئالغا سۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ستېرېئولۇق باشقۇرۇش ۋە مۇداپىئە قىلىش سىستېمىسى قۇرۇپ چىقىش يولىدىكى ئەمەلىي تەدبىر» دېگەن.

خۇنەن ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت 29‏-سېنتەبىردىكى ئاخبارات يىغىنىدا، «تېررورلۇق» قا قارشى تۇرۇش ۋە تېررورلۇقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەققىدىكى مەزكۇر چارە-تەدبىرنىڭ بۇ يىل 1‏-نويابىردا رەسمىي ئىجرا قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/siyaset/xitayda-uyghur-10052015160047.html

Share
1401 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.