logo

trugen jacn

خىتاي، ئىلھام توختىنى تەبرىكلىگەن ب د ت كومىسسارى ئۈستىدىن «بۆلگۈنچىلەرنىڭ خورىكىنى ئۆستۈردى» دەپ قاقشىدى

ilham-2

خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى گېڭ شۇاڭ تۈنۈگۈنكى مارتىن ئېننالس مۇكاپات مۇراسىمىغا قاتناشقان ۋە تەبرىك سۆزى قىلغان ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كېڭىشىنىڭ باشلىقى زەيىد رائاد ھۈسەيىن ئۈستىدىن «بۆلگۈنچىلەرنىڭ خورىكىنى ئۆستۈردى» دەپ قاقشىدى.

خىتاي باياناتچى سۆزىدە زەيىد ھۈسەيىننىڭ مۇراسىمغا قاتنىشىشى ۋە تەبرىك سۆزىنى «خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىش ۋە ب د ت نىزاملىرىنى ئېغىر دەرىجىدە بۇزۇش» دەپ ئەيىبلىدى. سۆزىدە يەنە «خەلقئارادىكى بەزى كۈچلەر داۋاملىق ھالدا بىر قىسىم تېررورچىلار تەرىپىدىن جۇڭگو خەلقىگە قارشى ئىشلەنگەن جىنايەتلەرگە كۆز يۇمۇۋالىدۇ» دېگەن خىتاي باياناتچى ئىلھام توختىنىڭ «جىنايەتلىرىنىڭ ئېنىق ئىكەنلىكى»نى ئىلگىرى سۈردى.

ب د ت تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، كومىسسار زەيىد ھۈسەيىن تۈنۈگۈنكى مۇراسىمدا قىلغان سۆزىدە، ئىلھام توختىغا ئوخشاش كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ ئۆز پىداكارلىقى، جاسارىتى ۋە دۇرۇست ئەخلاقى بىلەن دۇنيا جامائىتىگە ئۈمىد بېغىشلاۋاتقانلىقىغا مەدھىيە ئوقۇغان

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/ilham-toxti-10122016154419.html

Share
927 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.