logo

trugen jacn
30 ئىيۇل 2015

خىتاينىڭ بىر يولۇچىلار ئايروپىلانىدا ئوت قويۇش ھۇجۇمى كۆرۈلۈپ ئىككى يولۇچى يارىلانغان

1430724189461

29 – ئىيۇل خىتاينىڭ بىر يولۇچىلار ئايروپىلانىدا ئوت قويۇش ھۇجۇمى كۆرۈلۈپ، ئىككى يولۇچى يارىلانغان. كېيىن ھادىسە چىققان ئايروپىلان قوزغالغان جېجياڭ ئۆلكىسى تەيجۇ شەھىرىدىكى بىر ئايروپورت ۋاقىتلىق تاقالغان.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، شۇ كۈنى شېنجېن ھاۋا يوللىرىنىڭ تەيجۇدىن گۇاڭجۇغا قاراپ ئۇچقان بىر يولۇچىلار ئايروپىلانى گۇاڭجۇغا قونۇش ئالدىدا بىر ئەر يولۇچى ئايروپىلاننىڭ 1 – دەرىجىلىك يولۇچىلار بۆلمىسىنىڭ پەردىسىگە ۋە ئۇ يەردىكى گېزىتلەرگە ئوت قويغان.

مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر يولۇچى ئايروپىلانغا پىچاق، چاقماق ۋە بېنزىن ئېلىپ چىققان ئىكەن.

ئۇ كىشى ئايروپىلاننىڭ باشقا يەرلىرىگە ئوت قۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقاندا خادىملار ئۇنى بېسىقتۇرغان.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، تەيجۇ ئايروپورتى چارشەنبە كۈنى خەۋپسىزلىك مەسىلىسى تۈپەيلى بىر كۈن تاقالغان، مۇناسىۋەتلىك ئىككى مەسئۇل كىشى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغان.

خىتاي ئاخباراتىدا ئوت قويغان كىشىنىڭ كىملىكى، ئۇنىڭ مەقسىتى ۋە كېيىكنى ئەھۋالى ھەققىدە ھېچنېمە ئاشكارىلانمىغان

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/xitay-ayropilan-07292015195311.html

Share
1613 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.