logo

trugen jacn

خىتاينىڭ خۇاۋېي شىركىتىنىڭ ئىش ئېلانىدىكى«شىنجاڭ يەرلىك نوپۇسى بولماسلىق» شەرتى ئىرقچىلىق دەپ ئەيىبلەندى

 

ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقالغان خۇاۋېي شىركىتىنىڭ ئىش ئېلانىدىكى«شىنجاڭنىڭ يەرلىك نوپۇسى بولمىغانلار قوبۇل قىلىنىدۇ» دېگەن شەرتى مۇنازىرە قوزغاپ، «ئىرقچىلىق خاھىشىنى ئاشكارا ئىپادىلىگەنلىك» دەپ ئەيىبلەندى.

2-ئىيۇن كۈنى ئۈندىدار، فېيسبوك قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقالغان «خۇاۋېي شىركىتىنىڭ كەمسىتىش خاراكتېرىدىكى خىزمەت ئېلانى» ناملىق ئۇچۇردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ خۇاۋېي شىركىتى يېقىندا ئۈرۈمچىدىكى مۇلازىمەت ئورنى نامىدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى تەۋەسىدىن خىزمەتچى قوبۇل قىلىدىغانلىقى ھەققىدە ئېلان بەرگەن. مەزكۇر ئېلاندا خىزمەت ئىلتىماس قىلغۇچىلارغا ئۈچ خىل شەرت قويۇلغان. بۇ شەرتلەرنىڭ 3-سىدە «يۇرتى: يەرلىك شىنجاڭ نوپۇسى بولماسلىق» دېگەن سۆزلەرنىڭ ئېنىق يېزىلىشى بۇ ئېلاننى كۆرگۈچىلەرنى نارازى قىلغان.

مەزكۇر ئېلاننى كۆرگەن ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر، «بۇ، ئاشكارا ھالدىكى مىللىي كەمسىتىش ئېلانى ئىكەن، خۇاۋېينىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مەركىزى ئۈرۈمچىدىكى مۇلازىمەت ئورنىغا ‹شىنجاڭنىڭ يەرلىك نوپۇسى بولمىغانلار ئىشقا قوبۇل قىلىنىدۇ› دېگەن شەرتنى قويۇشى بۇ يەردىكى يەرلىك مىللەتلەرنى ئاشكارا كەمسىتكەنلىك» دەپ تەنقىدلىگەن.

ئەمما ھازىرچە خۇاۋېي شىركىتىنىڭ بۇ ئېلان ھەققىدىكى قاراشلار توغرىسىدا ئىنكاس قايتۇرغان ياكى قايتۇرمىغانلىقى مەلۇم ئەمەس.

مەلۇم بولۇشىچە، ئۆتكەن ھەپتە يۇتۇپ ، فېيسبوك قاتارلىقلاردا شاڭخەيدىكى مەلۇم سوپۇن-پاراشۇك زاۋۇتى ئېلانىدىكى ئافرىقىلىق قارا تەنلىك ئەرنىڭ خىتاي قىزى تەرىپىدىن كىر يۇيۇش ماشىنىسىغا ئىتتىرىپ كىرگۈزۈلگەندىن كېيىن، يۇيۇلۇپ سېرىق تەنلىك خىتاي ئەرگە ئايلىنىپ قالغانلىقى ھەققىدىكى ئېلان تارقىلىپ ئەيىبلەشكە ئۇچرىغان، مەزكۇر سوپۇن-پاراشۇك شىركىتىنىڭ خوجايىنى ئۆتكۈزگەن خاتالىقى ئۈچۈن كەچۈرۈم سورايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/uyghurda-ishsizliq-06022016164519.html

Share
936 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.