logo

trugen jacn

خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىدا يېڭىدىن تۆمۈريول ياسىماقچى بولۇشى دىققەت قوزغىدى

ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى غول تۆمۈريول لىنىيەسى 1980-يىللاردىن باشلاپ ئىزچىل ئۇزارتىلىپ كېلىنىۋاتقان بولۇپ، يېقىندا خوتەندىن چاقىلىق ناھىيەسىگىچە بولغان بۆلەكتە قۇرۇلۇش باشلاش رەسمىي تەستىقتىن ئۆتكەن.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 8-مايدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 825 كىلومېتىر بولغان بۇ تۆمۈريول بۆلىكىگە 22 مىليارد سوم (تەخمىنەن 5.3 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى) مەبلەغ سېلىنىدىكەن.

پۈتكۈل لىنىيەدە 69 بېكەت تەسىس قىلىنغان بولۇپ، قۇرۇلۇش تاماملانغاندا پويىزلار سائىتىگە 120 كىلومېتىر تېزلىكتە ماڭالايدىكەن. خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە بۇ قۇرۇلۇشنىڭ ئۈچ يېرىم يىلدا تاماملاش مۆلچەرلەنمەكتە ئىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قۇرۇلۇش پۈتكەندە چاقىلىقتىن چىڭخەي ئۆلكىسىدىكى گولمۇد شەھىرىگىچە سوزۇلغان تۆمۈريول لىنىيەسىگە ئۇلىنىدىكەن. بۇنىڭ بىلەن تەكلىماكان چۆللۈكىنى مۇكەممەل چەمبەر شەكلىدە تۆمۈريول بىلەن ئوراپ چىقىش تاماملىنىدىكەن. شۇنىڭدەك قەشقەر ۋە خوتەن قاتارلىق جايلاردىن قوزغالغان پويىزلار ئۈرۈمچىگە بارماستىنلا چاقىلىق ئارقىلىق ئىچكىرى خىتاي ئۆلكىلىرىگە كېتەلەيدىكەن.

ئانالىزچىلار بۇ ھەقتە توختىلىپ، «تۆمۈريول لىنىيەلىرىنىڭ ئۇزارتىلىشى ماھىيەتتە يەرلىك ئۇيغۇرلارغا مەنپەئەت يەتكۈزۈشنى ئەمەس، بەلكى بايلىقلارنىڭ ئىچكىرىگە توشۇلۇشىنى تېزلىتىدۇ، شۇنىڭدەك خىتاينىڭ مەزكۇر رايونغا بولغان كونتروللۇقىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەيدۇ» دېدى

https://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/uyghurda-tomur-yol-05082018161255.html

Share
1219 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.