logo

trugen jacn

خىتاي؛ ”ھالال يېمەك -ئىچمەك ئىسلامى ئەسەبىلىكنىڭ مەنبەسى“دەپ ئوتتۇرىغا چىقتى. يەنىلا سۈكۈت قىلىشىمىز كېرەكمۇ؟

 

مەھمەتىمىن ھەزرەت

خىتاي؛ ”ھالال يېمەك -ئىچمەك ئىسلامى ئەسەبىلىكنىڭ مەنبەسى“دەپ ئوتتۇرىغا چىقتى. يەنىلا سۈكۈت قىلىشىمىز كېرەكمۇ؟

تۈنۈگۈن (3. ئاۋغۇست) خىتاي تورلىرىدا، دىنى ”ئەسەبىيلىك تاماق يېيىشتىن باشلىنىدۇ“ سەرلەۋىلىك بىر ماقالە ئېلان قىلىندى. ماقالىدا، شەرقى تۈركىستاندىكى ”ھالال يېمەك – ئىچمەك“ چۈشەنچىسىنىڭ ”بۆلگۈنچىلىك، ئەسەبىيلىك، تېرورىزىمنىڭ مەنبەسى“ ئىكەنلىكى ئۇچۇق يېزىلغان ۋە ئەيىبلەنگەن بولۇپ، ھالال يېمەك – ئىچمەك چۈشەنچىسىنى قانۇن ئارقىلىق سۈپۈرۈپ تازىلاش كېرەكلىكى ئورتىغا قويۇلغان.
يىمۇ ئىسىملىك خىتاي ئاپتور، ”ھالال يېمەك – ئىچمەك” سەپسەتىسىنىڭ مىللىي بۆلگۈنچىلىك، مىللەتلەر ئوتتۇرىسىغا زىددىيەت سېلىش، خەنزۇ مىللىتىنى پەس كۆرۈش… جەھەتتە بۆلگۈنچىلەرنىڭ ئۆزلىرىنى نىقابلاش پەردىسى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ماقالىدا، خىتاي كوممونىستىك پارتىيىگە ئەزا بولغان، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن مائاش ئالغان ئىشچى- خىزمەتچىلەر، دۆلەتتىن پېنسىيە مائاشى، ياردەم ئايلىقى ئالغانلار، دۆلەت پۇلى بىلەن مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار… نورمال شارائىتتا خىتاي ئاممىسى بىلەن خىزمەتتە، ئىجتىمائىي پائالىيەتلەردە ئىچقويۇن، تاشقويۇن بولسىمۇ، تاماق ۋاقتى كەلگەندە ھەممىسى ”بىز مۇسۇلمان“ دىيىشىپ، خەنزۇلاردىن ئايرىلپ ئايرىم توپ بولىۋالىدىغانلىغى، خىتاي ئاشخانىسىدىن تاماق يېيىش ئارزۇسىدىكى ئۇيغۇرلارمۇ چەتكە قېقىلىشتىن قورقۇپ خەنزۇلار بىلەن بىرلىكتە ئۇلارنىڭ تاماقلىرىنى يېيىشكە جۈرئەت قىلالمايدىغانلىقىنى سەۋەپ كۆرسەتكەن. خىتاي دۆلىتىنىڭ قانۇن ئارقىلىق يېمەك- ئىچمەك بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىۋاتقان شارائىتتا ”ھالال يېمەك – ئىچمەك“ دەيدىغان ئىسلامى سەپسەتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش كېرەكلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ماقلىغا 21 پارچە رەسىم قويۇلغان بولۇپ، رەسىملەردە شەرقى تۈركىستاننىڭ ھەممە يەرلىرىدە ”يېمەك – ئىچمەك بۆلگۈنچىلىكى“گە قارشى ئۇيغۇر- خىتايلارنىڭ بىرلىكتە تاماق يەپ، دىنى ئەسەبىيلىككە بىرلىكتە قارشى كۈرەش قىلغانلىقى كۆرسىتىلگەن

شەرقى تۈركىستاندىكى ھاراق ئىچىشنى چەكلىگەن ئۇيغۇر ئاشخانا، رىستۇرانلارغا ھازىردىن باشلاپ ساقچىلار بېسىپ كىرىپ، تاماق بىلەن بىللە ھاراق سېتىشنى رەت قىلغان رېستوران، ئاشخانا ئىگىلىرىنى تۇتۇپ كەتكەن، ۋە ئاشخانىنى تاقىۋەتكەن ئەھۋاللار كۆپەيمەكتە. يېقىندا رەسمى قانۇن ئارقىلىق ”لاھال يېمەك -ئىچمەك“ چۈشەنچىسىنى ئاشكارە پىپەن، كۈرەش قىلىش ئېھتىمالغا ناھايىتى يۇقىرى

يېقىنقى ئايلاردىن بىرى خىتاي ھاكىمىيىتى، رەسمىي قانۇن – نىزام چىقىرىپ، يېڭى تۇغۇلغان ئۇيغۇر بالىلىرىغا، مۇسۇلمانلارنىڭ سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىنىڭ ئىسمى بولغان مۇھەممەت ئىسمىنى قويۇشنى چەكلىدى. دۇنيا مۇسلمانلىرىدىن ھېچقانداق سادا چىقمىدى. خىتايلار جاسارەتلەندى. ئارقىدىنلا، جامى، مەسچىتلەردە جۈمە نامىزىدا ئەزان، تەكبىر،خۇتبەلەرنى ئۇيغۇرچە ئوقۇپ، ياراتقان ئاللاغا ئەمەس، خىتاي كوممونىستىك پارتىيىسىگە ھەمدۇسانا ئوقۇشنى بۇيرىدى. دىنىي زاتلىرىمىز ”پادىشاھنىڭ ئەمرى ۋاجىپ“ دىيىشىپ ئىتائەت قىلغان بولسا، بىر قىسىم ئۇيغۇرلار جۈمە نامىزىغا كېلىشتىن ۋاز كەچتى. نامازغا كەلگەن بىر قىسمى نامىزىنى قىلىۋالغىنىغا خوش بولۇشۇپ بېشىنى ئېگىپ يۈرۈشمەكتە. ھېچقانداق ئىنكاس بولمىغان ئىچكى، تاشقى ۋەزىيەتتىن مەمنۇن بولغان خىتاي، ناماز دۇئاسىدا خىتاي رەئىسى شىجىنپىڭنىڭ سالامەتلىكىگە ، بەرگەن نېمەتلىرىگە شۈكرى قىلىش، رەخمەت ئېيتىش توغرۇلۇق مەخسۇس يېزىلغان تېكىستلارنى مەسچىت، جامىلارغا تارقاتتى ۋە جۈمە نامازلىرىدا بۇرۇق ئىجرا قىلىنماقتا. ئۇيغۇر مىللىتىگە مەدەنىيەت ئىنقىلابى دەۋرىدە زالىم ماۋزېدوڭ زامانىدىمۇ بۇلۇپ باقمىغان زۇلۇم، خارلاش، مەسخىرە قىلىش سىياسىتى بۈگۈن ئىجات قىلىنماقتا. ئۇيغۇر مىللىتى قىرىلىپ تۈگەپ كېتىشتىن قورقۇپ سۈكۈت ئىچىدە تۇرىۋاتىدۇ. بىراق مۇسۇلمان دۆلەتلەر،دۇنيا مۇسۇلمانلىرى، ئىسلام دىنىغا قىلىنغان بۇ ھاقارەتنى كۆرمەسلىككە سېلىپ، خىتانىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى باستۇرۇشىنى قوللاپ ۋە ئالقىشلاپ تۇرغانلىقى، خىتاينى ھەددىدىن ئارتۇق ئەسەبىيلىشىپ كېتىشىگە تۈرتكە بولماقتا

مۇسۇلمان دۇنياسىنىڭ ئەسلىدە ئىسلام دىنىنى قەدىرلەيدىغان بىر خەلق بولمىغانلىقىنى كۆرگەن خىتاي ھاكىمىيىتى، ئەمدى كۈرەشنىڭ نىشانىنى ئۇيغۇرلارنىڭ ھالال يېمەك- ئىچمىكىگە قارىتىشقا باشلىدى. ”ھالال يېمەك –ئىچمەك دىنى ئەسەبىيلىك، بۆلگۈنچىلىكنىڭ مەنبەسى“ دېگەن بۇ تۆھمەتتىن قورقۇپ كەتكەن بەزى كوممۇنىست ئۇيغۇرلار خىتايلار بىلەن بىللە ئولتۇرۇپ چوشقا، ئىت، ئىشەك گۆشى يەۋاتقان كۆرۈنۈشلەرنى كۆرسىتىپ تەشۋىق قىلىپ، يېمىگەنلەرگە ئارتىدىغان تۆھمەتلەرنى تەكرارلاپ، ئۇيغۇر مىللىتىنى ئىنتايىن بىئارام قىلماقتا

ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ كۆپ قىسمى يېزا- قىشلاقلاردا ئوتتۇرا ئەسىردىن مىراس قالغان دېھقانچىلىق، باغۋەنچىلىك، چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ ھايات كۆچۈرۈۋاتىدۇ. شەھەرلەردە ياشىغان ئۇيغۇرلار، خىتايلار قول تىقالمايدىغان ھالال يېمەك –ئىچمەك ساھەسىدە تىجارەت قىلىپ جان بېقىۋاتماقتا. بىر قىسىم ئۇيغۇرلار تۈركىيىدىن كىيىم –كېچەك ئاپىرىپ سېتىپ پۇل تېپىۋاتقان ئىدى. خىتاي بۇ يولىنىمۇ ئۈزۈپ تاشلىدى. ئەمدى، خىتايلارنىڭ كۆزى، ئۇيغۇرلارنىڭ قاسساپچىلىق، ئاشپەزلىك، ناۋايلىق… كەسپىگە چۈشكەنلىكى مەلۇم. ئۇيغۇر مىللىتى ئىنسان بالىسى بەرداشلىق بېرىشى مۇمكىن بولمايدىغان زۇلۇم، ھاقارەت، خارلىق ئىچىدە قالماقتا. مىللىتىمىز ئېغىر روھى يىمىرىلىش ئىچىدە. خىتاي ھاكىمىيىتى ئۇيغۇر مىللىتىنى يا توپتىن دىندىن چىقىشقا، ياكى توپتىن ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىشقا زورلىماقتا. بىز ئۇيغۇرلار پۈتۈن دۇنيادىن ھېسداشلىق ئاۋازىغا مۇھتاج تۇرىۋاتقان ئەڭ خەتەرلىك شارائىتتا، ئىشەنگەن تاغدا كىيىك ياتماس، دېگەن ھەقىقەت ئالدىمىزغا كېلىۋاتىدۇ. تۈركلەردە بۇ تەمسىل، يىقىلغاننىڭ دوستى يوقتۇر، دەپ ئېيتىلىدۇ. بېشىمىزغا كەلگەن بۇ كۈنلەر ئۆتۈپ كېتىدۇ. ئامما ئۇنتۇلمايدۇ

خىتايچە يېزىلغان بۇ ماقالىنى ۋە ئالاقىدار خىتايچە خەۋەرلەرنى ئوقۇۋېتىپ بېشىم چاراسلاپ ئاغرىپ كەتتى. خىتاينىڭ بۇ رەزىل، ئىنسان قېلىپىدىن چىققان زۇلۇملىرىنى لەنەتلەپ ماقالە يازاي دەپ تۇرغىنىمدا، دۈنيا خەۋەر ئاگىنىتلىقلىرى تەرىپىدىن خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭيى بىلەن تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشوغى كۆرۈشۈپ ”ئۇيغۇر تېرورىستلارغا قارشى بىرلىكتە ھەركەت قىلىش“ ئۈچۈن كېلىشكەنلىكى خەۋىرى تورلاردا ئېلان قىلىنىشقا باشلىدى. رويتەرس خەۋەر ئاگىنىتلىغى بۇ توغرۇلۇق خەۋىرىدە شۇنداق دەپ يازىدۇ؛ “ مىنىستىر چاۋۇشوغلى، تۈركىيىدە خىتايغا قارشى ھەرقانداق بىر پائالىيەتنىڭ ئېلىپ بېرىلىشىغا قەتئىي رۇخسەت قىلمايمىز. خىتايغا قارشى مەديا دوكلاتلىرىنى يوقۇتۇش ئۈچۈن تەدبىرلەرنى ئالىمىز، دېدى
ئەگەر بۇ خەۋەر توغرا دېيىلسە مەن سۈكۈت قىلىشىم كېرەك. مەن سۈكۈت قىلىمەنمۇ؟ ياق. تۈركىيە دېموكراتىك بىر دۆلەت. ئەركىن بىر دۆلەتتە ياشاۋېتقان شەرقى تۈركىستانلىق بىر تۈرك ۋەتەندېشى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئېزىز مۇسۇلمان ئۇيغۇر مىللىتىمگە قىلىنغان ئىنسان قېلىپىدىن چىققان زۇلۇم ئالدىدا سۈكۈت قىلسام، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تەبىرى بىلەن ”ھەقسىزلىق ئالدىدا سۈكۈت قىلغان تىلسىز شەيتاندۇر“ دېگەن شەيتان بولۇپ قالمايمەنمۇ؟ خىتاي، تۈركىيەنىڭ، تۈرك خەلقىنىڭ دوستلىغىنى قازىنىشنى ئارزۇ قىلسا، تۈركلەرنىڭ قېرىندىشى بولغان ئۇيغۇرلارغا قاراتقان يىرگىنىشلىك زۇلۇم سىياسىتىدىن ۋاز كېچىشى شەرت

خىتاي ”ھالال يېمەك – ئىچمەك ئىسلامى ئەسەبىلىكنىڭ مەنبەسى“ دەپ ئوتتۇرىغا چىقتى. يەنىلا سۈكۈت قىلىشىمىز كېرەكمۇ؟ ئۇيغۇر مىللىتىگە قارىتىلغان مىللىي ۋە دىنى زۇلۇم داۋاملىشىۋاتقان شارائىتتا ھېچكىم بىزنىڭ سۈكۈت قىلىشىمىزنى كۈتمىسۇن

 

يىل 2017- 8. ئاينىڭ 4. كۈنى

 

تۇركچىدىن تەرجىمە قىلغىچى: بەختىيار نېجات

مەنبە

 

去极端化,从吃饭开始

 

誓言空洞? 土耳其承诺将在国内媒体中消除反华报道

Turkey promises to eliminate anti-China media reports

Çavuşoğlu Çin’e güvence verdi

Share
3035 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.