logo

trugen jacn

خىتاينىڭ تۈركىيەدە ئۆتكۈزگەن تۇنجى قېتىملىق نورۇز پائالىيىتىگە تۈركىيە مۇئاۋىن باش مىنىستىرى قاتناشمىدى

turkiye-enqere-xitay-uyghur-oqughuchilar-pul-tarqitish-noruz-2

ئەركىن تارىم

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

خىتاينىڭ ئەنقەرە باش ئەلچىلىكىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن 3-ئاينىڭ 19-كۈنى ئاخشام ئەنقەرە ھىلتون مېھمانخانىسىدا نورۇز پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى. پائالىيەتكە تۈركىيەنىڭ باش مىنىستىر مۇئاۋىنى تەكلىپ قىلىنغان بولۇپ، ئۇ نورۇز پائالىيىتىگە قاتنىشىدىغانلىقىغا ۋەدە بەرگەن بولسىمۇ، ئەمما كەلمىگەن.

تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم باش مىنىستىر مۇئاۋىنىنىڭ قاتناشماسلىقىنىڭ ئېنىق سەۋەبىنى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتىگە كۆرسىتىلگەن نارازىلىق دەپ چۈشىنىشكە بولىدىغانلىقىنى پەرەز قىلىش مۇمكىنلىكىنى ئېيتتى. ئەمما، ئۇ دىپلوماتىيە نۇقتىسىدىن بۇ پائالىيەتكە قاتناشماسلىق سەۋەبىنى باشقىچە چۈشەندۈرۈش مۇمكىنلىكىنى كۆرسەتتى.

شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ سابىق باش كاتىپى خەمىت گۆكتۈركنىڭ ئېيتىشىچە، باش مىنىستىر مۇئاۋىنى پروفېسسور نۇمان قۇرتۇلمۇش ئەپەندى 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى يۈز بەرگەندە 20 مىڭ كىشىلىك بىر نامايىش ئۆتكۈزگەنلىكىنى، ياش ۋاقتىدىن تارتىپ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغا كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان كىشى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. شۇڭا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ قاتناشمىغان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى بايان قىلدى.

ئىگىلىشىمىزچە، خىتاي ئەلچىلىكى ئەنقەرەدە ئۇيۇشتۇرغان نورۇز پائالىيىتىگە تۈركىيە-خىتاي پارلامېنتلار ئارا دوستلۇق گۇرۇپپىسىنىڭ مەسئۇلى، ئىستانبۇلدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر تىجارەتچىلەر ئۇيۇشمىسى، بەزى قازاق تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇللىرى، بەزى تۈركلەر ۋە تۈركىيەدە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ھەم باشقا مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى شۇنىڭدەك خىتايلاردىن بولۇپ تەخمىنەن 350 ئەتراپىدا ئادەم قاتناشقان

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/medeniyet-tarix/xitay-noruz-03192015160858.html

Share
1453 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.