logo

trugen jacn

خىتايدا 2013-يىلى 2400 كىشىگە ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن

4437e68d893a15a6e2b04b

 مېھرىبان

ئامېرىكىدىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىدىن دىئالوگ فوندى جەمئىيىتى 2013-يىلى خىتايدا 2400 كىشىگە ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

21-ئۆكتەبىر ئېلان قىلىنغان دوكلاتتا 2013-يىلى خىتايدا ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەنلەر سانىنىڭ پۈتۈن دۇنيا بويىچە ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەنلەر ئومۇمىي سانىدىنمۇ كۆپلۈكى تىلغا ئېلىنىپ، بىرنەچچە كىچىك دۆلەتنى ھېسابقا ئالمىغاندا بۇلتۇر دۇنيا بويىچە 778 كىشىگە ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەنلىكى ئەسكەرتىلگەن.

دوكلاتقا قارىغاندا، 2013-يىلىدا خىتايدا ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەنلەر سانى 2012-يىلىدىكىدىن 20% ئازايغان.

دوكلاتتا 2013-يىلى خىتايدا ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەنلەرنىڭ ئالدىنقى يىللاردىكىدىن ئازايغانلىقى 2013‏- يىلى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر رايونى ۋە خىتاينىڭ ھەرقايسى ئۆلكىلىرىدە ئېلىپ بارغان ئاتالمىش «تېررورلۇققا زەربە بېرىش» ھەرىكىتىنى كۈچەيتكەنلىكى ئۈچۈن، ئۆلۈم جازاسى بېرىشنى توختىتىپ قويغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىنلىكى كۆرسىتىلگەن.

دوكلاتتا يەنە، ئۇيغۇر قارشىلىق كۆرسەتكۈچىلىرىنى باستۇرۇش جەريانىدا ساقچىلار تەرىپىدىن نەق مەيداندا ئېتىۋېتىلگەن ئۇيغۇرلار ۋە ھۆكۈمەتكە نارازىلىقىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن ئۆزىنى كۆيدۈرۈۋالغان تىبەتلەر سانىنىمۇ ئېنىقلاش كېرەكلىكى تەكىتلەنگەن

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/olum-jazasi-10212014161916.html

Share
1551 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.