logo

trugen jacn

خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزدا باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئورۇنلاشتۇرۇشى ئامېرىكىنىڭ جىددىي ئىنكاسىنى قوزغىدى

image

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

ئەركىن

سۈنئىي ھەمراھتىن تارتىلغان رەسىملەردىن قارىغاندا، خىتايلار «يۇڭشىڭ» دەپ ئاتايدىغان خەلقئارا نامى «ۋۇدىي ئارىلى» غا خىتاي ئارمىيەسى يەردىن ھاۋاغا قويۇپ بېرىلىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسى ئورۇنلاشتۇرغان.

بۇ ئۇچۇر ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرىنىڭ رەھبەرلىرىنى كالىفورنىيەدە كۈتۈۋېلىپ، جەنۇبىي دېڭىزنىڭ مۇقىملىقىنى قانداق قوغداش مەسىلىسىنى سۆزلىشىۋاتقاندا ئاشكارىلاندى.

پرېزىدېنت ئوباما سەيشەنبە كۈنى «ئامېرىكا خەلقئارا قانۇن يول قويغان ھەرقانداق يەردە داۋاملىق ئۇچۇش، دېڭىز چارلاش ۋە مەشغۇلات ئېلىپ بارىدۇ. بىز باشقا دۆلەتلەرنىڭ شۇنداق ھوقۇقىنى قوللايمىز» دېگەن ئىدى.

خىتاينىڭ ۋۇدىي ئارىلىغا قورال ئورۇنلاشتۇرغانلىقىغا دائىر سۈنئىي ھەمراھ رەسىملىرىنى «ئىماگ خەلقئارا سۈنئىي ھەمراھ» ناملىق شىركەت تارتقان. مۇتەخەسسىسلەر، سۈنئىي ھەمراھ رەسىملىرىنى ئانالىز قىلىش ئارقىلىق ۋۇدىي ئارىلىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان قوراللار خىتاينىڭ HQ- 9 تىپلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسى ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ مۇساپىسى 230 كىلومېتىرغا قەدەر يېتىپ بارىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

خىتاينىڭ ۋۇدىي ئارىلىغا قورال ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئامېرىكا ۋە رايوندىكى ئالاقىدار دۆلەتلەر دەرھال ئىنكاس قايتۇردى. ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرى جون كەرىي چارشەنبە كۈنى خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزنى ھەربىيلەشتۈرۈۋاتقانلىقىغا دائىر يېتەرلىك پاكىت بارلىقىنى بىلدۈرۈپ، خىتاي بىلەن جىددىي سۆزلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

جون كەرىي مۇنداق دېدى:«بىز قايتا -قايتا تەكىتلىدۇق، ھەربىيلەشتۈرۈشتىن خالى تۇرۇش جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىدە بارلىق دۆلەتلەر ئۈچۈن ئورتاق بىر ئۆلچەم. رەئىس شى جىنپىڭ ۋاشىنگتوننى زىيارەت قىلغاندا، ئۇ، پرېزىدېنت ئوباما بىلەن ئاقساراينىڭ گۈللۈكىدە تۇرۇپ، ‹خىتاي جەنۇبىي دېڭىزنى ھەربىيلەشتۈرمەيدۇ› دەپ ۋەدە بەرگەن ئىدى.
بىراق، ھەر كۈنى يېتەرلىك پاكىتلار شۇنى كۆرسىتىپ تۇرۇۋاتىدۇ، ئۇنداق ياكى مۇنداق شەكىلدىكى ھەربىيلەشتۈرۈش ئىزچىل داۋاملىشىپ كەلدى. بۇ، كىشىنىڭ قاتتىق دىققىتىنى قوزغايدۇ.»

ۋىيېتنام باش مىنىستىرى نيېن تەن دۇڭ بۇ ئەھۋالنى «تىنچلىق، بىخەتەرلىك، ئەركىن دېڭىز قاتنىشى ۋە ھاۋا قاتنىشىغا ئەمەلىي تەھدىت» دېگەن. ئۇ، پرېزىدېنت ئوباما بىلەن كۆرۈشكەندە ئامېرىكا رەھبىرىنى «ئاۋازىنى كۈچلۈك» چىقىرىشقا، «ئەمەلىي ھەرىكەت» قوللىنىپ، رايوندىكى مەۋجۇت ھالەتنى بىر تەرەپلىك ئۆزگەرتىشكە قارشى تۇرۇشقا ئۈندىگەن.

ياپونىيە بولسا، مەۋجۇت ھالەتنى بىر تەرەپلىك ئۆزگەرتىپ، رايوندا جىددىيچىلىك پەيدا قىلىشتەك بۇ خىل ھەرىكەتنىڭ قوبۇل قىلىنمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ئەنگلىيە «قوغدىغۇچى» گېزىتىنىڭ مۇخبىرىغا بەرگەن باياناتىدا، «ياپونىيە بۇ خىل ھەرىكەتتىن جىددىي ئەندىشە قىلىدۇ. مەسىلە پەيدا قىلىدىغان ئۆز ئالدىغا ئېلىپ بېرىلغان بۇ خىل ھەرىكەتنىڭ قوبۇل قىلىنمايدىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ» دېگەن.

ۋۇدىي ئارىلى پاراسېل تاقىم ئاراللىرىدىكى ئەڭ چوڭ ئارال. خىتاي مەزكۇر ئارالنى 1974‏-يىلى كونترول قىلىۋالغان بولسىمۇ، ئەمما ۋىيېتنام بىلەن تەيۋەن ئۇ ئارالدا ئىگىلىك ھوقۇقى بارلىقىنى ئىزچىل داۋا قىلىپ كەلدى.

يۇقىرى دەرىجىلىك بىر ئامېرىكا ئەمەلدارى بولسا، خىتاينىڭ ئامېرىكا شەرقىي جەنۇبى ئاسىيادىكى دۆلەتلەر بىلەن باشلىقلار سۆھبىتى ئۆتكۈزۈۋاتقاندا بۇ ئارالغا قورال ئورۇنلاشتۇرۇشى «خىتاينىڭ مەۋجۇت ھالەتنى ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ» دېگەن. ئۇ ئەمەلدار بۇ سۆزنى ئامېرىكا كابىللىق خەۋەرلەر تورى‏-CNN گە قىلغان.

لېكىن دۆلەت ئىشلار مىنىستىرى جون كەرىي، خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزنىڭ ئىگىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە قورال كۈچىگە تايانماسلىقنى، مەسىلىنى دىپلوماتىك سۆزلىشىشكە تايىنىپ ھەل قىلىشىنى ئۈمىد قىلدى.

جون كەرىي مۇنداق دېدى: «مەن خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزنىڭ ئىگىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە بىر تەرەپلىك ھەرىكەتكە، قورالغا، ھەربىيلەشتۈرۈشكە تايانماسلىقىنى، بەلكى دىپلوماتىيەگە، باشقا دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلىشىشقا تايىنىپ ھەل قىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى تونۇپ يېتىشىنى، ئىختىلاپنى ھەل قىلىشقا تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.»

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى بولسا چارشەنبە كۈنى مۇخبىرلارغا قىلغان سۆزىدە، خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزغا باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئورۇنلاشتۇرغانلىقىنى رەت قىلمىدى.

ئۇ ئاۋسترالىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جۇلىيە بىشوپ بىلەن ئۆتكۈزگەن ئورتاق ئاخبارات يىغىنىدا، «خىتاينىڭ بىز قوغداۋاتقان تاقىم ئارالدا ئەسلىھە قۇرۇش مەسىلىسىگە كەلسەك، ئۇ، ئۆزىنى قوغداشتىكى چەكلىك ھەم زۆرۈر ئەسلىھە. بۇ خەلقئارا قانۇنلاردىكى ئىگىلىك ھوقۇقلۇق دۆلەتلەرگە بېرىلگەن ئۆزىنى قوغداش ۋە مۇداپىئە قىلىش ھوقۇقىغا پۈتۈنلەي ئۇيغۇن كېلىدۇ» دېگەن

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/xelqara-xewer/jenubiy-dengiz-02172016151938.html

Share
1372 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.