ئەڭ يېڭى خەۋەر
ئاسىيە ئۇيغۇر: بۇزغۇچى: چېن چۈۋەنگو ۋە ج ك پ ئاخىرىدا ئۇيغۇرلارغا قىلىنغان ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ھۆكۈم قىلىنىدۇ
ئىلھام توختى 2019-يىللىق «ساخاروف مۇكاپاتى» غا ئېرىشتى
ئىتالىيە پايتەختى رىمدىكى «ئەركىنلىك يۈرۈشى» دە ئۇيغۇرلار ۋە ئىلھام توختى مەسىلىسى ئاڭلىتىلدى
ئىلھام توختىغا «ۋاسلوۋ خاۋېل كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى» بېرىلدى
ئىلھام توختى ئۆمۈرلۈك قاماق ھاياتىنىڭ 5-يىلىدا
ئىلھام توختى 2019-يىللىق «ساخاروف ئەركىنلىك مۇكاپاتى» غا نامزاتلىققا كۆرسىتىلدى
چارشەنبە كۈنى ئاشكارىلانغان راي سىناش نەتىجىسىگە قارىغاندا، خىتايدا سودا قىلىدىغان كۆپىنچە ئامېرىكا شىركەتلىرى خىتاينىڭ زەربە نىشانىغا ئايلانغاندەك ھېس قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.
راي سىناشنى ئامېرىكا سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسى ئېلىپ بارغان. راي سىناشقا قاتناشقان 57 پىرسەنتتىن ئارتۇق شىركەت باھا بېكىتىش ۋە شى جىنپىڭ باشلىغان چېرىكلىككە قارشى تۇرۇش ھەرىكەتلىرىدە ئايرىم مۇئامىلىگە يولۇققانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.
ئۇلارنىڭ يەنە 65 پىرسەنتى شۇ خىلدىكى قىيىن ئەھۋاللارنىڭ ئۆز شىركەتلىرىگە ئەكس تەسىر كۆرسىتىشىدىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قېتىمى راي سىناش 17 يىلدىن بۇيان ئېلىپ بېرىۋاتقان يىللىق سودا مۇھىتىنى باھالاش تەكشۈرۈشىنىڭ بىر قىسمى ئىكەن.
راي سىناشقا قاتناشقان شىركەتلەرنىڭ 47 پىرسەنتى ئۆزلىرىنى خىتايدا قارىشى ئېلىنمايدىغان مېھماندەك ھېس قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان. بۇ سان ئالىقىنى يىلدىكى 44 پىرسەنتتىن بۇ يىل 3 پىرسەنت ئۆرلىگەن.
ئۇنىڭدىن باشقا يەنە، راي سىناشقا قاتناشقانلارنىڭ 57 پىرسەنتى خىتايدىكى ساپا مەسىلىسى تۈپەيلى ئىقتىدارلىق خادىملارنى ئىشقا ئېلىشتا قىيىنچىلىققا يولۇقۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن
http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/amerika-shirkiti-02112015165231.html
Yorum yapabilmek için Giriş yapın.
BENZER HABERLER