logo

trugen jacn

خىتايدىكى چەتئەل شىركەتلىرى زاۋۇتلىرىنى شەرقىي جەنۇبى ئاسىياغا يۆتكىمەكتە

2

2015 – يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا خىتايدىكى چەتئەل شىركەتلىرىنىڭ خىتايدىكى زاكاس ماللىرىنى ئازايتىپ، شەرقىي جەنۇبى ئاسىيا دۆلەتلىرىدىكى زاۋۇتلاردىن زاكاس قوبۇل قىلىشى ۋە خىتاي شىركەتلىرىنىڭ پاي چېكىنىڭ بارغانچە تۆۋەنلىشى ئەندىشە قوزغىغان.

خىتاينىڭ جۇڭگو خەۋەرلەر تورىنىڭ 28 – ئىيۇلدىكى خەۋەر ئانالىزىدا دېيىلىشىچە، 2015 – يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا خىتايدىكى كىيىم – كېچەك، ئېلىكترون، تېلېفون ساھەسىدىكى داڭلىق چەتئەل شىركەتلىرى خىتايدىكى زاۋۇتلىرىنى شەرقىي جەنۇبى ئاسىيا دۆلەترلىرىگە يۆتكەشنى تېزلەتكەن. خەۋەردە دېيىلىشىچە، ياۋروپا شىركەتلىرى خىتايدىن ئالىدىغان زاكاسلارنى ئازايتىپ، ھىندىستان، پاكىستان، ۋېيتنام، بېنگال قاتارلىق دۆلەتلەردىكى زاكاس ماللىرىنى 29.6% تىن 53.4% كىچە ئۆستۈرگەن؛ ئامېرىكا شەرقىي جەنۇبى ئاسىيادىكى زاكاس ماللارنى 18%تىن 29% كە قەدەر ئۆستۈرگەن؛ ياپونىيە، ۋېيتنام، ھىندونېزىيە، تايلاند قاتارلىق دۆلەتلەردىكى زاۋۇتلارغا 23%تىن 49 % كە قەدەر زاكاس مال بۇيرۇتقان. خەۋەر ئانالىزىدا يەنە، خىتايدىكى زاۋۇتلىرىنى ئازايتقان شىركەتلەردىن داڭلىق خەلقئارا كىيىم شىركىتى فاست رېتائىلىڭ شىركىتىنىڭ خىتايدىكى 229 كىيىم تىكىش كارخانىسىنى 86 گە چۈشۈرگەنلىكى، زاۋۇتلىرىنى بېنگال ۋە ھىندونېزىيەگە يۆتكەۋاتقانلىقى نەقىل ئېلىنغان.

28 – ئىيۇلدىكى خىتاي ۋە خەلقئارا مەتبۇئاتلار خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، چەتئەل شىركەتلىرىنىڭ خىتايدىكى زاۋۇتلىرىنى ۋە زاكاس ماللىرىنى ئازايتىشى بىلەن بىللە، خىتايدىكى ئاكسىيە بازىرىدىمۇ پاي چېكى تېزلىكتە تۆۋەنلىگەن. 28 – ئىيۇل كۈنى شاڭخەي ئاكسىيە كۆرسەتكۈچىنىڭ ئەڭ تۆۋەن چېكى 1.7% كە چۈشۈپ قالغان. ھالبۇكى 27 – ئىيۇل دۈشەنبە كۈنىدىكى پاي كۆرسەتكۈچى 8.49% پىرسەنتكە چۈشۈپ، 1800دىن ئارتۇق كارخانىنىڭ پېيى چۈشۈپ توختاش سىزىقىغا يەتكەن ئىدى

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/xitay-zawut-07282015212744.html

Share
1853 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.