logo

trugen jacn

خىتاينىڭ باي كۆمۈركان ھۇجۇمچىلىرىنى ئىزدىشى 20 ‏-كۈنگە قەدەم قويدى، ھۇجۇمچىلار يەنە تېپىلمىدى

0462dbb5-66ad-4b19-8a07-10fd331d738e

شۆھرەت ھوشۇر

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

ئاقسۇ بايدا يۈز بەرگەن كۆمۈركانغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىگە بۈگۈن يېگىرمە كۈن بولدى. ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن خىتاي قوراللىق قىسىملىرى باشلىغان تاغ ئوپىراتسىيەسىنىڭ نەتىجىسى ۋە ئىزدىلىۋاتقان ھۇجۇمچىلارنىڭ ئاقىۋىتى ھەققىدە مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن بۈگۈن مۇخبىرىمىز باينىڭ تېرەك بازىرىدىكى نۆۋەتچى خادىملىرىغا قايتىدىن تېلېفون قىلدى. بىر كۆمۈر كاندىكى دورا ئىسكىلاتى نۆۋەتچى خادىمىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ھۇجۇمچىلار تا بۈگۈنگىچە يەنى ئىزدىلىۋاتقان 20‏-كۈنىگىچە تۇتۇلمىغان؛ تىك ئۇچار ئايروپىلانلار چارلاش دائىرىسىنى تاغ باغرىدىن، يايلاقلارغىچە ۋە دالا-ئېتىزلارغىچە كېڭەيتكەن. ھەرقايسى يېزىلاردىن تاغ يولىغا پىششىق چارۋىچىلارنى توپلاپ ئوپېراتسىيىگە ھەمكارلىققا سالغان.

ۋەقەدىن كېيىن ئىشتىن توختىتىلغان كان قۇدۇقلىرىنىڭ ھېچقايسى تېخى ئىش باشلىمىغان، مەكتەپ قورۇسىنى قوماندانلىق مەركىزىگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن تېرەك بازارلىق باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىمۇ ئۆز مەكتىپىگە تېخى قايتمىغان.

بۇ ئەھۋالدىن بايدىكى خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ نۆۋەتتە تېخىمۇ ۋەھىمىگە چۈشكەنلىكى ۋە ھەيۋەتلىك باشلانغان چارلاش ئوپىراسىيەسىنىڭ ئەمدى جىددىي ۋە ئەنسىزلىك ئىچىدە داۋام قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/komurkan-hujum-10072015151855.html

Share
1394 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.