logo

trugen jacn

خىتاينىڭ تاشقى پېرېۋوت زاپىسى بۇ يىل سېنتەبىردە يەنە تۆۋەنلىگەن

 

خىتاي مەركىزىي بانكىسى ئۆز پۇلىنىڭ قىممىتىنى تۇراقلاشتۇرۇشقا تىرىشىۋاتقان پەيتلەردە خىتاينىڭ تاشقى پېرېۋوت زاپىسى سېنتەبىردە ئاۋغۇستتىكىگە قارىغاندا 43 مىليارد 300 مىليون دوللار تۆۋەنلەپ، 3 تىرىليون 51 مىليارد دوللارغا چۈشۈپ قالغان.

خىتاي مەركىزىي بانكىسى تارقاتقان بۇ ھەقتىكى سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، خىتاينىڭ تاشقى پېرېۋوت زاپىسى ئاۋغۇستتىمۇ ئىيۇلدىكىگە قارىغاندا 93 مىليارد 900 مىليون دوللار تۆۋەنلىگەن ئىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يىل 11-ئاۋغۇستتىن باشلاپ ئۆز پۇلىنىڭ دوللارغا قارشى ئالماشتۇرۇش قىممىتىنى 4.4 پىرسەنت تۆۋەنلىتىپ ئامېرىكىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان.

شۇندىن كېيىنلا خىتاينىڭ تاشىقى پېرېۋوت زاپىسىمۇ جىددىي دەرىجىدە تۆۋەنلەشكە باشلىغان.

كۆزەتكۈچىلەر خىتاي تاشقى پېرېۋوت زاپىسىنىڭ ئىزچىل تۆۋەنلەشتىن خالىي بولايمايدىغانلىقىنى پەرەز قىلىشقان.

رېيتېرستا نەقىل قىلىشىچە، سىنگاپورغا جايلاشقان ئاسىيا سودا بانكىسىنىڭ ئىقتىسادىي ئانالىزچىسى جۇ ھاۋ: ئۆتكەن ئايدا خىتاي مەركىزىي خەلق بانكىسىنىڭ پايچەك بازىرىغا ئارىلىشىشى بىلەن بازىرىدىكى تارىيىشنىڭ قەرەلى توشسا، خىتاي تاشقى پېرېۋوت زاپىسى يەنە تۆۋەنلىشى مۇمكىن، دېگەن.

ئۇنىڭدىن باشقا خىتاينىڭ ئالتۇن زاپىسىمۇ ئاۋغۇستتىكى 61 مىليارد 800 مىليون دوللاردىن، سېنتەبىرنىڭ ئاخىرى 61 مىليارد 2 مىليون دوللارغا چۈشۈپ قالغان

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/xitay-iqtisad-10072015162227.html

Share
1224 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.