logo

trugen jacn

خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا مەمۇرىي رايونلارنى قايتا سىزىش ۋە تەڭشەش پىلانى جىددىي ئىنكاس قوزغىدى

image

قۇتلان

اڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتكەن يىلىنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەسلىدىكى مەمۇرىي رايونلارنى قايتا ئۆزگەرتىش ۋە يېڭىۋاشتىن تەڭشەش ئىشىنى باشلىغان.

خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ پىلاننىڭ 2012-يىلىدىن 2030-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا تاماملىنىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتىكەن.

ئۇنىڭدا ئالدى بىلەن ئۇيغۇر ئېلىدىكى ۋىلايەتلەر ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، ئۇنىڭ ئورنىغا شەھەر مەمۇرىيىتى تەسىس قىلىش پىلانلانغان. مەسىلەن، يېقىن كەلگۈسىدە قەشقەر، ئاقسۇ، خوتەن، تۇرپان، قۇمۇل قاتارلىق ۋىلايەتلەر ئەمەلدىن قېلىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا ۋىلايەت دەرىجىلىك شەھەر مەمۇرىيىتى تەسىس قىلىنىدىكەن.

ۋىلايەتلەر ئۆز دەرىجىسى بويىچە شەھەر قىلىپ ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىن، ئەسلىدىكى ناھىيە دەرىجىلىك مەركىزىي شەھەرلەر رايونغا ئۆزگەرتىلىدىكەن. ھالبۇكى، رايون قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن ئەسلىدىكى شەھەرلەرنىڭ ناملىرىدىمۇ ئۆزگىرىش بولىدىكەن. يەنى كۆپىنچە شەھەرلەرنىڭ ئۇيغۇرچىدىن ئاھاڭ تەرجىمىسى قىلىپ قوللىنىۋاتقان خىتايچە ناملىرى ئۆزگەرتىلىپ، قەدىمكى خىتايچىغا ياكى خىتايچىدىكى يېڭى نامغا ئۆزگەرتىلىدىكەن. مەسىلەن، كۇچا ناھىيەسى شەھەرگە ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ نامى خىتايچە «چيۇسى» غا، ئاقسۇ شەھىرى «گۇمۇ» غا، تۇرپان شەھىرى «گاۋچاڭ» غا، قۇمۇل شەھىرى «يىجۇ» غا ئۆزگەرتىلىدىكەن. ئۇندىن باشقا بىر قىسىم ناھىيەلەر شەھەر قىلىپ ئۆزگەرتىلىپ، ئەسلىدىكى نامى خىتايچىغا ئۆزگىرىدىكەن. مەسىلەن، چاقىلىق ناھىيەسىنىڭ نامىنى «لولەن» شەھىرىگە، قومۇلدىكى ساقا دېھقانچىلىق مەيدانى «خۇڭشىڭ» شەھىرىگە ئۆزگەرتىلىدىكەن.

بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى بۇنىڭ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىغا قاراتقان ئۇزاق مەزگىللىك گېئوپولىتىك ئىستراتېگىيەسىنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى.

ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلەردىن مەمەت توختى ئەپەندىمۇ بۇ ھەقتە ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئەمدىكى خىتاينىڭ ئاسسىمىلىياتسىيە نىشانىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخ، مەدەنىيەت ۋە ئىجتىمائىيەت ئاساسى بىلەن بىر گەۋدىلىشىپ كەتكەن يەرلىك شەھەر،يۇرتلىرىغا قارىتىلغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇندىن باشقا، مەزكۇر پىلاندا يەنە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش ئارمىيەسى قارىمىقىدىكى 16 دىۋىزىيەنى ۋىلايەت دەرىجىلىك شەھەرگە ئۆزگەرتىپ قۇرىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. يەنى ئىلگىرىكى ھەربىي سىستېمىدىكى دىۋىزىيەلەرنى تەدرىجى ھالدا ۋىلايەت دەرىجىلىك شەھەر مەمۇرىيىتىگە، پولكلارنى ناھىيە ياكى رايون مەمۇرىيىتىگە ئوزگەرتىش پىلانلانغان.

بىڭتۈەندە قۇرۇلغۇسى 16 شەھەر ئىچىدە پەقەت تارىم ۋە مىرەن قاتارلىق ئىككى شەھەردىن باشقا قالغان شەھەرلەرنىڭ ھەممىسىگە پۈتۈنلەي خىتايچە ناملار بېرىلىدىكەن. يەنى ئىلگىرى نومۇر بويىچە ئاتىلىدىغان بىڭتۈەننىڭ دىۋىزىيەلىرى ئەمدىلىكتە شەھەرگە ئوزگەرتىلىپ، مەمۇرىي سىستېمىغا يۈزلەندۈرۈش پىلانلانغان. بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلغان ئىلشات ھەسەن ئەپەندى بۇنى خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىغا بولغان كەلگۈسى ئىگىدارچىلىقىنىڭ ئالدىن پىلانلىنىشى دەپ كۆرسەتتى.

مەمەت توختى ئەپەندىمۇ بۇ پىلان خىتاينىڭ بىڭتۈەننى يەرلىكلەشتۈرۈش ئارقىلىق يەرلىك ئۇيغۇرلارنى ئىسكەنجىگە ئېلىشقا ئۇرۇنۇشتىن باشقا نەرسە ئەمەس، دېگەننى ئىلگىرى سۈردى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/siyaset/xitay-siyasiti-04012015160339.html

Share
1630 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.