logo

trugen jacn

خىتاينىڭ باي ۋەقەسى ھەققىدىكى خەۋەرلىرىدىن ئاشكارىلانغان رېئاللىقلار -2

d2da8faf-bffe-45c6-ae5a-23da07df054a

شۆھرەت ھوشۇر

ئىلشات ھەسەن: خىتاي قوراللىق كۈچلىرى ئوپىراتسىيەدە ئۇيغۇرلارنى قالقان قىلىپ قوللانغان

خىتاينىڭ باي ۋەقەسى ھەققىدىكى خەۋەرلىرىدىن ئاشكارىلانغان يەنە بىر رېئاللىق، خىتاي قوراللىق كۈچلىرىنىڭ گۇماندارلارنى قورشاپ يوقىتىش ئوپىراتسىيەسى داۋامىدا ئۇيغۇر ئاھالىلەر ۋە ساقچىلارنى قالقان سۈپىتىدە پايدىغانغانلىقىدۇر. گەرچە خەۋەردە 10مىڭلىغان ئاممىنىڭ ئوپىراتسىيەگە ئىختىيارىي قاتناشقانلىقى بايان قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما خەۋەردە پىكىر بايان قىلغان بىر چارۋىچى ئۆزلىرىنىڭ ئىككى ئايدىن بېرى ئارام تاپالمايۋاتقانلىقىنى ۋە ئاۋارچىلىق ئىچىدە ياشاۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈش ئارقىلىق، ئۆزلىرىنىڭ بۇ ھەرىكەتكە مەجبۇرلانغانلىقىنى ئاشكارىلاپ قويغان. بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلغان سىياسىي كۆزەتكۈچى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاھالىلەرنى ئوپىراتسىيەدە قالقان قىلىپ قوللىنىشىنىڭ سىياسىي ۋە تارىخىي سەۋەبلىرى ئۈستىدە توختالدى.

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، خىتاينىڭ باي ۋەقەسى ھەققىدىكى يېقىنقى خەۋەرلىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، گۇماندارلار يوشۇرۇنغان غارنى ئەڭ دەسلەپ بايقىغان ۋە يېتىپ بارغانلار، شۇنداقلا گۇماندارلار تەرىپىدىن تۇتۇلۇپ گۆرۈگە ئېلىنغانلار 4 نەپەر ئۇيغۇر چارۋىچى، ئىككىنچى نۆۋەتتە غارغا يېقىنلاشقان ۋە ھۇجۇمچىلار تەرىپىدىن غارغا سۆرەپ ئەكىرىلىپ ئۆلتۈرۈلگەن ئۇيغۇر ساقچى مەمەت توختىنىياز. مانا بۇ پاكىتلار مەزكۇر ئوپىراتسىيەدە ئەڭ ئالدىنقى قاتاردا ئۇيغۇر ئاھالىلەرنىڭ، ئۇنىڭ ئارقىدا ئۇيغۇر ساقچىلارنىڭ، ئەڭ ئاخىرقى سەپتە، يەنى ئەڭ بىخەتەر ئورۇندا خىتاي قوراللىق كۈچلىرىنىڭ ئورۇن ئالغانلىقىنى ئاشكارىلىماقتا. خەۋەر سۈرەتلىرىدىكى ئاھالىلەرنىڭ توپ – توپ ھالەتتە تاغ باغرىدا پىيادە مېڭىۋاتقان، خىتاي ساقچىلىرىنىڭ بولسا تىك ئۇچار بىلەن ھاۋادا چارلاۋاتقان ۋە كوچىلاردا برونىۋىكلار بىلەن چارلاش ئېلىپ بېرىۋاتقان كۆرۈنۈشىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ قېتىمقى ئوپىراتسىيەدە قالقان سۈپىتىدە پايدىلىنىلغانلىقىنى كۆرسەتمەكتە.

بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلغان ئىلشات ھەسەن ئەپەندى مۇنداق دەيدۇ: «بۇ يېڭى بىر مېتود ئەمەس، بۇ خىتايلارنىڭ تارىختىن بۇيان قوشنا ئەللەرگە قارىتا قوللىنىپ كېلىۋاتقان ئۆز يېغىدا ئۆز گۆشىنى قورۇش، ياتلارنىڭ قولى ئارقىلىق ياتلارنى بىر تەرەپ قىلىش تەدبىرىنىڭ يەنە بىر قېتىملىق ئىجراسى.»

ئىلشات ئەپەندى يەنە خىتاي تەرەپنىڭ بۇ خىل ئوپىراتسىيەلەردە ئۇيغۇر ئاھالىلەرنى ۋە ساقچىلارنى ئالدىغا چىقىرىشتا ئۇلارنىڭ تىل ئالاھىدىلىكى ۋە جۇغراپىيىۋىي مۇھىتنى پىششىق بىلىشىنى سەۋەب كۆرسىتىدىغانلىقىنى، ئەمەلىيەتتە ھەقىقىي سەۋەبنىڭ بۇ ئەمەسلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە، خىتاي قوراللىق كۈچلىرى رايونغا نىسبەتەن ئىشغالچى كۈچ، شۇڭا ئۇلار گەرچە زامانىۋىي قورالغان ئىگە بولسىمۇ، يۈرىكى يەنىلا پوك – پوك. شۇڭا ئۇلار تاغلىق رايونلاردىكى بۇنداق ئوپىراتسىيەلەردە سەپنىڭ ئالدىدا تۇرۇشقا جۈرئەت قىلالمىغان؛ ھەتتا گۇماندارلار يوشۇرۇنغان غار بايقالغاندىن كېيىنمۇ بىرقانچە ھەپتىگىچە غارغا يېقىنلىشالمىغان. ئىلشات ئەپەندى سۆزىدە خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى ئىلغار تېخنىكىنىڭ سايىسىدە گۇماندارلارنىڭ ئىزىنى بايقاشتا ئاھالىلەرگە نىسبەتەن ئۈستۈن ئەۋزەللىككە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ. «ئەگەر ئۇيغۇرلارنى ئالدىغا چىقىرىشتىن مەقسەت تىل مەسىلىسى بولسا ئىدى، – دەيدۇ ئىلشات ئەپەندى سۆزىدە، – گۇماندارلار يوشۇرۇنغان غار بايقالغاندىن كېيىن، ئۇلار ئوتچاچار ئارقىلىق قىرىپ يوقىتىلماستىن، ئۇلار بىلەن دىئالوگ قۇرۇلغان ۋە ئۇلارنى تىرىك قولغا چۈشۈرۈپ سوتقا تارتقان بولاتتى.»

خىتاي خەۋەرلىرىدە 18 – سىنتەبىر كۈنى ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن گۇماندارلار چېكىنگەن تاغنى 1300 كۋادرات كىلومېتىر كۆلەمدە قورشاۋغا ئېلىپ يەنى چەمبىرەك شەكىللەندۈرۈپ ئاختۇرۇش ۋە زەربە بېرىش ئېلىپ بارغانلىقى، شەكىللەنگەن قورشاۋنىڭ ئاسماندا تور، يەردە قاپقان شەكلىدە پۇختا بولغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن؛ ئەمما يەنە خىتاينىڭ ئۆز خەۋەرلىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، گۇماندار تۇرغۇن ئەمەت مۆكۈنگەن غاردىن قېچىپ چىقىپ ئالدى بىلەن بوۋىسىنىڭ قېشىغا بارغان، ئۇنى ساقچىلارغا بوۋىسى ۋە ئايالى تاپشۇرۇپ بەرگەن؛ يەنى تۇرغۇن مەمەت قۇش ئۆتەلمەس دەپ تەسىۋرلەنگەن ئۇ قورشاۋدىن بىمال ھالدا بۆسۈپ ئۆتكەن. مانا بۇ نۇقتىدا توختالغان ئىلشات ھەسەن ئەپەندى، بۇ ئەھۋالنى ئوپىراتسىيەگە قاتناشقان ئۇيغۇرلارنىڭ قەلبىدە ھۇجۇمچىلار تەرەپتە تۇرغانلىقى، تۇرغۇن ئەمەتنىڭ تاغدىن ئۆيىگە قەدەر قېچىپ كېلىشىگە كۆز يۇمغانلىقىنىڭ ئىپادىسى دەپ قارايدۇ. خىتاي خەۋەرلىرىدە تۇرغۇن ئەمەتنىڭ ئائىلىسى تەرىپىدىن ساقچىغا تاپشۇرۇلۇشىنى دۆلەتنى قوللاش ۋە دۆلەت تەرەپ تۇرۇش دېيىلىدۇ، خەۋەردە پىكىر بايان قىلغان تۇرغۇن ئەمەتنىڭ ئايالىنىڭ سۆزلىرى باشقىچە: «تۇرغۇنلا ئەمەس، ھەرقانداق بىرسى كەلگەن بولسىمۇ، ساقچىغا تاپشۇرۇپ بېرەتتۇق، چۈنكى بىز شۇ چاغدا تەشۋىقاتلار ئارقىلىق ئىدىيە جەھەتتىن شۇ ھالغا كەلگەن ئىدۇق.»

ئىلشات ئەپەندىنىڭ قارىشىچە مانا بۇ بايانلارمۇ، مەزكۇر ئائىلىنىڭ تۇرغۇن ئەمەتنى ساقچىغا ئامالسىزلىقتىن تاپشۇرغانلىقىنىڭ ئىپادىسى.

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، يەنە ئىلشات ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، پۇقرالارنى قالقان قىلىپ قوللىنىش ئادەتتە تېررورچىلارنىڭ مېتودى، ئەمما باي ۋەقەسىدە پۇقرالارنى قورال قىلىپ قوللانغانلار خىتاي خەۋەرلىرىدىكى «تېررورچىلار» ئەمەس، بەلكى دۆلەتنىڭ قوراللىق كۈچلىرى، تېررورچى دەپ ئەيىبلەنگەن گۇماندارلارنىڭ گۆرۈگە ئېلىۋالغان يولباشلىغۇچى 4 چارۋىچىنى چېقىلماي قويۇۋەتكەنلىكى دىققەتكە سازاۋەر ئالاھىدە بىر نۇقتا

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/xitay-bay-weqesi-12182015205737.html

Share
1529 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.