logo

trugen jacn

خىتاينىڭ بۇلتۇر خۇمدانچى خىتايلار بىلەن ئۇرۇشۇپ قالغان 3 ئۇيغۇرنى 10 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلغانلىقى ئاشكارىلاندى

34693d3a-1c04-4af7-83d4-901edbeb6445

بۇلتۇر ئۇيغۇر رايونىدا خۇمدانچى خىتايلار بىلەن ئۇرۇشۇپ قالغان 3 ئۇيغۇرنىڭ 10 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى ئاشكارىلاندى. مەزكۇر ئۇچۇرنى بۇلتۇر ئۈرۈمچىدە قولغا ئېلىنىپ، 19 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈن قىلىنغان خىتاي پائاليەتچى جاڭ خەيتاۋنىڭ ئادۋوكاتى ليۇ جىڭچىڭ ئاشكارىلىغان.

ليۇ جىڭچىڭنىڭ جۈمە كۈنى رادىئومىزغا بىلدۈرۈشىچە، ئادۋوكات ليۇجىڭچىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىدە جىنايەت ھېسابلانمايدىغان بەزى ئىشلارغا ئۇيغۇر رايونىدا 10 يىللىق قاماق جازاسى بېرىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇلتۇر مەزكۇر رايوندىكى بىرخۇمداندا يۈز بەرگەن يۇقىرىقى 3 ئۇيغۇرنىڭ ۋەقەسىنى ئېيتىپ بەرگەن.

ئادۋوكات ليۇ جىڭچىڭنىڭ ئاشكارىلىشىچە، بۇنىڭدىن بىر يىل ئاۋۋال 3 ئۇيغۇر بىر خۇمدانغا خىش ئېلىشقا كەلگەن. ئەمما ئۇلار ئاپتوموبىلىنى توختات دېگەن يەردە توختاتمىقاچقا، ئۇلار بىلەن خىتاي ئىشچىلار ئوتتۇرىسىدا جىدەل كېلىپ چىققان. شۇنىڭ بىلەن خۇمداننىڭ خوجايىنى ساقچىغا تېلېفون قىلغان. نەتىجىدە، ساقچىلار كېلىپ ئۇ 3 ئۇيغۇرنى قولغا ئالغان ۋە 10يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان.

لېكىن ئادۋوكات ليۇ جىڭچىڭ بۇ ۋەقەنىڭ قاچان، قەيەردە يۈز بەرگەنلىكى، قولغا ئېلىنغان ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىكى ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر بەرمىگەن. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ۋەقەنى جىدەل يۈز بەرگەن ھېلىقى خۇمداننىڭ خوجايىنى ئۇنىڭغا ئېيتىپ بەرگەن. خۇمدانچى خىتاينىڭ، بەلكى ئۇلار 15 كۈن تۇتۇپ تۇرۇلۇپ قويۇپ بېرىلىدۇ، دەپ ئويلىغانلىقىنى، ئەمما ئۇلارنىڭ 10 يىللىق كېسىلگەنلىكىنى ئاڭلاپ، ساقچىلارنى چاقىرىپ كەلگەنلىكىگە پۇشمان قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/xitay-qamaq-02192016190628.html

Share
1395 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.