logo

trugen jacn

خىتاي ھۈكۈمىتى ئۇيغۇرچە كىتاپلارنى كۆيدۈرۈشىنى توختاتسۇن

 

 

 

مەشئەل ئۇيغۇر گۇرۇپپىسى

 

ئىمزا قويۇش ئۇسۇلى

 

ئىمزا قويۇش تور بېتى

https://www.change.org/p/united-nations-stop-china-from-burning-millions-of-uyghur-books

 

بۇرۇنقى مۇراجىئەتنامىلەر:

https://www.change.org/o/group_of_uyghurs_living_abroad

https://www.change.org/o/torchlight_uyghur_group

 

ئۇيغۇرلار تارىختىكى مەدەنىيەتلىك مىللەت بولۇش سۈپىتى بىلەن زور ھەجىمدىكى يازما يادىكارلىقلارغا ئىگە. 19- ۋە 20- ئەسىردىكى غەرب ئېكسپېدىتسىيىچىلىرى ئېلىپ كەتكەن نۇرغۇن يازما يادىكارلىقلار، كىتاپلار ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ كۇتۇپخانىلىرىدا ۋە مۇزېيلىرىدا ساقلانماقتا. ھالبۇكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ياۋايىلارچە سىياسىتى ئاستىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار بۈگۈنكى مەدەنىيەت دەۋرىدىمۇ دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىكى كىشىلەر زادىلا تەسسەۋۋۇر قىلالمىغۇدەك زۇلۇملارغا ۋە مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىغا ئۇچرىماقتا. ئۇيغۇرلارنى 20- ئەسىردە ۋە بۈگۈنكى كۈندە ئەڭ ئېغىر مەدەنىيەت ۋەيرانچىلىقىغا ئۇچرىغان مىللەت دېيىشكە بولىدۇ. كوممۇنىست خىتاي 1949-يىلى شەرقى تۈركىستاننى بېسىۋالغاندىن بۇيان كۆپ قېتىم زور كۆلەملىك كىتاب كۆيدۈرۈش ۋە مەدەنىيەت مىراسلىرىنى كۆيدۈرۈش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، 2017- يىلىدىن باشلانغان يەنە بىر زور كۆلەملىك كىتاب يىغىۋېلىش ۋە كۆيدۈرۈش ھەرىكىتى ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئەڭ ۋەھشى مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى شەكلىدە ئۇيغۇر ۋەتىنىدە داۋام قىلماقتا

 

خىتايغا ياردەم توربېتىنىڭ 2018-يىلى 4-ئاينىڭ 2-كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا خىتاي دائىرىلىرى شەرقى تۈركىستاننىڭ نۇرغۇن يەرلىرىدە ئۇيغۇر تىلىدىكى كىتاپلارنى يىغىش ھەرىكىتىنى ئېلىپ بارغان بولۇپ، ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا ۋە ئۇلارنىڭ ئاتا- ئانىلىرىغا ئۆيلىرىدىكى ئۇيغۇرچە كىتاپلارنى ئېلىپ كېلىپ تاپشۇرۇشنى، ئەگەر تاپشۇرماي ئۆي ئاختۇرغاندا بايقىلىپ قالسا جازالىنىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان.    http://www.chinaaid.net/2018/04/blog-post_2.html?m=1   شەرقى تۈركىستاندا بۇ خىلدىكى ھەرىكەتلەر ئىزچىل داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، 2017- يىلىدىن باشلاپ يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈرۈلگەن. بولۇپمۇ خىتاي شەرقى تۈركىستاننى ئىشغال قىلىشتىن بۇرۇنقى تارىخقا ئائىت كىتاپلارنى ساقلىغانلار ئېغىر جازالانغان

 

خىتاي تارىخىدا كىتاب كۆيدۈرۈپ ئوخشىمىغان ئىدىيىدىكى كىشىلەرنى يوقۇتۇش چىن شىخۇاڭدىن باشلانغان دەپ قارىلىدۇ. خىتاي 1949- يىلى شەرقى تۈركىستاننى ئىشغال قىلغاندىن بېرى ئۈزلۈكسىز مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى مەدەنىيەت جەھەتتە كەينىدە قالدۇرۇپ، ئۇلارنىڭ مىللى كىملىكىنى يوقىتىشقا تىرىشىپ كەلدى. ئاتالمىش “مەدەنىيەت ئىنقىلابى (1966-1976)” جەريانىدا ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى يازما يادىكارلىقلىرى ۋە كىتاپلىرى زور تۈركۈمدە يوقىتىلدى. ئۇيغۇرلارنىڭ ئەرەب ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى مىڭ يىللىق يېزىقى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ ئورنىغا خىتاي تىلىنىڭ پىنيىن ئاساسىدىكى يېزىقى ئومۇملاشتۇرۇلدى. شۇ باھانىدا كونا ئۇيغۇر يېزىقىدىكى كىتاپلار ئەكسىيەتچى كىتاب ھېسابىدا كۆيدۈرۈپ تاشلاندى. 1970-يىللارنىڭ ئاخىرى ۋە 80-يىللارنىڭ بېشىدا باشلانغان ئۇيغۇر مەدەنىيىتىدىكى قىسقا مەزگىللىك گۈللىنىشتىن كېيىن 1990-يىلىدىن باشلاپ ئۇيغۇرچە كىتاپلار يەنە تەكشۈرۈلۈشكە ۋە يىغىۋېلىنىشقا باشلىدى

 

ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى (UNPO ) نىڭ 2002-يىلىدىكى دوكلاتىدىن مەلۇم بولىشىچە خىتاي دائىرىلىرى قەشقەردە تۇرغۇن ئالماس يازغان <<ھۇنلارنىڭ قىسقىچە تارىخى>>، <<قەدىمكى ئۇيغۇر ئەدىبىياتى>> قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 730 خىلدىن ئارتۇق كىتاپنى كۆيدۈرىۋەتكەن. كۆيدۈرۈلگەن نەچچە يۈز مىڭلىغان كىتابلارنىڭ ئىچىدە <<ئۇيغۇر قول- ھۈنەرۋەنچىلىكى>> دېگەن كىتاپنىڭ ئۆزىلا 32 مىڭ 300 دىن ئارتۇق بولۇپ، ئۇزۇن تارىخقا ئىگە قەغەز ياساش قاتارلىق تېخنىكىلارنىڭ تارىخى ھۆججەتلىرى بولغانلىقى ئۈچۈن خەتەرلىك كىتاب دەپ قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەن. شۇ يىلى يەنە قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى بۇرۇن نەشر قىلغان كىتاپلار تەكشۈرۈلۈپ 330 خىل كىتاب مەسىلە بار دەپ قارىلىپ قايتا بېسىشتىن توختىتىلغان ۋە يىغىۋېلىنىپ كۆيدۈرۈلگەن.    http://unpo.org/article/101

 

تۇرغۇن ئالماسنىڭ ئۇيغۇر تارىخى ھەققىدىكى كىتاپلىرى چەكلىنىپ كۆيدۈرۈلۈشكە باشلىغاندىن تارتىپ، خىتاي دائىرىلىرى ئاتالمىش بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش، تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىق نامى ئاستىدا ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت بايلىقلىرىغا ھۇجۇم قىلىشنى داۋام قىلماقتا. 2000-يىلىدىن باشلانغان ئاتالمىش قوش تىللىق مائارىپ سىياسىتى ئارقىلىق مائارىپتا ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئورنىغا خىتاي تىلى دەسسىتىلدى، ئۇيغۇر تىلىنى بارلىق مائارىپ، ھۆكۈمەت ۋە ئىقتىساد ساھەسىدىن سىقىپ چىقاردى. چېن چۇەنگو سېكرېتارلىققا تەيىنلەنگەندىن كېيىن 2017-يىلىدىن باشلاپ ئۇيغۇر تىلىنى پۈتۈن مائارىپ ساھاسىدە ئەمەلدىن قالدۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىر قاتاردا دىنى ئەركىنلىككە تېخىمۇ ئوچۇق- ئاشكارا ھۇجۇم قىلىپ قۇرئان قاتارلىق دىنى كىتاپلارنى يىغىپ كۆيدۈرۈشنى كېڭەيتتى. ھازىر شەرقى تۈركىستاندا تارىختىكى زور كۆلەملىك بىر قېتىملىق كىتاب كۆيدۈرۈش ۋە مەدەنىيەت بايلىقلىرىنى يوقىتىش ھەرىكىتى داۋام قىلماقتا. كىتاپلار كۆيدۈرۈلۈپلا قالماستىن زور تۈركۈمدىكى كىشىلەر مەلۇم كىتاپنى ئوقۇغانلىقى ۋە ساقلىغانلىقى ئۈچۈن 5 يىلدىن 20 يىلغىچە كېسىلمەكتە. بىر مىليوندىن ئارتۇق كىشى ھازىر يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قاماقلىق بولۇپ كۆپىنچىسى دىنى ئېتىقادى بولغانلىقى ياكى مەدەنىيەت سەۋىيىسى يۇقىرى بولغانلىقى ئۈچۈن قامالغانلار ھېساپلىنىدۇ

 

خىتاي دېموكراتلىرىنىڭ تەسۋىرلىشى بويىچە خىتاينىڭ شەرقى تۈركىستاندا باشلىغان كىتاب كۆيدۈرۈش ھەرىكىتىنى مەدەنىيەت ئىنقىلابىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدە قايتا تەكرارلىنىشى دېيىشكە بولىدىكەن.  خىتايدا كىشىلىك ھوقۇق (HRIC) توربېتىدە ئېلان قىلىنغان نىكولاس بېكولىننىڭ دوكلاتىغا قارىغاندا، 2002- يىلى خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر تىلىدا چىقىرىلىدىغان 118 خىل ژۇرنالدىن 52 خىلنى سەزگۈر مەزمۇنلار بار دەپ قاراپ پېچەتلىگەن ۋە ئارقىدىنلا قەشقەردە ئۈستىدىكى UNPO دوكلاتىدا ئېيتىپ ئۆتۈلگەن زور كۆلەمدىكى كىتاب كۆيدۈرۈش ھەرىكىتىنى ئېلىپ بارغان https://www.hrichina.org/sites/default/files/PDFs/CRF.1.2004/b1_Criminalizing1.2004.pdf   تەڭرىتاغ تورى ( خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رەسمى تورى)نىڭ 2006- يىلى 11-ئاينىڭ – 2-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئاتالمىش ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت “قانۇنسىز نەشر بويۇملىرىغا زەربە بېرىش يۈز كۈنلۈك پائالىيىتى” نامىدا مەخسۇس يىغىن چاقىرىپ 215 مىڭ 943 پارچە كىتاپنى كۆيدۈرىۋەتكەن

 

قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈلۈپ يىغىۋېلىنغان ۋە كۆيدۈرۈپ يوقىتىلىۋاتقان كىتابلارنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇر تارىخى، مەدەنىيىتى ۋە ئىسلام دىنىغا ئائىت كىتاپلار ئەڭ كۆپ بولۇپ، ئۇندىن باشقا ئۇيغۇرلارغا مۇناسۋەتلىك رەسىم، ئۈن-سىن بويۇملىرى، جايناماز قاتارلىق نەرسىلەرمۇ يىغىپ كۆيدۈرۈلگەن. ئالدى بىلەن ئۇيغۇرلار بۇيرۇق بويىچە ئۆزلىرىنى تاپشۇرغان، ئارقىدىن دائىرىلەر ئۆي ئاختۇرۇپ كىتاب يىغقان. 2017-يىلىنىڭ بېشىدا ئۈرۈمچىدە ھۆكۈمەتنىڭ ئۆيمۇ ئۆي قۇرئان ئاختۇرىدىغانلىقى ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇشى چىققاندىن كېيىن بەزى كىشىلەر ئۈرۈمچى دەرياسى ۋە قەبرىستانلىقلاردا تاشلىنىپ كەتكەن نەچچە مىڭلىغان قۇرئانلارنى كۆرگەن. 1990-يىللارنىڭ بېشىدا <<ئۇيغۇرلار >> قاتارلىق كىتاپلار چەكلەنگەندىن تارتىپ ھازىرغىچە نۇرغۇن كىتاپلار چەكلەنگەن بولسىمۇ ئەمما بۇ چەكلىمە يېقىندىن بۇيان يۇقىرى دولقۇنغا چىقىپ كىتاب يازغان ئاپتورلار، مۇھەررىرلەر، ناخشىچىلار، سەنئەتكارلار، دىنى ئالىملار بولۇپ نۇرغۇن كىشى قولغا ئېلىنغان. بەزى پىنسىيەگە چىقىپ بولغان مۇھەررىرلەرمۇ ئىلگىرى قىلغان خىزمەتلىرى ئۈچۈن تۇتۇپ كېتىلگەن. 2017- يىلى 6- ئايدا خىتاي ئامانلىق كۈچلىرى قەشقەردىكى 80 ياشقا كىرگەن يازغۇچى مىرزاھىد كېرىمىنىڭ ئۆيىگە باستۇرۇپ كىرىپ ئۇنىڭ يازغان تارىخى رومانلىرىنى ۋە ئۆيىدىكى باشقا كىتاپلارنى ئېلىپ كەتكەن

 

خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇرلارغا قارىتا كىتاپلارنى ۋە مەدەنىيەت مىراسلىرىنى يوقىتىش بىلەنلا قالماي بەلكى ھازىر << رەقەملىك كىتاب كۆيدۈرۈش (Digital Book Burning)>> دەپ ئاتىلىۋاتقان مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىنىمۇ ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. 2009-يىلىدىكى ئۈرۈمچى قىرغىچىلىقىدىن كېيىن 100دىن ئارتۇق ئۇيغۇرچە توربېكەت تاقىۋېتىلدى ۋە باشقۇرغۇچىلىرى تۇتۇپ كېتىلدى. 2017- يىلى يەنە 2011-يىلىدىن باشلاپ قايتا قۇرۇلغان ئاساسلىق ئۇيغۇرچە توربېكەتلەر پۈتۈنلەي تاقالدى. مۇسادىرە قىلىنغان توربېكەت مەلۇماتلىرى ئارقىلىق تەكشۈرۈلگەن ۋە تۇتۇپ كېتىلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ سانى ئىنتايىن كۆپ. ئۇندىن باشقا دائىرىلەر خالىغان ئۇيغۇرنىڭ تېلېفون ۋە قول كومپيۇتېرلىرىنى تەكشۈرۈپ تېپىلغان ئۇچۇر تۈپەيلىدىن تۇتۇلۇپ كەتكەنلەرنىڭ ھەددى ھېسابى يوق دېيىشكە بولىدۇ. ھازىر ئۇيغۇرلار تېلېفونلىرى ۋە باشقا ئۈسكۈنىلىرىگە ھۆكۈمەت تەلەپ قىلغان نازارەت قىلىش يۇمشاق دېتالىنى قاچىلىشى شەرت بولۇپ، قاچىلىمىغانلارنىڭ جازالىنىدىغانلىقى ئېنىق بەلگىلەنگەن

 

https://www.rfa.org/english/news/uyghur/report-uyghurs-in-china-forced-to-install-surveillance-app-that-leaves-their-data-unsecured-04102018164341.html

 

ھازىرقى دۇنيادا، ۋەتىنىمىز شەرقى تۈركىستاندىن باشقا مەلۇم كىتاپنى ئوقۇغانلىقى ياكى ساقلىغانلىقى ئۈچۈن جازالىنىدىغان ۋە ۋەھشىلەرچە قىيىن قىستاققا ئېلىنىدىغان يەرلەر كۆپ بولمىسا كېرەك. شەرقى تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلار دەل خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ فاشىستىك ئىرقى سىياسىتى ئاستىدا بىر نەرسە ئوقۇغانلىقى ۋە ھەتتا بىر نەرسە ئويلىغانلىقى ئۈچۈنمۇ رەھىمسىز جازالارغا دۇچار بولماقتا. خىتاينىڭ ئۇيغۇرچە كىتاپلارنى كۆيدۈرۈشى، مەدەنىيەت مىراسلىرىنى يوقىتىشى ۋە ئۇيغۇرلاردىن كىتاب يازغان كىشىلەرنى جازالىشى يالغۇز ئۇيغۇرلارغىلا ئەمەس، ئەركىنلىكنى ۋە مەرىپەتنى سۆيىدىغان ھەرقانداق بىر ئىنسان ئۈچۈن ھاقارەتتۇر. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان جىنايى قىلمىشلىرى ئىنسانىيەتكە قارشى بىر مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىدۇر

 

بىز ئۇيغۇر مىللىتى نۆۋەتتە ھەددىدىن ئېشىۋاتقان زوراۋان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەپقەتسىز زۇلۇملىرىغا ئۇچراپ ياردەمسىز قالدۇق. بىزگە پۈتۈن دۇنيادىكى ئادالەتسۆيەر ئىنسانلارنىڭ ياردىمى كېرەك.ئەگەر بۇ مۇراجەتنامىگە ئىمزا قويۇپ بىزنىڭ ئاۋازىمىزنى دۇنياغا ئاڭلاتسىڭىز ئۇيغۇرلارغا زور ياردىمى بولىدۇ.

 

بىزگە قوشۇلۇڭ، بىزنىڭ ئاۋازىمىز بولۇڭ. پۈتۈن دۇنيا خىتاينىڭ ئۇيغۇر خەلقىگە نېمە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلسۇن. ئەركىنلىكى بوغۇلغانلارنىڭ ئاۋازى بولۇش ئەركىنلىكنى سۆيۈشتۇر.  سىزگە رەھمەت!

 

ئىمزا قويۇش ئۇسۇلى:

 

ئىمزا قويۇش تور بېتى:

https://www.change.org/p/united-nations-stop-china-from-burning-millions-of-uyghur-books

 

بۇرۇنقى مۇراجىئەتنامىلەر:

https://www.change.org/o/group_of_uyghurs_living_abroad

https://www.change.org/o/torchlight_uyghur_group

 

Share
1654 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.