logo

trugen jacn

خىتايدىكى مىلياردېرلارنىڭ سانى ئامېرىكىنىڭكىدىن ئېشىپ كەتتى

2181632983iniadamlar

خىتايدا مىلياردېرلارنىڭ سانى 596 گە يەتتى، شۇنىڭ بىلەن خىتاي ئامېرىكىدىن ئېشىپ كەتتى.

 دۇنيا بويىچە ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئەڭ كۈچلۈك ئىككىنچى دۆلەت ھېسابلىنىدىغان خىتاي 537 مىلياردېرى بار ئامېرىكىنى ئارقىدا قالدۇرۇپ، تۇنجى قېتىم بىرىنچى رەتكە تىزىلدى.
دۆلەتنىڭ شاڭخەي مەركەزلىك كارخانا، ئىقتىساد ۋە تەتقىقات ژۇرنىلى « Hurun Report» نىڭ دوكلاتىغا كۆرە، خىتاي بويىچە ئەڭ باي كىشى دۆلەت بويىچە ئەڭ چوڭ كۆچمەس مۈلۈك شىركىتى « Dalian Wanda Group» نىڭ خوجايىنى ۋاڭ جيەنلىن ئىكەن. ئىسپانىيە پۇتبول كوماندىلىرىدىن ئاتلېتوكو مادرىد كۇلۇبىنىڭ پايلىرىنى سېتىۋېلىپ، ياۋروپا پۇتبول كۇلۇبىغا مەبلەغ سالغان تۇنجى خىتاي شىركىتىنىڭ ساھىبى بولغان ۋاڭ جيەنلىننىڭ 34.4 مىليارد دوللار (218 مىليارد يۈەن) پۇلى بار ئىكەن. يەنە بىر تەرەپتىن، تىزىملىككە كۆرە، 27.7 مىليارد دوللار پۇلى بار جاك ما، ئىككىنچى، 21 مىليارد دوللار پۇلى بار ئىچىملىك گۇرۇھى ۋاخاخا شىركىتىنىڭ خوجايىنى زوڭ چىڭخو ئۈچىنچى دەرىجىلىك باي ئىكەن. ئەلى بابانىڭ پايلىرىنى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا بازارغا سېلىش ئارقىلىق دۇنيا تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ پاي چېكى بازارلىرىغا يۈرۈش قىلىش سەپىرىگە ئاتلانغان ما، بۇلتۇر تۇنجى قېتىم « Hurun Report» نىڭ تىزىملىكىدە بىرىنچى قاتاردىن ئورۇن ئالغانىدى. خىتايدا كەڭ كۆلەملىك تاكسى چاقىرىش مۇلازىمىتى « DidiKuaidi» گۇرۇھىنىڭ خوجايىنى 15 مىليارد دوللار پۇلى بار چىڭ ۋېينىڭ بۇ يىل ئالدىنقى قاتاردىن ئورۇن ئېلىشى دىققەت قوزغىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى

Share
1191 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.