logo

trugen jacn

خوڭكوڭدا بىر كافىيخانىغا ئۇيغۇرلارنىڭ نامىدىن تەھدىت خېتى تاشلىغان خىتايغا سوت ئېچىلدى

 

يېقىندا، خوڭكوڭدىكى بىر مەھكىمە خوڭكوڭ خەلقئارا سودا مەركىزىدىكى ئامېرىكا چايخانا زەنجىرى – ستارباكس كوفىيخانىسىغا ئۇيغۇرلار نامىدىن بومبا تەھدىت خېتى تاشلىغان خىتايغا سوت ئېچىلغان. ئۆتكەن ھەپتە چارشەنبە كۈنى ئېچىلغان سوتتا، جاۋابكار مو زېكەن جىنايىتىنى رەت قىلىپ، ئۆزىنىڭ گۇناھسىز ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ئۇ 2014 – يىلى 2 – مارت كۈنى، خوڭكوڭ «يۇلتۇزلۇق ئارال» گېزىتىنىڭ ئارىسىغا بىر پارچە تەھدىت خېتى قىستۇرۇپ، ستارباكس كوفىيخانىسىغا تاشلاپ قويغان. ئۇنىڭ تەھدىت خېتىدە، «بىز شىنجاڭلىق مۇسۇلمانلار خەلقئارا سودا مەركىزىنىڭ بىر قانچە ئورنىغا بومبا قويدۇق. پات ئارىدا قاتتىق پارتلاش يۈز بېرىدۇ. خوڭكوڭ تۈنۈگۈنكى كۈنمىڭغا ئايلىنىپ، جۇڭگو كوممۇنىستى لياڭ جىڭيىڭ يىقىلىدۇ» دېيىلگەن.

مەزكۇر ۋەقە 2014 يىلى 1 – مارت كۈنى خىتاينىڭ كۈنمىڭ پويىز ئىستانسىسى پىچاقلىق ھۇجۇمغا ئۇچراپ، 29 نەپەر خىتاي ئۆلگەن كۈننىڭ ئەتىسى يۈز بەرگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى ھۇجۇمچىلاردىن بىر ئايالنى ئەسىرگە ئېلىپ، 3 كىشىنىڭ ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلغان ۋە ھۇجۇمنى ئۇيغۇر پىدائىيلىرىنىڭ ئېلىپ بارغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.

لېكىن كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاينىڭ ئىپتىدائىي ۋاستىلەرنى قوللىنىپ، دىنىي، مەدەنىيەت، تىل ۋە باشقا جەھەتلەردىكى باستۇرۇشى ئۇيغۇرلارنى قارشىلىققا مەجبۇرلىماقتىكەن.

Share
1367 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.