logo

trugen jacn

خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى بەزى ناھىيىلەرنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ۋە يەر جاي-ناملىرىنى ئۆزگەرتىش پىلانى دىققەت قوزغىدى

doğu-türkistan-haritası-çin-ve-tibetin-batısında-yer-alan-harita-görseli

مېھرىبان

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

يېقىندا خىتايدىكى «شىنجاڭ تورى» قاتارلىق ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى ۋە ئۈندىدار قاتارلىق ئاممىۋى ئالاقە تورلىرىدا ئۇيغۇر رايونىدىكى بىر قىسىم ناھىيىلەرنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، كېڭەيتىپ شەھەر قىلىپ قۇرۇش، ياكى كىچىكلىتىپ ۋىلايەت مەركىزىگە قوشۇۋېتىش، بىڭتۈئەندىكى ھەر بىر دىۋىيەنى بىر شەھەر قىلىپ قۇرۇش، ئۈرۈمچى قاتارلىق شەھەرلەردىكى يەر-جاي ناملىرىنى قايتىدىن تەكشۈرۈپ بېكىتىش ھەققىدە خەۋەرلەر تارقالغاندىن كېيىن، بۇ ئەھۋال چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.

خىتاينىڭ «شىنجاڭ خەۋەرلەر تورى» 18-ئاۋغۇست كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى بەزى يەر-جاي ناملىرىنى قايتىدىن تەكشۈرۈش-بېكىتىش ھەققىدە خەۋەر بېرىلدى. ئوخشاش بىر كۈندە يەنە خىتايدىكى ئاممىۋى تور بېكەتلىرىدىن «سىننا»، «تېڭشۈن»، «ۋىچات» قاتارلىقلاردا يەنە پۈتۈن خىتاي بويىچە ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدىغان بىر قىسىم ناھىيىلەرنىڭ تىزىملىكى ئاشكارىلاندى.

خىتاي تور بېكەتلىرىدە تارقالغان تىزىملىكتىن ئاشكارىلىنىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا قاراشلىق ناھىيىلەردىن 14 ناھىيە ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، بۇلاردىن بەزىلىرىنى شەھەر قىلىپ كېڭەيتىش، يەنە بەزىلىرىنى ۋىلايەت مەركىزىگە قوشۇۋېتىش، قۇمۇل ۋىلايىتىنىڭ نامىنى ئېۋېرغۇلغا ئۆزگەرتىپ، ئەسلىدىكى قۇمۇل شەھىرىنى كېڭەيتىپ قۇرۇش، تۇرپان ۋىلايىتىدە يېڭىدىن گاۋچاڭ نامىدىكى شەھەر قۇرۇش، ئىلى ئوبلاستىدىكى چېگرا ئېغىزىدا يېڭى قورغاس شەھىرى قۇرۇش، بىڭتۇەنگە قاراشلىق 12 دېۋىزىيىنى شەھەر قىلىپ قۇرۇپ، بىڭتۇەنگە قاراشلىق شەھەرلەرنى 22 گە يەتكۈزۈش پىلانلانغان.

تىزىملىكتىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىسى ئىچىدىكى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان 14 ناھىيىدىن، چۆچەك ۋىلايىتىنىڭ دۆربىلجىن ناھىيىسى، ساۋەن ناھىيىسى،قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ يەكەن ناھىيىسى، ئىلى ئوبلاستىنىڭ كۈنەس ناھىيىسى، تۇرپان ۋىلايىتىنىڭ پىچان ناھىيىسى، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ كۇچار ناھىيىسى، سانجى ئوبلاستىنىڭ چىتەي(گۇچۇڭ) ناھىيىسى،بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ بۈگۈر، خوتۇنسۇنبۇل (خېجىڭ)، چاقىلىق ناھىيىلىرى، قاتارلىق 9 ناھىيە كېڭەيتىلىپ شەھەر قىلىپ قۇرۇش پىلانلانغان. ئۈرۈمچى ناھىيىسى ئۈرۈمچى شەھىرىگە، غۇلجا، قورغاس ناھىيىلىرى غۇلجا شەھىرىگە، خوتەن ناھىيىسى خوتەن شەھىرىگە قوشۇۋېتىلىش ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

تىزىملىكتىن مەلۇم بولۇشىچە، شەھەر قىلىپ ئۆزگەرتىلىدىغان بەزى ناھىيىلەردىن كۈنەس ناھىيىسىنىڭ نامى نارات شەھىرىگە، كۇچار ناھىيىسىنىڭ نامى خىتاينىڭ تارىخىي كىتابى «خەننامە. غەربىي يۇرت تەزكىرىسى» ۋە باشقا كىتابلىرىدا تىلغا ئېلىنغان «چىيۇسى» شەھىرىگە، چاقىلىق ناھىيىسى كروران شەھىرىگە ئۆزگەرتىلىش تىلغا ئېلىنغان.

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئەسلىدىكى ئۇيغۇر ناھىيىلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، شەھەر قىلىپ كېڭەيتىش ياكى ناھىيىنى كىچىكلىتىپ ۋىلايەت مەركەزلىرىگە قوشۇۋېتىش پىلانى ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، تور بېكەتلىرىدە مۇنازىرە قوزغىغان. بۇ سەۋەبتىن 18-ئاۋغۇست بەزى تور بېكەتلىرىگە قويۇلغان بۇ خەۋەر 20-ئاۋغۇست كۈنى قايتا تەكشۈرگىنىمىزدە، بۇ خەۋەرنىڭ تېكىستى ۋە ئىنكاسلارنىڭ خەۋەرنى يوللىغۇچى تەرىپىدىن ئېلىۋېتىلگەنلىكى مەلۇم بولدى.

خىتاي خەۋەر مەنبەلىرىدە ئاشكارىلانغان ئۇيغۇر ئېلىدىكى ناھىيىلەرنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، بەزى يەر-جاي ناملىرىنىڭ ئۆزگەرتىلىدىغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەر ۋە بۇ خەۋەرنىڭ توردىن ئېلىۋېتىلىشى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى قاتارلىق چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە ئۇيغۇر ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئەپەندى ۋە ئامېرىكىدىكى مەدەنىيەت تارىخى پەنلىرى دوكتورى، ئۇيغۇر ۋەزىيەت ئانالىزچىسى قاھار بارات ئەپەندىلەر رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى بەزى ناھىيىلەرنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش، ئەسلىدىكى ئۇيغۇرچە يەر-جاي ناملىرىنى ئۆزگەرتىش پىلانىغا قارىتا ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

باياناتچى دىلشات رىشىت ئەپەندى دائىرىلەرنىڭ ناھىيىنى شەھەر قىلىپ قۇرۇش پىلانى شەرقىي تۈركىستانغا تېخىمۇ جىق خىتاي كۆچمەنلىرىنى يۆتكەشنى مەقسەت قىلغان بولسا، بىڭتۈئەندىكى 12 دېۋىزىيىنى شەھەر قىلىپ قۇرۇشنىڭ بىڭتۇەنگە تېخىمۇ جىق خىتاي كۆچمەنلىرىنى يەرلەشتۈرۈش ۋە بىڭتۇەن ئىگىلىۋالغان زېمىنلارنى قانۇنىي ئاساسقا ئىگە قىلىشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

دوكتور قاھار بارات ئەپەندى دائىرىلەرنىڭ خەلقئارا يەر-جاي ناملىرى قانۇنىغا خىلاپ ھالدا 60 يىلدىن بۇيان ئۇيغۇرچە يەرلىك ناملارنى ئۈزلۈكسىز ئۆزگەرتىپ كېلىش قىلمىشىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، پۈتۈنلەي سىياسىي مەقسەتتە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بۇ خىل ئۆزگەرتىشنىڭ، شۇ جاينىڭ تارىخى ماتېرىياللىرى، جۇغراپىيىلىك ئورنى قاتارلىقلارنى بەلگىلەشتە زىيانلىق بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى مىللىي مەدەنىيىتى ۋە تىلىغا بۇزغۇنچىلىق قىلمىشى بولغىنى ئۈچۈن رايوندىكى يەرلىك خەلق ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىنى كۈچەيتىپ، خىتاي ھاكىمىيىتى ئۈچۈن مۇقىمسىزلىق ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/siyaset/yer-jay-namliri-08202015162208.html

Share
2056 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.