logo

trugen jacn

خىتايلار ئۇيغۇرلارغا نېمە ئۈچۈن ھازىرقىدەك ئۆچ بولۇپ كېتىدۇ؟

 

 

 

تارىموغلى

 

خىتايلار ئۇيغۇرلارغا نېمە ئۈچۈن ھازىرقىدەك ئۆچ بولۇپ كېتىدۇ؟

 

ئوقۇرمەنلەرنىڭ خەۋىرىدە بولغىنىدەك، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان زۇلۇمى پەۋقۇلئاددە كۈچىيىپ كەتتى.  مەن ھازىر جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان دىن جەھەتتىكى قاتتىق چەكلەش، ئىسىم قويۇش جەھەتتىكى چەكلەش، كېيىم-كېچەك جەھەتتىكى چەكلەش، ئۇرۇق-تۇغقانلار ئارىسىدىكى نورمال بېرىپ-كېلىشنى چەكلەش، ھەممە يەردە ئۇيغۇرلارنى قاتتىق تەكشۈرۈش، ئۇيغۇر دېھقانلىرىنى قېرى-ياشلىقىغا قارىماي ئوپچە ئۇسۇل ئويناشقا ۋە ج ك پ نى كۈيلەپ ناخشا ئېيتىشقا سېلىش، ۋە ئۇيغۇرلارنى «ئىككى يۈزلىمىچى» دېگەن گۇناھ بىلەن قاتتىق جازالاشتىن تارتىپ، تېخى يېقىندا باشلانغان ئۇيغۇرلارنىڭ كلاسسىك يازما ئەسەرلىرى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ سەھنە سەنئىتىنىڭ مەزمۇنلىرىدىكى مىللىي ھېسسىياتقا ياتىدىغان تەركىبلەرنى تەكشۈرۈش قاتارلىق ئىشلارنىڭ خېلى كۆپ قىسمىغا «ئىنسانىيەت تارىخىدا ئانچە كۆپ كۆرۈلۈپ باقمىغان ئىشلار»، دەپ قارايمەن.

 

ئادەتتە بىر مىللەتنىڭ يەنە بىر مىللەتكە ۋەھشىيلەرچە زۇلۇم سېلىشى مەلۇم مىللىي ئۆچمەنلىك سەۋەبىدىنمۇ، يەنى بۇرۇن بولۇپ ئۆتكەن ئىشلار ئۈچۈن ئىنتىقام ئېلىش سەۋەبىدىنمۇ يۈز بېرىدۇ.  ئەمما مەن ناھايىتى كۆپ ئويلاپ، ئۇيغۇرلار تارىختا خىتاي مىللىتى ئۈستىدىن سادىر قىلغان، ئۇيغۇرلارنى ھازىرقىدەك ئېزىشكە مۇناسىپ قىلىدىغان ئىشلارنى ئويلاپ تاپالمىدىم.  ئۇنداق ئىشلار مەۋجۇت بولسىمۇ، ئۆزۈمنىڭ تارىخىمىز ھەققىدىكى بىلىمىم ئاز بولغاچقا، مېنىڭ بىلىدىغانلىرىمنىڭ ئىچىدە ئاشۇنداق ئىشلار يوقمۇ، ئۇنىمۇ بىلەلمىدىم.  ھازىرقى زۇلۇمنىڭ كېلىش مەنبەلىرىنى ئۆزۈم قانائەت ھاسىل قىلغىدەك بىر دەرىجىدە چۈشىنىپ يېتەلمىدىم.  «خىتايلار ئۇيغۇرلارغا نېمە ئۈچۈن ھازىرقىدەك ئۆچمەنلىك قىلىدۇ؟» دېگەن سوئال كاللامدىن زادىلا نېرى كەتمىدى.  ئەگەر ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىدا ھازىر مەۋجۇت بولۇپ تۇرىۋاتقان زۇلۇم يالغۇز جۇڭگو ھۆكۈمىتىدىنلا كەلگەن بولسا، ئۇنى چۈشىنىش يەنە بىر ئاز ئاسان ئىدى.  ئەمما، بۇرۇن ئۇيغۇر ئېلىگە كۆچمەن بولۇپ كېلىپ، ھازىر ئاشۇ زېمىندا ياشاۋاتقان خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ئۆزلىرى بىلەن بىللە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بېشىغا كەلگەن ئېغىر كۈلپەتلەرگە ھازىرقىدەك سۈكۈت قىلىپ تۇرۇشى، ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان، نورمال ئىنسانلار ھەرگىزمۇ قىلمايدىغان ئىشلارغا نىسبەتەن ئۇلار يالغۇز سۈكۈت قىلىپ تۇرۇشلا ئەمەس، تېخى ئۇنى قوللاپ، ئۇ ئىشلاردا ھۆكۈمەتكە ياردەملىشىۋاتقانلىقى مېنى ئۆز-ئۆزۈمدىن يۇقىرىقىدەك سوئالنى سوراشقا مەجبۇرى قىلدى.

 

مەن يېقىندا بىر تونۇشۇم بىلەن بولغان پاراڭلار ئارىسىدا يۇقىرىدىكى سوئالنى ئوتتۇرىغا تاشلىسام، ئۇ بۇ ئىشتا ئىككى ئاساسلىق سەۋەب بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.  ئۇنىڭ بىرى، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ كەڭ كەتكەن زېمىنى، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جۇغراپىيە جەھەتتىكى ئىستراتېگىيىلىك ئورنى، ۋە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تەبىئىي بايلىقى.  ئۇنىڭ يەنە بىرى بولسا ئۇيغۇرلاردىكى ھازىرغىچە خىتايغا باش ئەگمەسلىككە سەۋەب بولغان مىللىي ئىپتىخارلىق بىلەن مىللىي روھ.  ھېلىقى تونۇشۇم دېگەن يۇقىرىدىكى 2 خىل سەۋەبتىن باشقا، يەنە جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىۋېتىش پىلانى، ھەمدە ئۇلارنىڭ بىر بەلۋاغ بىر يول قۇرۇلۇشىدا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مۇقىملىقى ھالقىلىق رول ئوينايدىغانلىقى قاتارلىق يەنە بىر قىسىم سەۋەبلەرنىمۇ تىلغا ئېلىش مۇمكىن.  ئەمما، بۇلارمۇ ھازىر يۈز بېرىۋاتقان، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە خىتاي پۇقرالىرىنىڭ پۈتۈن ئۇيغۇر خەلقىگە بولغان مىللىي ئۆچمەنلىكىنىڭ مەنبەسىنى تولۇق چۈشەندۈرۈپ بېرەلمەيدۇ.

 

مەن يېقىندا 60-يىللارنىڭ بېشىدىن باشلاپلا ئامېرىكىنىڭ جۇڭگو ۋە ھىندىستان قاتارلىق ئەللەردە تۇرۇشلۇق ئەلچىسى بولۇپ ئىشلەپ كەلگەن، بىزنىڭ ۋەتەنگىمۇ كۆپ قېتىم بېرىپ باققان بىر ئەربابنىڭ بىر خەلقئارالىق سۆھبەت مۇنبىرىدە قىلغان سۆزلىرىنى ئۇچرىتىپ قالدىم. ئۇنىڭ دېيىشىچە، 1884-يىلى چىن سۇلالىسى ئەسكەرلىرى ئۇيغۇر ئېلىنى بېسىۋالغاندىن بۇرۇنقى 1500 يىلدەك ۋاقىت ئىچىدە ئۇيغۇرلار زېمىنى ئاساسەن خىتاينىڭ كونتروللىقى ئاستىدا بولۇپ باققان ئەمەسكەن.  مەن 1884-يىلىدىن كېيىن ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايلارغا ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ھازىرقىدەك مىللىي ئۆچمەنلىكىنى پەيدا قىلغۇدەك دەرىجىدە ئېغىر زۇلۇم سېلىپ باققانلىقىنى بىلمەيدىكەنمەن.

 

قىسقىسى، «خەنزۇلار ئۇيغۇرلارغا نېمە ئۈچۈن ھازىرقىدەك ئۆچمەنلىك قىلىدۇ؟» دېگەن سوئالغا مەن ئۆز-ئۆزۈم قانائەتلەنگۈدەك جاۋاب تاپالمىدىم.  شۇڭلاشقا مەن چەت ئەلدىكى باشقا ئۇيغۇر زىيالىيلارنىڭ مۇشۇ ھەقتىكى كۆز-قاراشلىرىنى ئاڭلاپ باققۇم بار.  ئەگەر بىز خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا ھازىرقىدەك مىللىي زۇلۇم سېلىشىنىڭ سەۋەبلىرى ۋە مەنبەسىنى تولۇق ئايدىڭلاشتۇرىۋالالىساق، ئاندىن ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن بۇنىڭدىن كېيىن قانداق ئىشلارنى قىلساق بولىدىغانلىقىنى بىلىۋالالايمىز.  شۇڭلاشقا مەن ئىمكانىيىتى بار ئۇيغۇر زىيالىي قېرىنداشلارنىڭ بۇ مەسىلە ئۈستىدە قەلەپ تەۋرىتىپ بېقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.  بۇ زىيالىيلارنىڭ ئۆز خەلقىنى يېتەكلەش رولىنى ئادا قىلىشى بولۇپ، مېنىڭچە خەلقىمىز مۇشۇنداق تۆھپىسى ئۈچۈن ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن ناھايىتىمۇ مىننەتدار بولىدۇ.  رەھمەت

 

 

ختتاي-ئۇيغۇر مەسلىسنىڭ ماھىيتى ۋە ختتاينىڭ ھەل قىلىش ئۇسۇلى

 

ئاپراسياپ

2017-7-9

 

ختتاي ھۆكۈمىتى بىلەن ئۇيغۇر خەلقى ئارسدىكى مەسللەرنى ئىككى نۇقتىغا يېغىنچاقلاش مۇمكىن

 

1-مۇستەملىكە قىلىش ۋە مۇستەمىلىكىلىگە قارشى تۇرۇش

2-ئاسسلماتسيە قىلىش ۋە ئاسسىلماتسيەگە قارشى تۇرۇش

 

1-مەسلە

بۇ مەسلىنىڭ سەۋەب نەتىجە مۇناسۋىتى مۇنداق :ختتاي ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر زىمىنىنى مۇستەملىكە قىلغانلىقى ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىشى كىلىپ چىقىدۇ.خىتتاي بۇ قارشىلىقنى باستۇرىدۇ.

2-مەسلە

ئىككىنچى مەسلە بىرىنچى مەسلىنى مەنبە قىلىدۇ،ئەمما بۇنىڭدا ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىقى پەقەت ئۆزىنىڭ مەدەنى كىملىكىنى قوغداشتا يەنى پاسسپ ۋە ئاجىز قوغدىنىشتا بولىدۇ.

بۇنىڭ سەۋەب نەتىجە مۇناسۋىتى :ئالدى بىلەن ختتاي مۇستەملىكە قىلدى، كۆپ ساندىكى ئۇيغۇرلار ئۇنىڭغا قوراللىق قارشى تۇرۇشنى تاللىماي ،قوغدىنىشنى تاللىدى.ختتاي بۇنىڭ مەڭگۈلۈك تۈگىمەيدىغان زىددىيەت ئىكەنلىكىنى ھس قىلدى.ئاسسلماتسيە سياستىنى يولغا قويدى.

ختتاينىڭ مەسلە ھەل قىلىش ئۇسۇلى:

1-مەسلىنى ختتاينىڭ بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلى:

ختتاينىڭ مۇستەملىكىسگە بىۋاستە قاتتىق ئۇسۇلدا قارشلىق كۆرستىشنىڭ باستۇرۇش ئۇسۇلى-يوقتىشتىن ئىبارەت.

دۆلەت ئاپپاراتى بولغان قانۇن ئارقىلىق دۆلەتنىڭ ۋە ختتاي پۇقرالىرىنىڭ تۈپ مەنپەئىتى بولغان دۆلەتنىڭ زېمىن  پۈتۈنلۈكىنى قوغداش ختتاينىڭ دۆلەت سياسى تۈزۈلمسنىڭ تەقەززاسى

ختتاينىڭ بۇ ئۇسۇلنى قوللىنىشتا تايىنىدىغان ۋاستىلىرى :

ئىچكى جەھەتتە:

1-جاسۇسلۇق 2-ئارمىيە 3-ساقچى 4-مەھەللە خادىملىرى 5-تۈرمە 6-سوت 7-مېدىيا 8-مائارىپ 9-كەڭ ختتاي ئاممىسى

تاشقى جەھەتتە:

1-ئىگىلىك ھوقۇقلۇق دۆلەت ئىچكى سياستىغا ئارىلاشماسلىق،تىچلىقتا بىللە تۇرۇش سياستى دىپلوماتىيەسى

 

2-رايونلۇق تەشكىلاتلار:1-شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى 2-بىر بەلباغ بىر يول ھەمكارلىق تەشكىلاتى 3-ئاسيا ئۇل مۇئەسسە تەرەققىيات مەبلەغ بانكىسى

بىرىنچى ئۇسۇلنىڭ ئۇنۇمى:

ختتاي دۆلەت ئىچى ۋە سرتىدا تولۇق ئۇتۇق قازاندى

 

2-ئىككىنچى مەسلىنى ختتاينىڭ ھەل قىلىش ئۇسۇلى

 

ئۇيغۇرلۇق-ختتاينىڭ ئۇيغۇر زېىمنىنى مەڭگۈلۈك مۇستەملىكە قىلىشى ئۈچۈن ئەڭ زورتوسالغۇ.بۇ توسالغۇنى يوقتىشنىڭ ختتاي نەزىرىدىكى ئۇسۇلى-ئۇيغۇرلارنىڭ دىنى ،مىللى،مەدەنى كىملىكىنى ختتاي مىللىتى بىلەن قوشۇۋىتىش.

بىرى ختتاينىڭ مۇستەملىكە سياسىتىگە قارشى تۇرىدىغان مىللى روھنى -ئۇيغۇرلۇقنى يوقتىش.

ختتاي بۇ ئۇسۇلنى يولغا قويۇش ئۇچۇن ئاسسلماتسيە سياستىنى تىز سۇرئەتتە يولغا قويۇۋاتىدۇ.

ئاسسلىماتسيەدە تايىنىدىغان ئۇسۇلى:

1-بىر قسم ئىلغارلارنى تاللاپ چېقىپ،ھوقۇق،شۆھرەت،بايلىق قاتارلىق ئىمتىيازلار بىلەن كەڭ خەلقكە ئۆزىگە ئەگەشكەنلەرنىڭ تەقدىرىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى كۆرستىش

2-تىلنى يوقتىش:نورمال تۇرمۇشتىن باشقا بارلىق ئورۇن جۇملىدىن ھۆكۈمەت،مائارىپ ،مېىديا قاتارلىق ساھەلەردە ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئورنىنى قېسش

3-دىنى كىملىكنى يۇيۇش:دىنى مائارىپنى يوقتىش،ئۆسمۇرلەرنى مەسجىددىن يىراقلاشتۇرۇش،ئاممىۋى سورۇنلاردا دىنى پائالىيەتلەرنى چەكلەش،دىنىنىڭ تارقىلىش يولىنى چەكلەش.

4-خىتتايلار بىلەن توي قىلىشقا ئىلھام بىرىش ۋە مەجبۇرلاش

 

 

ئىككىنچى ئۇسۇلىنىڭ ئۇنۇمى ۋە نەتىجىسى:

1-ختتاي قسمەن ئۇتۇقلارغا ئىرشتى،ئۇيغۇرلار قارشىلىقتىن چارچىدى.

2-ۋەتەن ئۇيغۇرلىرى كەلگۇسدىن ،مۇستەقىللىقتىن تامامەن ئۇمۇتسزلىككە كەلدى.

3-ئاسسلىماتسيە تەسر كۆرسەتتى.دىنى كىملىك،مىللى تىل-يېزىقتىن ئۆزلىرى خالاپ ۋاز كىچىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى ئاشماقتا.

4-چەتئەلدىكى خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنىڭ خىزمىتى ئۇنۇمسز بولۇپ،كىشلىك ھوقۇققا تاجاۋۇز قىلىش ۋە ئاسسلماتسيە قىلىش سياستى ھەققىدە ھىچقانداق تەسر كۆرستەلمىدى.

 

 

 

ختتاينىڭ ئاسسلماتسيە سىياستىنىڭ مەنبەسى

 

ختتاينىڭ ئۇيغۇر سياستىنىڭ ئارقسىدا ختتاي مىللىتىنىڭ تارىخى ۋە مەدەنى ئامىللىرىمۇ كۆپ

 

ئۆچمەنلىك قىلىشنىڭ سەۋەبىنى ئۆچمەنلىك قىلىشنىڭ مەقسدى بىلەن ئويلاش كىرەك،دۈشمەن سنى ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە مەنپەئىتىنىڭ كۈشەندىسى دەپ بېكىتسە،سەن ئۇنىڭغا سنىڭ ئۇسۇلۇڭ بويىچە يامانلىق قىلمساڭمۇ ، ئۆزىنىڭ تۈپ مەنپەئىتى،شانۇ-شەۋكىتى،مەنپەئىتىنىڭ دۇشمىنى چاغلىغان سنى بەرىبىر مەڭگۈلۈك دۈشمەن چاغلاپ،سنى يوقتىشنى باشتىن-ئاخىر نشان قىلىدۇ. بۇنچە كۆپ تەبئى بايلىق ۋە سياسى ئەۋزەلىككە ئىگە زېىمىننى ئۆزۇمنىڭ يېرى دەپ قاراۋاتقان بىر خەلقكە ئۆچمەنلىك قىلىش -ختتاينىڭ ئۇيغۇرغا ئۆچمەنلىك قىلىشى ۋە دۈشمەنلىك قىلىشنىڭ باشلىنىش سەۋەبى .

ئەمما بۇ بارلىق دۈشمەنلەرگە  ئورتاق بولغان بىر ئامىل .

ئەمما دۈشمەنلىك قىلغۇچىنىڭ تاكتىكىسى ۋە ئۇسۇلى دۈشمەننىڭ كىملىكى ۋە قانداق سۈپىتى بىلەن مۇناسۋەتلىك ،شۇڭا ئالدى بىلەن دۈشمەنلىك قىلغۇچى ختتاينى چۇشىنىش كىرەك.

بۇ يەردىكى ختتاينى ئانالىز قىلساق،

ختتاي ئادىمىيلىككە قارشى تەپەككۇر ۋە ياشاش ئۇسۇلىغا ئادەتلەنگەن دۆلەت سياسىتىنى قوللىنىپ كەلگەن.نوپۇسنىڭ كۆپلۇكى سەۋەبىدىن ئادەمنىڭ ئادىمى قەدىر-قىممىتىنى يوقىتىش ئادىمىيلىككە قارشى تەپەككۇرنىڭ بىر  سەۋەبىدۇر.ختتايلارنىڭ ھاياتىدا ئۇزۇن مۇددەتلىك قۇلدارلىق تۈزۈم ھۆكۈم سۈرۈپ،ئادەمنى خورلايدىغان ھۆكۈمرانلىق ،ھوقۇقنى ،ئاش-نان ۋە بايلىقنى ئادەم ھاياتىدىن يۇقىرى كۆتۈرىدىغان ئاڭ قۇرۇلمىسى ئاساسى ئورۇندا تۇرغان.ختتايدا ئەڭ قورقۇنچلۇقى باشتىن-ئاخىرى بىردەك ھالدا بىر دىنى ئېتىقات يوق،خۇدادىن قورقمايدۇ،كىشلەرگە ئىچ ئاغرىتمايدۇ.

 

ئوخشىمىغان پىكىردىكى پىكىر ئىگىلىرى،دۇنيا-قاراش ،مەدەنىيەتتىكىلەرنى قوبۇل كۆرمەيدۇ،ختتاينىڭ دۆلەت سياسىتى ۋە ھۆكۈمران كۈچ بولغان كوممۇنستىك پارتىيە دىنى -ئېتىقاد،مىللى مەدەنىىيەت ،پىكىر ئەركىنلىكى دىگەندەك يادرولۇق قىممەت قاراشلارنى ئەزەلدىن خوپ كۆرمەيدۇ.ختتاينىڭ بەش مىڭ يىللىق مەدەنىيتىمۇ مەدەنىيەت تارىخى ئەمەس،بەلكى جان بېقىش ئۈچۈن باشقىلارنى باش ئەگدۇرۇش،ئۆلتۈرۈش تارىخىدۇر.

ئۇزاق مۇددەتلىك سياستى :ختتاي ئۇيغۇرلارنى ئۆزىنىڭ دۈشمىنى دەپ قارايدۇ،ئۇنى يوقتىشنى ئۆزىنىڭ نشانى دەپ بېكىتىپ بولغان.ئۇيغۇرنى ئاجىزلاشتۇرۇش ۋە يوقىتىش بۇ ختتاينىڭ ئەزەلدىن يولغا قويۇۋاتقان سياسىتى،ئۇزۇن مۇددەتلىك پىلانى.بۇ پىلانغا ختتاي ھامان يېتىمىز دەپ قارايدۇ ھەم تۈرلۈك ۋەقە-شارائىتلارغا ئاساسەن تاكتىكا-سياسەتلىرى ۋە قەدەملىرىنى تەڭشەپ تۇرىدۇ.

ختتاينىڭ قسقا مۇددەتلىك قەدەمباسقۇچلۇق سياسەتلىرى:

ختتاي ئۇيغۇرلارنى يوقتىشنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك تەدبىرلىرىنى تۈزۈپ بولغان،نۆۋەتتىكى دۆلەت ئىچى ۋە سرتىدىكى خەلقئارا ۋەزىيەت دەل ختتاينىڭ ئومۇمى پىلانىغا ئۇيغۇن بولۇپ،ئۇيغۇرلار ئاسسلماتسيەنىڭ تىز پويىزىدا مېڭىۋاتىدۇ.

ختتاينىڭ ئاشۇرما سياسەتلىرىنىڭ سەۋەبى بولسا،ختتاينىڭ سياسى جەھەتتىكى پۇرسەتپەرەسلىكى بىلەن ئالاقىداردۇر.

ختتاي خەلقئارالىق چوڭ ئېقتسادى تەشكىلات ۋە رايونلۇق سياسى تەشكىلات قۇرۇپ چىقتى.

ختتاي خەلقئارادىكى ئورتاق دۈشمەن ھىسابلانغان تىرورلۇق جىنايى نامى بىلەن ئۇيغۇرلارنى ئەڭ ئالى چەكتە يالغۇز قالدۇردى ، ئۇيغۇرلارنى يۇقىرى بېسمدا باستۇرۇشنىڭ ئېقتسادى ۋە سياسى شەرتلىرى پشىپ يېتىلدى.

ئۇيغۇرلار بىلەن بىر مەيداندا تۇرۇپ ختتايغا قارشى تۇرىدىغان كۈچلۈك بىر دۆلەت بولمىغان شارائىتتا،ختتاي ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشنڭ سۈرئىتىنى كۈچەيتتى ۋە زۇلۇمنىڭ تۈرلىرىنى كۆپەيتىپ ،بېسمنى ئەڭ يۇقىرى چەككە چىقاردى

 

خىتاي ھۈكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا نىمە ئۈچۈن پەۋقۇلاددە قاتتىق سىياسەت يۈرگىزىدۇ؟

 

بۈركۈت

خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى 1949 – يىلى قۇرۇلغاندىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا ھەر خىل ھېلى مىكىر سىياسەتلەرنى يۈرگۈزۈپ، ئۇيغۇرلارنى ئۆزىگە تامامەن بوي سۇندۇرۇش، زېمىن داۋاسىدىن ۋاز كەچتۈرۈش، مىللىي كىملىكىنى يوق قىلىش ۋە ياكى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش قاتارلىق سىياسەتلەرنى ئوچۇق ۋە ياكى يوشۇرۇن ھالدا يۈرگۈزۈپ كەلگەن بولسىمۇ بىراق ئۇيغۇر خەلقىنى ئاساسەن مېھماندوست، ناخشا ئۇسۇلغا ماھىر خەلق دەپ تەشۋىق قىلىپ كەلگەن ئىدى. 1992 – يىلى بۇرۇنقى سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلىنىپ، ئورتا ئاسىيادىكى تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق رېسپوبلىكىلار مۇستەقىل بولغاندىن كىيىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان سىياسىتىدە بەزى ئۆزگىرىشلەر ئوتتۇرىغا چىققان ۋە ئۇيغۇرلارنى بۆلگۈنچىلىك بىلەن باستۇرۇشقا باشلىغان. 2001-يىلى ئامىركىدا يۈز بەرگەن 11 – سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كىيىن خىتاي ھۆكۈمىتى دەرھال خەلقئارا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئېقىمىدىن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇرلارغا تېررورچى دېگەن قالپاقنى كىيدۈرۈپ، ئەسلىدىن يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتىنى تېخىمۇ كۈچەيتكەن

ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن 2009- يىلى 5 – ئىيۇل ۋەقەسىدىن كىيىن ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان قاتتىق باستۇرۇش سىياسىتى تېخىمۇ ئەۋجىگە چىقىپ، ئالدى بىلەن دىننى زاتلارغا ۋە ئوخشىمىغان قاراشتىكى كىشىلەرگە ئۈچ خىل كۈچلەر دېگەن قالپاقنى كىيدۈرۈپ، ئۇلارنى قاتتىق باستۇرغان بولسا، كېيىنچە باستۇرۇش دائىرىسىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، ئۇيغۇر مەمۇرى رەھبەرلەرنى، كۆزگە كۆرۈنگەن زىيالىيلارنى ۋە يەككە تىجارەتچىلەرنى باستۇرغان. بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ قاتتىق قول سىياسىتىنى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممە ساھەسىگە كېڭەيتىپ، ھەر تەرەپلىمىلىك باستۇرۇش سىياسىتىنى يۈرگۈزمەكتە، شۇنداقلا يالغۇز باستۇرۇش بىلەن چەكلىنىپ قالماي ئۇيغۇرلارنىڭ نورمال ھاياتىغا، دىننى ۋە مەدىنى ئۆرپ-ئادەتلىرىگە كۆپلىگەن قاتتىق چەكلىمىلەرنى قويۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسانى ھەق ھوقۇقىنى ئېغىر دەرىجىدە دەپسەندە قىلماقتا

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان قاتتىق قوللۇق سىياسەتلىرى، ۋەتەندە يۈز بەرگەن ھەر خىل ۋەقەلەرنى قانلىق باستۇرغاندىن باشقا، كونكرېت ئەھۋالى تۆۋەندىكىچە.

1. قانۇنسىز دىننى پائالىيەت نامى بىلەن ھەر خىل دىننى پائالىيەتلەرنى چەكلەش، ۋە خەلقىنىڭ نورمال دىننى ئېتىقادىغا ئېغىر دەرىجىدە توسقۇنلۇق قىلىش;
2. 18 ياشتىن تۆۋەندىكىلەرنىڭ مەسچىتكە كىرىشىنى چەكلەش بىلەن بىرگە ياشلار ئارىسىدا دىننى تەربىيە ئىلىپ بېرىشنى چەكلەش;
2. رايون ئاتلاپ ناماز ئوقۇشنى چەكلەشتىن كەنت مەھەللە ئاتلاپ ناماز ئوقۇشنى چەكلەش; ھەجى قىلىشنى چەكلەش;
3. مەكتەپلەردە ۋە ھۆكۈمەت خادىملىرى ئارىسىدا روزا تۇتۇشنى قاتتىق چەكلەش، ھەم شۇنداقلا ئادەتتىكى پۇقرالارنىڭ رامزان پائالىيەتلىرىگە ئېغىر دەرىجىدە توسقۇنلۇق قىلىش;
4. ئەرلەرنىڭ ساقال قويۇشىنى، ئاياللارنىڭ ياغلىق ئارتىشىنى چەكلەش، ۋە ئەنئەنىۋى كىيىم-كېچەك يۈرۈش تۈرۈش ئادەتلىرىگە ھەر خىل چەكلىمىلەرنى قويۇش;
5. ئاتا ئانىلارنىڭ بالىلىرىغا ئىسىم قويۇش ئەركىنلىكىگە توسالغۇ بولۇش، ۋە بەزى ئىسىملارنى قاتتىق چەكلەش;
6. خەلقىنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە ۋە باردى كەلدى قىلىشىغا ھەر خىل چەكلىمىلەرنى قويۇش، رايون ۋە كەنت ئاتلاپ تۇغقان يوقلاشقا قاتتىق چەكلىمە قويۇش، كىشىلەرنىڭ ئەركىن سەپەر قىلىش ھوقۇقىغا ئېغىر دەرىجىدە توسقۇنلۇق قىلىش.
7. رادىكاللىقنى باھانە قىلىپ، كىشىلەرنىڭ ئەنئەنىۋى ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ساقلاپ قىلىشىنى چەكلەش، ئۆزىمىزنىڭ ئەخلاقى پەزىلىتىگە ئۇيغۇن بولمىغان ئىشلارنى قىلىشقا مەجبۇرلاش;
8. خەلقىنىڭ چەتئەلگە چىقىشىنى ۋە تۇغقان يوقلىشىنى قاتتىق چەكلەش; باللىرىنى چەتئەلدە ئوقۇتۇشقا ئېغىر دەرىجىدە توسقۇنلۇق قىلىش; ئىنسانلارنى پاسپورت ئىلىش ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىش;
9. خەلقىنىڭ چەتئەل بىلەن بولغان ھەر خىل ئالاقىسىگە قاتتىق چەكلىمە قويۇش، چەتئەلدە تۇغقانلىرى بارلارغا تىزىملاپ كونترول قىلىش سىياسىتىنى قوللىنىش;
10. خەلقىنىڭ قوشنا مۇسۇلمان دۆلەتلەر ۋە تۈركى دۆلەتلەر بىلەن بولغان سودا سېتىقلىرىنى قاتتىق چەكلەش;
11. خەلقنى پارتىيىنى سۆيۈشكە، دىنىي ئېتىقادتىن ۋاز كېچىشكە زورلاش ۋە بۇ ھەقتە ئېنىق ئىپادە بىلدۈرۈشكە مەجبۇرى قىلىش;
12. ئۇيغۇرلارنىڭ نورمال پىكىر بايان قىلىشنى چەكلەپ، خىتاي خەلقىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ھاقارەتلىشىگە كەڭ كۆلەملىك يېشىل چىراغ ئىچىپ بېرىش; بىر تەرەپتىن ئۇيغۇرلار ئارىسىدا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى تەشۋىق قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن خىتايلار ئارىسىدا ئۆچمەنلىك تەرغىب قىلىش;

ئۇنداقتا خىتاي ھۆكۈمىتى نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇرلارغا بۇنداق قاتتىق سىياسەت يۈرگۈزىدۇ؟ ئۇنىڭ سەۋەبلىرىنى تۆۋەندىكى بىر نەچچە تەرەپلەرگە يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ.

1. ئۇيغۇرلارنىڭ 60-70 يىلدىن بۇيان ئۈزلۈكسىز داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان مۇستەقىللىق داۋاسى، يەنى ئۇيغۇرلار تارىختىن ياشاپ كېلىۋاتقان بۇ زېمىننىڭ ئىگىلىك ھوقۇق داۋاسى. بۇ ئەڭ نېگىزلىك سەۋەب بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى 60-70 يىلدىن بۇيان گەرچە ھەر خىل تاكتىكىلارنى قوللىنىپ، ھەر خىل باستۇرۇشلارنى ئىلىپ بېرىپ ئۇيغۇرلارنى بۇ داۋادىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇرى قىلىپ باققان بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ ئۈنۈم بەرمەسلىكى;
2. ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىك ۋە دىننى ئېتىقاد جەھەتتە خىتايلاردىن ئالاھىدە پەرق بولۇشى، ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزلىرىنى خىتايلاردىن پەرقلىق تۇتۇشى، ھەم خىتايلارنىڭ ئۆزلىرىنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشىغا ئۈزلۈكسىز قارشىلىق بىلدۈرۈپ كېلىشى;
3. خەلقئارا ۋەزىيەت، يەنى غەربىنىڭ مۇسۇلمانلارغا يۈرگۈزگەن سىياسەتلىرى ۋە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەرىكەتلىرىنىڭ ئەۋجى ئىلىشى، خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئۇيغۇرلارنى يوق قىلىشقا ئەڭ ياخشى پۇرسەت يارىتىپ بېرىشى;
4. ئۇيغۇرلارنىڭ تاقىتىنى سىناش، يەنى ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قانچىلىك قاتتىق قوللۇق سىياسەت يۈرگۈزەلەيدىغانلىقىنى ئەمىلى سىناپ كۆرۈش، ۋە ئۇنىڭغا ئاساسەن كېيىنكى سىياسەتلىرىنى تۈزەپ چىقىش، ۋە ياكى شۇ ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ كەلگۈسىگە بولغان ئۈمىد ۋە ئىشەنچىنى پۈتۈنلەي ۋەيران قىلىش.
5. ئۇيغۇر زېمىنىنىڭ خىتاينىڭ ھازىرقى تەرەققىياتى ۋە كەلگۈسى كېڭەيمىچىلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىدىكى ئىستراتېگىيىلىك ئورنى، خىتاي خەلقى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەتنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىگە بولغان ئالاھىدە جىددىي قارىشى، ئۇيغۇرلارنى خىتاينىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىگە ھەر زامان بىر تەھدىت دەپ قارىلىشى.

مىنىڭ قارىشىمچە خىتاي ھۆكۈمىتى يۇقىرىدەك قاتتىق قول سىياسەتلەرنى قوللىنىپ، ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئۇزۇن مۇددەتلىك مۇقىملىق ھاسىل قىلىشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى، بۇنداق سىياسەتنىڭ ئەكسىچە ئۈنۈم بېرىدىغانلىقىنى بىلمىگۈدەك دۆت ئەمەس. ئۇنداقتا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇنى بىلىپ تۇرۇپ نېمە ئۈچۈن يەنە شۇنداق قاتتىق قول سىياسەت قوللىنىدۇ؟ خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ئارقىلىق زادى نېمە مەقسەتكە يەتمەكچى؟ مىنىڭ قارىشىمچە خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنداق سىياسەت قوللىنىش ئارقىلىق تۆۋەندىكى ئىككى مەقسەتكە يەتمەكچى.

بىرى خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىرقى ۋەزىيەتتىن پايدىلىنىپ ئۇيغۇرلارنى تامامەن ئاۋازى چىقماس قىلىۋېتىش، يەنە بىرى بولسا ئۇيغۇرلارنى رادىكال يولغا مەجبۇرلاش، يەنى ئۇيغۇرلارنى خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن خىتاي خەلقىنىڭ تەھدىتلىك ئورتاق دۈشمىنى قىلىش ئارقىلىق ئۆز ھاكىمىيىتىنى قوغداپ قىلىش ئۈچۈن قۇربان قىلىش. يەنى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ ھاكىمىيىتىنى ساقلاپ قىلىش ئۈچۈن خىتاي خەلقىنىڭ ئۆزىگە بولغان نارازىلىقىنى ئۇيغۇرلار ئۈستىگە بۇراپ، ئۇيغۇرلارنى ۋاسىتە قىلىپ قوللىنىش ۋە بۇ ئارقىلىق خىتاي خەلقىنىڭ ”ۋەتەنپەرۋەرلىكى“ دىن پايدىلىنىپ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش ئارقىلىق ئۆز ھاكىمىيىتىنى مۇستەھكەملەش مەقسىتىگە يېتىش.

يېقىنقى 10 نەچچە يىلدىن بىرى خىتاينىڭ ئىقتىسادى يۈكسەك دەرىجىدە تەرەققىي قىلىپ، كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسىدە چوڭ ئۆزگىرىشلەر دۇنياغا كەلدى. خىتاي ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ بارلىققا كەلگەن باي-كەمبەغەللىك پەرقنىڭ زورىيىشى، مۇھىتنىڭ ئېغىر دەرىجىدە بۇلغىنىشى، يېمەك-ئىچمەك بىخەتەرلىكىنىڭ كۈنسايىن ناچارلىشىشى، ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىشى، چەتئەلگە ساياھەت ۋە ئوقۇش ئۈچۈن چىقىدىغانلارنىڭ كۆپىيىشى، بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ماددىي ئېھتىياجىنىڭ قېنىشى ۋە ئۇلارنىڭ مەنىۋى جەھەتتىكى تەلىپىنىڭ ئېشىپ بېرىشىغا ئەگىشىپ، پۈتۈن خىتاي جەمئىيىتىدىكى زىددىيەتلەر ئۆتكۈرلەشتى ۋە ھۆكۈمەتكە بولغان نارازىلىق يىلدىن يىلغا كەسكىنلىشىپ ماڭدى. نەتىجىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز ھۆكۈمرانلىقىغا بولغان ئىشەنچى تۆۋەنلەشكە باشلىدى، ئۆز خەلقىدىن كېلىۋاتقان تەھدىتنىڭ كۈنسايىن زورىيىۋاتقانلىقىنى تونۇپ يەتتى; شۇنىڭ بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنى قوغداش ۋە ئۇنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن، بىر تەرەپتىن ئۆكتىچىلەرنى باستۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللانغان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۆز ئىچىدىكى بىر قىسىم ئەمەلدارلارنى ھەر خىل ئىقتىسادىي جىنايەتلەر بىلەن جازالاپ، خەلقىنىڭ نارازىلىقىنى تىنچلاندۇرۇشقا ئۇرۇندى، بىراق ئۇنىڭ نەتىجىسى كۆزلىگەندەك ياخشى بولمىدى. ھۆكۈمەتكە قارشى ئېلىپ بېرىلغان ھەر خىل نارازىلىق ھەرىكەتلەر كۈنسايىن كۆپەيدى.

كۈنسايىن كۆپىيىۋاتقان بۇ نارازىلىق ھەرىكەتلەردىن ئەندىشە قىلىۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتى دۆلەت ئىچىدىن كەلگەن بۇ تەھدىتكە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن مۇقىملىقنى قوغداشقا سالىدىغان مەبلەغنى يىلدىن يىغا ئاشۇردى، ۋە 2011-يىلدىن ئېتىبارەن دۆلەت مۇداپىئەسىگە سالىدىغان مەبلەغدىن ئېشىپ كەتكەن. كېيىنكى يىللاردا شىجىنپىڭ ھەربىي ھوقۇقنى تامامەن كونترول قىلغاندىن كىيىن ھەربىيگە سالغان مەبلەغنىمۇ ئاشۇرغان. ھازىر ئىچكى ۋە تاشقى مۇقىملىقنى قوغداش ئۈچۈن سالغان ئومۇمى مەبلەغ خىتاينىڭ يىللىق ئىشلەپ چىقىرىش ئومۇمى قىممىتىنىڭ 24% دىن ئېشىپ كەتكەن. بىر دۆلەتتە ئىچكى مۇقىملىقنى قوغداش ئۈچۈن سالغان مەبلەغ دۆلەت مۇداپىئەسىگە سالغان مەبلەغدىن ئېشىپ كەتتى دېمەك، ئۇ دۆلەتنىڭ ھاكىمىيىتى ئۆز خەلقىدىن كۈلىدىغان تەھدىتنى تاشقى دۈشمەندىن كۈلىدىغان تەھدىتتىن خەتەرلىك دەپ بىلدى دېمەك.

خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا ھازىر خىتايدا يىلىغا ھۆكۈمەتكە قارشى ھەر خىل ھەرىكەتلەر تەخمىنەن 180000 قېتىم يۈز بېرىدىغان بولۇپ، 2016-يىلى يۈز بەرگەن ھۆكۈمەتكە قارشى ھەرىكەتلەر ئالدىنقى يىلغا نىسبەتەن 20% ئاشقان. بۇ ۋەقەلەرنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ تاشقى ئاخباراتلاردا ئېلان قىلىنىپ كېتىشىنى قاتتىق توسقان. ئۇيغۇر ئېلىدە ئوخشاش ۋاقىتتا يۈز بەرگەن ھەر خىل ۋەقەلەرنىڭ ھەممىسىنى قوشقاندىمۇ، پۈتۈن خىتايدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنىڭ 1% گە يەتمەيدىكەن.

ئەلۋەتتە بەزىلەر خىتاي ئۆلكىلىرىدە يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەر بىلەن ئۇيغۇر زېمىندا يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەر ماھىيەت جەھەتتە پەرقلىق دېيىشىدۇ. مەن بۇنى ئىنكار قىلمايمەن. ئەگەر بىز ۋەتەندە يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەرنى مىللىي زىددىيەت، يەنى مۇستەملىكە قىلىنغۇچى مىللەت بىلەن مۇستەملىكە قىلغۇچى مىللەت ئارىسىدىكى زىددىيەت دېسەك، خىتاي خەلقى بىلەن خىتاي ھاكىمىيەت ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنى ھۆكۈمران قىلغۇچى سىنىپ بىلەن ھۆكۈمران قىلىنغۇچى سىنىپ ئارىسىدىكى زىددىيەت دەپ قاراشقا بولىدۇ. بۇ يەردىكى مىللىي زىددىيەت خىتاي خەلقى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئورتاق مەنپەئەتلىرى ئۈچۈن بىر يەرگە ئەكىلەلەيدىغان ئاساسلىق زىددىيەت ھېسابلىنىدۇ.

ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك 1930 – يىللاردا خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسى ئەڭ زور قىيىنچىلىق ۋە يوقىلىپ كېتىش تەھدىتىگە دۇچ كەلگەندە، ياپونىيەنىڭ خىتايغا بېسىپ كىرىشى خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىگە ناھايىتى زور بىر پايدىلىق پۇرسەت يارىتىپ بەرگەن. خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسى ياپونىيەنىڭ بېسىپ كىرىشىدىن ئىبارەت بۇ پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلىپ، گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنى مىللىي مەنپەئەت ئۈچۈن ئارىسىدىكى زىددىيەتنى ۋاقتىنچە بىر تەرەپكە قايرىپ قويۇپ، ئورتاق مىللىي دۈشمەن بولغان ياپونىيەگە بىرلىكتە قارشى تۇرۇشقا كۆندۈرگەن. ئەمەلىيەتتە بولسا گومىنداڭ ئەسكەرلىرىنى ئۇرۇشنىڭ ئالدىنقى سېپىگە چىقىرىپ قويۇپ، ئۆزلىرى بىخەتەر يەرگە يوشۇرۇنۇپ، بىر تەرەپتىن گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ كۈچىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە زەخىمىگە ئۇچۇرۇشىنى كۈتۈپ تۇرسا، يەنە بىر تەرەپتىن تەتۈر تەشۋىقات قىلىش ئارقىلىق، گومىنداڭ ئەسكەرلىرىنىڭ ئۇرۇش نەتىجىلىرىگە ئۆزلىرى ئىگە بولۇپ، ئۆز كۈچىنى كۈچلەندۈرگەن. نەتىجىدە گومىنداڭ ھاكىمىيىتىنى مەغلۇپ قىلىپ، ئۆز ھاكىمىيىتىنى تىكلىۋالغان.

بۈگۈنكى كۈندە ئۆز خەلقىدىن كېلىۋاتقان ئېغىر تەھدىتكە دۇچ كەلگەن خىتاي ھۆكۈمىتى، ئەينى ۋاقىتتا گومىنداڭنىڭ ئۆزىگە بولغان تەھدىتىنى ئورتاق دۈشمەن بولغان ياپون ئارقىلىق ۋەيران قىلغان كونا تاكتىكىسىنى قايتا قوللىنىپ، خىتاي خەلقىنىڭ ئۆزىگە بولغان تەھدىتىنى يوق قىلىپ، ئۆز ھاكىمىيىتىنى ساقلاپ قىلىش ئۈچۈن ئىچكى ۋە تاشقى ئورتاق دۈشمەنگە ئېھتىياجلىق بولغان.

ئۇيغۇر خەلقى خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن خىتاي خەلقىنى بىر يەرگە ئەكىلەلەيدىغان، ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي خەلقىنىڭ نارازىلىقىنى باشقا تەرەپكە ئۆزگەرتىش مەقسىتىگە يىتىشىدىكى ئەڭ مۇۋاپىق ئورتاق ئىچكى دۈشمەن. خىتاي ھۆكۈمىتى گەرچە تىبەتلەرنىمۇ دۈشمەن دەپ بىلسىمۇ، بىراق تىبەتلەرنىڭ خىتاي خەلقى بىلەن بولغان بەزى دىنىي ھېسسىياتى سەۋەبىدىن، خىتاي خەلقىنى تىبەت خەلقىنىڭ زور تەھدىت ئىكەنلىكىگە ئىشەندۈرۈشى ئۇيغۇرلاردەك ئاسان ئەمەس.

«تالىبان»، «ئىسلام دۆلىتى» قاتارلىق مۇسۇلمان ئارقا كۆرۈنۈشى بولغان تېررور تەشكىلاتلىرىنىڭ مەۋجۇت بولۇشى ۋە ئۇلارنىڭ غەرب دۇنياسىدا ياراتقان قورقۇنچلۇق ۋەزىيىتى، بىر تەرەپتىن خىتاي خەلقىنى ئۇلار بىلەن دىنى ئورتاقلىقى بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ زور تەھدىتلىك دۈشمەن كۈچ ئىكەنلىكىگە ئىشىنىشكە تۈرتكە بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇلارنى ئۆزلىرىگە تەھدىت ئېلىپ كۈلىدىغان تاشقى دۈشمەن كۈچ دەپ بىلىشىنى تېخىمۇ ئاسانلاشتۇرغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى خىتاي خەلقىگە تەھدىت ئېلىپ كۈلىدىغان ئىچكى ۋە تاشقى دۈشمەن كۈچلەرنى بېكىتكەندىن كىيىن، خىتاي خەلقىنى ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىگە ھەقىقىي تەھدىت ئىلىپ كۈلىدىغانلىقىغا ئىشەندۈرۈش زۆرۈر ئىدى. بۇنىڭلىق ئۈچۈن ئۇيغۇر ئېلىدە قارشىلىق ھەرىكەتلەر ئۈزلۈكسىز يۈز بېرىپ تۇرۇشى، ئاخباراتلاردا خىتايغا قارشى ئېلىپ بېرىلىدىغان تېررورلۇق ۋە زوراۋانلىق ھەرىكەتلەر توغرىسىدىكى باياناتلار ئۈزلۈكسىز ئېلان قىلىنىپ تۇرۇشى، خىتاي خەلقى ئارىسىدا ئېغىر ۋەھىمە پەيدا قىلىش كېرەك ئىدى. ئۇنداق بولمىسا خىتاي خەلقىنىڭ دىققىتى باشقا تەرەپكە تارتىلمايتتى، خىتاي ھۆكۈمىتىمۇ كۆزلىگەن مەقسەتكە يېتەلمەيتتى.

مىنىڭ قارىشىمچە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ پىلانى ۋاڭلېچۈەن ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان يىللاردا باشلانغان بولۇپ، 2009 – يىلدىكى 5 – ئىيۇل ۋەقەسىدىن كىيىن تېخىمۇ روشەنلەشكەن ئىدى. مىنىڭ بۇنداق قارىشىمدىكى سەۋەب، ۋاڭلېچۈەن ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان كېيىنكى يىللاردا مۇقىملىق ئۈچۈن ئەمەس مۇقىمسىزلىق ئۈچۈن ھەرىكەت قىلغانلىقى، ھەل قىلىشقا تېگىشلىك بولغان ۋە ياكى ھەل قىلالايدىغان زىددىيەتلەرنى ۋاقتىدا ھەل قىلماي، زىددىيەتنىڭ ئۇلغىيىپ، ۋەقە پەيدا بولۇشىنى كۈتۈپ تۇرغانلىقىنى، ھەتتا ۋەقە پەيدا قىلغانلىقىنى كۆپىنچىمىز ئاڭلىغان. ئەينى ۋاقىتتا كۆپىنچىمىز ۋاڭنىڭ بۇ قىلمىشىنى ئۇيغۇر ئىلىنى ئۇزۇن مۇددەت كونترول قىلىش ئۈچۈن دەپ چۈشەنگەن.

5 – ئىيۇل ۋەقەسىدىن كىيىن ۋاڭلېچۈەن ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىتاي خەلقىنىڭ قاتتىق نارازىلىقىغا ئۇچۇرغانلىقتىن، بېيجىڭغا يۆتكەپ كېتىلگەن، ۋە ئۇنىڭ ئورنىغا ئۇنىڭ بىلەن پەرقلىق تاكتىكا قوللىنىدۇ دەپ قارالغان جاڭچۈنشەننى يۆتكەپ كەلگەن.

جاڭچۈنشەن ئۇيغۇر ئىلىغا كەلگەندىن كىيىن بىر تەرەپتىن 5-ئىيۇل ۋەقەسى جەريانىدا يۈز بەرگەن قانلىق كۆرۈنۈشلەرنى خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا كەڭ كۆلەملىك كۆرگەزمە قىلىپ ئۆمرىدە ئۇيغۇر خەلقىنى كۆرۈپ باقمىغان خىتاي خەلقىنىڭ ئۇيغۇرلارغا بولغان ئۆچمەنلىكىنى ۋە غەزەپ نەپرىتىنى قوزغىغان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن قاتتىق ۋە يۇمشاق ئىككى قوللۇق سىياسەتنى بىرلىكتە قوللىنىپ، كەڭ ئۇيغۇر خەلقىنى سەپەرۋەر قىلىپ، قارشىلىق كۆرۈشى ئىلىپ بېرىۋاتقان بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنى كەڭ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قولى بىلەن جازالاش يەنى ئۇيغۇرلارنىڭ يېغى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ گۆشىنى قورۇش سىياسىتىنى قوللىنىپ، ھەم ئۇيغۇر ئېلىغا سېلىنغان مەبلەغلەرنى ئاشۇرۇش ئارقىلىق ئۇيغۇر ئېلىدىكى قارشىلىق ھەرىكەتلەرنى مەلۇم دەرىجىدە ئازايتقان ۋە ئۇيغۇر ئېلىدە نىسپىي مۇقىملىق بەرپا قىلغان.

ئۇيغۇر ئېلىدە بەرپا بولغان بۇ نىسپىي مۇقىملىق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كۆزلىگەن مەقسىتىگە يىتىشكە زىيانلىق بولغاچقا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسەتنى ئۆزگەرتىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تونۇپ يېتىپ، جاڭچۈنشەننى ئۇشتۇمتۇت يۆتكەپ كېتىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا تىبەتتە قاتتىق قول سىياسەت يۈرگۈزۈپ نامى چىققان چىنچۈئەنگونى ئۇيغۇر ئېلىگە يۆتكەپ كەلگەن.

چىنچۈئەنگو ئۇيغۇر ئېلىگە يۆتكەپ كېلىنگەندىن كىيىن ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن تارىختا كۆرۈلۈپ باقمىغان قاتتىق سىياسەتنى يۈرگۈزۈپ، پۈتۈن ئۇيغۇر ئېلىنى ئۈستى ئوچۇق تۈرمىگە ئايلاندۇرغان. مىنىڭ قارىشىمچە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىرقىدەك بۇنداق قاتتىق قول سىياسەت يۈرگۈزۈشىنىڭ تۈپكى سەۋەبى، ئۇيغۇرلارنىڭ تاقىتىنى يوق قىلىپ، ئۇلارنى رادىكال مېڭىشقا ۋە زوراۋانلىق قوللىنىشقا قىستاش. بىر تەرەپتىن ئۇيغۇرلارنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتلاردىكى ئادەم سانىنى ۋە كۈچىنى كۆپەيتىپ تەشۋىق قىلىپ، ئۇنى كۆپتۈرۈش ئارقىلىق، ئىچكى ۋە تاشقى مۇھىتنى خىتاي خەلقىگە تېخىمۇ تەھدىتلىك قىلىپ كۆرسىتىش، ۋە بۇ ئارقىلىق خەلقىنىڭ ھۆكۈمەتكە بولغان نارازىلىقىنى باشقا تەرەپكە يۆتكەش، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ خىتاي خەلقىنىڭ تىنچ-ئامان ياشىشىدا نەقەدەر مۇھىملىقنى ئىپادىلەش ۋە شۇ ئارقىلىق ئۆز ھاكىمىيىتىنى ساقلاپ قىلىش ۋە ئۇنى مۇستەھكەملەش مەقسىتىگە يىتىش.

بۇنىڭ تىپىك ئىسپاتى ۋە مىسالى، خىتاي ھۆكۈمىتى 5-ئىيۇل ۋەقەسىدىن كىيىن ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەر خىل پائالىيەتلىرىنى ۋە ھەرىكەتلىرىنى، چەتئەلدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ بولۇپ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ كۈچىنى خىتاي ئىچىدە ئالاھىدە كۆپتۈرۈپ، كۈچەيتىپ تەشۋىق قىلىپ، ئۇيغۇرلارغا سېنىڭ تىنچلىق ۋە قانۇنى يوللار بىلەن ئۆز ھەق ھوقۇقۇڭنى قوغداش ئىمكانىيىتىڭ مۇتلەق يوق دېگەن سىگنالنى بېرىش ئۈچۈن ئىلھام توختىنى ئۈرۈمچىگە ئاپىرىپ مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىش، ئۇيغۇرلار ئىچىدە كۆزگە كۆرۈنگەن زىيالىيلارنى بىر بىرلەپ يوق قىلىش، جىم ياتقاننى جىم ياتقۇزماسلىق ئۈچۈن، خەلقىنىڭ ئەڭ تۆۋەن ھەق ھوقۇقلىرىنىمۇ چەكلەش قاتارلىقلاردۇر.

ئىسلام دۆلىتى ۋە سۈرىيە كرىزىسى دۇنياغا كەلگەندىن بۇيان، خىتاي ھۆكۈمىتى سۈرىيەدىكى ئۇيغۇرلار سانىنى ئالدىنقى بىر ئىككى يىلدا 300 ئەتراپىدا دەپ ئېلان قىلىپ كەلگەن بولسىمۇ، بىراق يېقىنقى بىر نەچچە ئاي ئىچىدە ئالدى بىلەن 3000 دىن 5000 ئەتراپىدا دەپ ئېلان قىلىپ، ئارقىدىنلا 20000 بىلەن 50000 ئارىلىقىدا ئۇيغۇر بار دەپ ئېلان قىلدى.ب ئۇلارنىڭ ھەممىسى ھەرگىزمۇ تاسادىپىي ئىش ئەمەس.

ئۇيغۇرلارنىڭ پاسپورت ئېلىش قىيىن بولغان، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ئىچىدە ھەتتا ئۇيغۇر ئېلى ئىچىدىمۇ بىر يۇرتتىن بىر يۇرتقا بېرىشى قىيىن بولغان ئەھۋال ئاستىدا، شۇنچە كوپ ئۇيغۇرلارنىڭ جەنۇبى ئاسىيا يوللىرى ئارقىلىق، ئاۋۋال تۈركىيەگە، ئاندىن سۈرىيەگە بېرىپ يەرلىشىشىگە خىتاي ھۆكۈمىتى بىر تەرەپتىن يېشىل چىراغ ئىچىپ بەرگەن بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇيغۇرلارنى قانۇنسىز يوللار ئارقىلىق ۋەتەننى تاشلاپ قېچىپ چىقىشقا مەجبۇرلىدى. سۈرىيە ھۆكۈمىتى يۈزلەن’گېن قىيىن ئەھۋالدىن پايدىلىنىپ، ئۇلارنى ئۇيغۇر مەنپەەتىگە زىيانلىق بولغان ئاخباراتلارنى ئېلان قىلدۇردى. بۇ ئارقىلىق خىتاي خەلقىگە كېلىۋاتقان تەھدىتنىڭ نەقەدەر كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىشكە ئۇرۇندى.

ھازىر خىتاي مەتبۇئاتلىرىدىكى خەۋەرلەرگە قارايدىغان بولساق، سۈرىيەدىكى پاجىئەلەرنى ئۆرنەك قىلىپ، ”دۆلىتىڭ بولمىسا، سەن ھېچنېمە ئەمەس“ دېيىش ئارقىلىق، ئۆز ھاكىمىيىتىنىڭ قانچىلىك مۇھىم ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكچى بولغانلىقىنى كۆرۈۋېلىش قىيىن ئەمەس.

ئۇندىن باشقا مىنىڭ قارىشىمچە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايدا ئىلىپ بېرىلغان ياپونىيە ۋە كورىيەگە قارشى نامايىشلارغا كەڭ كۆلەمدە يېشىل چىراغ ئىچىپ بېرىشى، ئۇلاردىن كەلگەن تەھدىتنى چوڭ كۆرسىتىش، جەنۇبى جۇڭگو دېڭىزىدىكى كېڭەيمىچىلىك سىياسىتىنى كۆتۈرۈپ چىقىش، چېگرا رايونلاردىكى تارىختا قېلىپ قالغان زېمىن مەسىلىسىنى قايتىدىن كۆتۈرۈپ چىقىش، بىر بەلۋاغ، بىر يول تاكتىكىسى قاتارلىقلار ئارقىلىق خىتاي خەلقىنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك ۋە مىللەتچىلىك ئىدىيىسىنى كۈچەيتىش ۋە غۇرۇر تۇيغۇسىنى پەيدا قىلىش قاتارلىقلارمۇ خەلقتىن ئۆزىگە كېلىۋاتقان تەھدىتنى ئازايتىش ۋە بۇ ئارقىلىق ئۆز ھاكىمىيىتىنى ساقلاپ قېلىش ۋە ئۇنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن كۆرسىتىۋاتقان تىرىشچانلىقنىڭ بىر قىسمى دەپ قاراشقا بولىدۇ

نېمە ئۈچۈن خىتايلار ئۇيغۇرلارغا بۇنچە ئۆچمەنلىك قىلىدۇ

شۇڭقار تېكىن

2017.يىلى 7.ئاينىڭ 8.كۈنى

خىتايلارنىڭ ھەر تۈرلۈك تەتقىقاتلىرىدا ۋە كۆپ ساندىكى ئىجتىمائى ئۇچۇر توربەتلىرىدە “ ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايلارغا نېمە ئۈچۈن ئۆچلۈكى” ھەققىدە كۆپ مۇنازىرىلەر ۋە مۇھاكىمىلەر بولغانلىقىنى بىلىمىز . نۆۋەتتە ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ مەۋجۇتلۇقى جىددى خىرىسلارغا دۇچ كېلىۋاتقان مۇشۇ پەيتلەردە “ خىتايلار نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇرلارغا بۇنچە ئۆچ” دېگەن مەسىلە ئۇيغۇر ئاڭلىقلىرى چوقۇم چوڭقۇر ئويلىنىپ بېقىشقا تېگىشلىك تېما بولۇپ قالغاندەك قىلىدۇ. بۇ مەسىلە ئۈستىدە ئويلىنىش ئۇيغۇر بىلىم ئىگىلىرىنى ئۇيغۇر – خىتاي مۇناسىۋەتلىرى ئۈستىدە چوڭقۇر ئويلىنىشقا، ئۆز دۈشمىنى بولغان خىتايلارنى ۋە ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى يۈرگۈزۈۋاتقان يوقۇتۇش سىياسىتىنى ياخشى چۈشۈنۈشكە يېتەكلەيدۇ.خىتايلارنىڭ نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇرلارغا ئۆچلۈكى ھەممە ئادەم بىلىدىغاندەك كۆرۈنىدىغان ئەمما يىلتىزى تولىمۇ چوڭقۇر بولغان بىر مەسىلە. خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئۆچلۈكىنىڭ ئەڭ تۈپ سەۋەبى زېمىن ۋە ئىگىلىك ھوقۇق مەسىلىسى، يەرلىك مىللەت بىلەن تاجاۋۇزچى مىللەت ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتتىن ئىبارەت. ئۇندىن باشقا ئۇيغۇر ۋەتىنىگە تەيىنلەنگەن  خىتاينىڭ بۇ رايۇندىكى ھوكۈمرانىنىڭ چەكسىز ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈپ “ مۇقىملىق”نى قوغدىشى، ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئوتتۇرىسىدىكى نەچچە مىڭ يىللارغا سوزۇلغان تارىخى زىددىيەتلەر، ۋە خىتاينىڭ ئاتالمىش مىللى سىياسەتىنىڭ بۇ ئۆلكىدىكى مىللى مەسىلىنى ھەل قىلىشتا مەغلۇپ بولغانلىقى بۇ ئۆچمەنلىكنى تېخىمۇ كۈچەيتكەن دەپ قاراشقا بولىدۇ.

 

 

ئەڭ تۈپكى زىددىيەت زېمىن ۋە ئىگىلىك ھوقۇقى مەسىلىسى

 

بىزنىڭ خىتاينى قانچىلىك دەرىجىدە چۈشۈنىشىمىز خىتايغا قانچىلىك دەرىجىدە قارشىلىق قىلالايدىغانلىقىمىزنى بەلگىلەيدۇ. خىتاينىڭ ھاكىمىيەت چۈشەنچىسىدە ئۆزىگە قارشى تۇرغانلارنى، پۇقرالارنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى قەتئى كەچۈرمەيدۇ. ئۆزىنىڭ باشقۇرۇشى ئاستىدىكى باشقا مىللەتلەرگە بولسا تېخىمۇ شەپقەتسىز سىياسەت يۈرگۈزىدۇ ۋە قارشىلىق قىلغانلارنىڭ ئۇرۇغىنى قۇرۇتۇش سىياسىتىنى قوللىنىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇرلار بىلەن خىتاينىڭ تۈپ زىددىيىتى ئۇيغۇرلارنىڭ زېمىن ۋە ئىگىلىك ھوقۇقى مەسىلىسىگە مەركەزلەشكەن.  خىتايلارغا ناھايىتى ئايدىڭكى، ئۇيغۇرلار خىتايلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا ياشاۋاتقان بولسىمۇ ئۇلار ئۆزلىرىنى جۇڭگولۇق ياكى خىتاي دەپ تونۇمايدۇ، ئۇلار ئۆزلىرى ياشاۋاتقان شەرقى تۈركىستاننى ۋەتەن دەپ بىلىدۇ.  مۇشۇ ئىدىيە يوقالمايلا تۇرىدىكەن بۇ زېمىن خىتاي ئۈچۈن مەڭگۈ ئەمىن بولمايدۇ.  بۈگۈنكى دۇنيادا زېمىن ۋە ئىگىلىك ھوقۇقى مەسىلىسى مىللەتلەر ۋە دۆلەتلەر ئارىسىدىكى ئەڭ نازۇك ۋە دەخلىسىز ھوقۇق بولۇپ كەلمەكتە.  خىتايلار بۇ زېمىننىڭ ئۇزاق ۋاقىتلاردىن بېرى ئۆزلىرىگە تەۋە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، بۈگۈنكى كۈندە خىتاي نۇرغۇن ھەقىقەتلەرنى يوشۇرالمايدىغان بولۇپ قالدى.  شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز كىملىكى ھەققىدىكى ئېڭى ۋە ئۆزلىرىنى دۇنياغا تونۇتۇشى خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرلارنى خۇددى خىتايدىكى باشقا مىللەتلەرنى خىتايلاشتۇرغاندەك يوقۇتۇش خىيالىنى بەربات قىلىۋەتتى .ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاينىڭ شۇنچە باستۇرۇش ۋە سىڭدۈرۈش سىياسىتى ئاستىدا تۇرۇپمۇ خىتايغا بويسۇنماسلىقى، ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە مىللى ئىرادىسىدىن كەچمەسلىكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا بولغان ئۆچمەنلىكىنى داۋاملىق ئاشۇرغان.  ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن ئۇيغۇرلارنىڭ زېمىنى مىللەتنىڭ بارلىقىدىن ۋە كەلگۈسىدىن دېرەك بېرىدۇ، خىتاي ئۈچۈن بولسا ئۆز دۆلىتىنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىدىن ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىدىن دېرەك بېرىدۇ.  بۇ زېمىندىكى بايلىق بۇ يەرنىڭ قىممىتىنىڭ بىر قىسمى خالاس، خىتاي ئۈچۈن بۇ زېمىننىڭ مۇھىملىقى ئۇنىڭ ستراتېگىيەلىك قىممىتىدە.  خىتاينىڭ خوڭكوڭ بىلەن ۋە تەيۋەن بىلەن بولغان زىددىيىتىنىڭ ئاساسى نۇقتىسىمۇ ئىگىلىك ھوقۇقى مەسىلىسى.  بۈگۈنكى كۈندە خىتاينىڭ جەنۇبى دېڭىزدىكى قوشنىلىرى بىلەن بولغان زىددىيىتى تالاش تارتىشتىكى ئاراللارغا  بولغان ئىگىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدىن كېلىپ چىقىۋاتىدۇ. يەھۇدىلارنىڭ پەلەستىنلىكلەرگە بولغان ئۆچمەنلىكىنىڭ نېگىزىمۇ يەنىلا ئىگىلىك ھوقۇق ۋە زېمىن مەسىلىسىدۇر.  ئۇنىڭغا سېلىشتۇرغاندا ئۇيغۇرلار بىلەن خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋەتىنىگە بولغان ئىگىلىك ھوقۇقى مەسىلىسى ئىككى مىللەت ئوتتۇرىسىدىكى ئەڭ چوڭ زىددىيەتنى پەيدا قىلىدۇ.  ئۇيغۇرلار مەۋجۇتلا بولىدىكەن مۇستەقىللىق ئارزۇسىدىن ۋاز كەچمەيدۇ، خىتايمۇ قانچىلىك بەدەل تۆلەپ بولسىمۇ بۇ زېمىننى تۇتۇپ تۇرۇشقا تىرىشىدۇ.  خىتاينىڭ پىلانى بۇ زېمىننىڭ ۋارىسلىرى بولغان ئۇيغۇرلارنى مەنىۋى  جەھەتتىن خىتاينىڭ بىر قىسمىغا ئايلاندۇرۇشلا ئەمەس بەلكى جىسمانى جەھەتتىنمۇ خىتاينىڭ تەركىۋىگە ئايلاندۇرۇشنى مەقسەت  قىلىدۇ.  ھازىر خىتاينىڭ ئوچۇق ئاشكارا مۇستەملىكىچىلىك سىياسىتى يۈرگۈزۈپ ئۇيغۇرلارنى ھەر جەھەتتىن يوقۇتۇشنى تېزلىتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ تۇرۇپتىمىز.

 

 

ئىگىلىك ھوقۇقى ( Soveriegnty) دېگەن نېمە؟

 

بىر مىللەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ھەرقانداق خەلقارا قانۇندىنمۇ ئۈستۈن بولغان ھوقۇق بولۇپ، بىر مىللەتنىڭ مەۋجۇت بولۇش، تەرەققى قىلىش، ۋە ھەرقانداق ۋاستە بىلەن ئۆزى دۇچ كەلگەن تەھدىتلەرگە قارشى تۇرۇش ھەم قوغدىنىش ھوقۇقىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇيغۇرلار ھازىرمۇ قانۇنى جەھەتتىن خىتاي دۆلىتىنىڭ 20% دىن ئارتۇق زېمىنىنى ئىگەلەيدىغان تۇپراقنىڭ قانۇنى ئىگىلىرى. ئۇيغۇرلار ئاپتونومىيە ھوقۇقىغا ئىگە بولغاچقا، كۆرۈنۈشتە بىرىنچى قول باشلىق ئۇيغۇرلاردىن ۋە خىتاي كۆچمەنلىرىنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنىغا كۆچۈرۈشتە قانۇنى جەھەتتىن ئاپتونۇم رايۇن رەئسى قول قويۇشى كېرەك.   2002 .يىلى ئىسمايىل تىلىۋالدىنىڭ 7  مىليون خىتاي كۆچمەن  ئۈچۈن تەستىق سالغانلىقنى بىلىمىز.

 

ئىگىلىلىك ھوقۇقلۇق مىللەت ئۆلچىمى بىلەن ئۇيغۇرلار ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەپ، ئومۇمى خەلق ئاۋاز بېرىش ئارقىلىق مۇستەقىللىق يولىغا ماڭالايدۇ. بۈگۈنكى كۈندە كۇردلار ئىراقتىكى ئاپتونمىيە ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ مۇستەقىللىق ئۈچۈن تەييارلىق كۆرمەكتە 2017ٜ .يىلى 9 .ئايدا كۇردلار مۇستەقىللىق ئۈچۈن رېفاراندۇم ئېلىپ بارىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ جىمىكى ھوقۇقلىرى پۇتۇنلەي دەپسەندە قىلىنىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە خىتاي ئۇيغۇرلارنى مىللى مەۋجۇتلۇقىدىن مەھرۇم قىلىش ئۈچۈن پۈتۈن چارىلەرنى ئىشلەتمەكتە. شۇنى ئېنىق بىلىشىمىز كېرەككى، قانۇنى ئاساس ۋە ئادالەت نۇقتىسىدىن ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى خىتاي دۆلىتىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىدىن ئۈستۈندۇر. 2011 .يىلى جەنۇبى سۇدان دەل مۇشۇ پرىنسىپتىن پايدىلىنىپ رېفاراندوم ئارقىلىق مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈرگەن.

 

خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقان بارلىق زۇلۇملىرى، جىسمانى ۋە مەنىۋى جەھەتتىن ئېلىپ بېرىۋاتقان يوقۇتۇش سىياسىتىنىڭ ئاخىرقى مەقسىدى يەنىلا ئۇيغۇرلاردىن بۇ زېمىنننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى پۈتۈنلەي تارتىۋېلىش ئۈچۈن. خىتاي ساختا تارىخ ۋە تەشۋىقاتلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى قانداقتۇر بۇ يەرگە باشقا يەردىن كۆچۈپ كەلگەن، بۇ يەرنىڭ ئەسلى ئىگىلىرى ئۇيغۇرلار ئەمەس دېگەندەك سەپسەتىلەرنى كۆتۈرۈپ چىقىشى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ھېسىياتىنى ئاجىزلاشتۇرۇش ئۈچۈن. ئەڭ بولمىسا خېلى كۆپ ساندىكى خىتايلار ئۇيغۇرلارنىڭ جۇڭگولۇق ئەمەسلىكىگە ۋە قانداقتۇر باشقا يەردىن كېلىپ قالغان يات خەلق ئىكەنلىكىگە ئىشىنىدۇ. ئۇيغۇرلار تارىخىغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنىڭ قاتتىق تىزگىنلىنىشىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ مىللى تۇيغۇسىنىڭ يوقۇتۇلۇشى ئۈچۈن . ئۇيغۇرلار بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى زىددىيەتنىڭ ئاساسى بۇ تۇپراقنىڭ قانۇنى ئىگىسى بىلەن تاجاۋۇزچى مىللەت ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت ۋە ئۆچمەنلىكتىن ئىبارەت.

 

 

خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى سېكرىتارى سىياسەتنىڭ قانداق بولۇشىنى بەلگىلەيدۇ

 

خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋەتىنىدىكى يەرلىك ھۆكۈمرانى بۇ رايۇندىكى ۋەزىيەتنىڭ قانداقلىقنى بەلگىلەپ كەلدى. ياڭ زېڭشېڭدىن تارتىپ ھازىرغىچە خىتاينىڭ بۇ رايۇندىكى باش ئەمەلدارى ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن خالىغانچە سىياسەت يۈرگۈزۈپ كەلدى ۋە ئۇيغۇر -خىتاي ئۆچمەنلىكىنىڭ يېڭى پەللىلىرىنى مەيدانغا كەلتۈرۈپ تۇردى .گومىنداڭ ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايلارغا شۇ قەدەر ئۆچ بولۇپ كېتىشىدىكى سەۋەپلەرنى شېڭ شىسەيگە ئارتىشقا ئۇرۇنغان . ۋاڭ لېچۈەننىمۇ ئۇ يۈرگۈزگەن قاتتىق قول سىياسەتلىرى

 

سەۋەبىدىن ئەيىپلەيدىغانلار بولغان ۋە 5.ئىيۇل قىرغىنچىلىقىدىن كېيىن ئۇنى يۆتكەپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان . خىتاي كومپارتىيەسى شەرقى تۈركىستاننى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن بۇ رايۇندا تىكلىگەن ئەمەلدارلىرى چەكسىز ھوقۇققا ئىگە بولۇپ

 

كەلگەن ۋە بۇ رايۇننى مۇقىم تۇتۇپ تۇرالىسىلا خىزمەت كۆرسەتكەن ھېساپلانغان.ۋاڭ جېن ( 1949-1952) دىن تارتىپ ، ۋاڭ ئېنماۋ( 1952-1966، 1981-1985)، لوڭ شۇجېن ( 1970-1972)، ۋاڭ فېڭ( 1978-1981)، سوڭ خەنلياڭ ( 1985-1995)، ۋاڭ لېچۈەن( 1994-2010)، جاڭ چۇنشەن ( 2010-2016)، چېن چۈەنگو ( 2016- ھازىرغىچە ) غىچە بولغان سېكرىتارلارنىڭ ھەممىسىلا ئۇيغۇر ۋەتىنىنىڭ يەرلىك خاقانلىرى بولۇپ ئۆزلىرىنىڭ سىياسى ئىستىقبالى ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشتا ھېچقاچان يۇمشاق قوللۇق قىلغان ئەمەس ۋە ھەممىسى دېگۈدەك ئۇيغۇرلارغا بولغان ئۆچمەنلىكنى خىتاي ۋەتەنپەرۋەرلىكىنىڭ بەلگىسى قىلىپ كەلگەن.

 

ۋەتەندىكى ۋەزىيەت چېن چۈەنگو تەختكە چىققاندىن بېرى، بولۇپمۇ 2017ٜ. يىلى ئاپرىلدىن بېرى تېخىمۇ چىڭىپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ تۇرۇپتىمىز. گەرچە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئومۇمى سىياسىتى باشلىق ئالماشقان بىلەنلا ئۆزگىرىپ كەتمىسىمۇ، سىياسەتنىڭ ئىجرا قىلىنىشى كەلگەن باشلىقنىڭ خۇي پەيلىگە مۇناسىۋەتلىك بولىدۇٜ بۇ ھەقتە  غەرپلىك مۇلاھىزىچىلەنرىڭ پىكرىمۇ بۇ رايۇندىكى كومپارتىيەنىڭ باش ئەمەلدارىنىڭ يەرلىك سىياسەتنىڭ قانداق بولۇشىنى بەلگىلەيدىغانلىقىنى كۆرسەتمەكتە. چېن چۈەنگو ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەندىن كېيىن “ شىنجاڭ”نى چوقۇم بۇرۇنقىلاردىنمۇ ياخشى باشقۇرۇشى كېرەك، بولمىسا كۆزگە كۆرۈنەلمەيدۇ .بۇ دېگەنلىك رايۇننى تېخىمۇ قاتتىق كونترول قىلىشنى ۋە خىتاينىڭ بېشىنى ئاغرىتىدىغان ئىشلارنىڭ چىقىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى كۆرسىتىدۇ. ئەسلىدىنلا خاتا ۋە ئىنسانى ھوقۇقلارغا خىلاپ بولغان سىياسەتنىڭ رايۇندا ياخشى بىر ۋەزىيەت مەيدانغا كەلتۈرۈشى مۇمكىن بولمىغاچقا ۋە يېڭى باشلىقنىڭمۇ قاتتىق باستۇرۇشتىن باشقا ئالاھىدە ئىقتىدارى بولمىغاچقا بۇ رايۇننىڭ ۋەزىيىتى پەقەت يامان تەرەپكە قاراپلا ماڭىدۇ. چېن چۈەنگو ۋە ئۇنىڭ پىشقەدەملىرىگە خىتاي بۇ رايۇندا چەكسىز ھوقۇق بەرگەن، شۇڭا ئۇلار بۇ رايۇندا سىياسەتنى خالىغانچە چىڭىتالايدۇ ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن سوراققا تارتىلمايدۇ. بۇ تېگىدىن ئېيتقاندا مۇستەملىكىچىلىك سىياسەتنىڭ ئالاھىدىلىكى.

 

 

تارىخى ئۆچمەنلىكنىڭ بۈگۈنكى تەسىرى

 

ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئاز دېگەندە 3 مىڭ يىلدىن بېرى قوشنا ياشاپ ھەرخىل مۇناسىۋتلەردە بولۇپ كەلگەن.  ئىككى مىللەت ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت ۋە دۈشمەنلىكمۇ 3 مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە. خىتاينىڭ ھۆكۈمرانلىرى ئۇيغۇرلارنى باشقۇرۇشتا ۋە ئۇلارغا ھۆكۈمرانلىق قىلىشتا تارىخى ساۋاقلاردىن پايدىلىنىشنى ۋە قىساسنى ئۇنۇتمايدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادلىرىمۇ خىتايلارنىڭ باشقىلارنىڭ قىممەت قاراشلىرى بىلەن چىقىشالمايدىغان تەبىئىتىنى ئوبدان چۈشۈنۇپ يەتكەن بولغاچقا بىلگە قاغان مەڭگۈ تېشىدا مۇنداق خاتىرىلەر قالدۇرۇلغان : “ تابغاچلار ( خىتايلار) ئالتۇن ، كۆمۈش، يىپەك رەختلەرنى سېخىلىق بىلەن بېرىدۇٜ. تابغاچلارنىڭ سۆزى تاتلىق، يىپەكلىرى يۇمشاق ئىكەن. تاتلىق گەپلەر ۋە يۇمشاق يىپەكلەر بىلەن يىراق خەلقنى ئۆزىگە شۇنداق يېقىنلاشتۇرىدىكەن، يېقىنلاشتۇرىۋالغاندىن كېيىن يامانلىق قىلىشقا باشلايدىكەن . ئىقتىدارلىق ۋە ئېسىل كىشىلەرنى پاتقۇزمايدىكەن .بىر كىشى خاتالاشسا جەددى-جەمەتى، ئۇرۇق- ئەۋلادىغىچە ئۆچمەنلىك قىلىدىكەن، ھەتتا بۆشۈكتىكى بالىلارغىچە ئاياپ قويمايدىكەنٜ. “

 

يىراق قەدىمنى قويۇپ تۇرۇپ يېقىنقى 200 يۈز يىللىق تارىخقا قارىساقمۇ خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ بۇ رايۇندىكى ھۆكۈمرانلىقىنىڭ ھەرگىزمۇ ئاسانغا توختىمىغانلىقىنى ، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللى ئازادلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ ئۈزۈلۈپ قالمىغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.  تارىختىن قالغان ئۆچمەنلىكنىڭ تەسىرىنى سەل چاغلاشقا بولمايدۇ. خىتايلارنىڭ ياپونلارغا بولغان ئۆچمەنلىكى خىتايلارنىڭ مىللى روھىنى ئۇرغۇتۇشتىكى بىر مەنبەسى. خىتايلارنىڭ ياپونلارغا ئۆچلۈكى تارىخى سەۋەپ ، يەنى ياپونلارنىڭ خىتايلارنى مۇستەملىكە قىلغانلىقىدىن بولغان. بۈگۈنكى كۈندە دۆلەتلەر ئارىسىدىكى نۇرغۇن زىددىيەتلەرنىڭ تارىختىن قالغان زىددىيەت ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەس.  بۇلغارلارنىڭ ۋە گرېكلارنىڭ تۈركلەرگە ئۆچ بولۇشى، ئەرمەنلەرنىڭ تۈركلەرگە ئۆچمەنلىكى، يەھۇدىلارنىڭ گېرمانلارغا بولغان قىساسخورلۇقى دېگەندەك مەسىلىلەرنىڭ ھەممىسى تارىخى ۋەقەلەرنىڭ مەھسۇلىدۇر . خىتاي تېخى ئالدىنقى ئەسىردىلا ئىككى قېتىم جۇمھۇرىيەت ئېلان قىلغانلىقىمىزنى ۋە خىتايلارنى زېمىنىمىزدىن پۈتۈنلەي قوغلاپ چىقىرىۋېتىشكە تاسلا قالغانلىقىمىزنى ئۇنۇتۇپ قالغىنى يوق. بۈگۈنكى كۈندە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزىۋاتقان دۆلەت تېررورلۇق سىياسىتى، ئۇرۇق – تۇققانلارنىڭ جەم بولۇشىنىمۇ چەكلىشى ۋە ئۇنىڭدىن ئەنسىرىشى ئۇيغۇرلارنىڭ تەشكىللىنىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش.  خىتايلار تارىختىن پايدىلىنىپ كاللا يۇيۇشقا ۋە باشقىلارنى يامان كۆرسىتىشكە ئۇستا ۋە بۇ ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتىنىڭ بىر قىسمى . ھازىرمۇ خىتاينىڭ ھىندىستان بىلەن سۈركىلىپ، پاكىستان بىلەن  ئاپاق- چاپاق بولۇشىمۇ تارىختىكى ئۆچ ئادەۋەت مەسىلىسىدىن يىراق ئەمەس.

 

خىتاي ئۇيغۇرلارنى ئىلگىرى قالاق، ئوغرى، پىچاقچى قىلىپ يامان كۆرسىتىپ كەلگەن بولسا، كېيىنچە ئۇيغۇرلارنى ئىسيانچى، تېرورچى، ئاشقۇن كۆرسىتىپ كەلدى.  بولۇپمۇ 5. ئىيۇل ۋە كۇنمىڭ ۋەقەلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئوبرازىنى تېخىمۇ خۇنۈكلەشتۈرۈپ خىتاي خەلقى ئىچىگە ئۇيغۇرلارغا قارشى ئۆچمەنلىك ۋە ئاداۋەت ئۇرۇقلىرىنى چاچتى.

 

 

خىتاينىڭ ئاتالمىش مىللى سىياسىتىنىڭ مەغلۇبىيىتى

 

خىتاينىڭ ئاتالمىش مىللى سىياسىتى مىللى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ تۈپ يولى دەپ تەرىپلەنگەن، ھالبۇكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن قوللىنىلغان مىللى سىياسەت پەقەت شەكىل جەھەتتىكى يالغان سىياسەت بولغىنى ئۈچۈن بۇ زېمىندىكى زىددىيەتنى كۈچەيتىپ بارىدۇكى ھەل قىلالمايدۇ.  5.ئىيۇل قىرغىنچىلىقى خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋەتىنىدىكى ئاتالمىش مىللى سىياسەتىنىڭ مەغلۇپ بولغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى.  خىتاينىڭ ۋاڭ لېچۈەندىن كېيىن بۇ يەرگە تەيىنلىگەن سېكرىتارلىرى بۇ رايۇننى ئۆز كۆڭلىدىكىدەك باشقۇرالمىغانسېرى تېخىمۇ غالجىرلىشىدۇ. بىز بۇنى چېن چۈەنگونىڭ يېقىنقى سىياسەتلىرىدىن كۆرۈپ تۇرىۋاتىمىز.

 

جۇ كۇنرېن “ شىنجاڭدىكى مىللى بۆلگۈنچىلىك مەسىلىسى توغرىسىدا يۈزەكى مۇھاكىمە” سىدە ئېنىق قىلىپ خۇ ياۋباڭنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان مىللى سىياسىتىنى كەسكىن تەنقىد قىلغان. جۇ كۇنرېننىڭ قارىشىچە، خىتاي خۇ ياۋباڭ دەۋرىگىچە ئۇيغۇرلارنىڭ مىللى مەدىنىيىتى ۋە دىنى ئېتىقادىنى يوقۇتۇشتا زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ بولغان . ئۇيغۇرلار تىل، مەدىنىيەت ۋە ئېتىقاد جەھەتتىكى ئارتۇقچىلىقىنى يوقاتقان ۋە مىللى روھى سۇسلاشقان.  ئەمما خۇ ياۋباڭنىڭ خاتا سىياسەتلىرى بىلەن ئۇيغۇرلارغا تولۇق ئاپتونومىيە ھۇقۇقى بېرىۋېتىلگەن ۋە ئۇيغۇرلار قايتىدىن ئۆزىنى ئوڭشىۋالغان . ئەگەر ئاشۇ خاتا سىياسەتلەر يولغا قويۇلماي، ۋاڭ جېندىن تارتىپ داۋام قىلىنىپ كەلگەن يوقۇتۇش سىياسىتى داۋام قىلغان بولسا ئۇيغۇرلارنى خىتايغا سىڭدۈرىۋېتىش زور دەرىجىدە تېزلەشكەن بولاتتى.

 

ھازىر ئۇيغۇرلار ئۈستىدە يۈرگۈزلىۋاتقان سىياسەتنىڭ ئادەم ئىشەنگۈسىز دەرىجىدە قەبىھ ۋە رەزىل بولۇشى، خۇددى خىتاينىڭ مەدىنىيەت ئىنقىلابى دەۋرىدىكىدەك ۋەزىيەتنىڭ قايتا تەكرارلىنىشى بىزگە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى سىياسىتىنىڭ خۇددى جۇ كۇنرېن تەشەببۇش قىلغاندەك خۇ ياۋباڭدىن ئىلگىرىكى دەۋرگە قايتىۋاتقانلىقى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.  يەنى خىتاي ھۆكۈمىتى ئىلگىرى يۈرگۈزگەن، ئۆزى خاتا دەپ ئېتىراپ قىلغان سىياسەتلەرنى قايتا يۈرگۈزۈشتىن يانماسلىقى، خىتاينىڭ ئاتالمىش مىللى سىياسىتىنىڭ مەغلۇبىيىتى ھېساپلىنىدۇ.  ئەمدى خىتاي ئوچۇق -ئاشكارە مۇستەملىكىچىلىك سىياسىتى يۈرگۈزۇشكە مەجبۇر.  چېن چۈەنگو دەل مۇشۇ سىياسەتنىڭ ئىجراچىسى ۋە جۇ كۇنرېننىڭ تەشەببۇسلىرىنى ئاكتىپ قوللۇغۇچى .ھازىرقى كۈندە ئۇيغۇرلار ئىچىدىكى بىلىملىكلەر ۋە ئىگىلىكچىلەر تۇتقۇن قىلىنماقتا، شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمتىگە ئىشلەۋاتقان ئۇيغۇر كادىرلارمۇ ئىككى يۈزلىمىلىكتە ئەيىپلىنىپ تۇتقۇن قىلىنماقتا.

 

يەنە بىر تەرەپتىن شۇنى پەرەز قىلىشقا بولىدۇكى، چېن چۈەنگو ھەققىدىكى بەزى ئۇچۇرلارغا دىققەت قىلغاندا، ئۇيغۇر ۋەتىنىدىكى ۋەزىيەت ئالاھىدە چىڭىپ كەتكەن ئالدىنقى نەچچە ئايدىن بېرى چېن ئىكران يۈزىدە ئاساسەن كۆرۈنمىگەن .چېننىڭ سالامەتلىكىنىڭ ناچارلىقى ھەققىدە بەزى ئېنىقسىز ئۇچۇرلار بار.  ئەگەر سۆڭەك راكىغا گىرىپتار بولغان چېن ھېلىمۇ ئۇيغۇر دىيارىدا بولسا جىسمانى ۋە روھى جەھەتتىكى كېسەل ئۇنى تېخىمۇ غالجىرلاشتۇرىدۇ.  ئەگەر ئۇ ئۇيغۇر ۋەتىنىدە يوق بولسا، ئۇنىڭ مۇئاۋىنلىرى ياكى ۋاقىتلىق ئۇنىڭ ئورنىدا ھوقۇق يۈرگۈزگەنلەر ئەلۋەتتە ئۇنىڭ يوقلۇقىدا چاتاق چىقماسلىقى ئۈچۈن ھەم مەسئۇلىيەتنىڭ ئارتىلىپ قېلىشىدىن قورقۇپ ئۇنىڭدىنمۇ بەتتەر قاتتىق سىياسەت يۈرگۈزىدۇ.  سىياسەتنىڭ تۇيۇقسىز بۇنداق قاتتىقلىشىپ كېتىشىدە شۇنداق بىر سەۋەپلەرنىڭ بولۇشى ئېنىق .شۇنداقلا بۇ يەنە خىتاي ھاكىمىيىتىڭ ئىچكى قىسمىدا بىر ئۆزگىرىشنىڭ بولغانلىقىدىن ياكى بولىۋاتقانلىقىدىن بىشارەت بېرىدۇ.

 

خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋەتىنىدىكى سىياسىتىنىڭ مەغلۇپ بولغانلىقىنى، شۇنداقلا بۇنىڭ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ خىتاي دۆلىتىنى باشقۇرۇشتىكى مەغلۇبىيەت ئىكەنلىكىنى خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى خىتايلارمۇ ئوچۇق كۆرسىتىدۇ.  خىتايشۇناش پېتېر ھاسسلەر (Peter Hassler) ئۆزىنىڭ River Town (دەريا كەنت) دېگەن ئەسىرىدە خىتايلارنىڭ تولىمۇ ناچار بىر مۇستەملىكىچى ئىكەنلىكى، خىتايلارنىڭ خىتايدىن باشقا مىللەتلەرنىڭ كۆزقاراشلىرىنى ۋە قىممەت قاراشلىرىنى چۈشۈنەلمەيدىغانلىقىنى ھۆكۈم قىلىدۇ .

 

ئويغان ئۇيغۇر ۋە ئۇيغانغان زېمىنلار ئويغاقلار چۈشۈنەلەيدىغان ۋە سەگەكلەرنى ئويغۇتالايدىغان سىگناللار ئىكەنلىكىنى، پۈتۈن مىللەتنىڭ ئويغۇنۇشى، ئۇيغۇر مەرىپەت-مائارىپ ئىشلىرى زور چەكلىمىگە ئۇچرىغان ۋە ئىدىيە بوغۇلغان ئەھۋالدا، ئاخىرقى ھېساپتا خىتاينىڭ قانلىق قامچىسى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىنى 20  يىل بۇرۇنقى ئۇيغۇر پىكىر ئىگىلىرى پەرەز قىلىشقان ئىدى.  بىز بۈگۈن شۇنىڭ روشەن دەلىللىرىنى كۆرۈپ تۇرىۋاتىمىز.

 

خىتاينىڭ زۇلمى ئۇيغۇرلارنىڭ ئويغۇنىشى ۋە ئۆز مەۋجۇتلۇقى ئۈچۈن كۈرەش قىلىشىنىڭ زور تۈرتكىسى . بۇ ئويغىنىش ۋە بىرلىشىش بىر مىللەت ئۈچۈن زور پۇرسەت ۋە تولىمۇ قىممەتلىك سۈپەتتۇر.

 

خىتاي بۇ ئەسىردە ھەتتا چېگرا ھالقىپ ئۇيغۇرلارنى تۇتۇپ كېلەلەيدىغان ۋە بەزى دۆلەتلەرنى سېتىۋېلىپ ئۇيغۇرلارنى ئۆتكۈزۈۋالالايدىغان بولدى.  خىتاي ھازىر ئۇيغۇرلارغا قارشى خالىغان ئىشلارنى قىلالىشى مۇمكىن ئەمما يېتىمەن دېگەن مەقسىدىگە يەتەلمەيدۇ.  ئۇيغۇرلارنى باستۇرالايدۇ ئەمما كۈتكەن نەتىجىگە ئېرىشەلمەيدۇ

 

شى جىنپىڭ نېمە قىلماقچى

 

كۇرشات ئوغۇلى

 

2017-7-2

 

كىرىش سوز

 

ۋاڭ لېچۇئەننىڭ مەركەزگە يۆتكەپ كېتىلىشى بىلەن ئورنىغا ۋەزىپىگە ئولتۇرغان ئۇيغۇر دىيارىدىكى خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ بىرىنچى قول باشلىقى جىياڭ چۈنشەن، 2016-يىلى ئاۋغۇستتا تۇيۇقسىز ھەممە خىزمەتلىرىدىن قالدۇرۇلۇپ ئورنىغا شۇ مەزگىلدە ئوخشاش دەرىجىدە تىبەتتە خىزمەت ئۆتەۋاتقان چېن چۇئەنگو يۆتكەپ كېلىنگەن. يېرىم يىل ئىچىدە 15 يىلدىن بېرى ھەل بولماي كېلىۋاتقان ئۈرۈمچىدىكى قىش مەزگىلىدە كۆك ئاسمان كۆرۈنمەسلىككە خاتىمە بېرىپ، خەلق تۇرمۇشىغا قۇلايلىق يارىتىش ۋە خىتايدا تۇنجى شەخسى بلوگ ئاچقان نازىر دەرىجىدىكى خىتاي ئەمەلدارى بولۇشى بىلەن  ”يېڭىلىقپەرۋەر“ دەپ خەلقىنىڭ قوللىشىغا سازاۋەر بولۇۋاتقان جىياڭ چۈنشەننىڭ سەۋەنلىكى نېمە؟ خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ 16 يىل ئۇيغۇر دىيارىدا پادىشاھ كەبى ھۆكۈم سۈرگەن ۋە قاتتىق قوللۇقى بىلەن نام چىقارغان ۋاڭ لېچۇئەننى ھوقۇقىدىن قانداق ئايرىغان بولسا، يۇمشاق سىياسەت تۇتقان جىياڭ چۈنشەننىمۇ خۇددى شۇنداق ھوقۇقىدىن ئايرىدى . شى جىنپىڭ ئۇيغۇر دىيارىنى زادى قانداق تىپتىكى ئەمەلدار ئارقىلىق باشقۇرماقچى؟ ئۇنىڭ قانداق ”ئۇلۇغۋار“ مەقسەتلىرى بار؟ مەزكۇر يازمىدا بىز شى جىنپىڭنى ئانالىز قىلىش ئارقىلىق، ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ئاسسىمىلياتسىيە كرىزىسنىڭ كېلىش مەنبەسىنى كۆرسىتىپ ئوتىمىز.

 

شى جىنپىڭ كىم?

 

ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ئاسسىمىلياتسىيە كرىزىسىنى كۆپ ساندىكى ئانالىزچىلار كوممۇنىستىك پارتىيىنىڭ بيۇروكرات رېجىمىدىن كەلگەن سىياسىي كرىزىسنىڭ قوشۇمچە مەھسۇلى، خىتاينىڭ دېموكراتىيىگە ئۆتۈشى بىلەن بۇ كرىزىس تۈگەيدۇ دەپ قارىشىدۇ. بۇ خىل كۆز قاراش مەلۇم ئاساسقا ئەگە بولسىمۇ، ئەمما بىرىنچىدىن، خىتاي قاچان غەرب تۈسىدىكى ئىنسانلىقنى بىرىنچى ئورۇنغا قويىدىغان دېموكراتىيىگە ئۇلىشىدۇ بىز بىلمەيمىز؛ ئىككىنچىدىن، خىتاي دېموكراتىيىگە ئاتلىغان شۇ مەزگىلگە ئۇيغۇرلار ھازىرقىدەك بىر مۇستەقىل كىملىككە ئەگە توپلام سۈپىتىدە مەۋجۇت بولۇپ ئۇلىشالامدۇ؟ بىز ئوخشاشلا بۇنىڭغا كەسىپ بىرنېمە دېيەلمەيمىز. چۈنكى ئاپتورنىڭ قارىشىچە ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ئاسسىمىلياتسىيە نوقۇل ھالدا كۇلتۇر ياكى سىياسىي ئاسسىمىلياتسىيە بولماستىن بەلكى بىئولوگىيىلىك ئاسسىمىلياتسىيەدۇر . تۆۋەندە بىز بۇ خىل ئاسسىمىلياتسىيىنىڭ ماھىيىتىنى بۇ خىل ئاسسىمىلياتسىيىنى بىزگە تېڭىۋاتقان خىتاي ھاكىمىيىتى، ۋە شۇ ھاكىمىيەتنى يۈرگۈزۈۋاتقان ئىنسانلارنىڭ كىملىكى ۋە يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسەتلىرى ئارقىلىق يورۇتۇپ ئوتمىز.

 

 

 

ئالدى بىلەن بىز خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ كىملىكىنى تەھلىل قىلغان چېغىمىزدا ئۇنىڭ كېلىپ چىقىشىغا ئالاقىدار بۇنداق بىر قانچە كىملىكىنى كونكرېت تەھلىل قىلىشىمىز كېرەك.

 

 

 

(1)    شىنىڭ قىزىل ئەۋلاد كىملىكى

 

 

 

شى جىنپىڭنىڭ دادىسى شى زھوڭشۇن ناھايىتى ياش ۋاقتىدىلا جكپ غا ئەزا بولۇپ (ئۇ 13 يېشىدا خىتاي كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقىغا ئەزا بولغان ۋە 15 يېشىدا جكپ غا ئەزا بولغان)  كوممۇنىستىك پارتىيىنىڭ ھاكىمىيەت تۇتۇشىغا بىۋاسىتە كۈچ قوشقان ۋە شۇنىڭدىن كېيىن مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى باشلىنىشتىن بۇرۇنلا سىياسىي كۈرەشتە خىزمىتىدىن ئايرىلىپ تۆۋەنگە چۈشۈرۈۋېتىلگەن. مەدەنىيەت ئىنقىلابىدا بولسا كۆپ زىيانكەشلىككە ئۇچراپ كېيىن ئەينى ۋاقىتتىكى خىتاي باش مىنىستىرى زھوئۇ ئەنلاينىڭ پەردە كەينىدە تۇرۇپ ياردەم قىلىشى بىلەن ھايات قالغان.  شى زھوڭشۇن مەدەنىيەت ئىنقىلابىدىن كېيىن سالاھىيىتى ئاستا-ئاستا ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن ۋە كېيىنكى خىتاي ھاكىمىيىتىدە ئىسلاھاتچى ئاتالغان دەڭ شىئائوپىڭ نىڭ يېنىدا ئىشلىگەن. ئۇنىڭ شۇنىڭدىن كېيىنكى چوڭ  تۆھپىسى بولسا خىتاي مەركىزى كومىتېتىغا گۇئاڭدوڭ ئۆلكىسىگە كۆپ ئىمتىياز بېرىش ۋە چەتئەلنى تەقلىد قىلىپ ئالاھىدە رايون قۇرۇپ سىرتقا ئېچىۋېتىش توغرىسىدا تەكلىپ سۇنۇشى بولۇپ، خىتاينىڭ ئىسلاھات ئېچىۋېتىش قەدىمىنى دېڭىز بويلىرىدا باشلىنىشىغا تۈرتكە بولغان. شى جىڭ پىڭنىڭ خىتايدا چوڭ ھوقۇق تۇتالىشىدا ئۇنىڭ ”قىزىل ئىككىنچى ئەۋلاد“ كىملىكى ھالقىلىق رول ئوينىغان.

 

 

 

(2) شى جىنپىڭنىڭ خىتاي زىيالىيسى كىملىكى

 

 

 

خىتاي كۇلتۇرىدا زىيالىيلار تائىپىسى دۇنيادىكى باشقا ھەرقانداق بىر مەدەنىيەت ۋە كۇلتۇر توپلىمىدا كۆرۈلمەيدىغان بىر تائىپە. ئادەتتە زىيالىي ئۇقۇمى مەلۇم جەمئىيەتتە بىلىم قۇرۇلمىسى يۇقىرى، ئەركىن تەپەككۇر ۋە مۇستەقىل خاراكتېرگە ئەگە ئىنسانلارنى كۆرسىتىدۇ. بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ قىلىدىغان ئەڭ مۇھىم ئىشنىڭ بىرى، ئۆز كۇلتۇر ۋە توپلىمىغا بولغان تەنقىدىي پوزىتسىيىسى بولۇپ، بۇ خىل تەنقىدىي پوزىتسىيە خۇددى ئاغرىقنى داۋالايدىغان دوختۇرغا ئوخشايدۇ. ئەمما خىتايدا خىتاي زىيالىيلىرى مۇستەقىل خاراكتېرگە ئىگە ئەمەس. ئۇلارنىڭ بىلىم ئېلىشى پەقەت ئىمتىھان بېرىپ ئەمەلدارلىققا تاللىنىش ۋە ھۆكۈمرانغا سادىق بولۇش ئارقىلىق ئۆز نوپۇزى ۋە بايلىقى ئۈچۈن خىزمەت قىلىش، ۋە پۇرسىتى كېلىپ قۇدرەت تاپسا ئۆزى ھۆكۈمران بولۇش. بۇ خىتايدا ئەمەلدار تاللاش ئىمتىھانى يولغا قويۇلغاندىن باشلاپ 1400 يىل ئۆتۈپ تا ھازىرغىچە خىتاي جەمئىيىتىدە  داۋاملىشىۋاتقان بىلىم ئىگىلەشنىڭ تۈپ ماھىيىتى بولۇپ كېلىۋاتىدۇ.  خىتايدا ئاۋام پۇقرا ئارىسىدا مۇنداق گەپ بار، خىتايدا ئىككىلا تۈرلۈك ئادەم مەۋجۇت بولۇپ، بىرى تەختىراۋاندا ئولتۇرغۇچىلار قالغىنى بولسا تەختىراۋان كۆتۈرگۈچىلەردۇر. شۇ سەۋەبتىن خىتاي خەلقى ئىمتىھان ئۈچۈن تىرىشمىغان بالىسىغا بېرىدىغان تەربىيىسى بولسا، تىرىشىپ ئوقۇمىساڭ تەختىراۋان كۆتۈرگۈچى بولىسەن دېيىش.

 

 

 

ئەمەلدارلىق ئىمتىھانىدىن ئۆتۈپ ئەمەلدار بولۇش پەقەت ئىشنىڭ باشلىنىشى بولۇپ، بىر ئەمەلدار بولغان خىتاي زىيالىيسى بىر ھاكىمىيەت ئاستىدىكى ئوخشىمىغان مەنپەئەت گۇرۇھلىرىنىڭ ئىچكى زىددىيەتلىرىگە ئارىلاشمىسا يۇقىرى ئۆرلەش ئەمەس، بار بولغان مەنسىپىدىنمۇ ئايرىلىپ قالىدىغانلىقى ئۈچۈن، ئۆگەنگەن بىلىملىرىنى ئەمەلدار سورۇنىدىكى كۈرەشكە ئىشلىتىش خىتاي زىيالىيلىرىنىڭ كەسپى بولۇپ قالغان. ئۇلار ئۆزى كۈچەپ ھوقۇق مەنسەپ ئۈچۈن كۈرەش قىلغاندىن سىرت، ئەتراپىغا ئىشەنچلىك ۋە ئىقتىدارلىق ئادەملەرنى يىغىپ گۇرۇھ شەكىللەندۈرۈش ئارقىلىق بىر بىرى بىلەن تىركەشكەن. ئۆزى ئېلىشقا كۆزى يەتمىگەن ئورۇنغا بولسا ئالدىن كۆرەرلىك بىلەن ”ئىقتىدارلىق“ دەپ قارىغان زىيالىيلارنى ئەڭ توۋەن قاتلامدا بولسىمۇ ئىزدەپ تېپىپ، شۇلارغا دەسمايە سېلىپ، ئۇلارنى ئۆزىنىڭ ئۇستىدىكى مەنسەپكە يۆلەپ چىقىرىش ئارقىلىق ئۆز مەنپەئىتىنى ساقلىغان. سوڭ پىڭنىڭ خۇ جىنتائونى يۆلەپ ئاخىرى باش رەئىسلىك ئورنىغا ئولتۇرغۇزۇشى بۇنىڭ ئەڭ تىپىك مىسالى بولالايدۇ .

 

 

 

خىتاي زىيالىيلىرىنىڭ تارىختىن بۇيان ئەمەل سورۇنىدىكى ھىيلە-مىكىرلىرى ۋە ”ئەقىل-پاراسەتلىرىنى“  ئەڭ ئەينەن ئەكس ئەتتۈرەلەيدىغىنى تەخمىنەن بۇندىن 100 يىل بۇرۇن خىتاي زىيالىيسى  لى زوڭۋۇ تەرىپىدىن يېزىلغان ”قارا قېلىن پەلسەپىسى[厚黑学]“ ھېسابلىنىدۇ. ئاپتور بىر خىتاي زىيالىيسى بولۇش سۈپىتى بىلەن خىتاي تارىخىنى يەكۈنلەپ، خىتاينىڭ 24 تارىخىدىكى مەيلى ”خەلقپەرۋەر ھۆكۈمران“ بولسۇن ۋە ياكى ”ۋەتەن سۆيەر قەھرىمان“ بولسۇن ھەممىسىنىڭ ياكى كۆڭلى قارا ياكى يۈزى قېلىن كېلىدىغانلىقىنى، خىتاي كۇلتۇر دائىرىسىدە چوڭ بولغان ھەر قانداق شەخسنىڭ كۆڭلىگە پۇتكەن مەقسەتلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئۇنىڭ كۆڭلىنىڭ قارا، يۈزىنىڭ قېلىن بولۇشى شەرت ئىكەنلىكىنى يازغان. ئۇ ئۆز كىتابىدا يەكۈنلەپ خىتاي تارىخىدا بارلىق داڭلىق شەخسلەرنىڭ قارىلىق ۋە قېلىنلىقنىڭ دەرىجىسىگە قارتا ئۆز ئۇتۇقلىرىنى قولغا كەلتۈرىدىغانلىقىنى، قارا ۋە قېلىنلىقتا پەللە بولۇپ ئۇنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسى ”قارىلىقتا رەڭسىز، قېلىنلىقتا سۈزۈك[黑而无色,厚而透明]“ بولۇش كېرەكلىكىنى، يەنى يۈرىكى قارا بولسىمۇ ئۇنى باشقىلارغا ھەرگىز بىلدۈرمەسلىك ۋە قارا يۈرگىنى ياخشى ئىشلار بىلەن يوشۇرۇپ ھەرقانداق بىر ئىنساننى ئالدىيالايدىغان بولۇشى كېرەكلىكىنى، يۈزى قېلىن بولسىمۇ ئەمەلىيەتتە، باشقىلارغا ئۇنى بىلىندۈرمەسلىك ئۈچۈن ئۆزنى ئاق كۆڭۈل، كۆڭلى يۇمشاق پەرىشتە قىلىپ كۆرسىتەلەيدىغان بولۇش كېرەكلىكىنى يەكۈنلىگەن. كېيىنكىلەر بۇ كىتابنى قايتا نەشرگە تەييارلىغاندا ماۋ زېدۇڭنى ”قارا – قېلىن“ پەلسەپىسىنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە چىقالىغان دەپ باھا بەرگەن. بىر قىسىم خىتاي پۇقرالىرىمۇ بۇ كىتاب ئەمەلىيەتتە خىتايلارنىڭ ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتتىكى ئىش قىلىش پىرىنسىپىنى ئەينەن ئەكس ئەتتۈرگەن دەپ قارايدۇ. بىز خىتاينىڭ دۇنياغا داڭلىق ”36 تەدبىر“ نى ئانالىز قىلىپ كۆرسەكلا، باشقا ئىنسانلار توپلىمى ئۆز مەدەنىيىتى ۋە كۇلتۇرىدا ئىنسانىيلىقنى ئاساس  دەپ ئەتراپ قىلىدىغان، ئادىمىيلىكنى ھۆرمەتلەش، ياخشىلىق، ئاق كۆڭۈللۈك، ئېتىقاد قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنىڭ،  خىتايدا پەقەت ئەمەلدار سورۇنىدىكى زىيالىيلارنىڭ بىر-بىرىنى پۇتلاش ۋە يىقىتىش ئۈچۈن، ۋە ئۆز يۈرىكىدىكى قارا – كۆڭۈل پەلسەپىسى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرىدىغان ۋاسىتە ۋە ياكى قورال ئىكەنلىكىنى بىلىۋالالايمىز. شى جىڭپىڭ دەل ”قارا كۆڭۈل پەلسەپىسى“ نى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئەڭ يۇقىرى پەللىسىگە يەتكۈزگەن ۋە ئەمەلىيىتىدە شۇ ئارقىلىق ئۇتۇق قازانغان بىر خىتاي زىيالىيسى.

 

خىتاي تارىخىدا ئۆگىتىلىۋاتقان ئاخىرقى سۇلالە چىڭ خانىدانلىقىنىڭ ئاغدۇرۇلۇشى بىلەن خىتايدا فېئوداللىق سۇلالىنىڭ داۋاملىشىشىغا خاتىمە بېرىلگەن دېگەنگە، بولۇپمۇ خىتاي كومپارتىيە ھۆكمىتىنى تەتقىق قىلغۇچىلار ئىشەنمەيدۇ. چۈنكى ماۋ زېدۇڭ قۇرغان ”يېڭى جۇڭگو“ ماھىيەتتىن يەنىلا بىر فېئودال خانلىققا ئوخشايدۇ. ئۇنىڭ پادىشاھ كەبى رەئىسى بار، ئەمەلدارلار ئەمەلدار تاللاش ئىمتىھانلىرىدا تاللىنىلغان، خانغا سادىق بولۇش ھېسابىغا ھوقۇق ۋە بايلىق كويدا يۈرگەن زىيالىيلاردۇر. بۇ زىيالىيلارنىڭ ئارىسىدا خاننىڭ ئەڭ ئىشەنچىگە ئېرىشەلەيدىغان زىيالىي يەنىلا ئۇنىڭ ئۆز ئەۋلادىدىن يېتىشىپ چىققانلار. شى جىنپىڭ بولسا دەل ”يىلتىزىدىن قىزىل“ بىر زىيالىي.

 

شى جىنپىڭ دادىسىنىڭ يىقىلىشى بىلەن بىللە ھەممە نېمىسى تەل تۇرمۇشتىن موللاق ئەتىپ ئەڭ تۆۋەنگە ”چېنىقىشقا“ چۈشۈرۈۋېتىلگەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە ئۇ توۋەن قاتلامدا يېزا ئەمەلدارلىرىنىڭ مەسخىرە ۋە بوزەك قىلىشلىرىغا ئۇچرىغان. ئۇ بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە سېلىپ يۈرگەن. باشقا قىزىل ئەۋلادلاردىن پەرقلىقى، ئۇ تۇرمۇشتا ئاددىي ئوتكەن، ئوقۇشتا تىرىشقان. بايلىققا ۋە قىز-چوكانلارغا ئىنتىلمىگەن، ھەر ئىشتا ئېغىر بېسىق بولغان. شى بۇ مىجەز-خۇلقى بىلەن كىچىكىدىن ئارىلىشىپ بىللە ئۆسكەن، دىڭ شاۋپىڭنىڭ قىزى، لى خىئاننىئاننىڭ ئوغلى دېگەندەك قىزىل ئىككىنچى ئەۋلادلارنىڭ ھۆرمىتىگە ۋە ئىشەنچىگە ئېرىشكەن. جىئاڭ زەمىن ھوقۇق تۇتقاندىن كېيىن دىڭ شاۋپىڭ بېكىتكەن ئىسلاھات ئېچىۋېتىش يولدىن چەتنىشى، ئەمەلدار سورۇنىدىن ئايرىلغان دىڭنىڭ قاتتىق غەزۋىنى قوزغىغان.  شۇنىڭ بىلەن دىڭ شاۋپىڭ 1992-يىلى جەنۇبنى كۆزدىن كەچۈرۈش نامى بىلەن ئىسلاھات ئىشىكنى ئېچىۋېتىش يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەسلىك بىلەن جىئاڭنى ئاگاھلاندۇرغان. دىڭ شاۋپىڭ ھەتتا جىئاڭ زەمىننىڭ ئۆزىگە ئىزباسار تەيىنلىشىنى چەكلەپ، خۇ جىنتائونى باش رەئىس ئورۇنباسارى قىلىپ تەيىنلىگەن. جىئاڭ زەمىن بولسا ھەربىي ۋە مەمۇرى ئورۇنلارنىڭ مۇھىم ۋەزىپىلىرىگە، ئۆزىگە سادىق ئادەملەرنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، خۇ جىنتائو رەئىس بولغاندا ھېچ ئىش تەۋرىتەلمەيدىغان قورچاق رەئىس قىلىپ قويغان.  بۇنىڭ تىپىك مىسالى بولسا 2009-يىلى سىچۈئەن ئۆلكىسىدىكى ”ۋەنچۇئان چوڭ يەر تەۋرەش“ تە، خۇ جىنتائو نەق مەيدانغا ياردەم بېرىشكە ھەربىي دائىرىلەرگە يوليورۇق بەرگەن بولسىمۇ بىرمۇ ئەسكەرنى يۆتكىيەلمىگەن.  ئەينى چاغدا خىتاي مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىنىڭ خەۋىرىدە سابىق باش مىنىستىر ۋەن جىئابائونىڭ  ھەربىي قىسىمغا گەپ ئۆتكۈزەلمەي تېلېفوننى پىرقىرىتىپ تاشلىۋېتىشىدەك غەلىتە خەۋەرمۇ بېرىلگەن. خۇ جىنتائو ئۆزىگە ئىز باسار تىكلەش ئىشىدا پەردە ئارقىسىدا تۇرۇپ ئۆز ئادىمىنى ئىزباسار قىلىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋاتقان جىئاڭ زەمىن بىلەن تىركىشىپ قالغان.  شۇنداق بىر ۋەزىيەتتە قىزىل ئەۋلادلار ئۆزلىرىنىڭ مەنپەئىتى قوغدىيالايدۇ دەپ ھېسابلاپ شى جىنپىڭنى مەركىزىي بيۇروغا دائىمىي ھەيئەت بولۇشى ۋە ئاخىردا باش رەئىس بولۇشىغىچە يۆلىگەن.

 

 

 

(3)    شى جىنپىڭنىڭ كۇلتۇر كىملىكى

 

 

 

بۇ يەردە خىتاي زىيالىيلىرىنى شۇنداق قىلىپ تەربىيىلەپ چىقىرىۋاتقان شۇ كۇلتۇر ھادىسىسىنى ئانالىز قىلىش تولىمۇ مۇھىم. ئادەتتە خىتاي كۇلتۇرى ئۆزىنىڭ سۈمۈرگۈچىلىك ۋە ئاسسىمىلياتسىيە كۈچىنىڭ زورلۇقى بىلەن كۆپلىگەن خىتاي تەتقىقاتچىلىرىنىڭ قىزىقىشىنى قوزغايدۇ.  بولۇپمۇ قايسى دۆلەتتە بولسۇن ”تاڭلىقلار كوچىسى“ دېگەن يەرگە بارسىلا ئۇ يەردىكى مەينەتچىلىك ۋە قالايمىقانچىلىق ئادەمنى خۇددى خىتاينىڭ بىر شەھىرىدە تۇرغاندەك ھېس قىلدۇرىدۇ. خىتاي خەلقىنىڭ دۇنيانىڭ نەرىگە كۆچسۇن ئاسان ئۆزگەرمەيدىغانلىقى، ئەكسىچە يەرلىك جەمئىيەت ۋە كۇلتۇرغا چوڭ تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئاڭلايمىز ۋە كورىمىز. بىر تىپىك مىسال شۇكى، ھېلى يىللار بۇرۇن ئامېرىكىدا كىشىلەر تاللا بازىرىدا مېۋە-چېۋە ۋە كۆكتاتلارنى ئالغاندا قولغا چىققاننى ئالدىغانلىقىنى، تاللاپ- ئىلغاپ ئولتۇرمايدىغانلىقىنى، ئەمما كېيىن خىتايلارنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ شۇلارنى دوراپ ھەممە نەرسىنى تۇتۇپ تاللاپ ئالدىغان يەرلىكلەرنىڭ كۆپەيگەنلىكىنى دەل خىتايلارنىڭ چەت-ئەلدىكى تور بەتلىرىدىكى يازمىلىرىدىن، ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ۋايساشلىرىدىن ئاڭلاپ، كۆرۈپ تۇرۇپتىمىز. خىتايدىكى مىللەتلەر مۇستەقىل تىل ۋە ئېتنىك كىملىكى بىلەن 56 گە ئايرىلغان بولسىمۇ، بۈگۈنكى كۈندە مۇستەقىل كىملىكى بار خىتايدىن باشقا چوڭ مىللەتلەردىن ئۇيغۇرلار بىلەن تىبەتلەرلا قالدى.

 

 

 

خىتاي كۇلتۇرىدىكى بۇنداق سۈمۈرگۈچى كۈچنىڭ يادروسى زادى نېمە دېگەن مەسىلىدە ئوخشىمىغان كۆزقاراشلار مەۋجۇت بولسىمۇ، ئەمما نوپۇزلۇق خىتاي تەتقىقاتچىلىرى بۇنى خىتاي يېزىقىغا باغلايدۇ. خىتاي يېزىقى ھازىرقى دۇنيادا بىردىن-بىر ئىستېمالدىن قالمىغان مورفېما يېزىقى(شەكلى ئۆزگەرگەن ئېروگلىف يېزىقى دېيىش تەخمۇ مۇۋاپىق) بولۇپ، بۇ خىل يېزىق شەكلى ئىنسان تەپەككۇرىنى مەلۇم بىر كاتېگورىيە ئىچىدە قۇلۇپلاپ تۇرىدۇ.  چۈنكى ئۇيغۇرچە ۋە ياكى ئىنگلىزچە تىللاردا مەلۇم ساندىكى ھەرپنى ئۆگىنىپ بولۇپ گرامماتىكا قائىدىسى بويىچە ھەرپلەر قوشۇلۇپ سۆز، سۆز قوشۇلۇپ جۈملە بولىدۇ. يەنى، ھېرىپ يېزىقى ئىشلىتىدىغان ئىنسانلار ھېرىپ ئۆگىنىپ بولۇپلا ئابستراكت سۆزلۈكلەرنى يازالايدىغان ۋە ئىشلىتەلەيدىغان ھالغا كېلىدۇ. ئەمما خىتاي تىلىدا ھېرىپ مەۋجۇت ئەمەس، پەقەت ھەر بىر تاق سۆزلۈكنى ئىپادىلەيدىغان خەت بار، خىتايلار بۇ خەتلەرنى (سۆزلۈكلەرنى) بىردىن-بىردىن تەقلىد قىلىپ يېزىشنى (توغرىسى سىزىشنى ياكى ياساشنى) ئۆگىنىشى كېرەك. بۇ يەردىكى ئۆگىنىشتە تەقلىدچىلىك ئاساس ئورۇندا تۇرىدىغان بولغاچقا، بۇ يېزىق ئارقىلىق تەپەككۇرىنى يېتىلدۈرگەن ئىنسان ئابستراكت تەپەككۇرغا ئىنتايىن ئاجىز كېلىدۇ. بۇ يەنە بىر تەرەپتىن ‘ئىشچان خىتاي خەلقىنىڭ باشقىلار ئىجادىيىتىنى ئەينەن تەقلىد قىلىپ ياسىيالايدىغان“ ئەمما ئۆز ئىختىراسى ئىنتايىن ئاز بولۇش سەۋەبىنى بىزگە يورۇتۇپ بېرەلەيدۇ. بۇ خىل يېزىقنى ئاساس قىلىپ شەكىللەنگەن كۇلتۇر ئىنساننىڭ ئىنسانىي ھۆرلۈك ۋە ئەركىن تەپەككۇر قىلىشىنى زىيانلىق دەپ تەرغىب قىلىدۇ ۋە بۇ جەھەتتىن ئىنسانغا ”مەنىلا تەقلىد قىل، يېڭىلىق ياراتما“ دەيدىغان تەلىماتنى تاڭىدۇ.

 

 

 

ئادەتتە كۇلتۇر ۋە ئىدېئولوگىيە شۇ ئىنسان توپىنىڭ ئۆز مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قالغاندىن كېيىنكى تەرەققىياتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشى كېرەك. تەرەققىيات ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن بۇ خىل كۇلتۇر ۋە ئىدېئولوگىيە داۋاملىق ئۆز ئىچىدىن ياكى سىرتتىن باشقا كۇلتۇرلاردىن ئوزۇق ئېلىپ تولۇقلىنىپ تۇرۇشى، ئەكسىچە شۇ ئىنسان توپلامنىڭ تەرەققىياتىنى بوغقاندا بولسا جىددىي ئىسلاھات قىلىنىشى ياكى ئىستېمالدىن قېلىشى كېرەك. بۇ يەردە بىز كېسىپ ئېيتالايدىغان بىر يەكۈن شۇكى، كۇلتۇر ئەزەلدىن ئىنسان تەرەققىياتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشى ئۇ ئىنسان (توپلىمى) غا بويسۇنۇشى كېرەك. بۇ  ئىنسانىيەت تەرەققىيات داۋامىدىكى كۇلتۇر بىلەن ئىنساننىڭ مۇناسىۋىتى.

 

 

 

ئەمما خىتاي جەمئىيىتىدە بولسا ئىنسان توپلىمى بۇ كۇلتۇر ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ، يەنى كۇلتۇرنىڭ قۇلى بولۇش ھېسابىغا ئۆز مەۋجۇتلۇقىنى داۋام ئېتىدۇ. شۇ سەۋەبتىن خىتاي جەمئىيىتىدە ئەزەلدىن دىن، يەنى ئىنساننى ياراتقان بىر تەبىئەتتىن ھالقىغان كۈچنى تەرغىب قىلىدىغان ئېتىقاد ياكى ئىدېئولوگىيە مەۋجۇت بولمىغان ھەم مەۋجۇت بولۇشىغىمۇ يول قويۇلمىغان. بۇنىڭ تۈپ سەۋەبى، دەل خىتاي كۇلتۇرى ئەنە شۇ ئورۇننى ئىگىلەپ كەلگەنلىكىدە. ئۇ مەيلى ئۆز ئىچىدىن چىققان بولسۇن ۋە ياكى چەتتىن كىرگەن بولسۇن، ئەزەلدىن دىنىي ئېتىقادنىڭ يىلتىز تارتىشىغا ۋە تارقىلىشىغا ئىمكان بەرمىگەن. خىتاي كۇلتۇرىدىكى ئۆز ئىچىدىن يارىتىلغان تاۋىسم تەلىماتىنىڭ بوغۇلۇشى ۋە تاڭ دەۋردىكى كۇڭزى تەلىماتىنىڭ كېڭىيىپ ھۆكۈمران ئىدېئولوگىيە بولۇپ قېلىشى شۇنىڭ تىپىك مىسالى. كوڭ زى تەلىماتنىڭ كېڭىيىشىدىكى تۈپ سەۋەب بولسا، دەل بۇ ئىدىيە بىلىمى بار كىشىلەرنى ھۆكۈمران ئۈچۈن خىزمەت قىلىشقا تەرغىب قىلىپ، ھۆكۈمران تەبىقىسىنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىدىن بولغان.  شۇ سەۋەبتىن خىتاي كۇلتۇر چەمبىرىكى ئىچىدە خىتاي خەلقىنى“ تەختىراۋانغا ئولتۇرغۇچى ۋە ياكى تەختىراۋان كۆتۈرگۈچى“ دېگەن ئىككىلا تائىپىگە ئايرىپ، بىر-بىرىگە بېقىنىپ ياشايدىغان مۇناسىۋەتنى شەكىللەندۈرگەن. ھوقۇق تۇتقان خىتاي زىيالىيلىرى بولسا ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنى ”پەلسەپىۋى ئاساس“ لار بىلەن قوللايدىغان بۇ كۇلتۇرنى پۈتۈن كۈچى بىلەن تەرغىب قىلىپ ئۇنى قوللاپ كەلگەن.

 

 

 

بۇ خىل ئەھۋال بۇ خىل كۇلتۇرنىڭ قوللىشى بىلەن ھۆكۈمران ئورنىغا ئوتكەن خىتاي زىيالىيلىرى ئارىسىدا ئېنىق بولۇپ بۇ كۇلتۇرغا ئۆزگىرىش ئېلىپ كېلىدىغان ھەرقانداق شەيئى مەۋجۇت بولماسلىقى، يەنە ئوچۇقراق ئېيتقاندا ”ئەركىن پىكىر ۋە مۇستەقىل خاراكتېر“ مەۋجۇت بولماسلىقى، بولۇپمۇ“ ياتلار“ بۇ كۇلتۇر ئىچىدە مەۋجۇت بولماسلىقى كېرەك. بۇ بىزگە نېمە ئۈچۈن خىتايلار تارىختىن بېرى ئۆز ھۆكۈمرانلىق ئاستىغا كەلگەن ئۆزگىچە ئىنسان توپلىمى ياكى كۇلتۇرنى ”ياتتىن“ ”ئۆزىگە“ ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشقا ئالدىرايدىغانلىقىنى چۈشىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ. يەنە خىتاي زىيالىيلىرى تارىختىن بېرى تەكىتلەپ تۇرىدىغان ”ئۆزى ياتنىڭ كۆڭلى يات[非我族类,其心必异]“ دەيدىغان چۈشەنچىسىدىن بۇ كۇلتۇرنىڭ ”ياتلار“ دىن قورقىدىغان، ”ياتلار“ نى پاتۇرمايدىغان ماھىيىتىنى تولۇق چۈشىنەلەيمىز.

 

 

 

خىتاي كۇلتۇرىنىڭ ئۆز يېزىقىدىكى بۇ ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكىدىن ئوزۇق ئالغان تەپەككۇرى بويىچە، ئۆزگە ئۇلاشقان ياكى ئۆزىگە ھۆكۈمرانلىق قىلغان ھەرقانداق مىللەت ۋە ياكى كۇلتۇرنى ئۆزىگە سۈمۈرۈپ ئاخىردا ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ كەلدى. بۇ قانداقتۇر خىتاي كۇلتۇرى باشقا كۇلتۇرلاردىن ئەۋزەل ۋە ئالىي بولغانلىقىدىن ئەمەس، ئەڭ مۇھىم سەۋەب، خىتاي كۇلتۇر جەمئىيىتىگە ھۆكۈمران بولغان يات تائىپە ۋاقتى كەلگەندە ئۆز ئىچىدىكى ھۆكۈمرانلىق تالىشىش كۈرەشلىرىدە كىم خىتاي كۇلتۇرىدىكى ھىيلە-مىكىر رەزىللىكنى قانچە ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئۆگەنسە ۋە ئىشلىتەلىسە، شۇ تەخت تالىشىش كۈرىشىدە يېڭىش نىسبىتى يۇقىرى بولغان. ئۇلار شۇنداق بىر ئىچكى سەۋەبتىن خىتاي كۇلتۇرغا ئەگىشىپ، ئۆزلىرىمۇ بۇ كۇلتۇرنىڭ قۇلى بولۇپ قالغان ۋە ئاخىردا پۈتۈنلەي يوقاپ كەتكەن. بۇنىڭ بىر تىپىك مىسالى موڭغۇللار ۋە مانجۇلاردۇر.  ئوتتۇرا تۈزلەڭلىككە ھۆكۈمران بولغان موڭغۇللار ۋە مانجۇلارنىڭ بۆلىكى شۇ پېتى ھۆكۈمران قاتلىمىنىڭ باشلامچىلىقى بىلەن ئاسسىمىلياتسىيە بولۇپ كەتكەن بولسا، ئۇلارنىڭ ئەسلى ماكانى بولغان موڭغۇلىيە (خىتاينىڭ كونتروللۇقىدىكى ئىچكى موڭغۇل) ۋە مانجۇرىيە خىتاينىڭ ئاھالە كۆچۈرۈش تاكتىكىسى بىلەن ئاسسىمىلياتسىيە بولۇپ كەتتى.  مانجۇرىيەنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلغان شەخس بولسا 1911-يىلدىكى شىن ھائى ئىنقىلابىدىن كېيىن شەرقىي-شىمالنى قولغا كىرگۈزۈپ يەرلىك پادىشاھ بولغان چوڭ مىلىتارىست زھاڭ زۇئو لىن بولۇپ، ئۇ شەرقى-شىمالغا ئىچكىرىدىن زور تۈركۈمدە خىتاي ئاھالىسىنى كۆچۈرۈپ ئورۇنلاشتۇرۇپ مانجۇلارنى ئاز سانلىققا ئايلاندۇرۇش ئارقىلىق ئاخىرىدا شەرقىي-شىمالنىڭ پۈتۈنلەي خاتالىشىشنى ئەمەلگە ئاشۇرغان. بۇنىڭدىن بىز خىتاي كۇلتۇرىدا قايسى زامان، قانداق خىلدىكى ھۆكۈمران بولسۇن، خىتاي زىيالىيسىلا بولىدىكەن ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ ياتلارنى يوقىتىش ئۇلارنىڭ ماھىيىتى ئىكەنلىكىنى بىلەلەيمىز.

 

 

 

خىتاي كۇلتۇرى ئىنسان پسىخىكىسىغا قانداق تەسىر كۆرسىتىدۇ؟ دىننى ئىنكار قىلىدىغان بۇ كۇلتۇر تەربىيىلەپ چىققان خىتايلارنىڭ ئىچكى دۇنياسىنى ئۇلارنىڭ ئەمەلىيىتى بىلەن ئانالىز قىلساق، بۇ كۇلتۇردا يۇيۇنۇپ چىققان ئىنسان يۈكسەلگەندە ئۆزنى ياراتقۇچى ئورنىغا قويۇپ خۇدنى بىلمەي قالسا، گۇمرانلىققا يۈزلەنگەندە بولسا ئىتتەك خارلىنىپ قۇلدەك ياشاپ ئۆتۈشكە تەييار. بىز ئۇيغۇرلارغا ئەڭ تونۇش بولغان خىتاي كلاسسىك ئەسەرلىرىدىكى ”مەرد-ئەزىمەتلەر“، ”جاھانكەزدى-قەھىرمانلار“ نىڭ مەرد-باتۇر ئاتىلىش تارىخىنى يېشىپ كۆرسەك، بىزنىڭ كۇلتۇر قاراشلىرىمىزدا مۇناپىقلىق، قورقۇنچاقلىق ھېسابلىنىدىغان ئۆلچەملەر خىتاي كۇلتۇرىدا ئۇنىڭ ئەكسىنى(تەتۈرىنى)  بىلدۈرىدۇ. مىسالغا بىز جىن ياڭ گاڭ داۋىنىدا يولۋاسنى مۇشتلاپ ئۆلتۈرگەن ۋۇ سوڭ نىڭ ئەمەلىيەتتە ھاراق ئىچىپ مەست بولۇپ قېلىپ خۇدىنى بىلمەي يولۋاسنى مۇشتلاپ قويغانلىقىنى، مەستلىكتىن يېشىلىپ ئويغىنىپ يېنىدا ياتقان يولۋاسنى كۆرۈپ قاتتىق قورقۇپ كەتكەنلىكىنى ”سۇ بويدا“ رومانىدا ئوقۇغان ئىدۇق. يەنە ئەينى كىتابتا شۇ باتۇرلار چوقۇنۇپ ئۆزلىرىگە ئاتامان سايلىغان ”شىپالىق يامغۇر“ سۈپەتلىك سوڭ جىئاڭنى ئېلىپ ئېيتساق، شۇنداق كۆپ باتۇر چوقۇنىدىغان بۇ قەھرىمان يامۇلدىن تۇتۇش ئۈچۈن كەلگەنلەردىن قۇتۇلۇپ قېلىش ئۈچۈن ساراڭ بولۇۋېلىپ ئازگالدا نىجاسەت يېگەن. ”ئۇچ پادىشاھلىق ھەققىدە قىسە“ رومانىدا بولسا كائو سائو ئۆيگە كەلگەن ئەزىز مېھماننى كۈتۈشكە ئۆز خوتۇنىنى ئولتۇرۇپ غىزا ئەتكەن. بىز بىلىدىغان باشقا كۇلتۇر بۇنى شەرەپسىزلىك، نومۇسسىزلىق دەپ بىلگەن بىلەن، خىتاي كۇلتۇردا بۇ ۋاسىتە تاللىماسلىق بىلەن مۇددىئاغا يەتكەن ھەقىقىي قەھرىمان ھېسابلىنىدۇ.

 

بەزىلەر بۇ دەۋردىكى خىتايلار غەربىنىڭ مودېرنىزمنىڭ تەسىرى بىلەن ئۆزگەردى دەپ ئويلىشى تەبىئىي. ھازىرقى خىتاي زىيالىيلىرى ئۆزگەردىمۇ، ئۇلارنىڭ ھۆكۈمران تەبىقىسىدىكى زىيالىيلىرىچۇ؟ بىز بۇنى كېيىنكى مەزمۇنلاردا يەنىلا شى جىنپىڭنى ئانالىز قىلىش ئارقىلىق بىلەلەيمىز.

 

 

 

شى جىنپىڭ نېمە قىلماقچى

 

 

(1)    شى تەختكە چىقىشنىڭ ئالدىدىكى كۇلتۇر ھادىسەلەر

 

 

 

2002-يىلى خىتايدىكى داڭلىق رېزھىسسور زھاڭ يى موئۇ خىتاينىڭ كىنو چولپانلىرىنى بىر يەرگە يىغىپ ”قەھرىمان[英雄]“ فىلىمىنى ئىشلەپ تارقاتقان. بۇ فىلىم خىتاي دۆلىتى ئىچىدە زور ئالقىشقا ئېرىشىپ تاپاۋىتى 100 مىليون يۈئەندىن ئاشقان تۇنجى فىلىم بولۇپ قالغان. خىتاي رېزھىسسورى زھاڭ يى موئۇنىڭ ”قەھرىمان“ فىلىمى ئەكس ئەتتۈرگەن قەھرىمان ئوبرازى كىم؟ فىلىمدا زۇلۇم سالغۇچىلارنىڭ ئەدىبنى بېرىپ خەلقنى يۆلەيدىغان بىر نەچچە چامباشچى، قانخورلۇق ۋە خەلققە زۇلۇم سېلىش بىلەن نام چىقارغان چىن شى خۇئاڭنى ئۆلتۈرمەكچى بولىدۇ. ئەمما ئۇلار ھەمكارلىشىپ ئارىسىدىكى بىرىنى قاتتىق مۇھاپىزەت ئاستىدىكى چىن شى خۇئاڭغا يېقىنلىشىش پۇرسىتىگە ئېرىشتۈرگەندە ئۇ ئەكسىچە چەن شى خۇئاڭنى ھەقىقىي قەھرىمان ھېسابلاپ ئۆلتۈرمەيدۇ. نېمە ئۈچۈن؟ چۈنكى خىتاي رېزھىسسورى زھاڭ يى موئۇ يورۇتقان خىتاي كۇلتۇرى مەدھىيىلەيدىغان قەھرىمان قارا نىيەت بولسۇن، زوراۋان قانخور بولسۇن، ياتلارنى يوقىتىپ خىتاي دۆلەتنىڭ تېررىتورىيىسىنى كېڭەيتكەن بولسىلا شۇ ھەقىقىي قەھرىمان ھېسابلىنىدۇ. 2002-يىلى بۇ فىلىم قويۇلغاندا خىتايدا جىئاڭ زەمىن دۆلەت رەئىسى ئورنىدىن ئايرىلغان بولسىمۇ خۇ جىنتائوغا ھەربىي ھوقۇقنى ئۆتكۈزۈپ بەرمىگەن. ۋە شۇنىڭدەك ئۆزى تەختتىن چۈشۈشتىن بۇرۇن، خىتاي زىيالىيلىرى خىتاي زېمىنى دەپ تالىشىدىغان ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە شەرقى شىمال چېگراسىدىكى بىر قىسىم زېمىنلارنى، چىگرىنى ئېنىقلاش ئارقىلىق رۇسىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە تەۋە ئىكەنلىكىنى ئەتراپ قىلىدىغان چېگرا شەرتنامىسىنى ئىمزالىغان ئىدى. جىئاڭ يى موئۇدەك بىر سەنئەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان خىتاي زىيالىيسىنىڭ بۇ فىلىمنى شۇ ۋاقىتتا ئىشلىشىنىڭ كۈچلۈك سىياسىي ئارقا كۆرۈنۈشى بار بولۇپ، ئۇ بۇ فىلىم ئارقىلىق ئەمەلىيەتتە خىتاي ھۆكۈمران سىنىپىغا خىتاي كۇلتۇرىدا قانداق كىشىنىڭ ھەقىقىي مىللىي قەھرىمان بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

 

 

 

2007 -يىلى خىتاي مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى كۆپ قىسىملىق تارىخىي تىياتىر ”مەقسەتلەر ئۈچۈن ئاچچىق يۇتۇش卧薪尝胆 (بۇ ئىدىئومنى شاھ-شۇمبا ئۈستىدە يېتىپ ئوت يالىماق دەپ تەرجىمە قىلغانلارمۇ بار)“ نى كەڭ تەشۋىقاتلار بىلەن قويدى. بۇ فىلىم خىتاينىڭ ئەمەنىيە دەۋرى (春秋战国时期) دىكى ۋۇ دۆلىتى بىلەن يۇئە دۆلىتى ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولۇپ ئەسىرگە چۈشىدىغان يۇئە دۆلىتىنىڭ پادىشاھى گوئۇ جىئان نىڭ تارىخى كەچۈرمىشى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. گوئۇ جىئان دۈشمىنىنى سەل چاغلاپ ئۇرۇشتا يېڭىلىپ ۋۇ پادىشاھىغا ئەسىر چۈشىدۇ. ئۇ پادىشاھ تۇرۇپمۇ ۋۇ پادىشاھىغا ئەسىر چۈشكەندە جېنىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن قۇل بولۇپ ئۇنىڭ ئاتلىرىنى باقىدۇ. ئۇ ھەر خىل پۇرسەتلەرنى يارىتىپ كۈندۈزى ۋۇ پادىشاھىنىڭ كۆڭلىنى ئالسا كەچتە ئېغىلغا قايتىپ، ئۇخلاش ئالدىدا تورۇسقا ئېسىپ قويغان مالنىڭ ئاچچىق ئوتۇنى ئېغزىغا سېلىپ شوراپ قىساسنى ئېسىگە ئېلىپ تۇرىدۇ. ئۇ ھەتتا بىر قېتىم ۋۇ پادىشاھى ئاغرىپ قالغاندا ئۆزىنىڭ ئانا مىراس بىر دىئاگنوز قويۇش ئۇسۇلىنى بىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، ۋۇ پادىشاھىنىڭ تەرەت قاچىسىدىكى تەرىتىنى ئېغزىغا سېلىپ تېتىپ، پادىشاھنىڭ ساقىيىپ كېتىدىغانلىقىنى  ئېيتىدۇ. كېيىن ۋۇ پادىشاھى ساقىيىپ كېتىدۇ ۋە گوئۇ جىئانگە تەخمۇ ئىشىنىپ ئاخىرى ئۇنى ئازاد قىلىدۇ. گوئۇ جىئان بولسا قايتىدىن ئۆز كۈچىنى تولۇقلاپ 20 يىلدىن كېيىن ۋۇ پادىشاھىنى مەغلۇپ قىلىپ قىساسىنى ئالىدۇ.

 

 

 

2007-يىلى بۇ فىلىم قويۇلۇشقا باشلىغاندا شۇ جىن پىڭ نەدە نېمىلەرنى قىلىۋاتاتتى؟ بۇ ۋاقىتتا شى خىتايدا زور تەسىر قوزغىغان شاڭخەي شەھىرىنىڭ رەھبىرى چەن لىئاڭيۇ ۋەقەسىنى بېسىقتۇرغان ۋە  خىتاينىڭ مەركىزى سىياسىي بيۇروسىنىڭ قارار بېرەلەيدىغان ئەڭ ھوقۇقلۇق 9 كىشىلىك ھەيئەتنىڭ بىرىگە ئايلانغان بولسىمۇ تېخى ئەڭ ئالىي ھوقۇقدار ئەمەس ئىدى. يۇقىرىدىكى فىلىمنىڭ شى جىنپىڭ تەختكە رەسمىي چىقىشنىڭ ئالدىدا سۈرەتكە ئېلىنىپ قويۇلۇشى ھەرگىز تاسادىپىي ۋەقە ئەمەس. چۈنكى شۇ چاغدا سابىق خىتاي باش رەئىسى جىئاڭ زەمىن پەردە ئارقىسىدا تۇرۇپ دۆلەت ئىچىدە خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتائونىڭ خىزمەتلىرىگە توسقۇنلۇق قىلىۋاتقان، ”فا لۇن گوڭ“ چىلار نامىدا ئۆزگە نارازى خىتاي زىيالىيلىرىنى داۋاملىق ئۆز ئادەملىرى ئارقىلىق باستۇرۇۋاتقان؛ سىرتقا بولسا ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن كېلىشىم تۈزۈپ دۆلەت چېگراسىنى ئايرىپ توختام تۈزۈپ ”ۋەتەن ساتقۇچ خائىن“ نامىدا خىتاي زىيالىيلىرىنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغاپ تۇرغان مەزگىللەر ئىدى. شۇ چاغدا جىئاڭ زەمىن ھوقۇقتىن چۈشكەن بولسىمۇ ئەمەلىي ھوقۇقدار، خۇ جىنتائو باش رەئىس بولسىمۇ قورچاق ھالەتتە ئىدى. خىتاي زىيالىيلىرى بۇ ئىككىسىدىن قاتتىق ئۈمىدسىزلەنگەن ۋە خىتاي ئۈچۈن ھەقىقىي ئىش قىلىپ بېرەلەيدىغان ”قەھرىمان“ ئىزدەپ ئاخىرى دىققىتى شى جىنپىڭغا مەركەزلەشكەن ئىدى. شۇ چاغلاردا بۇ خىل ”قەھرىمان“ بولۇش ئۈچۈن مەيدانغا چۈشكەن باشقا بىر قانچە نامزات بار ئىدى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئوخشاشلا قىزىل ئەۋلادتىن بولغان تېخى قىزىل بولغاندىمۇ شى جىنپىڭدىن قېلىشمايدىغان بۆ شىلەي بار ئىدى.  ئەمما بۆ شىلەي ئۆزىنىڭ قارىلىقىنى يېڭى خوتۇن ئۈچۈن سابىق خوتۇنىنى ئولتۇرۇش بىلەن ئاشكارىلاپ قويسا، قېلىنلىقىنى باشقا بالىسى بىلەن كېيىنكى خوتنى ئارقىلىق ئاشكارىلاپ قىزىل ئەۋلادلارنىڭ قوللىشىدىن ئايرىلىپ قالغان ئىدى. شى جىنپىڭ بولسا ئۈن-تىنسىز ئۇستىدىكى ھۆكۈمرانلارنىڭ خىزمىتىدە بولدى. ئۇلار ئۆزىدەك قىزىل ئەۋلاد بولمىغان ۋە ئۆزىدەك جاپالىق تۇرمۇش كەچۈرمىگەن“ تېگى پەس“ لەردىن بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ قول ئاستىدا گەدىنىنى ئەگىپ يۈردى. چۈنكى ئۇ 2007-يىلدىكى فىلىمنى ئۇنىڭدىن ھېلى يىللار بۇرۇن سەھرالاردا يېزا باشلىقلىرىنىڭ مەسخىرىلىرىنى ئاڭلىغاچ  كىتابلاردىن ئوقۇپ بىلگەن ئىدى.

 

 

 

خىتاي زىيالىيلىرى بىر-بىرىنى ئەڭ ياخشى چۈشەنگۈچىلەر. ئۇلارنىڭ مۇناسىۋەتلىرى ئۆمۈچۈك تورىدىنمۇ بەتتەر مۇرەككەپ بولۇپ ئوخشاش قازاندا قايناپ چىققانلىقى ئۈچۈن بىر–بىرىنى ئىنتايىن ئېنىق بىلىشىدۇ. شۇ سەۋەبتىن تەختىراۋان كۆتۈرگۈچى زىيالىيلار بولسىمۇ كەلگۈسىدە كىمنىڭ تەختىراۋاندا ئولتۇرالايدىغانلىقىنى ئالدىن پەرەز قىلالايدۇ.

 

خۇددى سىنگاپورنىڭ سابىق پرېزىدېنتى لى گۇئاڭيائو دېگەندەك شى جىنپىڭ باشقىلار ئاچچىقىنى كەلتۈرىدىغان گەپ قىلسىمۇ يەنىلا كۈلۈمسىرەپ تۇرالايدىغان بىر شەخس، يەنە ئۆز ئىچىدە ئويلىغانلىرىنى باشقىلارغا بىلدۈرمەيدىغان بىرى ئىدى.

 

 

 

شى جىنپىڭ ئۆز نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن ھەر قانداق خورلۇقلارغا خۇددى يۇئە مەملىكىتىنىڭ پادىشاھى گوئۇ جىئانداك ئىچىگە سېلىپ بىلىندۈرمىگەن. شۇ سەۋەبتىن تارىخى ئارقا كۆرۈنۈشى قىزىل بولمىغان ئەكسىچە دادىسى ياپون ئۇرۇشىدا خائىن سانالغان جىئاڭ زەمىننىڭ خىزمىتىنى ئۈن-تىنسىز ئىشلىگەن بولسا، ئوخشاشلا قىزىل ئەۋلاد بولمىغان، ۋە  ھوقۇقىدىن ئايرىلغۇچە جىئاڭ زەمىننىڭ بويۇنتۇرۇقىدىن قۇتۇلالمىغان قورقۇنچاق خۇ جىنتائونىڭ  خىزمىتىنىمۇ چىرايىنى ئۆزگەرتمەي قىلغان. ”قارلىقتا رەڭسىز، قېلىنلىقتا سۈزۈك“ پەللىسىگە يەتكەن خىتاي زىيالىيسى شى جىنپىڭ ئاخىرى ئەڭ ئالىي ھوقۇقدار بولدى.

 

 

 

(2)    شى جىنپىڭنىڭ پىلانلىرىنىڭ قەدەم باسقۇچلىرى

 

 

 

2012-يىلى 2-ئاينىڭ 29-كۈنى شى جىنپىڭ ئۆزىنىڭ ”جۇڭگو چۈشى“ نى تۇنجى قېتىم سىرتقا ئاشكارىلىغان. شۇ چاغدا ئۇنىڭ خىتاي دۆلىتىنىڭ رەئىسى بولۇپ سايلانغىنىغا ئەمدى ئىككى ھەپتە بولغان ئىدى. شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو چۈشى ”جۇڭخۇئا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغۋار گۈللىنىشى“ بولۇپ شى جىنپىڭ بۇنى سابىق پرېزىدېنت باراك ئوباماغا بولغان چۈشەندۈرۈشى ”ئىچىگە قارتا دۆلەت قۇدرەتلىك، مىللەت روھلۇق، خەلق باي. سىرتقا قارتا بولسا ھەمكارلىق، تەرەققىيات، تىنچلىق، تەڭ يېڭىش“ بولغان. ئەمما شىنىڭ ”جۇڭگو چۈشى“ دېموكراتىيە چۈشىمۇ؟ دېگەن سوئال تۇغۇلىدۇ. خىتايدا دېموكراتىيە ئاۋانگارتى ھېسابلىنىدىغان جەنۇبى جۇڭگو ھەپتىلىك گېزىتى[南方周末] شىنىڭ ”جۇڭگو چۈشى، ئاساسىي قانۇن چۈشى“ دەپ ئىزاھات بەرگىنىدە ئېغزى دەرھال تۇۋاقلانغان.

 

 

 

شى جىنپىڭ تەختكە چىقىپلا باشلىغان ئىش-پائالىيەتلىرى خىتاي ئىچى ۋە سىرتىدىكى كۆزەتكۈچىلەرنى خېلىلا گاڭگىراتتى.  ئۇ تەختكە چىقىپلا ئۆزىگە يېڭى-يېڭى ناملارنى بېرىپ مەمۇرى، ھەربىي ۋە ئىدېئولوگىيە تەرەپتىكى ھوقۇقلارنى يۇقىرى دەرىجىدە ئۆز قولىغا يىغدى. خىتاي سىرتىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان، بىر پارتىيە تۈزۈمىگە قارشى دېموكراتچى خىتاي زىيالىيلىرىنىڭ  شىنى تەختكە چىقىشتىن بۇرۇنلا ”سىياسىي ئىسلاھاتچى“ دەپ تەرىپلىشىنىڭ ئەكسىچە، شى ئاساسىي قانۇن ئاساسىدا دۆلەت باشقۇرۇشنى ياقلايدىغان بىر قىسىم ئىلغار ئىدىيىلىك خىتاي زىيالىيلىرىنى سوتلىدى ۋە تۈرمىگە تاشلىدى. ئەمما شىنى مۇتەئەسسىپ كۈچلەرنىڭ يەنە بىر ۋەكىلى دېگۈچىلەرگە قارتا شىنىڭ ئېلىپ بارغان  سىياسىي ھەرىكەتلىرى تەخمۇ جىددىي بولدى. ماۋ زېدۇڭنى تەرىپلەپ قىزىل سىياسەتنى ئالقىشلايدىغان بىر قىسىم ئەمەلدارلارنى قانچىلىك چۇڭقۇر ئارقا كۆرۈنۈشى بولۇشتىن قەتئىي نەزەر ئۇلارنى جازالىدى.  ئۇنىڭ پارىخورلۇققا قارشى ھەرىكىتى ھازىرمۇ داۋام قىلماقتا،  ۋە ”يولۋاس بىلەن چىۋىنى تەڭ ئۇرۇش“ سىياسىتى، ۋە خىيانەتچىلىك، پارىخورلۇق قىلىپ چەتكە قاچقان ئەمەلدارلارنى قايتۇرۇپ ئەكېلىپ سوتلاۋاتقان ”تۈلكە ئوۋلاش ھەرىكىتى“ خىتاي خەلقىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشىپ كەلمەكتە. شىنىڭ بۇنداق ئىككىلا تەرەپنى باسىدىغان سىياسىتىنى قانداق چۈشىنىش كېرەك؟ ئۇ بىر ئىسلاھاتچىمۇ ياكى بيۇروكراتمۇ؟

 

 

 

بىز يۇقىرىدا تىلغا ئېلىپ ئوتكەن خىتاي كۇلتۇرى ۋە ئۇنىڭ جەۋھىرى بولغان ”قارا كۆڭۈل پەلسەپىسى“ نى ئېنىق چۈشەنگىنىمىزدە شى جىنپىڭنى چۈشىنىش ئۇنچە قىيىن ئەمەس. بولۇپمۇ مال-دۇنياغا ۋە پاھىشىۋازلىققا ئىنتىلمەيدىغان شىنىڭ پىلانى بولسا خىتاي كۇلتۇرى ئۇنىڭغا ئۆگەتكەن ”ھەقىقىي قەھرىمان“ بولۇپ نام قالدۇرۇش. ئۇنىڭ پىلانى تۆۋەندىكىچە؛

 

شى جىنپىڭ ھوقۇق تۇتقان ئالدىنقى بەش يىل ئىچىدە ئۆزنىڭ سىياسىي ئورنىنى مۇتلەقلەشتۈرۈش، ئۇنىڭ پىلانىغا توسقۇنلۇق قىلىدىغان ھەرقانداق قارشى كۈچلەرنىڭ مەۋجۇت بولۇشىغا يول قويماسلىق. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا كېيىنكى بەش يىلدا ئېلىپ بارىدىغان پىلانلىرى ئۈچۈن تەييارلىق كۆرۈش. بۇ تەييارلىقلار، 1، ئىقتىسادىي ئىسلاھاتنى تەخمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش. دۆلەت ئىگىلىكىدىكى كارخانىلارنى ئازايتىش، ۋە خۇسۇسىي ئىگىلىكنىڭ تەخمۇ كۆپ ساھەلەرگە كىرىشىگە يول ئېچىش. شۇ ئارقىلىق خەلققە تەخمۇ كۆپ ئىقتىسادىي مەنپەئەت بېرىش؛ 2، سىياسىي پىلانلار. قاتتىق تەدبىرلەر بىلەن خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسى دۇچ كېلىۋاتقان پارىخورلۇق ۋە ئىشەنچسىزلىك كرىزىسىنى يوقىتىش. سىياسىي ھوقۇقنى چىڭ تۇتۇپ خەلقىنىڭ ئىقتىسادىي مەنپەئەتكە تويۇنۇشىنى كۈتۈش. 3، ھەربىي تەييارلىقلار. خىتاي ئارمىيىسىنى تەلتۆكۈس ئىسلاھات قىلىپ، ئارمىيىنىڭ قورال-ياراق سەپلىمىسىنى دۇنياۋى ئىلغار سەۋىيىگە يەتكۈزۈش، ئوفىتسېر-ئەسكەرلەرنىڭ سەۋىيە-ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ ھەرقانداق ۋاقىتتا ئۇرۇشقا كىرەلەيدىغان قىلىش. بۇ پىلانلار شى جىنپىڭ تەختكە چىققان كۈندىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىشقا باشلىدى ۋە ھازىرمۇ جىددىي ئېلىپ بارماقتا.

 

 

 

شى جىنپىڭنىڭ پىلانى ئۇنىڭ ”جۇڭگو چۈشى“ دىمۇ ئېنىق يەكۈنلەنگەن. دۆلەت قۇدرەتلىك، خەلق روھلۇق ۋە باي بولۇش. ئەمما شىنىڭ چۈشى دۆلەتنىڭ قۇدرەت تېپىشى ۋە خەلقىنىڭ باي بولۇشىنىڭ رېئاللىققا ئايلىنىشى بىلەنلا توختاپ قالمايدۇ. خىتاي كۇلتۇرىدىكى ”قەھرىمان“ دۆلەت قۇدرەت تاپقاندا چوقۇم ”تارىختىن بۇيانقى“ زېمىنلىرىنى قايتۇرۇپ ئېلىشى كېرەك. خىتاي دۆلىتى تارىختا قۇدرەت تاپقاندىكى تېررىتورىيىسى خىتاي تارىخچى زىيالىيلىرى تەرىپىدىن بۇرۇنلا خاتىرىلەنگەن. تارىختا بۇنداق ئۇلۇغ چوڭ تېررىتورىيىلىك دۆلەتلەرنى قۇرغانلار خىتاي مىللىتى بولمىسىمۇ ئۇ مەسىلە ئەمەس، ياتلار قۇرغان دۆلەت خىتاي كۇلتۇر جەمئىيىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغانلا دۆلەت بولسا، بۇ دۆلەت خىتايلارنىڭ، بۇ دۆلەت  ئىگىلىگەن زېمىن خىتاي زېمىن تېررىتورىيىسى ھېسابلىنىدۇ. شۇ سەۋەبتىن موڭغۇللارنىڭ ئەسلى ماكانى بولغان موڭغۇلىيە، خىتاي تارىخىدا يۇئان سۇلالىسى ئاتالغان قۇبلايخان دۆلىتى سەۋەبلىك خىتاي تېررىتورىيىسى بولۇپ قالغان، ئۇيغۇر زېمىنى مانجۇلارنىڭ قولغا ئۆتكەنلىك سەۋەبلىك ئۇمۇ خىتاي تېررىتورىيىسى بولۇپ قالغان. ئەڭ قىسقىسى ھىندىستان تەۋەسىدىكى كەشمىر(ئاقساي) زېمىنى يەكەن سەئىدىخان دەۋرىدە يەكەن سەئىدىھاننىڭ تېررىتورىيىسىدە بولغانلىقى ئۈچۈنلا ئۇمۇ خىتايلار تالىشىدىغان زېمىن بولۇپ قالغان. مانا بۇ زېمىنلارنى قايتۇرۇپ ئېلىش ”مىللىي قەھرىمان“ شى جىنپىڭنىڭ ”جۇڭخۇئا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغۋار گۈللىنىشى ئۈچۈن“ باسىدىغان كېيىنكى قەدىمى ھېسابلىنىدۇ. بۇ پىلانلارنى شى جىنپىڭ ئىشقا ئاشۇرالامدۇ؟ بىز ئالدىدا ئۇنىڭ بىرىنچى قەدىمىنى قانچىلىك باستى كۆرۈپ ئۆتەيلى.

 

 

 

2017-يىلدىكى فوربەسنىڭ سانلىق مەلۇماتىدىن قارىغاندا، خىتاي بىليونىرلار ئەڭ كۆپ دۆلەتكە ئايلانغان. 40 يىلغا يېقىن ۋاقىتتا ئېلىپ بېرىلغان  ئىقتىسادىي تەرەققىيات خىتايدىكى كەمبەغەللىك سانىنى 728 مىليون ئازايتىپ، 1981-يىلدىكىدىن 80% ئازايتقان. بۇنىڭغا ئوخشاش سانلىق مەلۇماتلار  شى جىنپىڭ باشچىلىقىدىكى جكپ نى ئۆزىنىڭ قانۇنلۇق ئورنىنى داۋاملىق ئېتىراپ قىلدۇرۇش ئۈچۈن يېتەرلىك دەستەك بولالايدۇ. شۇنى ئېنىق چۈشىنىپ يېتىشىمىز كېرەككى ئىقتىسادىي تەرەققىيات خىتاينى بۇرۇنقى ئادەم سانى زور قالاق دۆلەتتىن، تېخنىكا تەرەققىيات ۋە كاپىتال تەرەققىيات ئىككى تەرەپتىن زور دەرىجىدە كېڭەيگەن دۆلەت ئورنىغا كۆتۈرۈپ، يۈز-ئابرۇيغا بەكلا ئەھمىيەت بېرىدىغان خىتاي كۇلتۇر چەمبىرىكىدىكى ئاۋام خەلقىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىپ كەلمەكتە. بۇ خىل قوللاش بۇ خىل ئىقتىسادىي تەرەققىيات يولىدا بىليونىر بولغانلاردا تەخمۇ ئېنىق ئىپادىلەنمەكتە. شۇ سەۋەبتىن ئىقتىسادىي تەرەققىيات باسقۇچىدا شى جىنپىڭ ”خەلق باي“ قەدىمىنى ئاساسەن تاماملاپ بولدى.

 

 

 

ھەربىي كۈچ جەھەتتە خىتاي ئاللىقاچان دەرىجىدىن تاشقىرى دۆلەت قاتاردىن ئورۇن ئېلىپ بولدى. ئۇ تېخنىكا ئوغرىلىسۇن، سېتىۋالسۇن، ياكى تەقلىد قىلسۇن 40 يىلغا يېقىن ئىقتىسادىي تەرەققىياتى بىلەن تەڭ ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي سانائەت تەرەققىياتى، خىتاينى مىلتىقتىن ئاۋىئاماتكىغىچە ھەممە ھەربىي لازىمەتلىكلەرنى ئۆز-ئۆزىنى تەمىنلەش سەۋىيىسىدىن ئېشىپ خەلقئارادىكى ئەڭ چوڭ قورال-ياراق سودىگىرىگە ئايلاندۇردى. شى جىنپىڭنىڭ دۆلەت قۇدرەتلىك قەدىمىمۇ تاماملىنىپ بولدى. ئەمدى تۇنجى نىشان قەيەر؟

 

 

 

خىتاينىڭ ئەڭ يېڭى ئاۋىئاماتكىسى تەيۋەن نامە بىلەن ئاتالغان، ۋە ھازىر خىتاي ئۈچىنچى ئاۋىئاماتكىسىنى جىددىي ياسىماقتا. كۆزەتكۈچىلەر خىتاينى دەسلەپكى قەدەمدە 6 ئاۋىئاماتكا ياساش پىلانى بار دەپ پەرەز قىلماقتا. ئاپتورنىڭ قارىشىچە خىتاي ھۆكمىتى ئاۋىئاماتكا ياساشنى كارخانىلاشتۇرۇپ ئۆزى ئۈچۈنلا ئەمەس ۋاقتى كەلگەندە سىرتقا ئاۋىئاماتكا ئېكسپورت قىلىدىغان پىلانى بار.  شى جىنپىڭ جەنۇبى جۇڭگو دېڭىزى ئارىسىدىكى مارجان ئاراللارنى تىندۇرۇپ سۈننىي ئارال پەيدا قىلىش ئارقىلىق ئۈستىگە ھەربىي بازا قۇرۇپ، بىرىنچىدىن ئامېرىكىنىڭ ئاۋىئاماتكىسىنى كىرمەس قىلىپ قويدى؛ ئىككىنچىدىن ئەتراپتىكى شۇ زېمىننى تالىشىۋاتقان دۆلەتلەرنى پۈتۈنلەي سىقىپ چىقاردى؛ ئۈچىنچىدىن جەنۇب تەرەپتىن تەيۋەننى قىسماققا ئالالىدى. شى جىنپىڭنىڭ خىتاي زېمىنىنى ”بىرلىككە كەلتۈرۈش“ ھەرىكىتى تەيۋەندىن باشلىنىشىدا شەك يوق.

 

 

 

بۇنىڭ سەۋەبى بىرىنچىدىن تەيۋەن ئىچكى ئۇرۇش سەۋەبىدىن چوڭ قۇرۇقلۇقتىن ئايرىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ باشقۇرۇش دائىرىسىنىڭ سىرتىدا قالغان. شى جىنپىڭ خەلقئاراغىمۇ تەيۋەننىڭ زېمىن دەۋاسىنى قىلالايدۇ. تەيۋەننى ”قايتۇرۇۋېلىش“ ئىستراتېگىيىسىنى خىتاي ھۆكۈمىتى 1956-يىلدىن كېيىن سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى يىرىكلەشكەن كۈندىن باشلاپ پىلانلاپ قەدەممۇ-قەدەم ئىشقا ئاشۇرۇپ كەلدى. مەسىلەن، ئاسىيا-ئافرىقا ئەللىرى ئارىسىدا دىپلوماتىيە ئويۇنى ئويناپ، ئالدى بىلەن تەيۋەننى بدت دا يېتىم قالدۇرۇپ كەينىدىنلا ئۇنى بدت دىن قوغلاپ چىقاردى. شۇندىن باشلاپ ھازىرغىچە خىتاي ھۆكۈمىتى سىياسىي بېسىم ۋە ئىقتىسادىي قىزىقتۇرۇشلار ئارقىلىق تەيۋەن بىلەن دىپلوماتىيە مۇناسىۋىتى بار دۆلەت ۋە رايونلارنى ئۆزىگە قارىتىپ، تەيۋەننى خەلقئارا سەھنىدە يېتىم قالدۇرۇشقا تىرىشتى. يېقىنقى بىر يىلدا خىتاي بۇ قەدىمىنى تەخمۇ تېزلەتتى، يالغۇز دىپلوماتىيەدىلا يالغۇز قالدۇرۇشلا ئەمەس، تېخى ھەر-خىل خەلقئارالىق تەشكىلاتلارغىمۇ تەيۋەننى ئەزالىقتىن چىقىرىۋېتىشنى بېسىم قىلىپ بۇ مەقسىتىگە يېتىپ بولدى.

 

 

 

ئىككىنچىدىن، خەلقئارا ۋەزىيەتتىكى ئۆزگىرىش خىتايغا ئىنتايىن پايدىلىق ۋەزىيەتنى يارىتىپ بەردى. تەيۋەن بىلەن ئامېرىكا ئارىسىدا ھەربىي كېلىشىم بار بولۇپ ئەگەر تەيۋەن ھەربىي ھۇجۇمغا ئۇچۇرسا ئامېرىكىنىڭ ئەسكەر چىقىرىپ قوغداش مەجبۇرىيىتى بار. شۇ سەۋەبتىن خىتاي ھۆكمىتى بۇ ئىشتا ئامال بار ھەربىي توقۇنۇشتىن ساقلانغان ئاساستا تەيۋەننى قايتۇرۇۋېلىش ئىستراتېگىيىسىدە. ئەگەر ۋاقتى كەلگەندە تەيۋەن خەلقى ”ئۆزلۈكىدىن“ چوڭ قۇرۇقلۇققا قوشۇلۇشنى خالىسا، ”خەلق رايى“ بىلەن بولغان بۇ قوشۇلۇشقا ئامېرىكا قول تىقالمايدۇ. شۇ سەۋەبتىن خىتاي ھۆكمىتى پۈتۈن كۈچىنى ئىشقا سېلىپ تەيۋەندە خەلق مايىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشىۋاتىدۇ. بۇنىڭ كونكرېت تەدبىرى، تەيۋەندىكى سودىگەرلەرگە بولۇپمۇ چوڭ قۇرۇقلۇق ۋە خەلقئارادا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان تەيۋەن خەلقىنىڭ تەيۋەن پۇقراسى سالاھىيىتى بىلەن پائالىيەت قىلىشنى قىيىنلاشتۇرۇپ، جۇڭخۇئا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پۇقراسى دېگەن سالاھىيەت بىلەن يۈرۈشكە قىستاۋاتىدۇ. شۇ سەۋەبتىن ھازىر تەيۋەن پۇقرالىرى چەتئەلدە تەيۋەن پاسپورتىدىن باشقا خىتاي ھۆكۈمىتى تارقاتقان ”تەيۋەنلىك قېرىنداشلىق ئىسپاتى[台胞证]“ نى كۆرسىتىپ ئىش بېجىرىشكە مەجبۇر بولۇۋاتىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن خىتاي ھۆكمىتى تەيۋەندىكى جاسۇسلۇق پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇققا مايىل كىشىلەرنى جىقايتىپ، ئۇلار ئارقىلىق ئىچكى تەرەپتىن ماسلىشىدىغان كىشىلەرنى كۆپەيتىۋاتىدۇ.

 

 

 

ئاخىردا ئامېرىكىنىڭ تەيۋەننى قانچىلىك قوغدىيالىشىغا كەلسەك، بولۇپمۇ ترۇمپنىڭ ئۇس پرېزىدېنتى بولۇشى ۋە ئۇنىڭ“ دۇنيانىڭ پرېزىدېنتى ئەمەس ئامېرىكىنىڭ پرېزىدېنتى“ بولۇش سىياسىتى خىتاينىڭ زېمىن تەقەززاسىغا ئوڭ تاناسىپ بولدى.  سودىگەرنىڭ سىياسىي ھوقۇق تۇتسا ھەممە نىمنى سودا ئۈچۈن دو تىكىدىغانلىقىنى بىز ئۇيغۇرلار ئوبدان بىلىمىز. بۇنى خىتايلار تەخمۇ ئوبدان بىلىشىدۇ. ترۇمپ ھوقۇق تۇتماي تۇرۇپلا تەيۋەن پرېزىدېنتى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشۈش ئارقىلىق خىتايغا تېرە تاراقلىتىپ بېسىم قىلماقچى بولدى. ئەمما شى جىنپىڭ كېلىپ ئۇنىڭ ئۆيدە ئىككى-ئۇچ كۈن مېھمان بولۇۋېدى، ئۇ دەرھال شەرقى خىتاي دېڭىزغا ئەۋەتكەن دېڭىز فلوتىنىڭ بەشىنى ياپون دېڭىز تەرەپكە بۇراپ ئامېرىكىنىڭ پۈتۈن دىققىتىنى خىتايدىن شىمالى كوريەگە بۇرىدى. شى جىنپىڭنىڭ ترۇمپقا نېمىلەرنى ۋەدە قىلغانلىقىنى بىلمەيمىز. ئەمما سودا ئىقتىسادىي مەنپەئەت ۋەدە قىلىپ ئورنىغا سىياسىي مەنپەئەت تەلەپ قىلغانلىقى ئېنىق.

 

 

 

شى جىنپىڭ ۋاقتى كەلگەندە ئۆز بېشىمچى ۋە دائىم ئۆزگە ئاۋارىچىلىك تېپىپ بېرىدىغان قوشنىسىنى شىمالىي كوريەنى ئامېرىكىغا تاشلاپ بېرىش ھېسابىغا جەنۇبىي جۇڭگو دېڭىزى ۋە تەيۋەننى پۈتۈنلەي ئۆز تېررىتورىيىسىگە كىرگۈزۈشى تامامەن مۇمكىن. نۇرغۇن كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ شىمالىي كوريەنى قوللاپ كېلىشى ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئارىسىدا بىر بوش يەرنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى خىتاينىڭ ئىستراتېگىيىسى ئۈچۈن پايدىلىق دەپ، بۇنى خىتاينىڭ شىمالىي كوريەنى يۆلەپ تۇرۇشىنىڭ تۈپ سەۋەبى دەپ قارايدۇ. ئەمما خىتاينىڭ شىمالىي كوريەنى قوللاپ كېلىشى ھەربىي ئىستراتېگىيە جەھەتتىنلا ئەمەس تەخمۇ مۇھىمى ئۇنىڭ كوممۇنىستىك دۆلەت بولمىش ئىدلوگيىلىك بىرلىكىدە ئىدى. ئەمما ھازىر بولسا خىتاي ئۆزىنىڭ 40 يىللىق ئىسلاھات ئىشىكنى ئېچىۋېتىش سىياسىتى بىلەن ئىقتىسادى جەھەتتىن دەرىجىدىن تاشقىرى بىر دۆلەتكە ئايلىنىپ بولدى. خىتاي دۆلىتىنىڭ ھوقۇقىنى قولدا تۇتۇپ تۇرغان قىزىل ئىككىنچى ئەۋلاد ئاللىقاچان كوممۇنىزمدىن ئايرىلغان. ئۇلارنىڭ پىلانى بولسا ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئارقىلىق خەلققىمۇ بىر قىسىم پايدىنى تەقسىملەپ بېرىش ۋە شۇ ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ ھوقۇقنى داۋاملىق ساقلاش بولۇۋاتىدۇ. چۈنكى بۇ تامامەن خىتاينىڭ سىياسىي ئەنئەنىسىگە ئۇيغۇن بولۇپ، خىتايدا خەلقنى ئۆلۈشكە قىستىمىسىلا خىتاي خەلقى ئۈچۈن كىمنىڭ قانداق ھۆكۈمران بولۇشى مۇھىم ئەمەس. شۇ سەۋەبتىن خىتاي دۇنياغا ”مەۋجۇتلۇق خىتايدا ئەڭ چوڭ كىشىلىك ھوقۇق“ دەپ قورقماي جار سالالىغان. ئەمما شىمالىي كورېيە خىتاينى دوراپ ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئىشىكنى  ئېچىۋېتىش ئەمەس تېخىمۇ بېكىنمە بىر ھالەتنى ساقلاپ قالدى.  خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەسلى مەقسىتى 6 دۆلەت يىغىنى ئارقىلىق شىمالىي كورىيەنى ئامېرىكا بىلەن سودىلىشىدىغان ۋە ئوينىتىپ تۇرىدىغان كوزىرى قىلماقچى ئىدى. ئەمما شىمالىي كورېيە خىتاي ھاكىمىيىتىگە ئويۇنچۇق بولۇشنى خالىمىدى، ئەكسىچە يادرو قوراللىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش بىلەن بېسىم قىلىپ ئىككى چوڭ دۆلەت ئوتتۇرىسىدا پايدا ئالدى. خىتاينىڭ شىمالىي كورىيەنى ئۆز دېپىغا ئۇسۇل ئوينىتىپ كوزىر قىلىش قەستى ئىشقا ئاشمايلا قالماستىن ئەكسىچە، بۇ كىچىك قوشنىسىنىڭ بالا تېرىشىدىن قورقمايدىغان مۇتتەھەم ھۆكمىتى بىلەن ئاچ قالغان خەلقى ئۆزىگە قوشلاپ بېسىم ئېلىپ كېلىشكە باشلىدى. بۇ ئىشتا ئەگەر شىمالىي كوريەنى ئامېرىكىغا تاشلاپ بەرسە مەمەدان شىمالىي كورېيەدىن قۇتۇلىدۇ ۋە ئۇ دۆلەتنىڭ ئاچ قالغان خەلقى ئۇنى ئۆزىگە قوشۇۋالغان جەنۇبىي كورېيەنىڭ زىممىسىگە چۈشىدۇ.

 

 

 

ئەمدى شىمالىي كورېيەنىڭ يەنە بىر قوللىغۇچىسى رۇسىيەگە كەلسەك، خىتاي شىمالىي كوريەنى ئامېرىكىغا تاشلاپ بېرىش ئارقىلىق رۇسىيەنى جەنۇب تەرەپتىن ئامېرىكا بىلەن توقۇنۇشۇش ھالىتىگە ئەكېلىپ ئۆزى ئوتتۇرىدىن پايدا ئالالايدۇ. ئەگەر رۇسىيە بىتەرەپ تۇرغان ھالەتتە شىمالىي كورېيەدىن قۇتۇلىدۇ. يەنە بىر جەھەتتىن خىتاي ھۆكۈمىتى ئەزەلدىن سىبىريە رايونىغا خىتاي كۆچمەنلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانى بولسىمۇ رۇسىيەنىڭ قاتتىق قول پوزىتسىيىسىدىن ئۇ يەردە يەرلىشىۋاتقان خىتايلار ناھايىتى ئاز. خىتاي بۇ ئىمىنلارغا خۇددى ئۇيغۇر دىيارىغا ئاھالە يۆتكىگەندەك دەرىجىدە ئۆز پۇقرالىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش غەرىزى بار. ئەگەر خىتاي رۇسىيە – ئامېرىكا زىددىيىتىنى شىمالىي كورېيە رايونىدا ئىشقا ئاشۇرالىسا، ئامېرىكىغا تەڭ تاقابۇل تۇرۇشتا رۇسىيە بىلەن ھەمكارلىشىشنىڭ شەرتى سۈپىتىدە، رۇسىيەنىڭ كونتروللىقىدىكى يىراق شەرىق (سىبىريە) رايونىغا ئېچىش نامى بىلەن پۇقرا كۆچۈرۈش پىلانىغا يول ئاچالايدۇ.

 

 

 

(3)    شى جىنپىڭنىڭ پىلانىدىكى ئۇيغۇرلار

 

 

 

2014-يىلدىكى ئىككىنچى قېتىملىق شىنجاڭ خىزمەت يىغىنىدا شى جىنپىڭ ”جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىقى ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك ئەمىنلىكى شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ ئاساسلىق نىشانى“ دەپ ئېنىق كۆرسەتمە بەرگەن.

 

 

 

ئۇنىڭ بۇ كۆرسەتمىسىدىكى ئۇزۇن مۇددەتلىك ئەمىنلىك، ئۇنىڭدىن بۇرۇن ۋە تارىختىن بېرى خىتاي زىيالىيلىرى تىلغا ئېلىپ كېلىۋاتقان پۈتۈنلەي ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ قۇلاقنى تىنچىتىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس. شۇ سەۋەبتىن شى جىنپىڭنىڭ ئۇلۇغۋار پىلانلىرىدا ئۇيغۇرلار يوق. ئۇنىڭ پىلانىدا ئۇيغۇرلارغا ئائىت بىرلا جۈملە سۆز بولۇپ، ئۇ بولسىمۇ ئۇيغۇرلار ئۇستىدىكى بىئولوگىيىلىك ئاسسىمىلياتسىيە قەدىمىنى تېزلىتىش.

 

 

 

بۇنى بىز ئۇنىڭ ئادەم ئورۇنلاشتۇرۇش ئىستراتېگىيىسىدىن كۆرۈۋالالايمىز. شى جىنپىڭ ئۇيغۇرلارنى قاتتىق قول بېسىشى بىلەن يامان ئاتىقى كۈچلۈك بولغان ۋاڭ لېچۇئەننىڭ ئورنىغا كەلگەن جىياڭ چۈنشەننى يۆتكەپ كېتىپ، شۇ ۋاقىتتا تىبەتتە قاتتىق قول سىياسىتى بىلەن نام چىقارغان چېن چۇئەنگونى ئۇيغۇرلارنى ئىدارە قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرغان.

 

 

 

چېن چۇئەنگو مەدەنىيەت ئىنقىلابىدىن كېيىن تۇنجى قارارلىق ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بەرگۈچىلەردىن بولۇپ، زھەڭ زھوئۇ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇغان. 1980-يىللاردا خىتاي كومپارتىيىسى كادىرلارنى تاللاپ يېتىشتۈرۈش سىياسىتىنى قايتا يولغا قويغاندىن كېيىن ئۇ تۇنجى قاتاردا تاللاپ خىزمەتكە قويۇلغان كادىرى ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ خىزمەتنى ئاساسى قاتلامدىن باشلىغان بۇ خىل ئارقا كۆرۈنۈشى شى جىنپىڭگە ئوخشىسا، تىبەتنى ئىدارە قىلىشتىكى قاتتىق قول سىياسىتى شىنىڭ كۆڭلىگە ياققان.

 

 

 

چەننىڭ ئۇيغۇر دىيارىغا كەلگەندىن كېيىنكى قوللانغان تەدبىرلىرى جىياڭ چۈنشەندىن پەرىقلىقمۇ دېگەن مەسىلىدە بىز يەنىلا خىتاي زىيالىيلىرىنىڭ بۇ ئىككى ئەمەلدارىغا بەرگەن باھاسىدىن كۆرۈپ بىلەلەيمىز. توردا بىر خىتاي ئادۋوكاتىنىڭ چېن چۇئەنگوغا يازغا ئوچۇق خېتى ئېلان قىلىنغان. بۇ خەتنى يازغۇچى ئاقسۇ تەۋەسىدە ياشىغان ۋە ھازىر ئۈرۈمچىدە ئادۋوكاتلىق قىلىۋاتقان خىتاي زىيالىيسى بولۇپ، بۇ يازما  چەن كېلىپ ۋەزىپىسىگە ئولتۇرۇپ 2 ئايدىن كېيىن يېزىلغان . بۇ يازمىدا چەننىڭ كېلىپ ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن خىتاينىڭ ئەزەلدىن ئۇيغۇر دىيارىدا تەكىتلەپ كېلىۋاتقان ”تېررورلۇققا قارشى“ سىياسىتىنى تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە خەلق تۇرمۇشىنى پۈتۈنلەي شۇنىڭغا قۇربان قىلىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئۇيغۇرلارلا ئەمەس، شۇ يەردىكى خىتاي پۇقرالىرىنىڭمۇ ئارامچىلىقى بۇزۇلۇپ، نارازىلىق كەيپىياتىنى كۈچەيتكەنلىكىنى كۆرۈۋالالايمىز.

 

ئۇنداقتا خىتاينىڭ سىياسىتىگە زىيان سېلىۋاتقان بۇ ئەمەلدار نېمە ئۈچۈن يەنە ئۆز ئورنىدا تۇرالايدۇ؟ بۇنىڭ سەۋەبى ئۇنىڭ سالاھىيىتى چېگرا تىنچلاندۇرغۇچى ئەمەلدار بولغانلىقى ئۈچۈن.

 

 

 

خىتاي ھاكىمىيىتىدە چېگرا رايونلاردىكى ئۆزىگە يات قوۋملارنى (ئاز سانلىق مىللەت كاتېگورىيەسىدىكىلەر) ئازلىتىش، ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش ۋە يوقىتىشتا يېڭى ھىيلىلەرنى پىلانلاپ چىققان ئەمەلدارلار ئىشەنچكە ئاسان ئېرىشىپ  ئۆسۈشى تېزلىشىدۇ. بۇ خىتايدا تارىخى ئەنئەنە بولۇپ مىسالىغا گوئۇ مىن داڭ ۋاقتىدىكى شەڭ شى كائىنى ئالساق، ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ زىيالىي ۋە بايلىرىنى ئولتۇرۇپ خەلقنى شىلىپ زار-زار يىغلاتقان بولسىمۇ، ۋاقتى كەلگەندە ئۇيغۇر دىيارىنى رۇسىيەگە تارتتۇرۇپ قويماي ”ساقلىغان تۆھپىسى ئۈچۈن 50 يۈك ماشىنىسىغا بېسىپ ئەكەتكەن مال-دۇنياسى بىلەن تەيۋەندە خاتىرجەم ياشاپ ئۆلدى. يەنە ۋاڭ لېچۇئەننىڭ ئۆز مەركىزى ھۆكۈمىتىگە كۆرسەتكەن تۆھپىسى، 11-سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن، خەلقئارادىكى تېررور توقۇنۇشىغا ئۇيغۇرلارنى قوشۇش بولدى. ۋاڭ لەچۇئان بۇ تۆھپىسى ئۈچۈن زھوئۇ يوڭكاڭ ۋەقەسىدە، ئۇ زھوئۇ يوڭكاڭنىڭ مۇئاۋىنى بولۇپ تۇرۇپمۇ ھېچقانداق جازالاشقا ئۇچۇرمىدى. ھەممە سىياسىي ۋەزىپىلىرىدىن ئايرىلىپ قالغان بولسىمۇ خىتاي قانۇن ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى نامە بىلەن ئوبدان ياشاپ يۈرۈپتۇ.

 

 

 

بۇ خىل تۆھپىلەرنى يارىتىش، بولۇپمۇ چېگرا رايوندا خىزمەت ئۆتەۋاتقان خىتاي ئەمەلدارلىرى، ئۆزلىرىنىڭ  خىتاي ھۆكۈمرانلىرىنىڭ ئىچكى زىددىيەتلىرىدە قۇربان بولماسلىقنىڭ تۇمارى قىلىش ئۈچۈن بولسىمۇ چوقۇم قىلىشقا تېگىشلىك خىزمىتى بولۇپ قالغان. جىياڭ چۈنشەنمۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس. پەقەت جىياڭ چۈنشەن ۋاڭ لەچۇئان سەۋەبىدىن يامانلىشىپ كەتكەن ئۇيغۇر خىتاي مۇناسىۋىتىنى يۇمشىتىش ئۈچۈن ئۇيغۇرلارغا قاراتقان قىرغىن قىلىش، ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش قەدىمىنى ئاستىلاتقانلىقىنى ئۈچۈن،  شى جىنپىڭنىڭ سىرتقا كېڭىيىش پىلانىغا تەسىر يېتىش خەۋپى تۇغۇلغان. چۈنكى شى جىنپىڭنىڭ كېيىنكى قەدىمى چوقۇم بىر مۇتلەق تىنچ ۋە مۇقىم بولغان دۆلەت ئىچى مۇھىتىغا ئېھتىياجلىق. چېن چۇئەنگونىڭ ھەددىدىن ئېشىپ سىياسەت يۈرگۈزۈشى شى جىنپىڭ ئۆزنىڭ ئۇلۇغۋار پىلانلىرى ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنىڭ ئىشىنى پۈتۈنلەي مەركەزدىن ئايرىپ چېن چۇئەنگوغا تاپشۇرۇپ بەرگەنلىكىدىن بولغان دەپ ئىشىنىمىز. بۇنى بىز ۋەتەن ئىچىدىكى ئۇيغۇرلارغىلا ئەمەس، ۋەتەن سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارغىمۇ كېلىۋاتقان خىتاينىڭ ئىش قىلىش شەكىللىنىڭ قوپاللىقىدىن ۋە بېرىۋاتقان بېسىمدىكى يەرلىك سىياسەتنىڭ پۇرىقى كۈچلۈك بولۇشتەك ئالاھىدىلىكىدىن بىلەلەيمىز. يەنە بىر تەرەپتىن جىياڭ چۈنشەننىڭ ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىشى ئۇنىڭ ھەرگىز شى جىنپىڭنىڭ نەزىرىدىن قالغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. ئەمەلىيەتتە شى جىنپىڭ ئۆزىگە ئوخشاش ئېغىر-بېسىق بۇ ئەمەلدارنى مەركەزگە يۆتكەپ ئاپىرىپ شىنجاڭ ئىشلىرى گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىنى قىلىپ قويۇشى، ئۇنىڭ ئەمىلى ئىشلارغا ئارىلاشماي، ئەمما چوڭ ۋەقە چىقماسلىققا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ئۇيغۇر دىيارىنى كۆزىتىپ تۇرۇشقا قويغان.

 

 

 

ئاخىرقى سوز

 

 

 

مەزكۇر يازمىدا بىز مەركەزلىك ھالدا خىتاي دۆلىتى رەئىسى شى جىنپىڭنى نۇقتىلىق ئانالىز قىلىش ئارقىلىق ئۇيغۇرلار دۇچار بولۇۋاتقان ئاسسىمىلياتسىيىنىڭ كېلىش مەنبەسىنى تەھلىل قىلىپ ئۆتتۇق. ئۇيغۇر دىيارىدىكى ھەددىدىن ئاشقان سىياسەت ”خىتايلار راستلا ئۇيغۇرلارغا بۇنداق ئۆچمۇ“ دېگەن سوئالنى قويسىمۇ، بۇ يەردە ئۆچلۈك مەسىلىسىدىن ئەمەس بەلكى تەبىئىتى شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى بىلەلەيمىز. ئۇيغۇر مىللىتى دۇچ كېلىۋاتقان ئاسسىمىلياتسىيە ئۇ ھايات –ماماتلىق مەسىلىسى بولۇپ، بۇ ئاسسىمىلياتسىيىنىڭ كېلىش مەنبەسىنى خىتاي دۆلىتىنىڭ سۈنئىي سىياسىتىدىن ئەمەس بەلكى خىتاي كۇلتۇرىدىن كېلىۋاتقان تەبىئىي ئاسسىمىلياتسىيە ئىكەنلىكىنى بىلەلەيمىز. ئۇيغۇرلار خىتاي دۆلىتى تەۋەسىدىلا بولىدىكەن، كىم ۋە قايسى پارتىيە ھوقۇق تۇتسۇن ئۇيغۇرلارغا كېلىدىغىنى يەنىلا بىئولوگىيىلىك ئاسسىمىلياتسىيە. يەنى، يىلتىزىدىن قۇرۇپ ئىنسانلار تارىخىدىن ئۆچۈش، ۋە ياكى پۈتۈنلەي ئۆز كىملىكىنى قۇربان قىلىپ خىتاي كۇلتۇرغا قوشۇلۇپ كېتىشتىن ئىبارەت.

 

 

 

باتۇر بولۇش ياكى خائىن بولۇش بۇ مەسىلىدە مىللەت ئايرىلمايدۇ. شۇ سەۋەبتىن بىز مەلۇم تائىپىدىكى ئىنسانلارنىڭ ھەممىسىنى يامان دەپ قارىلىساق، ئۇ ئىنسان ھوقۇقى ۋە ئاددىيسى ئىنسانچىلىققا ئۇيغۇن كەلمەيدۇ. ئەمما بىز مەلۇم كۇلتۇرنى، ئىدلوگيەلىك ھادىسىلەرنىڭ ئىنسانلارغا كەلتۈرىدىغان زىيىنىنى تەنقىد قىلالايمىز. بىز بارلىق گېرمان خەلقى فاشىست دېسەك ئۇ توغرا ئەمەس، ئەمما گىتلېرنىڭ فاشىست ئىدىيىسىنى تەنقىد قىلىش ئۇ توغرا. مۇتلەق كۆپچىلىك خىتاي ئاممىسىنىڭ ئىنسانچىلىقنى، غەربچە كىشىلىك ھوقۇقنى چۈشەنمەسلىكى ئۇلارنىڭ خاتالىقى ئەمەس، بەلكى ھەقىقەتنى ئۆگىتىشكە چامىسى يەتمەيدىغان خىتاي كۇلتۇرنىڭ ئوقۇغۇچىسى بولۇپ يېتىشكەنلىكىدە. بىز كۈچىمىزنىڭ يېتىشىچە بۇ كۇلتۇرنى تەنقىدلەپ ئۇنىڭ ماھىيىتىنى دەلىل-ئىسپاتلار بىلەن باشقىلارغا ئېچىپ كۆرسىتىپ بېرىشىمىز تامامەن يوللۇق. خىتاي كۇلتۇرىدىكى پرىنسىپسىز ئىش قىلىش ئۇسۇلى(مۇددىئاغا يېتىش ئۈچۈن ۋاسىتە تاللىماسلىق) يامان ئوسمىدەك خەلقئاراغا تاراۋاتىدۇ. بۇنىڭ تىپىك مىسالى ھازىر [36 تەدبىر]نى ئۆگىنىش ”گۇگىل“ ۋە ”ئالما“ دەك دۆلەت ئاتلىغان كارخانىلارنىڭ باشقۇرغۇچىلىرى قىزغىن ئۆگىنىدىغان دەستۇر بولۇپ قالدى. يەنە تېررورىزم ۋە سىياسىي مۇتەئەسسىپلىك سەۋەبىدىن ئامېرىكا باشلىق غەرب ئەللىرىدە بېكىنمىچىلىك خاھىشىنىڭ كۈچىيىشى بىلەن تەڭ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن بېرى خەلقئاراغا قاراتقان كىشىلىك ھوقۇقىنى دۆلەتلەر ئارىسىدىكى بېرىش-كېلىشنىڭ(ئاساسلىقى مەبلەغ سېلىشنىڭ) ئۆلچىمى قىلىش سىياسىتىدە چېكىنىش يۈز بېرىپ، خىتاينىڭ ”ئۆزگە دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشماسلىق“ پىرىنسىپى ئۇستىدىكى ”تەڭ يېڭىش(ئىككىلا تەرەپ تەڭ نەپ ئېلىش)“ سىياسىتى سىياسىي ۋە ئىقتىسادى كرىزىسقا پاتقان، ھۆكۈمىتى پارىخور ئۆزى پۇلغا تەشنا دۆلەتلەرنى ئۆزىگە مەھلىيا قىلىشقا باشلىدى. پاكىستاندا ھۆكۈمەتتىن تارتىپ ئاۋام خەلقكىچە خىتاي مەستانىسى بولۇپ خىتاينىڭ ”بىر بەلۋاغ بىر يول“ ئىقتىسادى ھەمكارلىق قۇرۇلۇشىغا ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇشى بۇنىڭ يەنە بىر تىپىك مىسالى.

 

 

 

ئۇيغۇرلار ئاز-كەم ئىككى مىڭ يىلدىن بېرى خىتاي كۇلتۇر چەمبىرىكىگە قوشنا بولۇپ ياشاپ كەلدى، ئۇيغۇر ۋە تۈركلەرنىڭ نۇرغۇن قەبىلىسى بۇ كۇلتۇر تەرىپىدىن سۈمۈرۈلۈپ ئاسسىمىلياتسىيە بولۇپ كەتتى. ھازىر ئۇيغۇر دىيارىدا قالغان ئۇيغۇرلار بولسا خىتاي كۇلتۇرنىڭ ماھىيىتىنى چۈشەنگەن ۋە ئۇنىڭدىن مۇداپىئە قىلىپ ئۆز كىملىكىنى ساقلىيالايدىغان ئىممۇنىتېت كۈچى ئەڭ كۈچلۈك قالدۇق خەلق ھېسابلىنىدۇ. شۇ سەۋەبتىن خىتايلارنىڭ تارىختىن بېرى ئىشلىتىپ كۆپ ئۈنۈم كۆرسەتكەن تاكتىكىلىرى ھازىرغا كەلگەندە، بۇ قالغان ئۇيغۇر توپلىمىغا ئىشلىمەي، غالجىرلىشىۋاتىدۇ. بۇ غالجىرلىشىشنىڭ سەۋەبى شۇكى، خىتاي ھۆكمىتى، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ مەنسەپ ئەمەس ئىقتىسادىي پائالىيىتى ئارقىلىق خىتايدا بارلىققا كېلىۋاتقان ئوتتۇرا تەبىقىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، ھامان بىر كۈنى سىياسىي جەھەتتىن خەلققە تەخمۇ كۆپ ھوقۇقنى بېرىشكە مەجبۇر بولىدىغانلىقىنى بىلىدۇ. شۇ ۋاقىت يېتىپ كەلگەندە ئۇيغۇرلارمۇ خىتاينىڭ ئۆزى تۈزگەن سىياسىي ۋە قانۇنىي ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ تەخمۇ كۆپ ئەركىنلىك ياكى بولۇنۇش تەلىپىنى قويالايدىغانلىقىنى بىلىدۇ. شۇ سەۋەبتىن شۇنداق بىر كۈن يېتىپ كەلگۈچە ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرسا، ئۇيغۇر دىيارى يەنىلا خىتاينىڭ بىر پارچىسى بولۇپ قالىدۇ. ۋە بۇ تۆھپىسى ئۈچۈن خىتاي خەلقى ۋە كېيىنكى ھاكىمىيەتنى قولغا ئالغانلار دېموكرات بولسۇن بولمىسۇن، كوممۇنىست ئەۋلادىنى ”ۋەتەن بىرلىكىنى ساقلىيالىغىنى ئۈچۈن“، خۇددى زھاڭ جىئە شى شەڭ شى كائىنى، شى جىنپىڭ ۋاڭ لېچۇئەننى ساقلاپ قالغاندەك ئۇلارنى كەچۈرىدۇ ۋە ساقلاپ قالالايدۇ. بۇ يەنە بىر تەرەپتىن چەتئەلدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان خىتاي دېموكراتچىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ دېموكراتىك ھەرىكىتىنى قوللىماسلىق، خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىگە بولغان قارشىلىقى كۈچلۈك بولماسلىقنىڭ سەۋەبىنى بىزگە چۈشەندۈرۈپ بېرەلەيدۇ. ئۇلارمۇ خىتاي زىيالىيسى بولۇشى بىلەن شۇنى بىلىدۇكى، ئەگەر ھازىرقىدەك بىر ۋاقىتتا ئۇلار ھوقۇقنى قولغا ئالسا، خىتاينىڭ بۆلىنىپ كېتىش خەۋپى بارلىقىنى ئەگەر شۇنداق بولسا، خىتاي كوممۇنىستلىرى ئەمەس ئۆزلىرىنىڭ ئۆز ۋەتىنى ۋە خەلقى ئالدىدا “ ۋەتەن ساتقۇچ خائىن“ ئاتىقىغا قالىدىغانلىقىنى بىلىشىدۇ. شۇ سەۋەبتىن ئەمەلىيەتتە ئۇلار كوممۇنىستىك ھاكىمىيەتنىڭ خىتاي تېررىتورىيە ئىچىدىكى ”ياتلارنى“ تەل-توكۇس ”ئۆزلەشتۈرۈشنى“ ساقلاۋاتىدۇ خالاس.

 

 

 

قىزىل ئەۋلادتىن بولغان شى جىنپىڭ كوممۇنىزمىنىڭ ئاچچىقىنىمۇ تاتلىقىنىمۇ تېتىغان بىر خىتاي زىيالىيسى بولۇپ، ئۇ كومپارتىيە ھۆكۈمرانلىقىنىڭ ھامان بىر كۈنى تارىخ بولۇپ قالىدىغانلىقىنى ئوبدان بىلىدۇ. خىتاينىڭ كېيىنكى قەدەمدە دېموكراتىيىگە ئۆتسۇن ئۆتمىسۇن، ئىچكى جەھەتتىن ئۇيغۇرلار(تىبەتلەرمۇ ھەم) نى پۈتۈنلەي ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش، خىتايدا سىياسىي ھوقۇقنى قەدەممۇ-قەدەم خەلققە بېرىش ؛ تاشقى جەھەتتىن ”زېمىن پۈتۈنلەش“ ئۇلۇغۋار ئىشىنى پۈتتۈرۈپ، ھەقىقىي ”مىللىي قەھرىمان“ ئوبرازى  بىلەن تارىختا نام قالدۇرۇش، بۇ شى جىڭ پىڭ قىلماقچى بولغان ئىشلاردۇر.

 

 

 

 

 

ئىزاھاتلار

 

 

 

2010-يىلى ۋاڭ لەچۇئان ئۇيغۇر رايوندىكى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلۇپ مەركەزگە يۆتكەپ كېتىلگەندە شى جىنپىڭ مۇئاۋىن رەئىس ئورنىدا بولۇپ خۇ جىنتائو باش رەئىس ئىدى. سابىق رەئىس جىئاڭ زەمىننىڭ سادىق ئادىمى بولغان مەركىزى سىياسىي قانۇن بيۇروسىنىڭ سېكرېتارى زھوئۇ يوڭكاڭ(كېيىن قولغا ئېلىنىپ مۇددەتسىز كېسىلگەن.) ۋاڭ لەچۇئاننى ئۆزىگە مۇئاۋىن قىلىپ ساقلاپ قالغان. شى جىنپىڭ 2012-يىلى رەسمىي باش رەئىس بولغاندىن كېيىن ۋاڭ لەچۇئاننى بارلىق مەمۇرى ھوقۇقىدىن ئايرىپ خىتاي قانۇن جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى قىلىپ قويغان.

 

 

 

[2] ئاسسىمىلياتسىيە ئۇقۇمى ئەسلىدە بىئولوگىيە ئىلمىدىكى كەسپىي ئاتالغۇ بولۇپ، مەلۇم تۇردىكى جانلىقلارنىڭ نوقۇل بىئولوگىيىلىك مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن باشقا بىر تۇردىكى جانلىققا شەرتسىز قوشۇلۇپ كېتىشىنى يەنە ئۆزگىرىپ كېتىشىنى كۆرسىتەتتى. بۇنى كېيىن جەمئىيەتشۇناسلار كۆچمەنلەر ۋە دىئاسپورا بىلەن ساھىبخانا جەمئىيەتنىڭ مۇناسىۋىتىنى تەتقىق قىلىشتا مېتود قىلىپ قوللانغان.

 

 

 

[3]  خىتاينىڭ سابىق رەئىسى ھۇ جىنتائو ئاينى يىللاردا گەنسۇ ئۆلكىسىدە مەلۇم ئورگاننىڭ كاتىپ خىزمىتىنى ئۆتەۋاتقىنىغا شۇ مەزگىلدە گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ باش سېكرېتارى بولغان دۆلەت قۇرغۇچىلار قاتارىدىكى سوڭ پىڭنىڭ كۆزىگە كۆرۈنگەن. شۇندىن كېيىن سوڭ پىڭ ئۇنى قوللاپ مەركەزگە كىرىشىگە، جىئاڭ زەمىن دىڭ شىئائوپىڭنىڭ ئىشەنچىدىن قالغاندا ھۇ جىنتائو مۇددەتتىن بۇرۇن باش رەئىسلىك نامزاتى بولۇپ سوڭ پىڭنىڭ قوللىشى بىلەن دىڭ تەرىپىدىن بېكىتىلگەن.

 

 

 

[4]   بۇ يازمىنى تۆۋەندىكى تور بەتتىن كۆرەلەيسىز

 

[5]   ئاپتورنىڭ قارشىچە، شى جىن پىڭ كەيىنكى قەدەمدە ئەلىپ باردىغان سىياسىي ئىسلاھاتىنىڭ يۆنىلىشى ھەرگىز غەرب ئەللىرىدەك دېموكراتىيە بولماستىن يەنىلا ”جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە“ سىياسىي تۈزۈلمە بولۇشى ئېنىق. ئۇ بىر پارتىيىلىك تۇزۇمنى ساقلىغان ئاساستا، سىياسىي كېڭەش بىلەن خەلق قۇرۇلتىيىنى ئىسلاھات قىلىپ بۇ ئىككى ئورگاننى بىر پارتىيىنى نازارەت قىلىدىغان ھوقۇقلۇق ئورگان قىلىش مۇمكىنچىلىكى بار.

 

 

 

 

 

خىتايلار ئۇيغۇرلارغا نېمە ئۈچۈن بۇنچىلىك زۇلۇم قىلىدۇ؟

 

 

قۇتلۇق ئوردا

 

مەسىلىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى

 

يېقىندىن بۇيان خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە، ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان زۇلۇمى پەۋقۇلئاددە كۈچىيىپ كەتتى. بۇ ئەھۋالنى، خىتايدا ئاتالمىش مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى ئاخىرلاشقاندىن كېيىنكى 40 يىل مابەينىدە، ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان زۇلۇم ئەڭ يۇقىرى پەللىگە چىققان بىر مەزگىل دەپ تەرىپلەشكە بولىدۇ.

 

خىتايلار ئۇيغۇرلارغا نېمە ئۈچۈن بۇ قەدەر زۇلۇم قىلىدۇ؟

 

 

 

مەن بۇ مەسىلىنى تۆۋەندىكى ئۇچ كىچىك تېمىغا بولۇپ تەھلىل قىلىمەن.

 

ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئارىسىدىكى زىددىيەتنىڭ ماھىيىتى

خىتاي مىللىتىنىڭ مىجەز-خاراكتېرى ۋە خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ مۇستەبىتلىكى

خىتايلارنىڭ ئۇيغۇر ئېلى ۋە ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى قارا نىيىتى

 

 

 

 

ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئارىسىدىكى زىددىيەتنىڭ ماھىيىتى مەسىلىسى

 

 

ئۇيغۇر ئېلى، خىتايلارنىڭ ساختا تارىخ كىتابلىرىدا ۋە تەشۋىقاتلىرىدا دېيىلگەندەك خىتاي دۆلىتىنىڭ بىر پارچىسى ئەمەس! ئۇيغۇرلار ھەم ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىن تارالغان خۇئا-شىئا ئەۋلادلىرىنىڭ بىر ئەزاسى ئەمەس! ئۇيغۇر ئېلى خىتايلار تەرىپىدىن بېسىپ ئېلىنغان بىر ئەل، ئۇيغۇرلار بۇ ئەلدىكى مۇستەملىكە قىلىنغۇچى خەلق. بۇ نۇقتىدىن ئالغاندا، ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت، تېخىمۇ توغرىسىنى دېگەندە ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئارىسىدىكى تۈپكى زىددىيەت ماھىيەتتە، مۇستەملىكە قىلغۇچى مىللەت بىلەن مۇستەملىكە قىلىنغۇچى مىللەت ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتتۇر.

 

 

 

ئادەتتە مۇستەملىكىچى مىللەتنىڭ باشقا بىر مىللەتنى مۇستەملىكە قىلىشى، ئۆزىنىڭ زېمىن تېررىتورىيىسى كېڭەيتىش، مۇستەملىكە قىلغان زېمىننىڭ بايلىقىنى تالان-تاراج قىلىشنى ۋە ئۆزىنىڭ كۈچىنى كۆز-كۆز قىلىشنى ئاساسى مەقسەت قىلغان بولىدۇ. بۇ مەقسەت مۇستەملىكە قىلىنغۇچى مىللەتنىڭ خورلىنىشنى، زۇلۇم چېكىشى بەدىلىگە ئىشقا ئاشىدۇ. بۇنىڭ مىساللىرىنى تارىختا كوپ ئۇچرىتىمىز.

 

 

 

خىتايلار، چىڭ سۇلالىسى تازا كۈچىيىپ، ئەتراپقا كېڭەيمىچىلىك قىلىشقا باشلىغان بىر دەۋردە، يەنى 1750-يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئۇيغۇر ئېلىگە تاجاۋۇز قىلىپ كىردى. ئۇيغۇرلارنى بويسۇندۇرۇش ئۈچۈن دەھشەتلىك قىرغىنچىلىق يۈرگۈزدى. بەزى تارىخى مەنلەردە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي-مانجۇ تاجاۋۇزچى قوشۇننىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە بېسىپ كىرگەن چاغدىكى قىرغىنچىلىقى ۋە ئارىدىن بىر قانچە يىل ئۆتۈپ ئۇچتۇرپان خەلقىنىڭ باسقۇنچىلارغا قارشى كۆتۈرگەن» جىگدە يېغىلىقى» نامى بىلەن مەشھۇر بولغان قوزغىلىڭىنى قانلىق باستۇرۇشلىرى جەريانىدا 100 مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇر قىرىپ تاشلانغان. بەزى يۇرتلار، مەھەللىلەر ئادەمسىز قېلىپ خارابىگە ئايلانغان!

 

 

 

شۇندىن تارتىپ ھېسابلىغاندا خىتايلارنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنى مۇستەملىكە قىلىۋالغىنىغا تەخمىنەن 250 يىل بولدى. (ياقۇپبەگ پادىشاھلىق قىلغان، مۇستەقىل ئالتە شەھەر دۆلىتى مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان 14 يىلنى قوشمىغاندا). بۇ جەرياندا خىتاي دۆلىتىدە بىرقانچە قېتىم ھاكىمىيەت، تۇزۇم ئۆزگەردى، پادىشاھ، ھۆكۈمدارلار ئالماشتى ئەمما، خىتايلارنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان زۇلۇمى ھېچ ئۆزگەرمىدى، ئۆزگەردى دېيىلسە، پەقەتلا زۇلۇمنىڭ شەكلى، دەرىجىسى ۋە ئۇسۇلى ئۆزگەردى، ماھىيەت ئۆزگەرمىدى.

 

 

 

ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تەبىئىي بايلىقىنى تالان-تاراج قىلىش، ئۇيغۇرلارنى ھوقۇق ۋە ئىمتىيازدىن مەھرۇم قىلىپ غۇرۇرىنى سۇندۇرۇش، ئۇيغۇرلارنى نادان، نامرات، دۇنيادىن بېكىنمە قالدۇرۇش، ئۇيغۇرلارنىڭ يولباشچىلىرىنى، بايلىرىنى، ئەقىللىق، بىلىملىك ئادەملىرىنى تۇتۇپ، ئولتۇرۇپ تۈگىتىش، قارشىلىق، ئىسيانلىرىنى رەھىمسىزلىك بىلەن قانلىق باستۇرۇش، ئۇيغۇرلار ئىچىدىن مىللىي مۇناپىق، خائىنلارنى تەربىيىلەپ يېتىشتۈرۈش، ئۇلار ئارقىلىق ئوز يېغىدا ئوز گۆشىنى قورۇش». مانا بۇ خىتايلارنىڭ مۇستەملىكىچى قىلغۇچى مىللەت بولۇش سۈپىتىدە ئۇيغۇر ئېلىدە ئۇيغۇرلارغا ئىزچىل يۈرگۈزۈپ كەلگەن مىللىي زۇلۇم سىياسىتىنىڭ تىپىك مىساللىرى.

 

 

 

مۇستەملىكىچىلىك تۈزۈمى تارىختا، ئىنسانىيەتكە ئىنتايىن ئېغىر ئازاب-ئوقۇبەت ۋە پاجىئەلەرنى ئېلىپ كەلدى. ئىندىئانلارنىڭ ھالاكەتلىك تەقدىرى، ئافرىقىلىق قارا تەنلىكلەرنىڭ قۇل قىلىپ سېتىلىشى بۇنىڭ تىپىك مىسالى.

 

16-ئەسىردىن 19-ئەسىرگىچە بولغان ۋاقىتلار كۈچلۈك مىللەتلەرنىڭ ئاجىز مىللەتلەرنى مۇستەملىكە قىلىش، بوزەك ئېتىش دەۋرى بولدى.

 

 

 

19-ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن باشلاپ مۇستەملىكە ئاستىدىكى مىللەتلەر پەيدىن-پەي ئويغاندى. 19-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا لاتىن ئامەرىكىسىدىكى كۆپلىگەن دۆلەتلەر ئارقا ئارقىدىن مىللىي مۇستەقىللىققا ئېرىشتى. 20-ئەسىر بولسا، مۇستەملىكە قىلىنغان، زۇلۇم چەككەن مەزلۇم خەلقلەرنىڭ مۇستەملىكىدىن قۇتۇلۇش، ھۆرلۈك، مىللىي مۇستەقىللىققا ئېرىشىش دەۋرى بولدى.

 

 

 

1-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن يەنە بىر قىسىم مۇستەملىكە مىللەتلەر ئازادلىققا ئېرىشتى. 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، ئافرىقا ۋە ئاسىيادىكى كۆپلىگەن مىللەتلەر بەزىلىرى كۈرەش قىلىپ، بەزىلىرى تىنچ يوللار بىلەن، مۇستەملىكىچى مىللەتلەر بىلەن بىر ئۈستەلدە سۆھبەتتە ئولتۇرۇپ تۇرۇپ ئوز مىللىي مۇستەقىللىقىنى قولغا ئالدى. 1960-يىلى بدت «مۇستەملىكەسىزلەشتۈرۈش خىتابنامىسى» نى ئېلان قىلدى. ئۇنىڭدا مۇستەملىكە تۈزۈمىنىڭ ئىنسانىيلىققا يات، زۇلۇم ئۈستىگە قۇرۇلغان ناباب بىر تۇزۇم بولغانلىقى، ئۇنىڭ مۇستەملىكە قىلىنغۇچى مىللەتلەرگە كەلتۈرگەن بالايىئاپەتلىرى تەكىتلىگەن ۋە ئەينى دەۋردىكى مۇستەملىكىچى مىللەتلەرنى ئوز مۇستەملىكىسىدىن تېزدىن ۋاز كېچىشكە چاقىرغان، ھەمدە، ئىستىگەن تەقدىردە ھەر بىر مىللەتنىڭ ھور، ئەركىن، ۋە مۇستەقىل ياشاش ھەققىنىڭ شەرتسىز بېرىلىشى كېرەكلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ ئاخىردا سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلىنىپ ئۇنىڭ تەركىبىدىكى 15 جۇمھۇرىيەت مۇستەقىل بولدى، ئۇنىڭغا ئۇلاپلا، سابىق يۈگۈسلاۋىيە پارچىلاندى، ئاخىردا، شەرقىي تەمۇر، ۋە جەنۇبى سۇدان مۇستەقىللىققا ئېرىشتى.

 

 

 

ئەپسۇسكى بۇنداق ئامەت، بىز ئۇيغۇرلارغا نېسىپ بولمىدى.

 

 

 

مەن ئىلگىرى كوپ قېتىم باشقا ئۇيغۇرلارنىڭ « ئەگەر بىزنىمۇ خىتايلار بېسىۋالماي، رۇسلار ياكى ئىنگلىزلار بېسىۋالغان بولسا بىزمۇ بۇ ۋاققا مۇستەقىل بولۇپ بولغان بولاتتۇق، ياكى ھېچ بولمىسا ھازىرقىدىن تەرەققىي قىلغان، بۇنچە زۇلۇم تارتمىغان بولاتتۇق..» « خىتايلاردىنمۇ گورباچېۋدىن بىرى چىقىپ قالغان بولسىچۇ كاشكى..» دېگەنلىرىنى ئاڭلىغان، ھەتتا ئۆزۈممۇ بەزىدە شۇنداق ئويلاردا بولغان. بۇ ئەمەلىيەتتە، رېئاللىقتىن ئۇزاق، بالىلارچە شېرىن خىيال. ئەمما بۇنىڭغا ناھايىتى مۇھىم بىر سېلىشتۇرما يوشۇرۇنغان،. ئۇ بولسىمۇ خىتايلار بىلەن رۇس ۋە ئىنگلىزلارغا ئوخشىغان ياۋروپا مىللەتلىرىنىڭ خاراكتېرىدىكى روشەن پەرقلەر ئىشارە قىلىنغان. بۇ دېگەنلىك خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا ھۆرلۈك بەرمەسلىكى ۋە ئۇلارغا توختىماي زۇلۇم سېلىشى، مەلۇم دەرىجىدە، خىتاي مىللىتىنىڭ ئومۇمى مىللىي خاراكتېرى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك.

 

 

 

 

 

خىتايلارنىڭ مىللىي خاراكتېرى ۋە خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ مۇستەبىتلىكى

 

 

خىتاي مىللىتىنىڭ مىللىي خۇي-خاراكتېرى، بۇنىڭ خىتايلارنىڭ مىللىي مەدەنىيىتى، ھايات تەرزى، ۋە ئۇلار شەكىللەندۈرگەن سىياسىي قۇرۇلما، تۈزۈملەرگە قانداق ئىجابىي ۋە سەلبىي تەسىرلەرنى كۆرسىتىپ كەلگەنلىكى ھەققىدە خىتايلار ئۆزى ۋە چەتئەللىكلەر تەرىپىدىن يېزىلغان ئونلارچە كىتابلار تېپىلىدۇ. بۇنىڭ ھەممىسىنى سۆزلىسەك گەپ ئۇزىرىپ كېتىدۇ. لېكىن مەن بۇ يەردە پەقەت قىسقىچە قىلىپ، خىتاي مىللىتىنىڭ مىللىي خاراكتېرىنىڭ خىتايلارنىڭ مۇستەملىكە ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا زۇلۇم چېكىۋاتقان بىز ئۇيغۇرلارغا، بىزنىڭ تارىخى تەقدىرىمىز ۋە بۈگۈنكى ھاياتىمىزغا ئېلىپ كەلگەن سەلبىي تەسىرى ھەققىدىلا توختىلىمەن.

 

 

 

خىتاي مىللىتىنىڭ خاراكتېرىدە قۇلچىلىق ئىدىيىسى چۇڭقۇر يىلتىز تارتقان. بۇنىڭ رېئاللىقتىكى ئىپادىلىرى بولسا، ئاجىزلار كۈچلۈكلەرگە، نامراتلار بايلارغا، پۇقرا ئەمەلدار ۋە پادىشاھلارغا خۇشامەت قىلىش، قۇلچىلىق قىلىش. زۇلۇم، ھەقسىزلىككە باش ئەگىش، سۈكۈت قىلىش، چىداش، شەخسنىڭ ئىستەكلىرىنى زالىم پادىشاھ، مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىق ئۈچۈن قۇربان قىلىپ بېرىشتىن ئىبارەت. بۇنىڭ مىساللىرىنى خىتايلارنىڭ تارىخى، تېخىمۇ توغرىسى يازما خاتىرىسى بولغان 2500 يىللىق تارىخىدىن كۆرۈۋالالايمىز.

 

 

 

خىتايلارنىڭ تارىخىدا كۆپلىگەن چوڭ –كىچىك دۆلەت-سۇلالىلەر قورۇلدى. ئۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكى زالىم، مۇستەبىت ئىدى. ئوز خەلقىگە قاتتىق زۇلۇم قىلاتتى. خىتاي پۇقرالىرى زالىم پادىشاھنى ئاغدۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشنىڭ ئورنىغا، بويسۇنۇشنى، سۈكۈت قىلىشنى ئەۋزەل بىلەتتى. چىداپ تۇرسا، بىر كۈنلەردە ئادىل پادىشاھتىن بىرى تەختكە چىقىپ ياخشىراق كۈنگە ئېرىشىشنى خىيال قىلىپ ئۆزلىرىگە تەسەللى بېرەتتى. شۇڭا خىتاي تارىخىدا كوپ سۇلالىلەر ئالماشقان بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ بەزلىرى يات مىللەتلەر تەرىپىدىن قۇرۇلغان(مەسىلەن موڭغۇللار يۈئەن سۇلالىسىنى، مانجۇلار چىڭ سۇلالىسى قۇرغانغا ئوخشاش)، يەنە بىرمۇنچىسى، ھاكىمىيەت بېشىدىكىلەرنىڭ ھوقۇق تالىشىش كۈرىشى نەتىجىسىدە ھۆكۈمرانلار ئالمىشىپ، ئۇلار ئۆزلىرى قۇرغان پادىشاھلىق-سۇلالىلەرنى ئىلگىرىكىسىدىن پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن ئۇنىڭغا يېڭى نام بېرىش بىلەن مەيدانغا كەلگەن. تارىختا، خىتاي پۇقرالىرى ئەركىنلىك، ھۆرلۈك ئۈچۈن مۇستەبىت ھاكىمىيەت، زالىم پادىشاھقا قارشى كۈرەش قىلىش ئارقىلىق يېڭىدىن ئادالەتلىك سۇلالە، ھاكىمىيەتلەرنى قۇرۇپ چىققان مىساللار كەم تېپىلىدۇ.

 

 

 

بۈگۈنكى غەربنىڭ دېموكراتىيىسى، ۋە ئۇنىڭ يادروسى بولغان پارلامېنت تۈزۈمىنىڭ بىخلىرى، بۇندىن 2500 يىللار بۇرۇن، ياۋروپا مەدەنىيىتىنىڭ بۆشۈكى ھېسابلانغان قەدىمكى يۇناندا مەيدانغا كەلگەن ئىدى. ئوخشاش دەۋردە ياشىغان، خىتاي پەيلاسوپى كۇڭزى شاگىرتلىرىغا، ئۆزىنى بىلىپ ئەدەپكە قايتىش، مەنسەپدارلار بىلەن ئېيتىشماسلىق، پادىشاھنىڭ ئەمرىگە شەرتسىز بويسۇنۇش توغرىسىدا تەلىم بەرگەن ئىدى. كېيىنكى 2000 يىللىق تارىختا، خىتايلار كۇڭزىنى ئەۋلىيا دەپ چوقۇندى، ۋە ئۇنىڭ تەلىملىرىنى ئۆزلىرىنىڭ ھاياتلىق قىبلىنەماسى قىلدى.

 

 

 

خىتايلاردا قۇلچىلىق ئىدىيىسى ئېغىر بولغاچقا، بۇ ئۇلاردا، ئەركىن پىكىر، يېڭى ئىدىيىلەردىن قورقىدىغان، يېڭىلىق ۋە ئىسلاھ قىلىشنى ئۆچ كۆرىدىغان، بېكىنمىچىلىك خاراكتېرىنى يېتىلدۈرگەن. دەل مۇشۇنداق سەۋەبلەردىن، خىتايدا مۇستەبىت، قالاق فېئوداللىق تۇزۇم 2000 يىلدىن ئارتۇق داۋام قىلدى. ياۋروپادا يېقىنقى 300 يىلدا يۈز بەرگەن، دېموكراتىيىلىشىش جەريانىدا بېسىپ ئۆتمىسە بولمايدىغان جەريانلار، ئىدىيە ئىسلاھاتى، ئىلغار كۈچلەرنىڭ فېئودال مۇستەبىتلىككە قارشى ئېلىپ بارغان كۈرەشلىرى، كاپىتالىزمنىڭ غەلىبىگە ئېرىشىشى، دېموكراتىك سايلام، پارلامېنت تۈزۈمى قاتارلىقلارنىڭ ھېچبىرى خىتايدا مەيدانغا كەلمىدى. نەتىجىدە خىتايلار مۇستەبىت تۈزۈمگە ئۈزۈل-كېسىل خاتىمە بېرىدىغان، شەخسنىڭ ئەركىنلىكى ۋە بىخەتەرلىكى قانۇنى كاپالەتكە ئىگە قىلىنىدىغان، ئەركىن ۋە ئادالەتلىك بىر تۈزۈمگە كۆچۈش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمىدى. غېرىبى ياۋروپادا مەيدانغا كەلگەن، ئەمما ئۆزى بارلىققا كەلگەن تۇپراقتا يىلتىز تارتالمىغان كوممۇنىزم تەلىماتىنىڭ خىتايدا يىلتىز تارتىشى ۋە ئاخىردا غەلىبىگە ئېرىشىشى ھەم خىتايلارنىڭ مۇستەبىتلىكنى ياقلايدىغان خاراكتېرىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. بۇنى بىز مەشھۇر ئۆزىگە تارتىش قانۇنىغا تەتبىقلاپ چۈشەندۈرسەك تېخىمۇ ئاسان بولىدۇ. بۇ قانۇن بويىچە ھەر شەيئى ئۆزىگە ئوخشىغان شەيئىنى ئۆزىگە جەلپ قىلىدۇ(تارتىدۇ). كوممۇنىزم تەلىماتى ماھىيەتتە مۇستەبىتلىكنى، ھاكىممۇتلەقلىق تەرغىب قىلىدىغان تەلىمات ئىدى. دېمەك خىتايلار، 2000 مىڭ يىلدىن ئارتۇق داۋام قىلغان مۇستەبىت فېئوداللىق تۇزۇمدىن يەنە بىر مۇستەبىت تۈزۈمگە كۆچتى!

 

 

 

خىتاي مىللىتىنىڭ خاراكتېرىدىكى يەنە بىر ئامىل، ئادالەت، باراۋەرلىك ۋە ئادەمگەرچىلىك تۇيغۇلىرىنىڭ كەمچىل بولۇشىدۇر.

 

 

 

ئەسلىدە خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ئۆزى ھەم مۇستەبىت خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ زۇلۇمىغا ئۇچرىغۇچىلاردۇر. بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا ئاددىي خىتاي پۇقرالىرى بىلەن ئۇيغۇرلار مەلۇم دەرىجىدە تەقدىرداش بولۇشى، ئاۋام خىتايلار زۇلۇم چېكىۋاتقان ئۇيغۇرلارغا ئاز-تولا ھېسداشلىق بىلدۈرۈشى كېرەك بولاتتى. ئەمما بىز ھېچبىر زامان خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا ھېسداشلىق قىلغىنىنى كۆرۈپ باقمىدۇق، دەل ئەكسىچە، خىتاي پۇقرالىرى ئوز مىللىتىدىن بولغان مۇستەبىت ھاكىمىيەتنىڭ ئۇيغۇرلارغا زۇلۇم قىلىشىغا ھەمشېرىك بولۇپ كەلدى.

 

 

 

خۇلاسە قىلساق، خىتاي مىللىتىنىڭ خاراكتېرىدىكى يۇقىرىدا مەن تىلغا ئېلىپ ئوتكەن تەركىبلەر، بىر تەرەپتىن خىتايدا مۇستەبىت ھاكىمىيەتلەرنىڭ ئارقىمۇ-ئارقا مەيدانغا چىقىشىغا ۋە ئۇنىڭ نەچچە مىڭ يىللاپ داۋام قىلىشىدىكى مۇھىم بىر ئامىل بولغان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن، خىتايدا ئەركىن، ئادالەتلىك بىر تۇزۇمنىڭ بەرپا بولۇشىغا ئىمكانىيەت بەرمىگەن ئاساسلىق سەۋەبتۇر.

 

 

 

ئىنسان ئۆزىدە يوق نەرسىنى باشقىلارغا بېرەلمەيدۇ. خىتاي مىللىتىنىڭ جىسمى ھور بولغان بىلەن روھى تېخى ھور ئەمەس. ئوز مىللىتىگىمۇ زۇلۇم قىلىدىغان زالىم ھاكىمىيەتتىن ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ياخشىلىق كۈتۈش ۋە ئەركىنلىك تەلەپ قىلىش، ئادالەت تۇيغۇسى بولمىغان بىر مىللەت ئەزالىرىدىن ھېسداشلىق كۈتۈش خۇددى قارىغۇدىن يول سورىغاندەك بىر ئىش.

 

 

 

بەزى ئۇيغۇرلار دېموكراتىك خىتايلاردىن ۋە خىتايلارنىڭ دېموكراتىك تۈزۈمگە كۆچۈشىدىن ئۈمىد كۈتىدۇ. لېكىن ئۇ كۈن قاچان كېلىدۇ، ئۇيغۇرلار شۇ كۈنگىچە ئوز كىملىكىنى ساقلاپ، مەۋجۇت بولۇپ تۇرالامدۇ؟ بۇنىڭغا بىر نەرسە دېيىش تەس.

 

 

 

 

 

خىتايلارنىڭ ئۇيغۇر ئېلى ۋە ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى قارا نىيىتى

 

 

خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا بۇقەدەر قاتتىق زۇلۇم سېلىشى، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنى ئەبەدى ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىش قارا نىيىتى بىلەنمۇ زىچ مۇناسىۋەتلىكتۇر.

 

 

 

ئۇيغۇر ئېلى، ئىستراتېگىيىلىك ئورنى مۇھىم، يەر ئۈستى ۋە يەر ئاستى بايلىقلىرى مول بولغان بىر گۆھەر زېمىن. خىتايلار بۇ زېمىننى قولدىن چىقىرىپ قويۇشنى ئەسلا خالىمايدۇ. شۇڭا ئۇلار ئاللىبۇرۇنلا، ئۇيغۇر ئېلىنى ئەبەدىي ئۆزىنىڭ قېلىۋېلىشنى كۆڭلىگە پۈككەن. نۆۋەتتە بۇنىڭغا توسالغۇ بولۇۋاتقان چوڭ ئامىل ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكى ۋە بۇ كىملىك تۈپەيلى ئۇيغۇرلارنىڭ مېڭىسىگە چۇڭقۇر ئورناپ كەتكەن، مىللىي مۇستەقىللىق ئارزۇسى.

 

 

 

ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكنى تەشكىل قىلغان ئەڭ ئاساسلىق ئامىللار، ئۇيغۇر تىلى، ئۇيغۇر مىللىي مەدەنىيىتى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادى. بۇ توسالغۇنى يوقىتىش ئۈچۈن خىتايلار ئۇيغۇرلارنى ئانا تىلىدىن، مەدەنىيىتىدىن ۋە دىنىدىن ئايرىش ۋە ئاخىردا ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ تۈگىتىش پىلانىنى تۈزۈپ چىقتى.

 

 

 

خىتايلار تارىختا ئۆزىگە قوشنا بولۇپ ياشىغان، سانى ئۆزىدىن ئاز، تىل، مەدەنىيەت ۋە دىن جەھەتتىن يېقىنچىلىقى بولغان نۇرغۇن مىللەتلەرنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ يوقاتقان. خىتايلار بۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزىگە بەك تەمەننا قويىدۇ. ھەرقانداق مىللەتنى ئېرىتىپ ئۆزىمىزگە قوشۇۋالالايمىز-دەپ پەخىرلىنىشىدۇ. ئەمما بۇ ئۈستۈنلۈك ئۇيغۇرلارغا كەلگەندە ئىشلىمەي قالدى. ھەرھالدا بۈگۈنگە قەدەر.

 

 

 

خىتايلارنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنى بېسىۋالغاندىن تارتىپ تاكى 1949-يىلى كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتى ھوقۇقنى قولغا ئالغانغا قەدەر بولغان 200 يىلغا يېقىن جەرياندا مەيدانغا كەلگەن خىتاي ھاكىمىيەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەۋجۇتلۇقى ئاساسلىقى ئىككى مەقسەتتە، بىرى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بايلىقلىرىنى تالان-تاراج قىلىش، يەنە بىرى، ئۆزىدىن ئىلگىرىكىلەر قالدۇرۇپ كەتكەن بۇ مىراسنى چىڭ ساقلاپ، ئۆزىدىن كېيىنكىلەرگە ساق يەتكۈزۈپ بېرىش بولغان ئىدى. بۇ مەزگىللەردە خىتايلارنىڭ، ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش مەقسىتىدە بىرەر پىلان تۈزۈپ يۈرگۈزگەنلىكىنى بىلمەيمىز. بۇنداق بولۇشى بەلكىم، بىر تەرەپتىن، خىتايلار ئۆزىگە بەك ئىشىنىپ، ئۇيغۇرلار تارىختىكى باشقا مىللەتلەردەك ئاستا-ئاستا بىزگە سىڭىپ يوقايدۇ دەپ ئىشەنگەن يەنە بىر تەرەپتىن، خىتايلار ئۇ زامانلاردا ھەر جەھەتتىن قالاق، ئاجىز، نامرات بولغاچقا، ئۇندىن سىرت ئوز ئىچىدە توختىماي ئۇرۇش، قالايمىقانچىلىقلار يۈز بېرىپ تۇرغاچقا ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ يوقىتىش ئۈچۈن چارە ئىزدەش ۋە ئۇنى يۈرگۈزۈشكە نە قۇربى ۋە نە چولىسى تەگمىگەن بۆلىشى مۇمكىن. شۇڭلاشقا 200 يىللىق ئۇزۇن بىر جەرياندا، ئۇيغۇر ئېلىگە كەلگەن ۋە ئولتۇراقلاشقان خىتايلار،  ئاساسلىقى خىتاي ئەمەلدارلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرى، خىتاي سودىگەرلىرى، ئىچكىرى خىتايدىن سۈرگۈن قىلىنغان جىنايەتچىلەر ۋە ئاز ساندا كۆچمەن خىتايلاردىن تەركىب تاپقان ئىدى. 1949-يىلدىكى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ نوپۇس ستاتىستىكىسىدا، خىتايلارنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى نوپۇس سانى تەخمىنەن 300 مىڭ ئەتراپىدا بولۇپ، ئومۇمى نوپۇسنىڭ تەخمىنەن 8% نى ئىگىلەيتتى. بۇ سەۋەبتىن ئۇيغۇرلار تىلى، مەدەنىيىتى ۋە دىنىي چوڭ تەسىرگە ئۇچرىمىغان، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مەۋجۇتلۇقى بۈگۈنكىدەك ئېغىر تەھدىتىگە دۇچ كەلمىگەن ئىدى.

 

 

 

خىتايلار،1949-يىلى كوممۇنىست خىتايلار ھاكىمىيەتنى قولغا ئېلىپ ئۇيغۇر ئېلىگە بېسىپ كىرگەندىن كېيىن، ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش ۋە بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇر ئېلىنى ئەبەدى ئۆزىگە قوشۇۋېلىش مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن، ئەمدى رەسمىي باش قاتۇردى ۋە چارە –تەدبىر تۈزۈشكە باشلىدى. ئەڭ چوڭ تەدبىرىنىڭ بىرى، بىڭتۇئەن قۇرۇش، خىتاي ئاھالىلىرىنى كۆچۈرۈپ كېلىپ يەرلەشتۈرۈش ۋە بوز يەر ئېچىش، يېڭىدىن شەھەرلەرنى، يېزىلارنى بەرپا قىلىش ئىدى. ئەسلىدە خىتايلار ئەينى زاماندىلا، ئۇيغۇر ئېلىگە نەچكە ئون مىليونلاپ خىتاي ئاھالىسىنى كۆچۈرۈپ كېلىپ، ئۇيغۇرلارنى بىراقلا ئاز سانلىق ئورۇنغا چۈشۈرۈپ قويۇش ۋە بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى تەز ئارىدا ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ يوقىتىش پىلانلىرىنىمۇ قۇرغان ئىدى. ئەمما ئۇيغۇر ئېلىدە سۇ مەنپەسىنىڭ قىس، تەبىئىي ئېكولوگىيىلىك كۆتۈرۈشچانلىقنىڭ ئىنتايىن ئاجىز بولۇشى، ئەسلىدە بار بولغان بوستانلىقلاردىكى ئاھالىنىڭ بۇرۇندىنلا زىچ ۋە تېرىلغۇ يەرنىڭ قىس بولۇشى قاتارلىق تەبىئىي چەكلىمىلىكلەر تۈپەيلى، ئۇلارنىڭ بۇ مەقسىتى ئىشقا ئاشمىدى. ئۇندىن باشقا، ئۇ مەزگىللەردىمۇ، خىتايلا يەنىلا قالاق، نامرات ئىدى. خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش ئۈستىدە جىددىي باش قاتۇرۇشى، پىلان-تەدبىرلەرنى تۈزۈشى ۋە بۇنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن كۆپلەپ مەبلەغ چىقىرىشى، 90-يىللاردىن، تېخىمۇ توغرىسى 2000-يىللاردىن باشلاندى. بۇ، بىر قىسىم مىللەتچى خىتاي زىيالىرىنىڭ تىلى بىلەن ئېيتقاندا خىتايلارنىڭ رەسمىي «ئويغىنىشى» ئىدى.

 

 

 

ئاتالمىش قوش تىللىق مائارىپ، ئۇيغۇر ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە ئاپىرىپ ئوقۇتۇش، كېيىنچە، ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش نامىدا ياش ئۇيغۇر قىز-ئوغۇللارنى ئىچكىرىگە يۆتكەش، ئۇلارنى ئىچكىرىدە ئولتۇراقلىشىپ قېلىش ۋە خىتايلار بىلەن تۇرمۇش قۇرۇشىغا رىغبەتلەندۈرۈش، يېزا-قىشلاقلارغىچە ھەقسىز خىتايچە يەسلى ئېچىش.. قاتارلىقلار نۆۋەتتە خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرلارنى تېزدىن ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ يوقىتىش ئۈچۈن قانچىلىك ئالدىراۋاتقانلىقىنىڭ روشەن دەلىلى.

 

 

 

بۇنىڭدىن باشقا خىتايلار نۆۋەتتە، دىنىي ئاشقۇلۇق، ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇشنى باھانە قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ نورمال دىنىي پائالىيىتىنى قاتتىق چەكلەۋاتىدۇ.

 

 

 

خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكىنى يوقىتىش ئۈچۈن نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈۋاتقان   يۇقىرىقىدەك قىلمىشلىرى، ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن تامامەن دېگۈدەك، مەجبۇرلاش، كەمسىتىش، جازالاش تۈسىنى ئالغان بولۇپ، بۇنىڭ ئوزىلا بىر زۇلۇم! ۋە بۇ ئۇيغۇرلار بۇرۇندىن تارتىۋاتقان زۇلۇمنىڭ ھەسسىلەپ كۈچىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا

 

 

 

 

Share
1419 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.