logo

trugen jacn

خىتايدا داۋاملىشىۋاتقان ئادەم ئىچكى ئەزالىرىنى يۆتكەش ئىنكاس قوزغىماقتا

ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

يېقىندىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتى مەخپىي تۇتۇپ كېلىۋاتقان ھايات ئادەم ئورگانلىرى ئوپېراتسىيىسى ۋە خەلقئارادا قاتتىق تەنقىدلىنىۋاتقان خىتايدىكى قانۇنسىز ئادەم ئورگانلىرى سودىسى ھەققىدە بارغانچە كۆپ ئۇچۇرلار ئاشكارىلانماقتا. ئۆتكەن ھەپتە ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ۋە چەتئەللەردىكى خىتاي خەۋەر مەنبەلىرىدىن «يېڭى تاڭ» قاتارلىقلارنىڭ خەۋەرلىرىدە خىتاي جەنۇبى ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ خەۋىرىدىن نەقىل ئېلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رۇخسىتى بىلەن مەزكۇر ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ «يېشىل ھاۋا يولى» ئارقىلىق 500 قېتىمدىن ئارتۇق ئادەم ئىچكى ئەزاسى يۆتكىگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.

چەتئەلدە تارقىتىلىدىغان خىتاي تىلىدىكى «يېڭى تاڭ تېلېۋىزىيىسى» ئۆتكەن جۈمە كۈنىدىكى خەۋىرىدە خىتاينىڭ جەنۇبىي ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئايرودروملاردا «يېشىل ھاۋا يولى» ئارقىلىق تىرىك ئادەم ئىچكى ئەزالىرىنى يۆتكىگەنلىكىگە دائىر خەۋەرنى ئاشكارىلىدى.

«يېڭى تاڭ تېلېۋىزىيەسى» نىڭ خىتاي خەلق ئاۋىئاتسىيە سىستېمىسى تەشۋىقات بۆلۈمدىكىلەرنىڭ 2017-يىلى 7-ئايدا تارقاتقان تەشۋىقات دوكلاتىدىن نەقىل ئېلىشىچە، جەنۇبى ئاۋىئاتسىيە شىركىتى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رۇخسىتى بىلەن، 2016-يىلى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قاتارلىق جايلاردا مەخسۇس تىرىك ئادەم ئىچكى ئەزالىرى توشۇيدىغان «يېشىل ھاۋا يولى» تەسىس قىلغان. جەنۇبىي ئاۋىئاتسىيە شىركىتى ئىككى يىل ئىچىدە ھاۋا يولى ئارقىلىق 500 قېتىمدىن ئارتۇق تىرىك ئادەم ئىچكى ئەزاسى يۆتكىگەن. دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، جەنۇبىي ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ شىنجاڭ تارمىقى 2016‏-يىلى 7 ئاي ئىچىدە «يېشىل ھاۋا يولى» ئارقىلىق 7 قېتىم ئادەم ئىچكى ئەزاسى يۆتكەش ۋەزىپىسىنى تاماملىغان. جەنۇبى ئاۋىئاتسىيە شىركىتى ئاقسۇ ئايروپورتى، ئۈرۈمچى ئايروپورتى ۋە ھاۋا قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرى بىلەن ھەمكارلىشىش ئارقىلىق ئۈچ قېتىم جىددىي تۈردە ئادەم ئىچكى ئەزاسى يۆتكىگەن. بۇ ئىچكى ئەزالارنىڭ بىرى ئۈرۈمچىگە، ئىككىسى خاڭجۇغا توشۇلغان. بىراق جەنۇبى ئاۋىئاتسىيە يولىنىڭ تەشۋىقات دوكلاتىدا بۇ ئىچكى ئەزالىرىغا قانداق ئېرىشكەنلىكى چۈشەندۈرۈلمىگەن.

رادىيومىز ئۈرۈمچى ئايرودرومى ۋە قەشقەر ئايرودرومىغا تېلېفون قىلىپ، مەزكۇر «يېشىل ھاۋا يولى» ھەققىدە ئەھۋال ئىگىلەشكە تىرىشتۇق. ئەمما، ئۈرۈمچى ئايرودرومىنىڭ توردا ئاشكارىلانغان نومۇرلىرىنىڭ كۆپ قىسمى ئۇلانمىدى، ئۇلانغان بىرقانچە تېلېفونىمىزمۇ ئاپتوماتىك ئاۋاز سىستېمىسىغا ئۇلاندى.

قەشقەر ئايرودرومىغا ئۇرغان تېلېفونىمىز ئۇلانغان بولسىمۇ، ئەمما تېلېفونىمىزنى ئالغان خىتاي مۇلازىمەتچى خادىم بىز سورىغان مەسىلىلەرنى ئېنىق بىلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ جاۋاب بېرىشنى رەت قىلدى.

مۇخبىر: سىلەرنىڭ قەشقەر ئايرودرومىدا جەنۇبىي ھاۋا يوللىرى شىركىتىنىڭ ئايروپىلانلىرى ئۇچىدىكەن شۇنداقمۇ؟
مۇلازىمەتچى: شۇنداق ھەممە ئايروپىلانلار ئۇچىدۇ.

مۇخبىر: جەنۇبىي ھاۋا يوللىرى شىركىتى ئۈچۈن ئالاھىدە يولۇچىلار ئۈچۈن تەسىس قىلىنغان مەخسۇس كىرىش ئېغىزى بار دەپ ئاڭلىدۇق، بۇ ئەھۋاللارنى بىلەي دېگەن.
ئايال مۇلازىمەتچى: ياق ئۇنداق ئالاھىدە كىرىش ئېغىزى يوق، ئۇنىڭدىن خەۋىرىم يوق.

مۇخبىر: مەن توردا ئالاھىدە يولۇچىلار كىرىش ئېغىزى يەنى «يېشىل كىرىش كارىدورى» نىڭ رەسىمىنىمۇ كۆردۈم بۇ ئەھۋاللارنى ئىزاھلىغان بولسىڭىز.
ئايال مۇلازىم: ياق بىزدە ئۇنداق كىرىش ئېغىزى يوق دېدىمغۇ مەن يۈك توشۇش ئىشلىرىنى بېجىرىمەن، بۇ ئەھۋاللارنى باشقا تارماقتىن سوراڭ، مەن ئۇلارنىڭ تېلېفون نومۇرىنى دەپ بېرەي.

ئەمما بۇ ئايال مۇلازىم تەمىنلىگەن تېلېفون نومۇرىغا جاۋاب قايتۇرىدىغان ئادەم چىقمىدى.

جەنۇبى ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ «يېشىل ھاۋا يولى» ئارقىلىق تىرىك ئادەم ئورگانلىرىنى، يەنى ئىچكى ئەزالىرىنى يۆتكىگەنلىكىگە ئائىت خەۋەر ئاشكارىلانغان ۋاقىت خەلقئارادىكى بەزى تەشكىلاتلار ۋە پائالىيەتچىلەر، خىتايدىكى بەزى دوختۇرخانىلارنىڭ ۋە ئادەم ئىچكى ئەزا ئەتكەسچىلىرىنىڭ ساقچى، ئەدلىيە ئورگانلىرى بىلەن بىرلىشىپ، فالۇنگوڭچىلار، ئۇيغۇرلار ۋە ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان مەھبۇسلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى يۆتكەپ سېتىپ پۇل تېپىۋاتقانلىقىغا دائىر خەۋەرلەر ئارقا-ئارقىدىن ئېلان قىلىنىپ تۇرۇۋاتقان ۋاقىتلارغا توغرا كەلدى.

گەرچە «يېڭى تاڭتېلېۋىزىيەسى» تارقاتقان «يېشىل ھاۋا يولى» ئارقىلىق تىرىك ئادەم ئىچكى ئەزالىرىنىڭ يۆتكىلىدىغانلىقىغا ئائىت ئۇچۇرنى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئۈرۈمچى، قەشقەر قاتارلىق جايلىرىدىكى ئايرودروملار بىلەن ئالاقە قىلىپ دەلىللەش ئىمكان بولمىسىمۇ، ئەمما، خىتايدىكى ئادەم ئىچكى ئەزالىرىنى يۆتكەپ سېتىش ۋەقەسى كۆپ يىللاردىن بۇيان كۆزىتىش ئاستىدا بولۇپ، كۆپ قېتىم تەنقىدلەشلەرگە ئۇچرىغانلىقى مەلۇم. خىتاي ھۆكۈمەت تەرەپ ئىزچىل بۇنداق تىجارەتنى ئېتىراپ قىلماي كەلمەكتە. ۋەھالەنكى، چەتئەللەردە بۇ ھەقتە ھەر خىل سانلىق مەلۇماتلار ئىزچىل ئوتتۇرىغا چىقماقتا.

ئامېرىكىدىكى خىتاي دوختۇر ۋاڭ جېيۈەن، 1999-يىلدىن كېيىن خىتايدا پارتلاش خاراكتېرىدە كۆپەيگەن ئادەم ئورگانلىرىنى، يەنى ئىچكى ئەزالىرىنى يۆتكەش ئوپېراتسىيەسى ۋە نۆۋەتتە خىتايدا بارغانسېرى ئەۋج ئالغان تىرىك ئادەم ئىچكى ئەزالىرى سودىسى ھەققىدە خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدا ئاشكارىلانغان ئۇچۇرلارغا ئاساسەن توپلىغان ماتېرىياللارنى دۇنياغا ئاشكارىلىغان كىشىلەرنىڭ بىرى.

دوختۇر ۋاڭ جىيۈەن ئەپەندى، 2017-يىلى ئىشلىنىپ تاماملىنىپ، كۆپ دۆلەتلەردە قويۇلغان ۋە 19-فېۋرال كۈنى يوتوب تورىدا ئېلان قىلىنغان «ئادەم ئورگانلىرىنى تىرىك پېتى ئېلىش» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمدا ئۆزىنىڭ خىتايدىكى ئادەم ئىچكى ئەزالىرى سودىسى ۋە ئۇنىڭ كېلىش مەنبەسى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان 10 يىل جەريانىدىكى سانلىق مەلۇماتلارنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «مېنىڭ ئىسمىم ۋاڭ جېيۈئەن، مەن ئىلگىرى خىتاي ھاۋا ئارمىيەسى دوختۇرخانىسىدا دوختۇر بولۇپ ئىشلىدىم ۋە خىتايدىكى ھاۋا ئارمىيە تېببىي ژۇرنىلىدا تەھرىر بولۇپ ئىشلىدىم. 1995-يىلى ئامېرىكىغا كەلگەندىن كېيىن خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرى تەتقىقات ئورنىدا ئىشلىدىم. مەن ئىلگىرى خىتايدا ھەربىي دوختۇر بولۇپ 30 يىل ئادەم قۇتقۇزغان بولسام، ئامېرىكىغا كەلگەندىن كېيىن 10 يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ خىتايدىكى تىرىك ئادەم ئورگانلىرىنى يۆتكەش ئەھۋالىنى تەتقىقات قىلدىم».

ۋاڭ جىيۈەن 2000-يىلدىن كېيىن خىتايدا پارتلاش خاراكتېرلىك ئادەم ئورگانلىرى ئوپېراتسىيەسى ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى مۇنداق بايان قىلىدۇ: «1990-يىلدىن 1998-يىلغىچە پۈتكۈل خىتايدا جىگەر ئالماشتۇرۇش ئوپېراتسىيەسى قىلىدىغان دوختۇرخانىلار 19 ئىدى، 99-يىلدىن كېيىن بۇ خىل دوختۇرخانىلار ھەسسىلەپ ئېشىپ 2006-يىلى 4-ئايغا كەلگەندە 500 گە يەتكەن. جىگەر ئالماشتۇرغانلار 90-يىلدىن 98-يىلغىچە 78 كىشى بولسا، 99-يىلدىن كېيىن بۇ سان ھەسسىلەپ ئېشىپ، 2006-يىلىغا كەلگەندە خىتايدا جىگېر ئالماشتۇرۇش ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرغانلارنىڭ سانى 14 مىڭ 85 كىشىگە يەتكەن. ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر يىلى خىتايدا 1700 كىشى جىگەر ئالماشتۇرۇش ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرغان. 2006-يىلى خىتايدا جىگەر يۆتكەش ئوپېراتسىيىسى قىلدۇرغانلار 99-يىلدىكىدىن 180 ھەسسە ئاشقان».

ۋاڭ جىيۈەن يەنە خىتايدىكى بۆرەك، جىگەر ئالماشتۇرۇش دوختۇرخانىلىرىنىڭ تىرىك ئادەم جىگەر ۋە بۆرەك قاتارلىق ئىچكى ئەزالىرىنى ئىشلىتىدىغانلىقىنى نەقىللەر بىلەن چۈشەندۈرگەن. ئۇ مۇنداق دېگەن: «ماتېرىياللاردىن مەلۇم بولۇشىچە، تيەنجىن 1-مەركىزى دوختۇرخانىسى، 2006-يىلدىن باشلاپ ھەر يىلى 5000 قېتىم جىگەر بۆرەك ئالماشتۇرۇش ئوپېراتسىيىسى قىلغان. مەزكۇر دوختۇرخانىدا 500 كارىۋات بولۇپ، دوختۇرخانىدا بىرلا ۋاقىتتا 8 جايدا 17 ئوپېراتسىيىنى بىرلا ۋاقىتتا ئېلىپ بېرىش مۇمكىن».

مەزكۇر ھۆججەتلىك فىلىمدا، ۋاڭ جىيۈەن ئەپەندى خىتايدىكى ئادەم ئىچكى ئەزالىرىنىڭ ئېلىپ كېلىنىش مەنبەسى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «گەرچە، خىتايدىكى ئادەم ئىچكى ئەزالىرى يۆتكەش ئوپېراتسىيەسىنى قىلىدىغان دوختۇرخانىلار شەرقىي شىمالدىكى 3 ئۆلكە ۋە غەربىي شىمالدىكى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئاز بولسىمۇ، ئەمما بۇ ئورۇنلار خىتايدىكى تىرىك ئادەم ئورگانلىرىنى مەخپىي تەمىنلەيدىغان مەركەزلەر دېيىش مۇمكىن».

ئەنگلىيەدە مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدىن ئەنۋەر توختى ئەپەندى، ئىلگىرى ئۈرۈمچى تۆمۈريول دوختۇرخانىسىدا تاشقى كېسەللەر دوختۇرى بولۇپ ئىشلىگەن. ئەنۋەر توختى ئەپەندى خىتايدا ئېلىپ بېرىلغان ئادەم ئىچكى ئەزالىرى ئوپېراتسىيەسىدە ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئورگانلىرىنىڭ، ئۇلار ئۆلمەي تۇرۇپ تىرىك ئېلىۋېلىنغاندىن كېيىن ئىشلىتىلىدىغانلىقى ھەققىدە ئىلگىرى خەلقئارالىق ئىسپات بېرىش يىغىنلىرىدا كۆپ قېتىم مەخسۇس دوكلات بەرگەن.

ئەنۋەر توختى ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي جەنۇبىي ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ ئادەم ئىچكى ئەزالىرىنى يۆتكەش مەسىلىسىگە ئائىت خەۋەرگە ئۆزىنىڭمۇ دىققەت قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ بايانىدا 2009-يىلدىن كېيىن ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان مەھبۇسلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى ئېلىۋېلىش ھەرىكىتىنىڭ ئەڭ تېز كۆپەيگەن مەزگىلگە كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئەنۋەر ئەپەندى 2009-يىلدىكى 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى ۋە ئۇندىن كېيىن مەجبۇرى غايىب قىلىۋېتىلگەن ئۇيغۇرلار ۋەقەسىنىڭمۇ خىتايدىكى ئادەم ئىچكى ئەزالىرى سودىسى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ئەھۋاللارنى ئۈزلۈكسىز خەلقئارادىن يوشۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدىكى مەلۇماتلاردىن ئاشكارىلىنىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئادەم ئىچكى ئەزالىرىنى ئىئانە قىلىش تۈزۈمى 2013‏-يىلدىن باشلاپ يولغا قويۇلغان. «شىنجاڭ مەركىزى شەھەر گېزىتى» نىڭ يېقىندا ئاشكارىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئىچكى ئەزا ئىئانە قىلىش تۈزۈمى يولغا قويۇلغان 4 يىل ئىچىدە ئاران 23 ئادەم ئىچكى ئەزاسىنى ئىئانە قىلغان ئىكەن.

ھازىرغىچە ئىسپاتلانغان دوكلاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي سەھىيە مىنىستىرلىقى خىتايدا ھەر يىلى 10 مىڭغا يېقىن ئىچكى ئەزانىڭ كۆچۈرۈلىدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئەمىلى سان بۇنىڭدىن زور دەرىجىدە ئېشىپ چۈشىدىكەن. ئامېرىكىدىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ئېتان گۇتمان 2016‏-يىلى ئېلان قىلغان دوكلاتىدا، خىتايدا ھەر يىلى60 مىڭدىن 100 مىڭغىچە ئادەم ئىچكى ئەزاسى كۆچۈرۈلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى

 

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/qanun/organ-sodisi-10102017142635.html

Share
2342 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.