logo

trugen jacn

خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا مەجبۇرىي ھاراق، تاماكا ساتقۇزۇشى چەتئەل ئاخباراتلىرىنىڭمۇ دىققىتىنى قوزغىدى

image

ئىرادە

2015-u0505-pma.mp3ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

خوتەن شەھىرىنىڭ لاسكۆي بازار ئاقتاش كەنت ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ دۇكان ۋە ئاشخانىلاردا ئاز دېگەندە 5 تۈرلۈك ھاراق ۋە 5 تۈرلۈك تاماكا سېتىش، ئەمەل قىلمىغانلارنى قانۇنىي جاۋابكارلىققا تارتىش ھەققىدە ئۇقتۇرۇش تارقاتقانلىقى ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭمۇ دىققىتىنى قوزغىدى. بۈگۈن ۋاشىنگىتون پوچتىسىغا ئوخشاش بىر قىسىم چەتئەل ئاخباراتلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىنى سۇسلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئۇلارنى ھاراق، تاماكىغا زورلاۋاتقانلىقى ھەققىدە خەۋەر تارقاتتى.

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، خوتەن شەھىرى لاسكۆي بازار ئاقتاش كەنت ئاھالىلەر كومېتىتى مەخسۇس ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، كەنت تەۋەلىكىدىكى دۇكان ۋە ئاشخانىلاردا ئاز دېگەندە 5 تۈرلۈك ھاراق ۋە 5 تۈرلۈك تاماكا قويۇش، ئۇنى كۆزگە چېلىقىدىغان جايغا قويۇشنى تەلەپ قىلغان. ئۇنىڭدا يەنە، ئۇقتۇرۇشقا ئەمەل قىلمىغانلار بولسا سىياسىي ۋە قانۇنىي جەھەتتىن جاۋابكارلىققا تارتىلىدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن.

ئىستانسىمىز مۇخبىرىنىڭ ئىگىلەشلىرى نەتىجىسىدە، بۇ ئۇقتۇرۇشنىڭ بازارلىق ھۆكۈمەتنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن چىقىرىلغانلىقى مەلۇم بولغان ئىدى. خەۋەر ئىنگىلىزچە قىلىپ تارقىتىلغاندىن كېيىن خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭمۇ دىققىتىنى قوزغىدى. بۈگۈن ۋاشىنگىتون پوچتىسى گېزىتى ئىستانسىىمىزنىڭ خەۋىرى ئاساسىدا «خىتاي، ئىسلامنى ئاجىزلاشتۇرۇش ئۈچۈن مۇسۇلمان دۇكان ئىگىلىرىگە ھاراق، تاماكا سېتىشنى بۇيرۇق قىلدى» ماۋزۇسىدا خەۋەر تارقاتتى. خەۋەردە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا يۈرگۈزۈۋاتقان بېسىم سىياسەتلىرى تۈپەيلىدىن يېقىنقى يىللاردىن بۇيان توختىماي ۋەقە چىقىپ، نارازىلىقنىڭ كۈچىيىپ كەتكەنلىكىنى، ئەمما ھۆكۈمەتنىڭ بۇنىڭغا قارشى «قاتتىق زەربە بېرىش» ھەرىكىتى قوزغاپ، ئۇيغۇرلارنى قاتتىق باستۇرسا، يەنە بىر ياقتىن ئۇلارنىڭ دىنىنى ھەر تەرەپتىن چەكلەۋاتقانلىقىنى، شۇڭا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تاماكا چەكمەسلىك ۋە ھاراق ئىچمەسلىكنىمۇ رادىكاللىق، دەپ قاراپ دۇكان ۋە ئاشخانا ئىگىلىرىنى ھاراق، تاماكا سېتىشقا زولاۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان.

ۋاشىنگىتون پوچتىسى خەۋىرىدە ئۇقتۇرۇشتا «ھاراق، تاماكىنى كۆزگە ئاسان چېلىقىدىغان جايغا قويۇش، ئەمەل قىلمىغانلارنى جازالاش» دەيدىغان سۆزلەرنىڭمۇ يەر ئالغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن. ماقالىدە يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى تېررورلۇق، رادىكاللىق بىلەن ئەيىبلەيدىغانلىقى، ئەمما ئۇيغۇرلارنىڭ بۇنىڭغا قارشى چىقىپ، ئەمەلىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسەتلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئۆز مەدەنىيىتى ۋە كىملىكىنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن مۇشۇنداق يولغا مېڭىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتقانلىقى بايان قىلىنغان ۋە ئۇنىڭغا ئاۋسترالىيىدىكى لا تروب ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىسى جەيمىس لېيلىبوندنىڭ سۆزىنى مىسال كەلتۈرگەن. جەيمىس ئەپەندى سۆزىدە مۇنداق دېگەن:

– خىتاي دائىرىلىرى رادىكاللىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا كەلگەندە قاراڭغۇلۇقتا ئېزىپ قالغان ئادەملەرگىلا ئوخشايدۇ. ئۇلار ئۇنى چۈشەنمىگەنلىكتىن پەقەت بۇرۇت، ساقال، ياغلىق ۋە ھاراق ئىچىش – ئىچمەسلىككە ئېسىلىۋېلىۋاتىدۇ. بۇنداق سىياسەتلەر مەسىلىنى ھەل قىلىش ئەمەس، ئەكسىچە ۋەزىيەتنى تېخىمۇ ئۆتكۈرلەشتۈرۈش ئۈچۈنلا خىزمەت قىلىدۇ ۋە ئۇيغۇرلارنى تېخىمۇ بەك يالغۇزلۇققا ئىتتىرىدۇ. ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنى جەمئىيەت تەرىپىدىن قارشى ئېلىنمايدىغان كىشىلەردەك ھېس قىلىشىغا يول ئېچىپ بېرىدۇ.

ۋاشىنگىتون پوچتىسى گېزىتى خەۋىرىدە يەنە، ئۇقتۇرۇشتىن كېيىن ئاقتاش كەنت تەۋەسىدىكى 60 دۇكان ۋە ئاشخانىنىڭ بۇيرۇقنى ئىجرا قىلغانلىقى، رايوندىن بىر نامايىش بولغانلىقى ھەققىدىمۇ خەۋەر تارقالمىغانلىقىنى، بىراق چىڭخەينىڭ شىنىڭ شەھىرىدىكى ئاتالمىش ھالال تورت دۇكىنىنىڭ چوشقا مېيى ئىشلەتكەنلىكى ئاشكارىلىنىپ قالغاندا بولسا، تۇڭگان ئاممىسىنىڭ دۇكانغا ھۇجۇم قىلىپ، ئۇنى ئۇرۇپ – چاققانلىقىنى سېلىشتۇرما قىلغان.

بۈگۈن بۇ ھەقتىكى خەۋەر يەنە، ئىسرائىلىيە دۆلەتلىك خەۋەرلەر تورىدىمۇ ئېلان قىلىندى. «خىتاي دىننى سۇسلاشتۇرۇش ئۈچۈن مۇسۇلمانلارنى ھاراق سېتىشقا زورلىماقتا» ماۋزۇسىدا ئېلان قىلىنغان خەۋەردە، «خىتاي ھۆكۈمىتى رايوندىكى نارازىلىق ھۇجۇملىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن غەيرى بىر مېتودنى يولغا قويدى. ئۇلار مۇسۇلمان دۇككاندارلارنى ھاراق سېتىشقا مەجبۇرلىدى» دېيىلگەن.

خەۋەردە، خىتاي ھۆكۈمىتى رايوندا يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەرنى تېررورلۇق ۋەقەسى دەپ ئاتىسىمۇ، ئەمما خەلقئارا جامائەتنىڭ بۇنداق مەسىلىلەردە داۋاملىق خىتاي ھۆكۈمىتىنى تەنقىد قىلىپ كەلگەنلىكى بايان قىلىنغان. ئۇنىڭدا «ئاقتاش رايونىنىڭ كادىرى ھۆكۈمەتنىڭ بۇ يەردە مەخسۇس دىننى سۇسلاشتۇرۇش ھەرىكىتى قىلىۋاتقانلىقى، ھاراق، تاماكا سېتىشنى مەجبۇر يولغا قويۇشنىڭمۇ بۇ ھەرىكەتنىڭ بىر پارچىسى ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ بەرگەن. بۇ ئۇقتۇرۇش خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىندىن بۇيان دىننى سۇسلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئېلىۋاتقان تەدبىرلىرى ئىچىدىكى يەنە بىر مۇھىمى. ئىلگىرى خىتاي ھۆكۈمىتى كادىرلارنى ۋە بالىلارنى مەسچىتكە بېرىشتىن، روزا تۇتۇشتىن چەكلىگەن. ئاياللار ياغلىق چېگىشتىن، ئەرلەر ساقال قويۇشتىن چەكلەنگەن» دەپ يېزىلغان ۋە بۇ ھەرىكەتلەرنىڭ ئېنىقلا ئىسلام دىنىنىڭ تەسىرىنى ئازايتىشنى مەقسەت قىلغانلىقى ئەسكەرتىلگەن.

بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەر تىۋىتتېر تورىدىمۇ كەڭ ئىنكاس قوزغىدى. بۇ ھەقتە يېزىلغان بەزى ئىنكاسلاردا بۇ كىشىلەرنىڭ بىردىن – بىر گۇناھىنىڭ خىتاي بولمىغانلىقى يېزىلغان بولسا، يەنە بەزى ئىنكاسلاردا خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ زېمىنىنى بېسىۋېلىپ تۇرۇپ، يەنە ئۇلارنى ئۆزىگە ئوخشاش بولۇشقا مەجبۇرلاۋاتقانلىقىنى يازغان. يەنە بەزىلەر ھاراق، تاماكا تاشلاشنىڭ ئەسلىدە سالامەتلىككە پايدىلىق ئىكەنلىكىنى، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنداق ياخشى ئىشنى ئۆزگەرتمەكچى بولغانلىقىنىڭ تولىمۇ غەلىتە ئىكەنلىكىنى يازغان

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/xitay-haraq-tamaka-05052015230637.html

Share
1477 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.