logo

trugen jacn

خىتايلار، ئۇيغۇرلارنىڭ پۇلىغا كۆز تىكىۋاتقانلىغىنى بىلەمسىلەر؟

مەھمەتىمىن ھەزرەت

 

خىتايلار، ئۇيغۇرلارنىڭ پۇلىغا كۆز تىكىۋاتقانلىغىنى بىلەمسىلەر؟

 

خىتايلار، بىر قىسىم ساتقۇن ئۇيغۇر ئەمەلدارلارنى، ساتقۇنلۇقتا ۋەزىپىسىنى ئۇرۇنداپ بولغان باشقا بىر قىسىم ساتقۇن ئەمەلدارلارنى ئۇرۇپ يېقىتىشتىكى ۋاسىتە سۈپىتىدە ئىشلەتمەكتە. بىر قانچە ئايدىن بىرى بۇ قورچاق مۇناپىقلارنى ”شىنجاڭ گېزىتى“ دە ھەر كۈنى بەسلەشتۈرۈپ ”خىتايغا ساداقەت“ماقالىلىرىنى ئېلان قىلدۇرماقتا. بۇ ماقالىلەرنىڭ ئەسلى تېكىستىنى خىتاي خوجايىنلىرى يېزىپ ئۇلارنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇپ قويغاچقا، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ شەرقى تۈركىستاندا باسقۇچمۇ- باسقۇچ ئىجرا قىلىدىغان مىللىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنىڭ پىلانلىرىنى تەخمىن قىلىش قېيىن ئەمەس

بۇ يىل 4.ئاينىڭ 3. كۈنى ”خۇۋەنچىئۇ رېباۋ“ ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى بولغان مۇناپىق ئۇيغۇر ئەمەلدارنىڭ ئاغزىدىن، مائارىپ ساھەسىدىكى ئىككى يۈزلىمىچىلەرگە قارشى كۈرەش قىلىش لازىملىقى توغرىسىدا ماقالە ئېلان قىلىنغاندا مەن، شەرقى تۈركىستاندا زىيالىلارغا قارشى ئومۇميۈزلۈك بىر سىياسى ھەركەت باشلىنىشى مۇمكىنلىكى توغرىسىدا ماقالە يازغان ئىدىم. خىتاينىڭ بۇ پىلانى بىر ھەپتە ئۆتە، ئۆتمەي ئىجرا قىلىنىشقا باشلاندى. خىتاينىڭ يۇرتىمىزدا ئېلىپ بېرىۋاتقان ”ئىككى يۈزلىمىچىلەرگە قارشى كۈرەش“ ھەرىكتى يۇقىرى باسقۇچقا چىقتى. ھازىر باشقا بىر باسقۇچقا ئۆتۈش ئېھتىمالى بار

مەكىت ناھىيىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ھاكىم ئابدۇغېنى جۈمە 2017.يىلى 9.ئاينىڭ 26. كۈنى شىنجاڭ گېزىتىدە ئىلان قىلغان “ئىجتىمائىي مۇقىملىققا تەسىر يەتكۈزىدىغان ‹‹قارا قول››لارنى تېپىپ چىقىپ، قەتئىي يوقىتىمەن“ سەرلەۋھىلىك ماقالىسىدا مۇنداق دەيدۇ “ بەزى…سودا–سانائەتچىلەر بۆلگۈنچىلىككە، سىڭدۈرمىچىلىككە، زوراۋانلىققا، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قاتارلىق چوڭ ھەق–چوڭ ناھەق مەسىلىسىدە ‹‹ئىككى يۈزلىمىچىلىك›› قىلىپ، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى›› بولۇپ، ئاستىرتىن ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە يانتاياق بولۇپ، ئۇلارغا ئەقىل–چارە كۆرسىتىپ، پىلان تۈزۈپ بېرىپ، يوشۇرۇن قوللاپ ۋە قوغداپ، ئۇلارنىڭ مۇھاپىزەت كۈنلۈكى بولماقتا؛ ئۇلار سودىنى باھانە قىلىپ تېررورلۇقنى مەبلەغ بىلەن تەمىنلەۋاتىدۇ، سودىنى باھانە قىلىپ تېررورلۇققا ئارىلىشىپ، پۇل ئارقىلىق زوراۋان–تېررورچىلارغا يانتاياق بولۇپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە يول ئېچىپ بېرىۋاتىدۇ…ئۇلارنىڭ نىيىتى يامان، مەقسىتى رەزىل، ئۇلار شىنجاڭنى ۋەتىنىمىزنىڭ قوينىدىن ئايرىپ چىقىش خام خىيالىدا بولماقتا. ئۇلار ۋاقتىدا يوقىتىلمىسا، شىنجاڭنىڭ ئىجتىما’ئىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىشكە بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ.“ مانا بۇ ئۇيغۇر مۇناپىق ئەمەلدارنىڭ ئاغزىدىن سۆزلىتىلگەن سۆزلەر، خىتاينىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇر پۇلدارلارغا قول سېلىش ئالدىدىكى سىگىنالىدۇر

ئۇيغۇر بايلار ھەقىقەتەن ”تېرورغا ياردەم“ قىلغانمۇ؟ ھەرقانداق ھاكىمىيەت ئۆزىنىڭ كادىرلىرىنى ۋە بايلىرىنى يېتىشتۈرىدۇ. خىتاي كومىنىستىك پارتىيسىمۇ كېيىنكى 40 يىل ئىچىدە ئۆزىنىڭ بايلىرىنى يېتىشتۈردى. بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇر بايلىرىمۇ بار. بۇ يىللار مەبەينىدە ۋەتەن،مىللەت، دىن ئۈچۈن ۋەتەندە شەھىت بولغان، خىتاي ئارمىيەسى، ساقچىلىرى تەرىپىدىن ناھەق ئۆلتۈرۈۋېتىلگەن، تۇرمىلاردا ئۇزۇن يىللار قاماقتا ياتقان، ئىز- دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن… ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلە- تاباۋاتلىرى كوچىلاردا خارلاندى. بەزى شېھىتلەرنىڭ، تۇرمىدىكى مۇجاھىتلارنىڭ … بالىلىرىنى پۇل ئۈچۈن خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئاپىرىپ، خىتاي ئورگان ماپىياسىغا ساتقان ئۇيغۇرلار بولدى. بەزى شەھىتلىرىمىزنىڭ چارىسىز قالغان ياش ئاياللىرىنىڭ چارىسىزلىغىدىن پايدىلانغان بەزى ئۇيغۇر ئارىسىدا، پۇل ئۈچۈن ئۇلارنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئاپىرىپ خىتاي پاھىشەخانىلارنىڭ خوجايىنلىرىغا ساتقانلار بولدى. ۋەتەن ئىچىدە پۇل تاپقان، پۇل تاپقانلىقى ئۈچۈن يۈز تاپقان بىر مۇنچە ئۇيغۇرلار ئىككىنجى، ئۈچۈنجى، ھەتتا تۆتىنجى خوتۇن ئالدى. ”پەيغەمبىرىمىزنىڭ سۈننىتى بويىچە ئىش قىلىمىز“ دىيىشىپ ھەر خوتۇنغا ئايرىم ئۆي تۇتۇپ بەردى. شۇ خوتۇنلىرىغا خىزمەتچى تۇتۇپ بەردى. ئامما، ۋەتەن، مىللەت، ئىسلام ئۈچۈن شەھىت بولۇپ كەتكەن ئاللاھ دوستلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ تۇل خوتۇنلىرىنى، ئۆزىنىڭ خوتۇنلىرىغا خىزمەتچىلىككە ئېلىپ بېرىپ ئۇلارنى خار، ئاچ قېلىشتىن قۇتقۇزۇپ قالغان ئۇيغۇر باينى كۆرگەنلىرىڭلار بارمۇ؟ شېھىت ئائىلىلىرىگە ۋاسىتىلىك بولسىمۇ ياردەم قولىنى ئۇزاتقان قانچە ئۇيغۇر سودىگەر چىقار؟ ئامما خىتايلار، سودا- سانائەت بىلەن باي بولغان ئۇيغۇرلارنى ”تېرورغا ياردەم قىلغان، تېرورچىدىنمۇ يامان دۈشمەن. بۇلارنى قەتئىي يوقۇتۇش كېرەك.“ دەپ ھۆكۈرەۋاتىدۇ. بىچارە ئۇيغۇر بايلىرىمىزنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكى ”بىز خىتايغا يېقىن تۇرساقلا خاتىرجەم ياشايمىز“ دەپ ئويلايتتى. بىراق 1950. يىللىر 10 مو تەرىلغۇ يېرى بولغان دىھقاننى ”پومىشچىك“ دەپ ئېتىپ تاشلاپ ماللىرىنى تارتىۋالغان كومىنستىك پارتىيەنىڭ، بۇگۈنكى بۇ پارتىيە بولغانلىغىنى ئىسىگە كەلتۈرۈشمىگەنتى. بۇگۇن بېشىدا بۇلۇتلار ئەگىۋاتقان بۇ قېرىنداشلىرىمىزنىڭمۇ ئائىلىسى، نارىسىدە بالىلىرى بار. ئۇلارنىڭ پۇلدىن ئايرىلىپ، ئۆزلىرى تۇرمىلارغا قامىلىپ، بالا- چاقىلىرىنىڭ كوچىلاردا خارۇ-زار بولۇپ قېلىشى بىزنى ئوخشاشلا ئازاپقا دۇچار قىلىدۇ

خىتاي ھاكىمىيىتى، ئۇيغۇر بايلارنى پۇلدىن ئايرىۋېتىش پىلانىنى ۋەتەن ئىچىدىن بورۇن چەتئەلدە باشلىۋەتتى. خىتاي بىخەتەرلىك ئورگانلىرى تۈركىيەدىكى بەزى قارا قوللىرى ئارقىلىق ئىستانبۇلدا بىر گۇرۇپ جازانىخور ماپىيانى ئۇيغۇرلارنىڭ پۇلىنى يېغىۋېلىشقا ئۇيۇشتۇرغان. ئۆزلىرىنى دوللارچى دەپ تۇنۇتقان تۈركچە سۆزلەيدىغان بۇ ئادەملەر دەسلەپتە بىر، ئىككى ئۇيغۇرنىڭ پۇلىنى دومۇلىتىپ ”ياخشى پايدا ئېلىپ بەرگەن“. مەسىلەن 100 مىڭ دوللار پۇلغا ئايدا 20 مىڭ دوللار پايدا بەرگەن. بۇ پايدىنى ئاڭلىغان باشقا ئۇيغۇرلارمۇ كېلىشكە باشلىغان. 100 مىڭ دوللارنى 3 ئاي ئۇلارغا بەرگەن ئۇيغۇرلار 60 مىڭ دوللار پايدا بىلەن 160 مىڭ دوللارنى قايتۇرۇپ ئالغان. بۇ ”تىجارەت“كە كىرگەن ئۇيغۇرلار كۆپەيگەن. بەزىلىرى مەملىكەتتىن پۇل ئەكەلگەن، بەزىلىرى ئۆيلىرىنى ساتقان، بەزىلىرى قەرز ئالغان ۋە بۇ پۇللارنى ئۆزلىرىنى بورساجى ( خىتايچە: گۇشى) دەپ تونۇشتۇرغان بۇ ماپياغا بەرگەن. ئېيتىشلارغا قارىغاندا بۇ قويمىچى ماپىيا، ئۇيغۇرلارغا ئائىت 15 مىليون دوللار پۇلنىڭ ئۈستىدە ياتقان. ئۇيغۇرلار پۇل دەپ بارسا پۇل بېرىش ئۇياقتا تۇرسۇن،“بورسادا تارتقان زىيانلىرىمىزنى تۆلە“ دەپ بېشىغا تاپانچا تەڭلەپ ھۆججەت ئىمزالاتقان. بۇلارنىڭ ئارىسىدا ۋەتەندىن يېڭى كەلگەنلەر كۆپرەك، كونىلارمۇ خېلى ساندا بار. بۇ ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك 5 ۋاقىت نامىزىنى قازا قىلمايدىغان ئۇيغۇرلاردۇر. جازانىخورلار بىلەن ئىش قىلىشنىڭ ھارام ئىكەنلىگىدىن ھەممەيلەننىڭ خەۋىرى بار. ئامما پۇل دىگەن ئەنە شۇنداق شەيتان. ئىمانى سۇس ھەممە ئادەمنى ئازدۇرالايدۇ. ئازدۇرۇپ بولۇپ تاشلىۋېتىدۇ. بۇ ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز ”تۈرك قويمىچى ماپىيا پۇلىمىزنى ئېلىۋالدى“ دەپ داتلايدۇ-يۇ، بۇ ماپىيانىڭ ئارقىسىدا خىتاي بىخەتەرلىك تەشكىلاتىنىڭ بارلىغىنى ئەقلىگە كەلتۈرمەيدۇ. خىتايلار ئۇلارنىڭ زىيان تارتىدىغان پۇلللىرىنىمۇ، پايدا ئائىلىدىغان پۇللىرىنىمۇ بەرگەن ۋە ”يىتەركى ئۇيغۇر بايلارنىڭ قولىدىكى پۇللارنى سۈپۈرۈپ ئېلىۋېلىڭلار.“ دەپ پىلان قۇرۇپ بەرگەن. تارىختىن بۇگۈنكى كۈنگىچە تۈركىيىدە ئۇيغۇر بايلارنىڭ پۇلىنى توپلاپ ئېلىۋالغان ئەھۋال كۆرۈلمىگەن. نىمىشقا قويمىچىلار بۇگۈنكى كۈندە بۇنچىۋالا كۆپ مىقداردىكى پۇلنى ئۇيغۇرلاردىن تارتىپ ئېلىشقا جۈرئەت قىلدى؟ ئەقىل بىلەن ئويلىساق مەسىلىنىڭ تەكتىگە يىتەلەيمىز. قۇلىدىن كەتكەن پۇلنىڭ دەردىدە يۈرەكلىرى كاۋاپ بولۇپ كۆيۈۋاتقان قېرىنداشلىرىمغا ھەقىقەتەن ئىچىم ئاغرىيدۇ. چۈنكى، ئۇلارنىڭمۇ نارىسىدە بالىلىرى بار. ئائىلىسى بار. بىراق ئۇلار جازانىخورلار بىلەن قىمار ئويناۋاتقان ئايلاردا مىسىردىن قانچە يۈز مۇھتاج ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى تۈركىيەگە كەلدى. بۇ بايلىرىمىز ئارىسىدا مىسىردىن كەلگەن مۇھتاج ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىغا ئۆشرە- زاكات بەرگەن بايلار بارمىدى ئەجەبا؟

چەتئەلدىكى باي ئۇيغۇرلارنىڭ پۇلىنى سۈپۈرۈپ چۆنتەككە سېلىپ بولغان خىتاي،ئەمدى ۋەتەندىكى باي ئۇيغۇرلارغا كۆز تىكىۋاتىدۇ. ياڭزىڭشىڭ دەۋرىدىن 1953. يىلغىچە خىتاي ھاكىمىيىەتلىرى 6 قېتىم ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ بايلىقىنى زوراۋانلىق بىلەن تارتىپ ئېلىپ مىللىتىمىزنى سويغان پىيازغا ئايلاندۇرۇپ قويغان ئىدى. خىتايلار 7. قېتىملىق ئۇيغۇرلارنىڭ بايلىقىنى بۇلاش ھەرىكىتىگە تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ. شۇڭا بايلارنى تېرورىستلاردىنمۇ يامان دۈشمەن، دېيىشكە باشلىدى. بۇ توغرۇلۇق 4. ئايدا بىر ماقالە يېزىپ ئۇيغۇر بايلارنى ئاگاھلاندۇرغان ئىدىم. بۇ قېتىم خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ يوقۇتۇش نىشانى ئۇيغۇر زىيالىيلار ۋە ئۇيغۇر بايلاردۇر. ئىككى قانىتىدىن ئايرىلغان بۈركۈتنىڭ توخۇدىن پەرقى قالمايدۇ. بۇركۇتمۇ، توخۇمۇ قۇش ھىساپلىنىدۇ. بۇركۇت ئۇچالايدىغان قۇش بولغاچقا باققۇچىغا مۇھتاج ئەمەس. توخۇ ئۇچالمايدىغان قۇش بولغاچقا يىگەن دان ئۇچۇن تۇخۇمىنى ئىگىسىنىڭ كاتىكىگە تۇغۇشقا مەجبۇر. خىتايغا بۇركۇتكە ئوخشايدىغان ئەمەس، توخۇغا ئوخشايدىغان ئۇيغۇر لازىم. ئۇيغۇر زىيالىيلار مائاشلىرىدىن ئايرىلىپ قالماسلىق ئۈچۈن قانچىلىق تۆۋەنامە يازسىمۇ، ئۇيغۇر بايلار پۇلدىن ئايرىلىپ قالماسلىق ئۈچۈن قانچىلىك خىتايغا ساداقەت بىلدۈرسىمۇ، خىتاي ئەمەلدارلارغا قانچىلىق پارا بەرسىمۇ ھەممىسى بىكار. ئاللاھ ھەممىمىزنى ئازاب چېكىۋاتقان خەلقىمىز تەرەپتە تۇرۇشقا ئۆندەۋاتقانلىغىنى ھىس قىلىشىمىز لازىم. ئاللاھ يۈزىمىزنى سىلىغاندا ئويغانمىساق، شاپىلاق بىلەن ئويغىتىدۇ

ئاخىرىدا بىر ھېكايىنى ھەممەيلەننىڭ ئويلىنىشىغا سۇنۇشنى ئۇيغۇن كۆردۈم؛ بۇرۇنقى زامان ئىكەن؛ سۇ، ئوت ۋە ئەخلاق بىللە سەپەرگە چىقىپتۇ. ئۇلار مېڭىپ بىر يەرگە كېلىپ دەم ئالغاندا، بىرسى، – ئەگەر يوقاپ كېتىپ قالساق بىر بىرىمىزنى قانداق تاپىمىز؟ دەپ سوراپتۇ
سۇ؛ – مەن يوقاپ كېتىپ قالسام، شىرىلدىغان ئاۋاز چىققان تەرەپكە قاراپ ماڭساڭلار مېنى تاپالايسىلەر،- دەپتۇ
ئوت؛ – ئەگەر مەن يوقاپ كېتىپ قالسام، تۈتۈن چىققان يەرنى ئىزدەڭلار.- دەپتۇ
ئەخلاق ئويلىنىپ قاپتۇ
سۇ بىلەن ئوت؛ – سەن يوقاپ كېتىپ قالساڭ قانداق تاپىمىز؟ دەپ سوراپتۇ.
ئەخلاق ئۈمىتسىز كەيپىياتتا؛ – مەن يوقاپ كېتىپ قالسام تاپالمايسىلەر- دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ مەيۈس ھالدا

بۈگۈن ۋەتىنىمىزدە ئۇيغۇرنى خىتايغا تۇتۇپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر. ئۇيغۇرغا تۆۋەنامە يازغۇزىۋاتقان يەنە ئۇيغۇر. مەسچىتلەرنى مەدەنىيەت ئۆيى قىلىپ، ئىچىدە ئۇسۇل، تانسا ئويناۋاتقان ئۇيغۇر. ”ياغلىق چەگسەك قانداق بۇلار؟“ دېگەن 21 ياشلىق ھۆرگۈلنى چېقىپ قويغان دوستى ئۇيغۇر. 21 ياشلىق ھۆرگۈلنى 10 يىللىق تۇرما جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان سوتچى يەنە ئۇيغۇر. 100 مىڭ كىشىلىك ”ئىككى يۈزلىمىچىلەرگە قارشى كۈرەش“ يىغىنلىرىغا خەلقنى پادىنى ھەيدىگەندەك ھەيدەپ ئاپارغانلارمۇ، ھەيدىلىپ بارغانلارمۇ ئۇيغۇر…. بىز ئۇيغۇرلار، ئۆزىنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ 27. نەۋرىسى دەۋالغان نەمەنگانلىق  قويمىچى ھىدايۇتۇللاھ خوجا 1638. يىلى يەكەنگە كەلگەندە، سەئىدىيە خانلىقىنىڭ پادىشاھى ئىسمائىل خاندىن يۈز ئۆرۈپ، نەمەنگانلىق ئالدامچىغا مۆرىت بولغان چاغلىرىمىزدىلا ئەخلاقىمىزنى يوقىتىشقا باشلىغان ئىدۇق. شۇندىن بىرى ئىزدەيمىز، ئىزدەيمىز تاپالمايمىز…. تارىم ۋە ئىلى دەرياسىدا ئەسىرلەپ سۇ ئورنىدا قان ۋە كۆز يېشى ئاقتى….بىز ئۇيغۇرلار يوقىتىپ قويغان ئەخلاقىمىزنى تاپمىغۇچە ئەركىنلىكنىمۇ، ئىنسانىي ئىززەت- نەپسىمىزنىمۇ، بايلىقىمىزنىمۇ تېپىشىمىز قېيىن. شۇڭا ئاللاھ، ”ھەر قانداق بىر قوۋم ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمىگۈچە ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمەيدۇ.“ دەيدۇ. – رەد سۈرەسى 11. ئايەت

يىل 2017- 9. ئاينىڭ 28.كۈنى

Share
6107 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.