ئەڭ يېڭى خەۋەر
ئاسىيە ئۇيغۇر: بۇزغۇچى: چېن چۈۋەنگو ۋە ج ك پ ئاخىرىدا ئۇيغۇرلارغا قىلىنغان ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ھۆكۈم قىلىنىدۇ
ئىلھام توختى 2019-يىللىق «ساخاروف مۇكاپاتى» غا ئېرىشتى
ئىتالىيە پايتەختى رىمدىكى «ئەركىنلىك يۈرۈشى» دە ئۇيغۇرلار ۋە ئىلھام توختى مەسىلىسى ئاڭلىتىلدى
ئىلھام توختىغا «ۋاسلوۋ خاۋېل كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى» بېرىلدى
ئىلھام توختى ئۆمۈرلۈك قاماق ھاياتىنىڭ 5-يىلىدا
ئىلھام توختى 2019-يىللىق «ساخاروف ئەركىنلىك مۇكاپاتى» غا نامزاتلىققا كۆرسىتىلدى
يېقىندا، خىتاينىڭ خېنەن ئۆلكىسى نەنياڭ شەھىرىدە جىلباپلىق بىر قانچە ئايال خىتاي ئامانلىق كۈچلىرى تەرىپىدىن توختىتىپ تەكشۈرۈلگەن ۋە ئېلىپ كېتىلگەن.«خېنەن گېزىتى»نىڭ ئاشكارىلىشىچە، ۋەقە 1-ئاۋغۇست كۈنى نەنياڭ شەھىرىنىڭ فاڭچېڭ كوچىسىدا يۈز بەرگەن.
ساقچىلار جىلباپلىق ئاياللارنى فاڭچېڭ كوچىسىدىكى بىر ئاياق دۇكىنىدا توسۇۋېلىپ، تەكشۈرگەن ھەم ساقچى پونكىتىغا ئېلىپ كەتكەن. «خېنەن گېزىتى» خەۋىرىدە، جىلباپلىق ئاياللارنىڭ مىللىتىنى تىلغا ئالمىغان بولسىمۇ، بىراق ئۇلارنىڭ ئۆز - ئارا ئاز سانلىق مىللەت تىلىدا سۆزلەشكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
خەۋەردە يەنە، يەرلىك خىتايلارنى كوچىدا بۇ خىل كىيىم كىيگەن كىشىلەرنى ئۇچراتسا دەرھال ساقچىغا خەۋەر قىلىشقا چاقىرغان.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئىلگىرى قانۇن چىقىرىپ، ئاممىۋى سورۇنلاردا جىلباپ، بۇرقا، لېچەك كىيىشنى، ساقال قويۇشنى، ئاي يۇلتۇزلۇق بېسىلغان ئاق، قارا، قىزىل، كۆك رەڭلىك مايكا كىيىشنى مەنئى قىلغان بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ ئىچكىرىدىكى ئۆلكىلەردە چەكلىنىشى بۇرۇن كۆرۈلۈپ باقمىغان.
«خېنەن گېزىتى»نىڭ خەۋىرىدە، ساقچىلارنىڭ جىلباپلىق ئاياللارنى قانداق بىر تەرەپ قىلىنغانلىقى تىلغا ئېلىنمىغان. كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قەيت قىلىشىچە، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ھاياتىغا قويۇلغان بۇ خىل چەكلىمە ئۇيغۇرلار بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى كەسكىنلەشتۈرۈۋاتقان ئامىللارنىڭ بىرى ئىكەن
http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/xoten-jilbap-08052015145920.html
Yorum yapabilmek için Giriş yapın.