logo

trugen jacn

خىتاينىڭ تېررورلۇققا قارشى قانۇنىنىڭ نىشانى ئۇيغۇرلارمۇ؟

6464486639151224085252cnbeijingsanlitunswat624x351reutersnocredit

بۇ قانۇننىڭ ھەدىدىن زىيادە دائىرىسى كەڭ ۋە يېپىق بولغانلىقى تۈپەيلى تېررورلۇققا ياتمايدىغان ھەر تۈرلۈك ئۆكتىچى، دىنىي ياكى ئىرقىي قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكەتلىرىنى باستۇرۇش ئۈچۈنمۇ ئىشلەتكىلى بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ تەنقىد قىلىۋاتقانلارمۇ بار.

خىتاينىڭ تېررورلۇققا قارشى قانۇنىنىڭ نىشانى ئۇيغۇرلارمۇ؟
 خىتاينىڭ تېررورلۇققا قارشى قانۇنىنىڭ نىشانى ئۇيغۇرلارمۇ؟
نوپوزلۇق خەۋەر ئاگېنتلىقلىرىدىن < bbc> « خىتاينىڭ تېررورلۇققا قارشى كۈرەش قانۇنىنىڭ نىشانى ئۇيغۇرلارمۇ؟» تېمىسى ئاستىدا ئانالېز خەۋەر ئېلان قىلدى.
خەۋەردە مۇنۇلار قەيت قىلىندى:
«خىتاي كونسىرى زورىيىۋاتقان تەھدىتلەرگە قارشى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن يېڭى <تېررورلۇققا قارشى كۈرەش قانۇنى>نى پارلامېنتنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكۈزدى. بۇ يېڭى قانۇن ئارقىلىق ھوقۇق دائىرىسى كۈچەيتىلگەن بىر تېررورلۇققا قارشى كۈرەش مەركىزى ئۇرگىنىنى ۋە ئۇنىڭغا تەۋە ئالاھىدە بىخەتەرلىك قىسمىنى قۇرۇپ چىقىش پىلانلانماقتا.
بۇ قانۇننىڭ ھەدىدىن زىيادە دائىرىسى كەڭ ۋە يېپىق بولغانلىقى تۈپەيلى تېررورلۇققا ياتمايدىغان ھەر تۈرلۈك ئۆكتىچى، دىنىي ياكى ئىرقىي قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكەتلىرىنى باستۇرۇش ئۈچۈنمۇ ئىشلەتكىلى بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ تەنقىد قىلىۋاتقانلارمۇ بار.
خىتاي يىقىنقى يىللاردىن بۇيان جەمئىيەتتە يۈز بېرىۋاتقام ھۇجۇم قىلىش ھەرىكەتلىرىگە قارىتا مۇسۇلمان ئۇيغۇر تۈركلىرىنى جاۋاپكار كۆرسەتمەكتە. غەرب ئەللىرىمۇ تېخى يېقىندىلا بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق پۇخرالىرىنى سەنلىتوڭ مەھللىسىدە ھۇجۇم قىلىش ۋەقىسى يەز بېرىپ قىلىش ئېھتىمالى بارلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغان ئىدى.
يېڭى قانۇن ئارقىلىق قۇرۇپ چىقىلغان تېررورلۇققا قارشى كۈرەش مەركىزى ئورگىنى ھەققىدە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئۇرگاننىڭ تېررورلۇق پائالىيەتلىرىنى ۋە تېررورچىلارنى بەلگىلەپ چىقىشقا ھەمدە دۆلەت مىقياسىدىكى تېررورلۇققا قارشى كۈرەشنى ئۆزئارا ماسلاشتۇرۇشقا مەسئۇل بولىدىغانلىقى جاكارلاندى.
خىتاينىڭ رەسمىي ئاخبارات ۋاستىلىرى 2014 – يىلى كۇنمىڭ پويىز ئىستانسىدا يۈز بەرگەن ۋە 29 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان پىچاق بىلەن ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنىڭ تېررورلۇققا قارشى كۈرەش باسقۇچىنىڭ سۈرئىتىنى تېزلاشتۇرغان ئامىل بولغانلىقىنى خەۋەر قىلماقتا. بۇ ھۇجۇمنى مەلۇم بىر ئۇيغۇر تەشكىلاتىغا ئەزا 4 كىشىنىڭ پىچاق بىلەن ئېلىپ بارغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدى.
خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ قاتتىق تەدبىرلەرنىڭ مۇئەييەن بىر مىللەتكە قارىتىلمىغانلىقىنى بەلكى تېررورلۇققا قارشى كۈرەشنى نىشان قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرمەكتە. بۇ يېڭى قانۇن خۇسۇسىي خەت – چەك، ئۇچۇر – ئالاقە، سۆھبەتلەرنى ساقچىلارنىڭ مەخپىي كۆرۈش ۋە ئاڭلىشىنى ئاسانلاشتۇرۇپ بېرىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭ غەرب دۆلەتلىرىدىكىگە ئوخشاشلا كىشىلىك ئەركىنلىكلەرگە خىلاپلىق قىلغانلىق بولمايدىغانلىقىنى تىلغا ئېلىشماقتا.
خىتاي ھۇكۈمىتى داۋاملىق دېگۈدەك ئۇيغۇرلارغا قاراتقان قاتتىق تەدبىرلىرىنىڭ ئىرقىي ياكى كۈلتۈر ئايرىمچىلىقى ئەمەسلىكىنى، بەلكى خەلق ئىچىدىكى تېررورچىلارنى قوللىغۇچىلار نىشان قىلىنىدىغانلىقىنى بار كۈچى بىلەن تەشۋىق قىلىپ كەلمەكتە. بۇ جەھەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى دەپسەندە قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتقان غەرب ئەللىرىنى بولسا، <ئىككى يۈزلىمچىلىك> بىلەن ئەيىبلەپ، خىتايغا قوش ئۆلچەم تۇتقانلىقىنى ئېغىزدىن چۈشۈرمەي كەلمەكتە. ئەمەلىيەتتە بولسا، ئۇيغۇر رايونىغا چەتئەللىكلەرنىڭ كىرىشىگە ئېغىر دەرىجىدە چەكلىمىلەر ۋە توسالغۇلار پەيدا قىلىنغانلىقى سەۋەبىدىن رايوندا يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەر ھەققىدە توغرا مەنبەدىن خەۋەر ئىگىلەش ئاساسەن دېگۈدەك مۇمكىن بولمايدىغان ھالغا چۈشۈرۈپ قويۇلدى.
خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بۇ قانۇننىڭ ھەددىدىن زىيادە كەڭ دائىرىلىك بولۇپ كەتكەنلىكىنى، تېررورلۇققا ياتمايدىغان ھەر تۈرلۈك ئۆكتىچى، دىنىي ياكى ئىرقىي قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكەتلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالالايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى مارت ئېيىدا دەل مۇشۇ قانۇنلار تەييارلىنىۋاتقان مەزگىلدە ئېلان قىلغان دوكلاتىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنى تەنقىد قىلغان، ياكى ئۆز دىنى ئېتىقادىنىڭ تەقەززالىرىنى ئۇرۇندىماقچى بولغان ئىنسانلارنىڭ تېرررولۇق بىلەن ئەيىلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئالدىغان ھېچ بىر ماددىغا ئورۇن بېرىلمىگەنلىكىنى ئېيتقان ئىدى.
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى بۇ قانۇن ئارقىلىق قۇرۇپ چىقىلماقچى بولغان تېررورلۇققا قارشى كۈرەش مەركىزى ئورگىنىغا بېرىلگەن ھوقۇقلارنىڭ تولىمۇ دائىرىسى كەڭ ئىكەنلىكىنى، خەلقئارا ئالچەملەردە قەتئىي چۈشمەيدىغانلىقىنى قەيت قىلغان ئىدى.
يەنە بىر تەرەپتىن خىتاي ئۆكتىچىلەردىن خۇجىئا بۈگۈن تىۋېتتېر ھېسابىدىن يېڭى قانۇن ھەققىدە ئېلان قىلغان سۆزىدە، «بۇ قانۇن تېررورلۇققا قارشى كۈرەشنى باھەنە قىلىپ، ھەر تۈرلۈك نارازىلىق ھەرىكەتلىرىگە، بولۇپمۇ كوچا نامايىشلىرىغا ۋە خەلق ئىجتىمائىي ھەرىكەتلىرىگە ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ. چۈنكى ئالدىدا ئىزاھلانغان <جىددىي ھالەت> ئارقىلىق خەلقنىڭ ۋە ھەر تۈرلۈك گۇرۇپپىلارنىڭ ھەرىكەتلىرىنى ئىنتايىن كەڭ دائىرىلىك كۈزىتىش ۋە چەكلىمىگە ئۇچرىتىش مۇمكىن ھالغا كەلتۈرۈلگەن بولىدۇ» دېدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى

Share
1392 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.