logo

trugen jacn

خوڭكوڭ ئاخباراتى، بۈگۈردىكى ئىسياندا ساقچىلارنىڭ 10 نەپەر ئۇيغۇر ئۆسمۈرنى پارتلىتىۋەتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى

image

خوڭكوڭ «ئالما گېزىتى» نىڭ جۇڭگو دېموكراتىيە-كىشىلىك ھوقۇق ئۇچۇر مەركىزىدىن نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي ئامانلىق كۈچلىرى 21‏-سېنتەبىر بۈگۈردىكى ئىسياننى باستۇرۇش جەريانىدا قاچقۇنلار مۆكۈۋالغان، دېگەن گۇمان بىلەن بىر ئۆيگە بومبا تاشلاپ، 10 نەپەر ئۇيغۇر ئۆسمۈرنىڭ پارتلاپ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان

خەۋەردە، پارتلاپ ئۆلگەن ئۆسمۈر بالىلارنىڭ قىز-ئوغۇل بولۇپ 11 ياشتىن 15 ياشقىچە ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. مەزكۇر خەۋەرنىڭ توغرا-خاتالىقى يەرلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرى تەرىپىدىن دەلىللەنمىگەن بولسىمۇ، بىراق خىتاي ھۆكۈمىتى 21‏-سېنتەبىر بۈگۈر ناھىيەسىنىڭ تېرەكبازار، يېڭىسار ۋە بۈگۈر ناھىيە بازىرىدىكى بىر قانچە يەردە يۈز بەرگەن پارتلاش ۋە توقۇنۇشلاردا 50 ئادەم ئۆلگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان

ئۆلگەنلەردىن ئاز دېگەندە 40 ئۇيغۇر خىتاي ئامانلىق كۈچلىرى تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى 4 ساقچى ۋە 6 پۇقرانىڭ قارشىلاشقۇچى ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. يېقىندا چەتئەل ئاخباراتى، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئىلىدىكى باستۇرۇشتا كۆپلەپ ئادەم ئۆلۈۋاتقانلىقىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلىپ، خىتاي ئامانلىق كۈچلىرىنىڭ چېكىدىن ئاشۇرۇپ كۈچ قوللىنىۋاتقانلىقى شۇنداقلا خالىغانچە ئادەم ئۆلتۈرۈۋاتىدۇ، دەپ گۇمان قىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/bugurde-partlash-09262014173524.html

Share
2005 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.