logo

trugen jacn

خىتاينىڭ «بىر بەلباغ بىر يول» قۇرلۇشى پاكىستاندا مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىدى

ئىلان قىلنغان ۋاقتى: 13- سىنتەبىر

خىتايچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى : كۆلتېگىن

ئۇيۇشتۇرغۇچى: ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

 

رەسىم: مالايسيە مالىيە مىنستىرى لىم گۈەن ئىڭ ، مالايسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي مەبلەغ سالغان نىفىت ۋە تەبئي گاز يەتكۈزۈش تۇربسىغا مۇناسىۋەتلىك ئۈچ تۈرنى بىكار قىلغانلىقىنى جەزىملەشتۈردى.

 

 

خىتاينىڭ 2018-يىلى 12- سىنتەبىردىكى خەۋرىگە ئاساسلانغاندا ، يېقندىن بېرى خىتاينىڭ بىر بەلباغ بىريول قۇرلۇشى ئارقا ـ ئارقىدىن مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىماقتا ، مەسلەن بىر كۈن بۇرۇن مالايسىيادا مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغاندەك .
10- سنتەبىر كۈنى ، بىر نەپەر پاكىستانلىق ئەمەلدارمۇ خىتاينىڭ پاكىستاندا بار كۈچ بىلەن يۈرگۈزۈۋاتقان بىر بەلباغ بىر يول قۇرلۇشىنى كەسكىن ھالدا تەنقىد قىلغان . تەنقىدتە ، خىتاي شىركەتلىرىنىڭ پاكىستاندا يۇقىرى ئىمتيازلارغا ئېرشىۋالغانلىقى سەۋەبىدىن ، پاكىستان شىركەتلىرىنىڭ ئۆزىنىڭ دۆلتىدە رىقابەت كۈچىنى يوقىتىپ قويۋاتقانلىقى تەكىتلەنگەن. بۇ قېتىم پاكىستاننىڭ بېيجىڭنى ئوچۇق ئاشكارا ئەيپلىشى ناھايتى ئاز كۆرۈلىدىغان ئەھۋال بولۇپ، بۇ تەنقىدلەش باشقا دۆلەتلەرنىڭ خىتاي ـ پاكىستان مۇناسىۋىتىنىڭ كەلگۈسىگە بولغان گۇماننى قوزغىدى .

رۇتىر ئاگنىتلىقىنىڭ 10- چىسلادىكى خەۋرىدە ، پاكىستاننىڭ سودا، سانائەت ۋە مەبلەغ تۈرلىرىگە مەسئۇل كابىنت ئەزاسى ئابدۇلرازاق داۋۇتنىڭ دىيشچە، يېڭى پىرزدىنت ئىمران خاننىڭ بۇيرۇقىغا بىنائەن، «خىتاي ـ پاكىستان ئىقتسادى كارىدورى» قارمىقىدىكى 57 مىليارد دوللا قىممىتدىكى بارلىق تۈرلەر ۋاقىتلىق توختىتىلپ قويىلدىكەن ۋە بۇ ھەپتە قايتىدىن باھالاپ چىقلدىكەن .

7- سنتەبىردىن 9- سىنتەبىرگىچە خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنسترى ۋاڭيى ئىككى كۈنلۈك پاكسىتان زىيارىتىنى تۈگىتىپ قايتىپ كەلگەن ئىدى.

داۋۇت پۇل مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ، ئوزىنىڭ كۆزقارشىنى بايان قىلىپ ئاۋال خىتاينىڭ بۇ قۇرۇلۇش تۈرلىرىنىڭ ھەممىنى بىر يىل بىر تەرپكە قايرىپ قويۇش ياكى «خىتاي ـ پاكىستان ئىقتسادى كارىدورى » قۇرلىشىنى يەنە 5 يىل كەينىگە سۈرۈش كېرەك دېگەن .

بۇرۇنقى ھۆكۈمەت يەنى ناۋاز شەرىف ھۆكىمىتى نۇرغۇنلىغان تۈرلەردە بىيجىڭغا ناھايتى يۇقىرى مەنپەت ۋە ئىمتىياز بەرگەن. خىتاي شىركەتلىرى پاكستاندا باجدا ئىتبار قىلىش ، نۇرغۇن ساھەلەردە يۈكسەك مەنپەتتىن بەھرىمان بولۇش قاتارلىق ئىتىبار سىياسەتلەرگە ئېرشكەن ۋە بۇ خىل ھادىسە ھازىرقى يېڭى پاكستان ھۆكىمىتى كۈزىتىش ئېلىپ بېرىۋاتقان ھادىسىلەردىن بىرى ئىكەن . دەل موشۇنداق سەۋەبلەر بىلەن پاكسىتان شىركەتلىرى خىتاي شىركەتلىرى بىلەن بولغان رىقابەتتە بەكمۇ ئاجىز ئورۇنغاچۈشۈپ قالغان بولۇپ ، بۇ تولىمۇ ئادالەتسىز بولغان رىقابەت ئىكەن .

بۇرۇنقى پاكسىتان ھۆكىمىتى شەخسىيلەشتۈرۈش كومىتىتى رەئىسى مۇھەممەد زۇبەير، ئابدۇلرازاق داۋۇتنىڭ بىيجىڭ ھۆكۈمىتىگە قاراتقان بۇ خىل بايانلىرىنى « كىشىنى ناھايتى چۈچۈتىدىغان شۇنداقىلا ناھايتى كەم ئۇچرايدىغان ئاشكارە تەنقىدلەش » دەپ قارىغان.
زۇبەير «رۇتىر ئاگىنتلىقى» غا بەرگەن باياناتىدا ، ئابدۇلرازاق داۋۇتنىڭ خىتاينى تەنقىد قىلشىنى 50 يىلدىن بۇيانقى خىتايغا بېرىلگەن ئەڭ ئېغىر بايانات دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئو يەنە ، خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە نۇرغۇن مەسىلىلەر بولغان تەقدىردىمۇ بۇلارنى شەخسى دىئالوگ ئارقىلىق ھەل قىلغىلى بولدىغانلىقىنى ، ئاشكارا تەنقىدلەشنىڭ بىھاجەت ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان.

داۋۇتنىڭ خىتاينىڭ «بىربەلباغ بىريول قۇرلۇشى »نى ئاشكارە تەنقىد قىلشى خەلقئارانىڭ خىتاي ـ پاكستان مۇناسىۋىتىنىڭ كەلگۈسى توغرسدىكى گۇمانىلىرىنى قوزغىغان . 10- سىنتەبىر كۈنى داۋۇت پاكسىتاننىڭ Geo TV قانلىدا سۆز قىلىپ ، ئۆزىنىڭ باياناتىنى باشقىلارنىڭ خاتا چۈشىنۋالغانلىقىنى ۋە كىينچە بۇنى تېخمۇ ئېنىق قىلپ چۈشەندۈردىغانلقنى ئېيتقان.

ھازىر پاكستان ھۆكۈمىتى كۈچىنىڭ بارىچە تاشقى پىرۋوت كىرزسىدىن ساقلىنش ۋە خەلقئارا پۇل فوندىدىن پۇل قەرىز ئالدىغان ھالەتكە چۈشۈپ قالماسلىق ئۈچۈن تىرشچانلىق كۆرستۋاتىدۇ.
پاكستاننىڭ تاشقى پىرۋوت زاپسىنى كۈچلەندۈرۈش ئۈچۈن خىتاي ھۆكىمىتى بۇيىل 6- ئايدا، يەنى 7-ئاينىڭ 25-كۈنىدىكى پاكستان پىزدىنت سايلىمدىن بۇرۇن ، پاكستانغا بىر مىليارد دوللار قەرز بېرىپ تۇرغان ئىدى.

مالايسىيا نىفىت ۋە تەبئي گازغا مۇناسىۋەتلىك ئۈچ تۈرنى توختاتتى

مالايسىيا مالىيە مىنسترى لىم گۈەن ئىن نىڭ دىيشچە، مالايسىيا پىرزدىنتى ماخاتىر مۇھەممەد بۇيىل 7- ئايدا خىتاي مەبلەغ سالغان 2.8 مىليارد دوللار قىممىتدىكى نىفىت ۋە تەبئي گاز توشۇش تۇربىلىرىغا مۇناسىۋەتلىك بولغان ئۈچ تۈرنى بىكار قىلغان .
پۇل مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتىنىڭ خەۋرىگە قارىغاندا ، بۇ قېتىم بىكار قىلنغان 2 تۈرنىڭ ھەر بىرىنىڭ قىممىتى بىر مىليارد دوللاردىن ، ئۈچۈنجى تۈر بولسا مالاككا شەھرى بىلەن مالايسىيا جوھور نىفىت شىركتىنى باغلايدىغان توشۇش تۇربسى قۇرلۇشى بولۇپ بۇ قۇرلۇشنىڭ قىممىتى 800 مىليۇن دوللار ئىدى.

مالايسىيا مالىيە مىنسترلىكىنىڭ ئىلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلىرىدا كۆرستىشىچە ، گەرچە ئالدىنقى ئىككى تۈرنىڭ تەخمىنەن 13% ى پۈتۈپ بولغان بولسىمۇ لىكىن مالايسىيا ھۆكىمىتى قۇرلۇشنى ھۆددىگە ئالغۇچى شىركەت ـ جۇڭگۇ نىفىت تۇربىلىرى شىركىتىگە قۇرلۇش چىقىمنىڭ تەخمىنەن 90% نى تۆلەپ بولغان.

 

 

 

مەنبە: https://m.secretchina.com/news/b5/2018/09/13/870694.html

http://iuyghur.com/?p=6922

Share
1973 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.