logo

trugen jacn

خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا قۇرغان بىڭتۇەن شەھەرلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى

image

مېھرىبان
ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقى 13-ئاپرېل كۈنى «بىڭتۇەن» دە يەنى «ئۇيغۇر ئېلىدىكى مۇستەقىل كىنەزلىك» دەپ ئاتالغان خىتاي قوراللىق ئەسكەرلىرى كونتروللۇقى رايونىدا يېڭىدىن 8 شەھەر قۇرۇلغانلىقىنى ۋە بۇ شەھەرلەرنى قۇرۇش پىلانىنىڭ خېلى ئىلگىرىلا تۈزۈلگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.

دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇر زېمىنىدا يېڭىدىن بەرپا قىلغان ئاتالمىش «بىڭتۇەن شەھەرلىرى» خىتاي كۆچمەنلىرى مەركەزلىك يەرلەشتۈرۈلگەن جايلار بولۇپ، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرى دائىرىلەرنىڭ بۇ قىلمىشىنى يەرلىك ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز زېمىنىغا بولغان ئىگىدارچىلىق ھوقۇقىنى يەنىمۇ تارايتىش، خىتاينىڭ ئۆز قانۇنىدا بەلگىلەنگەن ئاتالمىش «ئاپتونومىيىلىك قانۇنى»نى پەيدىن-پەي ئەمەلدىن قالدۇرۇش سىياسىتىنىڭ ئەمەلىيلىشىشى، دەپ قارىماقتا.

دائىرىلەرنىڭ ئىلى ئوبلاستىنىڭ قورغاس ناھىيىسىدىكى خىتاي كۆچمەنلىرى ئىگىلىۋالغان كۆكدالانى بىڭتۇەننىڭ 8-شەھىرى دەپ ئېلان قىلىشى، خىتاي ۋە ئۇيغۇر ۋەزىيىتىگە دىققەت قىلىۋاتقان سىياسىي ئانالىزچىلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.

خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 13-ئاپرېلدىكى خەۋىرىدە، يېڭىدىن قۇرۇلغان كۆكدالا شەھىرىنىڭ ئىلى ئوبلاستىدىكى 980 كۋادرات كىلومېتىر دائىرىنى ئىگىلەيدىغانلىقى، ئۇنىڭغا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا بۇندىن ئىلگىرى قۇرۇلغان شىخەنزە، ۋۇجياچۈ (ئوتۇنكوزا)، ئالار، تۇمشۇق، بېيتۈن(كۈيتۈڭ)، تېمىنگۇەن (باشئەگىم)، شۇاڭخې (ئارال) قاتارلىق يەتتە شەھەرنى قوشقاندا نۆۋەتتە بىڭتۇەنگە قاراشلىق شەھەرنىڭ سەككىزگە يەتكەنلىكى تىلغا ئېلىندى. بۈگۈنكى خىتاي خەۋەرلىرىدە يەنە، ئەسلىدىكى تۇرپان ۋىلايىتىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقى ۋە ئەسلىدىكى شەھەر نامىنىڭ گاۋچاڭغا ئۆزگەرتىلگەنلىكى ئېلان قىلىندى.

ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان چەتئەللەردىكى تەتقىقاتچىلاردىن ئامېرىكىدىكى دوكتور قاھار بارات ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار زېمىنىدا خىتاي كۆچمەنلىرى مەركەزلىك ئولتۇراقلاشقان رايونلارنى كېڭەيتىپ، بۇ جايلارنىڭ ئەسلىدىكى يەر ناملىرىنى ئۆزگەرتىپ ئاتالمىش يېڭى شەھەرلەر قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىشى، بۇندىن 60 نەچچە يىل ئىلگىرى بۇ زېمىننى بېسىۋالغان مەزگىلىدە ئېلان قىلغان ئاتالمىش «ئاپتونومىيە قانۇنى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ زېمىن ئىگىدارچىلىق ھوقۇقى ھەققىدىكى ۋەدىسىنى پۈتۈنلەي يىرتىپ تاشلاپ ئەسلى ماھىيىتىنى ئاشكارىلىغانلىقى ھېسابلىنىدىكەن.

دوكتور قاھار بارات ئەپەندى ئۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، خىتاينىڭ ئەسلىدە ئۇيغۇرچە نامى بار جايلارغا يېڭى ناملارنى تېڭىپ، ئۇيغۇر زېمىندا خىتاي شەھەرلىرى قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىشى مەيلى تارىخىي نۇقتىدىن بولسۇن، ياكى جۇغراپىيىلىك جاي نامىلىرىدا بولسۇن، ئۇقۇم قالايمىقانچىلىقى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى، بولۇپمۇ بۇ يەرنىڭ ئەسلى ئىگىلىرى بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىنى كۈچەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ نارازىلىق ھەرىكەتلىرىگە سەۋەب بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

دوكتور قاھار بارات ئەپەندى يەنە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ قىلمىشلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاتالمىش «ئاپتونومىيە قانۇنىي ھوقۇقى»غا ئىشىنىدىغان ۋە بۇ قانۇننىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە ھېلىمۇ ئۈمىد باغلاۋاتقان بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا بولغان ئاخىرقى ئۈمىدلىرىنىمۇ يوققا چىقىرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ماتېرىلياللاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئېلى تەۋەسى ئىچىدىكى كىچىك كىنەزلىك دەپ تەرىپلەنگەن خىتاي كۆچمەنلىرى نوپۇسىنى ئاساس قىلغان «بىڭتۇەن» 1954‏-يىلى «بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈپ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىقتىسادى تەرەققىياتىغا ياردەم بېرىش» نامىدا قۇرۇلغان. بىڭتۇەن ھازىر ئۇيغۇر ئېلىدىكى 3 مىليوندىن ئارتۇق نوپۇسقا، ئۆز ئالدىغا سوت، تەپتىش، ج خ، دۆلەت بىخەتەرلىك، قوراللىق ساقچى، يېزا ئىگىلىك، سانائەت، قاتناش ترانسپورت، كان، سودا ۋە قوراللىق قىسىملارغا ئىگە مۇستەقىل ھەربىي، ئىقتىسادى گەۋدە. خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى يىللار ئىلگىرى مەقسەتلىك ھالدا بىڭتۇەننىڭ پولكلىرىنى ئاساس قىلغان ھالدا 8 شەھەر قۇرۇش پىلانىنى تەستىقلاپ ئېلان قىلغان ئىدى. ئانالىزچىلارنىڭ قارىشىچە، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدا قۇرغان بىڭتۇەن نامىدىكى بۇ سىستېما ۋە قوراللىق كۈچلىرى ئارقىلىق، يەرلىك خەلقلەرنىڭ، جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنلۇق ھەقلىق تەلەپلىرىنى ۋە شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى قوزغالغان قوراللىق قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى باستۇرۇپ كەلگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى بىڭتۇەننىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداشتىكى ئاساسىي كۈچ ئىكەنلىكىنى ئاشكارا تەكىتلىگەن. دائىرىلەر 2014-يىلى 5‏-ئۆكتەبىر ئېلان قىلغان «بىڭتۇەن قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلىنغان ئاق تاشلىق كىتابى » دا بىڭتۇەننى «مەزكۇر يۇقىرى دەرىجىدىكى تەشكىللىك يېرىم ھەربىي كۈچ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقىنى قوغداش، زوراۋان تېررورلۇقنى باستۇرۇشتا ئالاھىدە رول ئويناپ كەلدى» دېگەن ئىدى.

بىراق چەتئەلدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى ۋە خىتاي دېموكراتلىرىنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدا بارغانچە كېڭەيتىۋاتقان بىڭتۇەننى رايوننىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاشتىكى قورغان دەپ تەرىپلىسىمۇ، بىراق پۈتۈنلەي خىتاي كۆچمەنلىرىنى ئاساس قىلغان ۋە ئۇيغۇرلارغا ئىزچىل دۈشمەنلىك پوزىتسىيىسى تۇتۇپ كەلگەن بىڭتۇەن، ئۇيغۇر ئېلىدا تەھدىت ۋە مۇقىمسىزلىق پەيدا قىلىۋاتقان ئاساسىي ئامىللارنىڭ بىرى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/mulahize/uyghurda-bingtuan-04132015145456.html

Share
1593 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.