logo

trugen jacn

خىتاينىڭ ئاستىلاۋاتقان ئىقتىسادى ۋە ئۇنىڭ سىياسىي كېلەچىكى ھەققىدە مۇلاھىزىلەر

page_cin-piyasasindaki-cokus-isadamina-bir-gunde-36-milyar-dolar-kaybettirdi_997047129

ئىرادە

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

خىتاي پايچەك بازىرىنىڭ چۈشۈپ كېتىشى خەلقئارانىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغاۋاتقان جىددىي بىر مەسىلە. بىراق، خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بولسا بۇ ھەقتە ھازىرغىچە چىقىپ بىر ئېغىز سۆز قىلمىدى. ئادەتتە خىتايغا ئوخشاش دۆلەت رەئىسى ھەممىنى كونترول قىلىدىغان بىر دۆلەت ئۈچۈن بۇ ھەقىقەتنىمۇ بىر غەلىتە ئەھۋال ئىدى. چەتئەللەردىكى تۈزەتكۈچىلەر بولسا بۇ ھەقتە توختىلىپ، ھازىر شى جىنپىڭ ئۈچۈن كومپارتىيە ئىچىدىكى كۈرەشنىڭ ئەڭ مۇھىملىقىنى بىلدۈرمەكتە.

خىتاي پايچەك بازىرى بۇ يىل ئىيۇننىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ 30 پىرسەنتكە يېقىن تۆۋەنلەپ 3 تىرىليون 200 مىليارد دوللاردىن ئارتۇق زىيان تارتقان ئىدى. ئالدىنقى كۈنى خىتاي ھۆكۈمىتى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆسۈم نىسبىتىنى يەنە چۈشۈرۈپ بازارنى ئوڭلاشقا تىرىشىپ باققان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي پايچەك بازارلىرى يەنە زىيان كۆرسەتتى. خىتاي پاي – چەك بازىرىدىكى بۇ داۋالغۇش خەلقئارانىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىماقتا. بەزى كۈزەتكۈچىلەر بۇنى خىتايدا يۈز بەرگۈسى زور بىر ئىقتىسادىي كرىزىسنىڭ خەۋەرچىسى، دەپ قارىماقتا.

يەنە بەزى تۈزەتكۈچىلەر خىتاي ئىقتىسادىنىڭ ئەمدى ئىلگىرىكىگە ئوخشاش ئىككى خانىلىق رەقەم بىلەن زورىيىدىغان دەۋرىنىڭ ئاياغلاشقانلىقىنى، خىتاينىڭ ئىقتىسادىي زورىيىشىنىڭ ئەڭ كۆپ دېگەندە 5 يىل داۋام قىلىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرمەكتە. بۇ ھەقتە ئامېرىكا بېركلىي ئۇنىۋېرسىتېتىڭ ئىقتىساد پەنلىرى پروفېسسورى برەد دېلوڭ «دۇنيا پوچتىسى گېزىتى» دە ئېلان قىلغان مۇلاھىزىسىدە يۇقىرىدىكى ئىدىيىنى ئالغا سۈرگەن.

ئۇ خىتاي ئىقتىسادىنىڭ يەنە 5 يىلدىن كېيىن كرىزىسقا دۇچ كېلىپ، ئىقتىسادنىڭ جايىدا توختاپ قالىدىغانلىقىنى پەرەز قىلغان ۋە «ئەپسۇسكى، خىتاي كەلگۈسىدە ئاسىيادىكى يەنە بىر چىرىكلەشكەن، ئوتتۇرىچە كىرىملىك دۆلەتكە ئايلىنىپ قېلىشى مۇمكىن» دېگەن.

خىتاي پايچەك بازىرىدىكى داۋالغۇشنىڭ جىددىيلىكى خەلقئارانىڭ دىققىتىنى تارتىۋاتقان مۇشۇنداق بىر پەيتتە بولسا خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىپ، بۇ ھەقتە بىر ئېغىز سۆز قىلماسلىقى غەربتىكى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە خىتايدا ئىقتىساد ئاستىلاپ قېيىن بىر ئۆتكەلدىن ئۆتۈۋاتقان بىر مەزگىلدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۇرغۇن ئىقتىساد ۋە نۇرغۇن كۈچ چىقىرىپ، خىتاينىڭ 2 – دۇنيا ئۇرۇشىدىكى ياپونغا قارشى غەلىبىسىنى خاتىرىلىمەكچى بولۇشى ئۇلارنى ھەيران قالدۇردى. چۈنكى ئادەتتە ئىقتىسادتا داۋالغۇش كۆرۈلگەندە ناھايىتى ئاز ساندىكى كارخانىلارنىڭ ئىشتىن توختىتىشنىڭمۇ ئىقتىسادقا تەسىرى كۆرسىتىدىغان تەسىرى چوڭ بولىدىكەن. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭ ئەكسىچە، مۇراسىم مەزگىلىدە بېيجىڭنىڭ ھاۋا سۈپىتى ۋە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن بېيجىڭ ئەتراپىدىكى 10 مىڭدىن ئارتۇق زاۋۇت – كارخانىنى ئىش توختىتىش بۇيرۇقى چۈشۈرگەن. بېيجىڭ شەھىرىدىكى ئۇششاق دۇكانلار ھەتتا ئېلېكترونلۇق ئەسۋاب ساتىدىغان ئۇششاق دۇكانلارمۇ بىخەتەرلىك ئۈچۈن ۋاقىتلىق توختىتىپ قويغان.

ئۇنداقتا، شى جىنپىڭ قېنى؟ ئۇ نېمىشقا مۇشۇنداق بىر ئەھۋال ئاستىدا خەلققە خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ كۈچىنى نامايان قىلىشقا تىرىشىدۇ؟

«ۋال سترىت ژۇرنىلى گېزىتى» دە ئېلان قىلىنغان «شى جىنپىڭنىڭ يەنە بىر كۈرىشى ئۇنىڭ ئۈچۈن بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ» ماۋزۇلۇق ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ ئۈچۈن خىتاينىڭ ئىقتىسادىدىنمۇ مۇھىم بولغان يەنە بىر مەسىلە بار. ئۇ بولسىمۇ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش نامىدا داۋام قىلىۋاتقان ئۇرۇش.

ماقالىنىڭ ئاپتورى ئاندرۇ بروۋننىڭ قارىشىچە، شى جىنپىڭ پەقەت مۇشۇ كۈرىشىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېلىپ بارغاندىلا ئاندىن ئۆزى ئوتتۇرىغا چىقارغان «جۇڭگو چۈشى» نى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ. شۇڭا بۇنىڭغا ئوخشاش ئىقتىسادىي داۋالغۇشلار ئۇنى سىياسىي مەقسىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن توختىتىپ قالالمايدۇ.

ئۇنىڭ قارىشىچە، شى جىنپىڭ سىياسىي كۈرىشىنى داۋام قىلغان تەقدىردە خىتاي ئىقتىسادىغا ئۇزۇن ۋە قىسقا مۇددەتتە تەسىر كۆرسىتىدىكەن. چۈنكى دۆلەتنىڭ مۇھىم ئىقتىسادىي تومۇرلىرىنى كونترول قىلىۋالغان گۇرۇھلار شى جىنپىڭغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن ئىقتىسادتا قىيىنچىلىقلارنى تۇغدۇرۇشى، سىياسىي جىددىيلىكتىن تۈپەيلى ئىقتىسادمۇ ئاستىلاپ كېتىشى مۇمكىن ئىكەن. ئەمما ئاپتور شى جىنپىڭنىڭ بۇنىڭغىمۇ پەرۋا قىلمايدىغاندەك كۆرۈنۈۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان. يېقىندا شىنخۇا تورىدا ئېلان قىلىنغان خەۋەردە ئۈستى يېپىق ھالدا سابىق دۆلەت رەئىسى جياڭ زېمىنغا ھۇجۇم قىلىنغان بولۇپ، بۇ نۆۋەتنىڭ ئەمدى جياڭ زېمىنغا كەلگەنلىكىنى ئىشارەت قىلىش بىلەن بىرگە، پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي كۈرەشنىڭمۇ قاتتىق كەسكىنلەشكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدىكەن. شۇڭا ئادەتتە ھەرقانداق مەسىلىدە ئۆزى بىۋاسىتە ئىپادە بىلدۈرىدىغان شى جىنپىڭنىڭ ئىقتىسادتا شۇنچە چوڭ داۋالغۇش بولۇۋاتسا، بىر ئېغىز ئىپادە بىلدۈرمەسلىكىدىمۇ سەۋەبمۇ ئۇنىڭ دەل بۇ كۈرەش بىلەن ئالدىراشلىقىنىڭ ئىپادىسى، دەپ قاراشقا بولىدىكەن. ئۇ يەنە پارتىيىنىڭ ماھىيىتىنى تەھلىل قىلىپ، سىياسىي كۈرەش بولماي تۇرۇپ بۇ پارتىيىنىڭمۇ مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قالالمايدىغانلىقىنى، شۇڭا شى جىنپىڭنىڭمۇ باشقا ئىشلارنى بىر ياققا قايرىپ قويۇپ، بۇ كۈرەشنى داۋام قىلىدىغانلىقىنى مۇلاھىزە قىلغان.

دۇنيا پوچتىسى گېزىتىدىكى مۇلاھىزىدە ئىقتىساد پروفېسسورى برەد دېلوڭ خىتاي ئەمدى سىياسىي ئىسلاھات ئېلىپ بارمىسا، بۇ ئىقتىسادىي قاپقاندىن قۇتۇلۇپ بولالمايدىغان دەرىجىگە كەلگەنلىكىنى، ئىقتىسادنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنىڭ بىردىن – بىر يولىنىڭ سىياسىي ئىسلاھاتلىقىنى ئەسكەرتكەن

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/mulahize/xitay-iqtisad-08282015235657.html

Share
1328 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.